saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 944 قېتىم كۆرۈلدى
motiwarlar
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 240
شۆھرەت: 1597 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1617 سوم
تۆھپە: 903 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 906 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1262(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 جۈملە تۈرلىرى

تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يوسۇنى
(ئىككىنچى بۆلەك)
       بىرىنچى بۆلىكىنى بۇ    ./read.php?tid=7047 يەرگە كىرىپ كۆرۈڭ
 
 
2.جۈملە تۈرلىرى


 تىلنىڭ ئالاقە قۇرالىلىق فونكسىيىسى جۈملىلەر ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.جۈملە كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى تەمىن ئېتىدىغان تىل ماتېريالىنىڭ تۇتاش بىر بۆلىكىدۇر.جۈملە تولۇق ئاياغلاشقان بىر پۈتۈن ئوي-پىكىرنى بىلدۈرىدۇ.
تىنىش بەلگىلىرىنى قۇيۇشتا جۈملىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەنىسى ئاساس قىلىنىدۇ.ئېنتۇناتسىيە بىلەن پائۇزا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
تۆۋەندە ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈملە  تۈرلىرىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرىمىز.
ھازىرغىچە ھەممە ئېتراپ قىلغان جۈملە تۈرلىرى تۈۋەندىكىچە:
جۈملىلەر مەنىسى ۋە قانداق مەقسەتتە ئېيتىلىشى،خەۋەرنىڭ خاراكتىرى،جۈملىنىڭ قۇرۇلمىسى بويىچە ئۈچكە  بۆلۈنىدۇ.
جۈملىلەر جۈملىنىڭ مەنىسى ۋە قانداق مەقسەت  بىلەن ئېيتىلىشى بويىچە  ،بايان جۈملە، سۇئال جۈملە، بۇيرۇق جۈملە ۋە ئۈندەش جۈملە دەپ تۆتكە بۆلۈنىدۇ.
جۈملىلەر جۈملە خەۋىرىنىڭ خاراكتېرى بويىچە ئىسىم(ئىسىمداش) خەۋەرلىك جۈملە، سان خەۋەرلىك جۈملە، پېئىل خەۋەرلىك جۈملە، ئالماش خەۋەرلىك جۈملە، سۈپەت(سۈپەتداش) خەۋەرلىك جۈملە دەپ بەش خىلغا  ياكى خەۋەرنىڭ رولى بۇيىچە ،كېسىم جۈملە ، ئىزاھ جۈملە، بايان جۈملە ۋە تەسۋىرىي جۈملە  دەپ تۆتكە بۆلۈنىدۇ.
جۈملىلەر جۈملىنىڭ قورۇلمىسى بويىچە  ئاددى جۈملە ۋە قوشما جۈملە دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.ئاددى جۈملىلەر يەنە يىغىق جۈملە ۋە يېيىق جۈملە دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.قوشما جۈملىلەر  باغلىنىشلىق قوشما جۈملە ۋە بېقىندىلىق قوشما   جۈملە دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
باغلىنىشلىق قوشما جۈملىلەر تەڭداش قوشما جۈملە ،تاللاش قوشما جۈملە، ئىلگىرلەش قوشما جۈملە،تۇتاش قوشما جۈملە، قوشۇلۇش –ئايرىلىش قوشما جۈملە دىگەن تارماق جۈملىلەرگە بۆلۈنىدۇ.
بېقىندىلىق قوشما جۈملىلەر  ئىگە بېقىندى جۈملە ، خەۋەر بېقىندى جۈملە ، تولدۇرغۇچى بېقىندى جۈملە،ۋاقىت-پەيت بېقىندى جۈملە، ئۇرۇن بېقىندى جۈملە، بۇرۇلۇش بېقىندى جۈملە، سەۋەپ-نەتىجە بېقىندى جۈملە، شەرت –قىياس بېقىندى جۈملە،ئوخشىتىش –سېلىشتۇرۇش بېقىندى جۈملە، مەقسەت بېقىندى جۈملە، ئۇلاش بېقىندى جۈملە دىگەنلەرگە بۆلۈنىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە تولۇق جۈملە، تولۇقسىز جۈملە، ئىگىلىك جۈملە ،ئىگىسىز جۈملە،ئاتاش جۈملە، بىر سۆزلۈك جۈملىلەر بار. بۇ  كىيىنكى جۈملىلەر كونكىرىت نوتۇق شارائىتىدا ۋە كونتېكىستتا ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ.
يەنە جۈملە بىرىكمىسى بار «جۈملە بىرىكمىسى لوگىكىلىق باغلىنىشى كۈچلۈك بولغان جۈملىلەردىن ھاسىل بولغان بىر مەنىلىك مەركەزگە  ئىگە ئەڭ چوڭ تىل بەلگىسىدۇر».
 
3.تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يوسۇنى


ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قولىنىلىۋاتقان  تىنىش بەلگىلىرى تۈۋەندىكىچە:
.                                                                 چېكىت
؟                                                                سۇئال بەلگىسى
!                                                                 ئۈندەش بەلگىسى
،                                                               پەش
؛                                                              چېكىتلىك  پەش
( )                                                            تىرناق
«  »                                                        قوش تىرناق
‹  ›                                                         يالاڭ تىرناق
ــــ                                                        سىزىق
-                                                            سىزىقچە
:                                                            قوش چېكىت
...                                                       كۆپ چېكىت
 
ئەمدى ھەر بىر تىنىش بەلگنى قويۇش يوسۇنى ئۈسىتىدە ئايرىم توختىلىمىز.
 داۋامى بار
 
 

[ بۇ يازمىنىmotiwarlarدە2012-02-22 13:44قايتا تەھرى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-02-22, 13:37
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-02-22 12:57 |
motiwarlar
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 240
شۆھرەت: 1597 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1617 سوم
تۆھپە: 903 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 906 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1262(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تىنىش بەلگىلىرىنى قۇيۇش يوسۇنى
چېكىت(   .    )
(ئۈچۈنچى بۆلەك)

چېكىت توچكا دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ تۈۋەندىكى ئۇرۇنلارغا قويۇلىدۇ؛
1.    بايان جۈملە(مەيلى ئاددى جۈملە ياكى قوشما جۈملە بولسۇن، تولۇق جۈملە ياكى تولۇقسىز جۈملە بولسۇن،ئىگىلىك جۈملە ياكى  ئىگىسىز جۈملە بولسۇن،ئاتش جۈملە ياكى بىر سۆزلۈك جۈملە بولسۇن) تۈگىگەندىكى تىنىش ئورنىغا قويۇلىدۇ،ئۇ ئوي پىكىرنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بايان جۈملە راۋان ئىنتوناتسىيە بىلەن ئېيتىلىدۇ، يەنى بېشىدا كۈچلۈك بولۇپ، ئاخىرىدا  پەيدىنپەي پەسىيىپ  بارىدۇ. مەسلەن:
يامغۇر ياغدى.
قارلىغاچ-قۇش.
سەھەر .جىمجىتلىق.
مەن كەتتىم، سەن كىيىن بارارسەن.
ماقۇل.
زامان باشقا ، ئادەت باشقا.
ۋاقىت ئادىل ئۇ ھىچكىمگە بىر مىنۇت  ۋاقىتنىمۇ ئارتۇق بەرمەيدۇ.
ئارزۇدا ئەيىپ يوق، ئارزۇدا چەك يوق.
بوۋاينىڭ ئاچچىقى تېز كېلىپ، تېز قايتىدۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ زەردىسى قاينىدى.
مىجەزى تۈزنىڭ ئەيىبى كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.
2.     بۇيرۇق،   ئۈندەش جۈملىلەر  ئۆز ئىنتوناتسىيىسى بىلەن ئېيتىلماي، بايان ئىنتوناتسىيىسى بىلەن ئېيتىلسا ، بۇلارغىمۇ چېكىت قويۇلىدۇ.
ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا.
پەلسەپە ساتقانغا قورساق تويمايدۇ.
مايماق پۇتقا ياخشى ئاياقنىڭ نېمە كېرىكى.
زەئىپ بولساڭمۇ ،رەزىل بولما.
ئەجەپ ئۇز ئىكەنلا ، ئاي بىكار قالسۇن.
سىنىمىغان ئاتقا يۈك ئاتما.
ماڭا ئىككى كۈنلۈك رۇخسەت بېرىلسە.
3.     يۇقىرى ئاھاڭدا ۋە ساناش تەرزىدە ئېيتىلغان سۆز ، سۆز بىرىكمىلىرىدىن كېيىن قويۇلىدۇ.
سەنئەت كېچىلىكىدە ئېلانچى ماھىنۇر ئېلان قىلدى:
ـــ  ناخشا .  « ئازاد زامان» . مۇزىكىسى ھۈسەنجاننىڭ.  سۆزى تېيىپجان ئېلىيۇفنىڭ.پاشا قىز ئورۇندايدۇ.
ـــ  مۇزىكا . « تاشۋاي » .قۇربان ئىبراھىمنىڭ  .ناخشا –ئۇسۇل ئۆمىكى  مۇزىكا ئەترىتى  ئورۇندايدۇ.
ـــ ئۇسسۇل. «ئاتۇش سەنىمى» .  ھەبىبە ئابدۇللا ئورۇندايدۇ. مۇقام ئانسامبىلى مۇزىكا ئەترىتى تەڭكەش  قىلىدۇ.
4.    رەت تەرتىپىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن رەقەملەرنىڭ يېنىغا قويۇلىدۇ.
يىغىن تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:
1.يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى  ئېلان قىلىش؛
2.ئېچىش نۇتىقى سۆزلەش؛
3.تەبرىك نۇتقى ؛
4.دوكلات؛
5.يېپىش نۇتقى؛
6. يىغىننىڭ  يېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش.
ئېلىپبە تەرتىپى بۇيىچە، رەت تەرتىپىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ھەرپلەر يېنىغىمۇ چېكىت قويۇلىدۇ.
a.    A.    ئا .
b.    B.    ئە .
c.    C.    ب .
d.    D.    س .


5.  ھەرپ  بىلەن قىسقارتىلغان كىشى ئىسىم –ئاتلىرى يېنىغا قويۇلىدۇ:
ل . مۇتەللىپ  ( لۇتپۇللا مۇتەللپ )  -  ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى.
ئا . س . پوشكىن  -   مەشھۇر  رۇس شائىرى.
ك . ماركس(كارل ماركس) .
6.بىرەر ماۋزۇچاق ئاستىدا ئايرىم بايان قىلىنىدىغان كىچىك  « ماۋزۇچاق» لارغا   قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
تىركەلمە.
بۇرژۇئازىيە.
ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا .
7.چېكىت ئىش –ھەرىكەتنىڭ تۈگىگەنلىكىنى  بىلدۈرگەچكە، تۈگىگەنلىك مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.
         ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئەمدى چېكىت قويۇلدى.
        بۇ ئىشقا ئەمدى چېكىت قويۇلسا بولاتتى .
   دىققەت:
1.    ماۋزۇلارغا چېكىت قويۇلمايدۇ.
2.    خەنزۇچىدا «  ئايرىش بەلگىسى  »   دەپ ئاتىلىدىغان بىر بەلگە بار. بىز بۇ بەلگىنى چېكىت قاتارىدا كۆرۈۋاتىمىز.  خەنزۇچىدا بۇ بەلگە ئاي بىلەن كۈننى قىسقارتىپ يېزىشتا (7.1 )،  ماۋزۇلاردا سۆزلەرنى ئايرىم –ئايرىم ئوقۇشنى لازىم تاپقاندا  قويۇلىدۇ.يەنە بەزى مىلللەتلەرنىڭ كىشى نامىدا ئۆز ئېتى بىلەن فامىلىسىنى ئايرىشتا قويۇلىدۇ. بىزدە شۇنىڭغا ئوخشىتىپ ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىغا  چېكىت قويۇلىۋاتىدۇ، بۇ توغرا ئەمەس.بىزنىڭ يېزىقىمىزدا سۆزلەر ئايرىپ يېزىلغاچقا ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ ئايرىغۇچ بەلگىنى بىزچە ئېيىتقاندا، چېكىتنى  قويماسلىق لازىم. مەسلەن:
     كارل ماركس
ئىسمائىل ئەھمەت
ياشىر  ئەراپات    
لىكىن كىتاپ نامى قىسىم، پەسىل نامى، بابلار ئارىسىغا ، شېئىر پەيزىسى بىلەن شېئىر ماۋزۇسى ئارىسىغا چېكىت قويۇلۇۋاتىدۇ.   بۇ پاكىت ئېتراپ قىلىنسا.
سىماچىيەن: « تارىخىي خاتىرىلەر .   پەرغانە تەزكىرىسى »
«چىنيۈەنچۈن . قار »
3.    رىم رەقەملىرى رەت تەرتىپىنى بىلدۈرۈشتە قوللىنىلسا ، ھىچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ. بىزدە ھازىر ئاساسەن پەسىل، بابلار، خاندانىلىق سەلتەنەتلىرى ۋە ئەسىرلەرنى بىلدۈرۈشتە قوللىنىلىۋاتىدۇ،  بۇنداق يەردىمۇ  ھىچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ. پەقەت يازما ئورىگىنالىدا ئاستى –ئۈستىدىن توغرا سىزىق تارتىپ قويۇلىدۇ.
رىم رەقەملىرىدىن 1 دىن 10 غىچە ۋە 20، 30 لار تۈۋەندىكىچە:
‎  
Ⅰ( 1 ),  Ⅱ( 2 ), Ⅲ( 3 ),Ⅳ(4 ), Ⅴ( 5 ),Ⅵ( 6 ), Ⅶ( 7 ),Ⅷ( 8 ),Ⅸ( 9 ),Ⅹ( 10 ),ⅩⅩ( 20 ),ⅩⅩⅩ(  30 ),

دۇنيا « ⅩⅩⅠ  ئەسىرگە نەزەر مۇنبىرى »  يىغىنى يېقىندا  بېيجىڭدا  ئۆتكۈزۈلدى.
ئىلزابىت Ⅱ
چىن  Ⅱ
«جۇڭخۇا خەلق  جۇمھۇريىتى مائارىپ قانۇنى»  جەمئى 10 باب  84 ماددا  بولۇپ، Ⅸ  بابىدا« قانۇنى جاۋابكارلىق»  بەلگىلەنگەن.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-02 14:42 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تىل ئۆگىنمەن