ئۆزلىرى كىم، تورنى «ئەخلەت» دىگىدەك؟!!!
مېھرى
ئەجەپ ئالەم تور دېگەن ، ھەر خىل تەبىر بەرگىدەك،
ھەر بىر كىشى ،ھەر ئويدا ، ئەركىن كېزىپ يۈرگىدەك،
مەۋھۇم دېمەي بىراۋلار، ھىس قىلىپ ئۆز ئۆيىدەك،
تۆكۈپ كۆڭۈل سىرىنى ، يىغلىغىدەك، كۈلگىدەك.
چوڭ سۈپەتمۇ بەزىلەر، ئەل بىلەن تەڭ كۈلەلمەي ،
ياراتماستىن مۇنبەرنى ، تورنى "ئەخلەت" دېگىدەك.
"مۇنبەر - مەكتەپ" دەپتۇدەك، پايدىسىنى كۆرگەنلەر،
تور بېتىگە ، مۇنبەرگە بارا-بارا كۆنگەنلەر،
ئاز ئەمەسكەن قوللىغان، تىنماي كۆڭۈل بۆلگەنلەر،
تەرەققىيات كۆزلىگەن ، مىللىتىنى سۆيگەنلەر.
شۇنداقتىمۇ بەزىلەر رىئاللىققا تەن بەرمەي ،
يۇمۇۋېلىپ كۆزىنى ، تورنى" ئەخلەت " دىگىدەك.
بىلگەنلەرگە پايدا كۆپ ، بايلىق كانى مۇنبەرلەر،
بىلىم، ساۋات، تېخنىكا... كۆپتۇر ھەرخىل ھۈنەرلەر،
كۆپلەپ بىلىم ئالدىغۇ، كەمتەر ، ئىلىم سۆيەرلەر،
يازدى ئېسىل يازمىلار، ئەل ئىشقىدا كۆيەرلەر.
پەقەت شۇلار سۆيەلمەي، كۆيەلمەي يا ئۆلەلمەي،
ئەرزان قىلىپ ئۆزىنى، تورنى "ئەخلەت " دىگىدەك.
تورنى "ئادەم بۇزدى" دەپ چېچىلمايلى بىردەمدە،
بۇزۇلغانلار يوق ئەمەس ، ئۇچرار ھەر بىر قەدەمدە،
كەمچىلىكسىز ، مۇكەممەل شەيئى بولماس ئالەمدە،
ئايرىۋالار توغرىنى، ئەقىل بولسا ئادەمدە.
بۇزۇلغاندۇ نىمىشقا، ئەيىپ كىمدە، بىلەلمەي،
تۇتقا قىلىپ مۇشۇنى ، تورنى "ئەخلەت" دىگىدەك.
كىرىپ بېقىپ چىقالماي، يۈرگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس،
بەرھەق، بەزى يازمىلار ئىخچام ئەمەس ، ساز ئەمەس،
تېما يېزىش كۆرەڭلىك، ئۆز- ئارا باز-باز ئەمەس،
يازمىغاننى ھىچكىشى زورلاپ :"سەنمۇ ياز" دىمەس.
ئۆزى يازماي، يازغاننى كۆزگە ئىلماي، كۆرەلمەي،
ئاچچىق قىلىپ ئىچىنى، تورنى "ئەخلەت" دىگىدەك.
پىكىر بولسا يۈرەكتە، جۈرئەت بارمۇ بەرگىدەك؟
ئەجىر- مېھنەت باغىدىن گۈل - چېچەكلەر تەرگىدەك؟
قانداق ئەجىر قىلدىلا، ئەلگە مەنپەئەت كەلگىدەك؟
"ئەلنىڭ كۆزى ئەللىكتۇر" ئاق- قارىنى بىلگىدەك.
ئۆزگىلەرنى ياراتماي ، يەنە قىلچە ئەيمەنمەي،
سوراپ باقاي: سىلى كىم، تورنى "ئەخلەت " دىگىدەك؟!!!
ئەسكەرتىش:
بۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەڭرى تاغ مۇنبىرىدىن باغداش تورىغا يوللاندى .
يوللاشتىكى مەقسىتىمىزنى شېئىرنى يەنە بىر ئوقۇپ بىلگەيسىز .