ماۋ زېدۇڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئاشلىقنىڭ جىددىلىكىنى ئەلۋەتتە بىلەتتى . ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مەقسەتلىك ئىدى . ئەمما ، ئۇ ئارزۇ قىلغان جاۋابقا ئېرىشەلمىدى . قارشى تەرەپنىڭ جاۋابى دېپلوماتىيىدە داۋاملىق ئۇچىراپ تۇرىدىغان مۇجىمەل جاۋاب ئىدى . شۇ قېتىملىق تەنپەننىڭ ئاساسلىق بىر تېمىسى ستالىنغا خوراپىيلارچە چوقۇنۇش مەسىلىسى بولدى .
_ سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيىدا چىقارغان ستالىنغا خوراپىيلارچە چوقۇنۇش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارى بىزنىڭچە ئانچە توغرا بولمىدى ، _ دېدى ماۋ زېدۇڭ .
_ پارتىيىمىز ۋە خەلقىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ قارار شەكسىز توغرا ، _ دېدى خروششېۋ .
_ ئەلۋەتتە ، سىلەر ئۈزەڭلارنىڭ ئىچكى مەسىلىسىنى ، ئۆز دۆلىتىڭلار ۋە پارتىيەڭلەرنىڭ مەسىلىسىنى ئۈزەڭلار بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ، _ دېدى ماۋ زېدۇڭ ، _ بىراق ، ستالىن خەلقئارادىكى ئىنقىلابى ھەرىكەتلەر ( جۇڭگو ئىنقىلابىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ داھىسى . بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ ئوينىغان رولى ئىنتايىن چوڭ . بىز بۇ مەسىلىنى ئەڭ ياخشىسى بىر تەرەپلىمە ھالدا ھەل قىلماي ، خەلقارادىكى تەسىرىنى ئويلاش كېرەك ، دېگەن قاراشتا .
_ ستالىن بىلەن ستالىنىزىم ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن ھادىسە ، _ دېدى خروششېۋ ، _ ستالىنغا خوراپىيلارچە چوقۇنۇش مەسىلىسى ، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدا كۆرۈلگەن ئىكەن ، بۇنىڭ مەسئولىيىتىنى بىز ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك .
_ ستالىنىزىم خېلى بۇرۇنلا خەلقارا مەسىلە بولۇپ قالدى ، _ دېدى ماۋ زېدۇڭ ، _ ئۇنى پەقەت بىرلا دۆلەتنىڭ ئىشى دېسەك توغرا بولارمۇ ؟
_ پەقەت بىزلا دېدى خروششېۋ ، _ يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىلا ستالىنغا خوراپىيلارچە چوقۇنۇش مەسىلىسىگە باھا بېرەلەيمىز .
_ ستالىننى ئەيىپلەش توغرىسىدىكى قارارلارنىڭ چىقىرىلىشى بەك سۇبيېكتىپلىق بولۇپ كەتتىمۇ قانداق ؟ _ دېدى ماۋ زېدۇڭ ، _ ئۇنىڭ خەلقئارا كوممۇنىزىم ھەرىكىتى جەريانىدىكى تۆھپىسىنىڭ غايەت زور ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەك ئىدى ، ئۇنىڭغا سەل قارىساق ۋە ئۇنى ئىنكار قىلساق بولامدۇ ؟
_ سىز ستالىننىڭ غايەت زۇور تۆھپىسىنى تېلغا ئالدىڭىز ، _ دېدى خروششېۋ ، _ بىراق پارتىيىنىڭ ۋە خەلقنىڭ قانداق بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك . ئۇنىڭ مىليۇنلىغان بىگۇنا كىشىلەرنى قىرغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغىلى ۋە ئەپۇ قىلغىلى بولارمۇ ؟
_ مىنىڭ دېگەنلىرىم بۇ مەسىلە ئەمەس _ دېدى ماۋ زېدۇڭ ، _ ستالىن بۇ مەسىلىدە توغرا قىلدى دېگەن ئادەم يوق ، بۇلار سىلەرنىڭ ئىچكى ئىشىڭلار . بۇ يەردىكى مەسىلە _ ستالىن دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ھۈرمەتلىنىۋاتىدۇ . ئۇ ئىنقىلابچىلارنىڭ ئۈلگىسى . بىز ئۇنىڭ تەلىماتىغا ۋە تەجرىبىسىگە ئىشىنىمىز ، ئەمما بۇلار پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىلماقچى بولۇۋاتىدۇ . بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك . مۇنداق قىلساق بىر قانچە ئون يىل جاپا - مۇشەققەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئابرويى ۋە ئېتقادىنى يوقۇتۇپ قويىمىز . . .
_ ئېتقاد ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق ، خاتا ، _ دېدى خروششېۋ ، _ بىز ھەممىنى راستچىللىق بىلەن دېيىشىمىز ، يالغان نەرسىلەرنى پاش قىلىشىمىز ، بۇ بىزگە قانچىلىك ئازاب ئېلىپ كەلسىمۇ شۇنداق قىلىشىمىز لازىم .
_ بىز ئازابنىڭ نېمىلىكىنى بىلىمىز _ دېدى ماۋ زېدۇڭ ، _ بىزنىڭ پۈتكۈل كۆرىشىمىزنىڭ ئۆزى ئازاب ، پەقەت ئاچچىق دورىلا كېسەلنى داۋالىيالايدۇ . سىلەرنىڭ تەنقىد قىلغىنىڭلار ستالىننىڭ خاتالىقى ئەمەس ، بەلكى ستالىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ھېچقانداق ئىمكانىيەت قالدۇرمايلا ، مەيلى توغرا بولسۇن ، مەيلى خاتا بولسۇن ھەممىسىنى بىراقلا ئىنكار قىلىش . سىلەر ئۇنىڭ تۆھپىسىگە ئوبيېكتىپ باھا بەرمىدىڭلار . سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ 12_ قۇرۇلتىيى ۋەزىيەتنى ناھايىتى مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتى . مۇنداق كېتىۋەرسە ، پارتىيىلىرىمىز مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرمال رېۋاجلىنىشى مۇمكىن ئەمەس .
ماۋ زېدۇڭنىڭ مۇنداق تېز بۇرۇلىشى خروششېۋنىڭ بېشىغا بىر چىلەك سوغاق سۇ قۇيۇۋەتكەندەك تەسىر قىلدى ، ئۇ سەل جىمىپ كېتىپ :
_ بۇنداق دىيىش تولىمۇ ئالدىراڭغۇلۇق بولۇپ كەتتىمۇ - قانداق ؟ دېدى .
تۈگىدى .
( « ئەدەبىي تەرجىمىلەر » دىن ئېلىندى) باغداش تورىغا خاس .
[ بۇ يازمىنىtograkدە2012-02-09 19:25قايتا تەھرىرلىد ]