بۇ مەزمۇن 18قەۋەتتىكى zorawanدە2012-08-04 20:19يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۇ چاغدا دالاينى تۇتىۋالغان بولسا جازالاشقا مەجبۇر بولاتتى، ئېنىقكى، دالاي شىزاڭنىڭ مەنىۋى داھىيسى، زاڭزۇلار ھەتتاكى ئۇنى ئىلاھ قاتارىدا كۆرىدۇ، شۇڭا ئۇنى تۇتۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنى تۇتىۋېلىپ جازالىسا يەرلىك خەلق بىلەن كوممۇنىستلار ئارىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كۈچىيەتتى، ئازادلىق ئارمىيەئۆزىگە باش ئاغرىقى تېپىۋالاتتى، ئۇنى قويىۋەتمەي ئامالى يوق ئىدى، ئۇنى قويىۋەتسە دالاي ئۆزىنى ئىلاھ كۆرسىتىپ، ئازاتلىق ئارمىيەنىڭ كۆز ئالدىدىلا تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ تېخىمۇ قالايمىقان قىلاتتى، شۇڭا ئۇنى قاچۇرىۋېتىش ئەڭ دانا پىلان، ئۇ قېچىپلا كەتسە قېلىپ قالغانلىرى بىرپەشۋاغا يارىمايدۇ، ئۇ ئۆز يېرىدە يېڭىلىپ قېچىۋاتسا، چەتئەلگە چىقىپ كەتسە يەنە كۈچ توپلاپ كېلىپ ئازادلىق ئارمىيەگە ھەيۋە كۆرسىتەلەيتتىمۇ؟ ماۋ رەئىسنىڭ ئويلىغىنىمۇ شۇ.. ئىتنى ھويلىدىن ئالداپ چىقىرىۋېتىپ، ئىشىكنى چىڭ يېپىۋالساقلا سىرتتا قاۋاۋاتقان ئىتتىن نېمە قورققۇلۇق؟ بۇ يولۋاسنى تاغدىن ئايرىش ھىيلىسى.