يۈرۈگۈم يىغلايدۇ
بۇرۇن بىر مەھەللىدە مايمۇن ئاپىتى يۇز بىرىپتۇ، كىشىلەر بۇ مايمۇننى تۇتماق بۇلۇپ نۇرغۇن ئاماللارنى قىلغان بولسىمۇ ئۈنىمى بولماپتۇ ،شۇ ئارىدا باشقا مەھەللىدىن كەلگەن بىرسى ئۇلارغا بىر ئۇسۇلنى ئۈگىتىپ قويۇپتۇ.
كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈگەتكىنى بويىچە يەرگە بىر ئورەك كولاپ ئىچىگە مېۋىلەرنى تۆكۈپتۇ ئۈستىنى مايمۇننىڭ قولى ئاران پاتقۇدەك بىر تۈشۈك ئېچىلغان ياغاچ تاختاي بىلەن يېپىپ قوۇپتۇ ،ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى كۈرۈلىپتۇ ،مايمۇنلار خېلىقى تۈشۈككە قوللىرىنى تىقىپ مىۋىلەنى قولىغا ئاپتۇيۇ لىكىن خېچقانچە قىلىپمۇ تارتىپ ئالالماپتۇ ،ئۆزى ياخشى كېرگەن نەرسىلىرى ئۈچۈن ئادەملەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كىتىلىشىگە كۈنۈپتىيۇ قوللىرىنى قويىۋەتمەپتۇ.........
بىلەمسەن گۈلۈم ،تۇيۇقسىز ئۆزەمنىڭ ئاشۇ مايمۇنلاردىن قىلچىلىك پەرىقلەنمەيدىغانلىقىمنى ھىس قىلىپ قىلغىنىمدا ئاچچىققىنە كۈلۈپ قويدۇم ..
لېكىن .،...كىشىلىك ھاياتتا شۇنداق بىر نەرسىلەر بۇلىدىكەن ،ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بېرىشكە ،ھەتتە بەزىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن قىممىتى نەچچە ھەسسە يۇقۇرى نەچچە ھەسسە قەدىرلىك نەرسىلىردىن ۋاز كىچىشكە ،قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرىدىكەن. بەزىلىرى تۆلىگەن بەدىلىگە چۇشلۇق نەپكە ئېرىشىپ كۈلۈشسە بەزىلىرى كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياشلىرىنى ئېقىتىدىكەن ....
شۇنداق ، مەنمۇ ئۆزى كۆزلىگەن مۇرات مەخسەتكە ،ئۆزى سۆيگەن ئادىمىگە ،سۆيگىنىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بىرىپ شېرىن خىياللارنى سۈرۈپ كېلىۋاتقانلارنىڭ بىرسى ، كۆڭلۇمگە ياراشمىسىمۇ يالغان ۋەدىلەرنى بىرىپ ، سېنى نىشان قىلىپ ئۈزلۇكسىز مېڭىۋاتقانلارنىڭ بىرسى ، "خۇدا بۇيرىسا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن ،ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ قورساق كۆتىرىدۇ ،مەڭزىلىرگە چغكەن تۇغۇت داغلىرىنى كۆرگىنىمدە ئۇنى جىلە قىلىپ'توۋا خوتۇن ،بەك سەتلىشىپ كەتتىڭلا جۇمۇ ،قارىغاندا ئەمدى تەگەشكەن ئوخشايسىلە'دەپ جىلە قىلدۇرىمەن ،كەچلىرى شەپەق نۇرىغا چۆمگەن شەھەر كوچىلىرىدا قوسىغىنى تومپايتىۋالغان'بادەڭ قورساق'ئۇنىڭ قوللىرىدىن مەھكەم تۇتۇپ سەيلە قىلىمەن ،كەچلىرى ئانا بالا ئىككىسىگە ئەڭ قىزىقارلىق يۇمۇرلارنى ئېيتىپ كۈلدۈرۋېتىمەن...................."دىگەندەك شېرىن خىياللار بىلەن ئۆزەمنى پەپىلەپ يېقىلسام ئۆمىلەپ دىگۈدەك مېڭىۋاتقانلارنىڭ بىرسى.
<<<<<<<<<<<<<<<داۋامى بار >>>>>>>>>>