ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى naprat2009دە2012-01-03 20:57يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تاغ-تۇرا(山赛) ---ماۋۇ گەپ خاتا بوپ قاپتۇ، خەنچە مەنىسى ساختا يانفۇن، ئوخشىتىپ ياسالغان يانفۇن، دورالما يانفۇن دەپ مەنىسى بار.
خۇددى بىز قىزىل كۆز دېسەك كۆزى قىزىل ئەمەس، بەلكى ئاچكۆز ئادەمنى بىلدۈرگەندەك
بۇ خەتنى تەرجىمە قىلىشقا مېنىڭ سەۋىيەرىم يەتمىسىمۇ،لۇغىتىمنىڭ سەۋىيىسى يېتەتتى،لېكىن ئۇيغۇرچە يانفۇن كەسپى تور بەتلەردە مۇشۇنداق ئاتايدىكەن.مەن شۇلاردىن ئىلھام ئېلىپ كېتىپ شۇنداق يېزىپ قويۇپتىمەن.
بۇ خەتنىڭ لۇغەت مەنىسى بولسا تاغ-تۇرالاردىكى،جىلغىلاردىكى ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتىدىن قېچىپ،ئوغۇرلۇقچە ئىشلەپچىقىرىدىغان دىگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدىكەن.شۇڭلاشقا شۇنداق ئاتىۋالدىمىكىن دىدىم..لېكىن ماڭا بۇ ئاتالغۇ بەك يارىدى..
مەن تەنقىد قوبۇل قىلىدىغان ئادەم.پىكرىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن،رەھمەت!