خەلق تورىنىڭ ئۇيغۇرچىىسغا بىر تەكلىپ
1.خەلىق تورى دىگىنىمىز ھە بۇ دىگىنىمىز مەملىكتىىمىز دە ئالدىنقى قاتاردىكى تور بەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ .خەنچە تور بەتلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت مۇشۇ تور بەتتىلا ئۇيغۇرچە بەت تەسىس قىلىنغان ئىكەن ، بۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تور بەتنى ئاچقىلى قانچىلىك بولدى بۇنى تورداشلار دىن بىلىدىغانلار دەپ باقسا
2. ئىسىمدە قېلىشىچە باغداش تورىدا خەلىق تورىنىڭ ئۇيغۇرچە بېتى ھەقىدە ياش يازغۇچى رىسالەت مەردان خانىمىنى زىيارەت قىلىپ پىكىرلەشتۇغۇ دەيمەن ،
3. ئەمدى خەلىق تور بېتىنىڭ ئۇيغۇر چە چىقارغىنىمۇ كىچىككەن بولسىمۇ ياخشى بوپتۇ ئەمدى ، ئون مېليۇن خەلق بىز ،ئەلۋەتتە كېرەك سوتىسيالىزىم ئۇچۇن ھارماي ھەسسە قوشىۋاتىمىز ، بىزنى ئۇيغۇرچە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلكىگە كىچىككەن بولىسمۇ تەشەككۇر ،
4. مۇشۇ خەلىقنىڭ ئاۋازى دىگەن سۆز چىققىلىمۇ خېلى بولدى قايلىڭىزلار خەلق تورىدىكى مۆھتىرەملەر ، مەن خەلىق تورىنىڭ ئويغۇرچىسىنى كۆرۇپ ھاياجان دەڭلار ھاياجان ،ئىنكاس يازاي دىيمەن شۇ ئىنكاس يازغىلى بولمايتكەن ئەمدى ، مۇشۇ يېرىڭلار تازا قاملاشماپتۇ قېنى خەلقنىڭ ساداسىغا خەنچە بېتىڭلاردا شۇنچە كەڭ كۇشادە ئورۇن بىرىپسىلەر ئۇيغۇرچە بېتىڭلاردا ئىككىلىك ئورۇنمۇ يوق ، بىزمۇ خەلق جۇما يەنە كىلىپ ئون مىليۇن ، ئۇنداق قىلماڭلار سادىغاڭ كىتەيلى ، خەلىق تورىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېتىگىمۇ ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارىنى قوشاپ قوياڭلار بىي ،
5، ئۇيغۇرچە خەۋەرلەرگە نۇقتىلىق كۇچەپ قويساڭلار ، ۋاقتى ۋاقىتدا ئۇيغۇرچە تېخىمۇ مول ،يېڭى خەۋەر ئاندىن قالسا داڭلىق ئوبزورلار بىلەن يۇز كۆرۇشسەك دەيمەن ،
6،مۇشۇ خەلىق تورىنىڭ ئۇيغۇر چە تورىنى ئېچىپ ئوبدان قىپسىلەر دەڭلار ،ئەمدى بولسا خەلىق تورىنىڭ ئۇيغۇر چە يانفۇن تورىنى بىر ئېچىۋەتكەن بولساڭلار ، دەيمەن ،
7. ھازىرچە مۇشۇنچىلىك پىكىر تەكلىپ بىرەي ، ھەر ھالدا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىڭلارنى كۆرۇپ تۇرۇپتىمىز ، ئەمما ئۇچقاندەك چېپىۋاتقان دەۋىر چاقى ئالىدىدا بۇ تىرىشچانلىقلار يەنىلا ئۇيغۇر خەلقى كۇتىۋاتقان ئۇنۇمدىن ئوبدانلا يىراق ،
ئاخرىدا خەلىق تورىنىڭ ئويغۇرچە بېتىنىڭ ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم ، باغداش ئەھلىدىن كۆرمىگەنلەر بولسا كۆرۇپ باقار :