ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى jenibakدە2012-02-07 19:28يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
قۇرئان كەرىمدىمۇ مەلۇمات بولمىسا سىز نېمىشقا جىن بىلەن پاراڭلاشقىلى بولىدۇ، ئەمما پاراڭلىشىشقا بولمايدۇ دەيسىز؟! قۇرئان كەرىمدىمۇ بولمىغان نەرسىنىڭ بىزنىڭ تۇرمىشىمىزدا بولىشى مۇمكىنمۇ؟؟؟
سىز قۇرئان ھەققىدىلا مەلۇمات سوراپتىكەنسىز. مەن قۇرئان ھەققىدە ئوچۇق مەلۇمات يوقلىقىنى ئېيتتىم .ئەمما ھەدىسلەردە بۇ ھەقتە بىر قىسىم مەلۇمات بار .ئاساسلىقى جىنلار ياكى شەيتاننىڭ ئىنسان سۈرىتىدە كېلىپ كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقانلىقى يېزىلغان. خورما ئوغۇرلىغان شەيتان ھەققىدىكى ئەبۇ ھۈرەيرەنىڭ رىۋايىتى ۋە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆيدە يىلان (ئەمەلىيەتتە يىلان بولىشى ئانچە مۈمكىن ئەمەس ئۆيدە پەيدا بولغان يىلان دەل جىندۇر.) بايقالسا ،ئۇنىڭغا ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە چىقىپ كېتىشكە مۇددەت بېرىش ئەگەر يەنە چىقىپ كەتمىسە ئۆلتۈرىۋىرىش ھەققىدىكى ھەدىسى نېمىلا بولمىسۇن جىنلار بىلەن سۆزلىشىشنىڭ مۈمكىن ئىكەنلىكىگە بىشارەت بولماقتا . ئەسلىدىنغۇ شەيتان ۋە جىنلارنىڭ ئىنساننىڭ گەپلىرىنى بىلەلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى دەلىللەر تولىمۇ كۆپ. ئەمما ئىنساننىڭمۇ ئۇلار بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل سۆزلىشىشى ھەققىدە :
1. جىن ياكى شەيتان باشقا ئىنسان ياكى نەرسە ھالەتتە كۆرۈنىدۇ . ئىنسان سۈرىتىدە كۆرۈنسە ،نورمال ئىنسان بىلەن سۆزلەشكەندەك سۆزلىشىش بۇنى ھەتتا شۇ ئىنساننىڭ ئۆزىمۇ بىلەلمەي قېلىشى مۈمكىن. بۇ سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن دەلىللەنگەچكە بۇنىڭدا ھېچ شەك يوق.
2. بىمار ھالەتتە بىمارنىڭ تىلىدا - سۆزلىشىش. بۇنىڭغا ھېچ بىر يەردە مەيلى قۇرئان ياكى ھەدىستە روشەن دەلىل يوق .بۇ خىل ھالەتتە سۆزلەشكىنى بولماسلىقىغىمۇ روشەن دەلىل يوق. ئەمما نۇرغۇن ئالىملار بۇنى تەستىقلىغان . ئۇلارنىڭ تەستىقلىشىمۇ خۇددى بىزنىڭ ھېلىقىدە م پ 3 ۋە فىلىملارنى كۆرىشىمىزگە ۋە ئۆز كۆزىمىز بىلەن شۇ ھالەتكە ئۇچۇرشىشىمىزغا ئاساسلانغان بولىشى مۈمكىن. سۆزلىشىش مۈمكىن ئەمەسلىكىگە ھېچبىر دەلىل بولمىغاچ ۋە مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن بىر قىسىم ھالەتلەرگە شاھىت بولغاچ - مەن ئەشۇ ئالىملارنىڭ قاراشلىرىغا ئەگەشتىم. بىلگۈچى ئاللاھ !