ئالىمنىڭ ئىزى نۇرلانسۇن!
<<ئىزنۇر بېزەكچىلىك شېركىتى>>نىڭ ياش تالانتلىق دېرىكتورى ئالىم دەرگۈش ئەپەندىم
ئالىم بىلەن ئىككىمىز بىر مەھەلىلىك ھەم خوشنا، تۇغقاندارچىلىقىمىزمۇ بار، ئادەتتە، كىشىلەر مەندىن چىن دوستۇڭ بارمۇ؟ دەپ سورىسا ئېسىمگە كېلىدىغان بىرقانچە سۆيۈملۈك سىمانىڭ ئىچىدە ئالىمنىڭمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چېھرى بار. شۇنداق، بىز ئىككىمىز يېقىن دوست. كىچىكىمزدە تاۋۇزلۇق، قوناقلىق،ئېڭىزلىق، خامان، كۆل، ئۆستەڭ بويلىرىدا گاھى ئوينۇشۇپ، گاھى مۇشىتلىشىپ چوڭ بولغانمىز، ئېغىر يىنىكىمىزنى كۆتۈرۈشەلەيدىغان ئىشەنچىلىك دوستلاردىن بولىمىز. بىز بىر سىنىپتا 10 يىل ساۋاغداش بولۇپ ئوقىدۇق. بۇنداق ساۋاغداشلىقنىڭ بۈگۈنكىلەرگە نىسىپ بولمىقى تەستۇر، چۈنكى مەكتەپلەر ھېلى ئۇ يەرگە، ھېلى بۇيەرگە يۆتكىلىپ بەزىلىرى بىر بىرىگە قوشۇلۇپ كەتتى. بىراۋسى مەندىن ئانا مەكتىپىڭ قېنى دېسە؟ قايسى مەكتەپنى ئانا مەكتىپىم دەپ كۆرسىتىشنى بىلەلمەي قالىدىغان بولۇپ قالدىم.
ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن يىلى تىرىشچان دوستۇم ئالىمغا قومۇل يېزائىگىلىك تېخنىكا مەكتىپىدىن ئۇقتۇرۇش كەپتۇ...ئۇ بۇ مەكتەپنى ئالىي نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، بىزنىڭ ساقىدىكى ماشىنىسازلىق ئەتىرىتىدە ئىشقا چۈشتى. رېمونتچىلىق كەسپىدە پىشقان ئالىمنى ئىزلەيدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، مەزكور ئىدارە ئۇنىڭ مائاشىنىمۇ ھەرتـۈرلۈك باھانە سەۋەبلەر بىلەن تولۇق بېرەلمىدى، ئىشلىگەن چىشلەيدۇ، دېگەن ھېكمەتكە قارشى ھالدا نەتىجىگە ئېرىشكەن دوستۇم بۇ ئىشقا قۇرسىقى كۆپكەن ھالدا خىزمىتىنى چۆرۈۋېتىپ، مەھەللىمىزدە چوڭ تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى رېمونتخانانىسى ئاچتى، سودىسى بەك بولدى، بىراق، تىپىك دېھقانچىلىقتىن كىرىم قىلىنىدىغان يۇرتىمىزدا، سودىدا بولسۇن دۇكان، ئاشخانىلاردىمۇ مەجۇت نىسىچىلىقنىڭ كاساپىتىدە سودىسىمۇ ئۆزى ئويلىغاندىكىدەك يۈرۈشەلمىدى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تېخى بۇجايدا رېمونتخانا ئاچماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرشمۇ چۈشەرگەن ئىدى. بېشىنىڭ ئىچى ھەم تېشى قاتقان ئالىم، ئاخىرى شەھەردە روناق تېپىش ئۈچۈن تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ مەلۇم بىر سېخلىرىدىمۇ ئىشلەپ باقتى. ئاخىرى ئىشلىگەنگە چۇشلىق نەپكە ئېرىشەلمىگەن ئۇ بىر قانچە ۋاقىت بازار كۈزەتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بولغان ئۆي بېزەكچىلىك ساھەسىگە قەدەم تاشلىدى. باشتا خەقنىڭ قولىدا ئىشلىدى،بۇ ساھانىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىپ ئايرىلىپ ئىشلىدى، ئىشلىگەندىمۇ ھەر بىر خېرىدار رازى بولغۇدەك پۇختا ھەم سۈپەتلىك ئىشلىدى. ھەركەتتە بەركەت، دېگەندەك، ئۇ ئاخىرى بۇ كەسپىتە نەتىجە قازىنىشقا باشلىدى. ئۇنى ئىزلەپ كېلىدىغانلار كۈنسېرى كۆپەيدى. ئۇنىڭ ئۆز كەسپىگە تۇتقان ئادىمىيلىك پوزىتسىيىسى، كەسپىي ئەخلاقى، خۇشخۇي مىجەزى ئۇنىڭ نامىنى چىقاردى. ئۇ ھەر بىر خېرىدارىغا يۈز كېلەلمەيدىغان بىرەر ئىش ھەركەت بىلەن مەشخول بولمىدى...شۇتەرىقىدە، قىسقىغىنە 8 يىللىق قان-تەر بەدىلىگە ھازىر بۇ دوستۇمنىڭ ئۈچ يەردە <<ئىزنۇر>> نامىدابېزەكچىلىك دۇكىنى بار بولدى. بۇ ئۈچ بېزەكچىلىك دۇكىنىغا سېلىنغان مەبلەغ پەرىزىمچىمۇ 100تۈمەندىن ئېشىپ كەتتى. بىز دائىم دوستلار ، يۇرتداشلار يىغىلىش قىلىپ قالساق ئۇنىڭغا تېلفۇن ئۇرىمىز، بىراق، ئۇ يا بەك چارچاپ كېتىپ ئۇخلاپ بولغان بولىدۇ، يا بولمىسا ئاراتۈرك، باركۆل ناھىيىلىرىدە ئادەملىرىنى باشلاپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ چىقىدۇ. بەزىدە ئۇنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتمىسۇن دەپ تېلېفۇن قىلشتىنمۇ يالتىيىپ قالىمىز. چۈنكى بىز ئۇنى ئوبدان چۈشىنىمىز، ئۇ ئەزەلدىن قولىغا ئالغان ئىشنى مۇكەممەل پۈتتۈرمەي تۇرۇپ، ھېچ بىر ئىشقا كۆڭۈل ئاجراتمايدۇ. مانا بۇ يىل ئارتىلسىلا مەن ۋە ئۇ 33 داۋاندىن ئۆيتكەن بولىدىكەنمىز. بىراق يېشى ئوتتۇزدىن ئاشقان نۇرغۇن ياشلىرىمىز ھاياتىنى بىھۆدە زايا قىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بىزگە قانداق ئۈلگىلەر لازىمدۇر؟ ئەلۋەتتە، ئۇ دەل مېنىڭ دوستۇم ئالىم! ئۇ ئىش قىلماقچى بولۇپ ھېچ بىر ئىشنى باشلىيالمىغانلارنىڭ ئۈلگىسى! ئۇ بىر كەسىپنى تۇتۇپ ئۈزۈپ چىقالمىغانلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى...بىر قېتىم بىز ئىككىمىز مۇڭدىشىۋېتىپ ئۇنىڭ مۇداق دېگەنلىرى ئېسىمدىن زادى چىقمايدۇ: -ئاداش، بىز ئۇيغۇرلار بېزەكچىلىك ساھەسى بولسۇن ۋە ياكى باشقا ساھەلەردە بولسۇن يېشىل مەھسۇلات درگەن ئۇقۇمنى تازا ئېنىق چۈشىنەلمەي ياشاۋاتىمىز، مېنىڭ ئارزۇيۇم شۇكى، خەلقىمگە ئىشەنچلىك، پاكىزە، زىيانسىز بولغان بىر بېرزەكچىلىك مۇھىتى بەرپە قىلىش،ئەمما، ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئەرزان ماتىرىياللارنى كۆپ ئىشلىتىپ، ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىغا، مەڭگۈلۈك ساغلاملىقىغا ئۈن-تىنسىز زىيان يەتكۈزىۋاتقانلىقىنى بىلمەي يۈرۈشمەكتە،شۇ ڭا مەن دۇكانلىرىمغا ئەرزان ياكى قىممەت بولسىمۇ دۆلەت ۋە خەلقئارا سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆلچىمىدىن ئۆتكەن مەھسۇلاتلارنى سالدىم. مەندە بار مەھسولاتلار بىر كەسىپتىكى باشقا مىللەت سودىگەرلىرىدىمۇ يوق... بىرقىسىم خېرىدارلار ئازراق پۇلنى دەپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشتىن باش تارتتى، ئويلاپ باقساق، ئاخىرى زىيان تارتىدىغىنى ئاۇش ئازغىنە چىقىمدىن قورۇققانلار بولىدىكەن. بىلىمەن، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىمىز ئانچە يۇقىرىمۇ ئەمەس، لېكىن، بىزدە ھېچبىر مىللەتتە يوق بولغان ياخشى ئەنئەنە بار، ئۇ بولسىمۇ كونىلار ئېيىتقاندەك، ئۇيغۇر پۇل تاپسا لاي مىنەر! راسىت، بىز پۇل تاپساق، ئۆي سالىمىز، ئۆي بېزەيمىز، چۈنكى ياخشى سېلىنغان كاتتا بېزەلگەن ئۆي مەيلى ئۆزىمىز ئۈچۈن ۋە مەيلى بالىلىرىمىز ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ئىللىق بىر ماكان، ئۇنىڭ مۇھىتى چوقۇم ساپ ھاۋالىق پاكىزە،ئازادە ھەم مۇكەممەل بولىشى كېرەك. دېگەن ئىدى.
دوستۇمنىڭ ئېيتقانلىرى راست، ئۆمۈرلۈك تاپقان تەرگىنىمىزگە ئۆي سېلىشىمىزمۇ مۇكەممەلىكنى، ئازادىلىكنى، نەچچە مىڭ يىللىق ھاياتلىق جەريانىدا جۇغلانغان ھېكمەتلىرىمىزدىكىدەك<<ئۆز ئۆيۈمنىڭ بوشلۇقى، پۇت،قولۇمنىڭ خۇشلىقىنى>> ئىزلگەنلىك ئەمەسمۇ؟!
تۆنۈگۈن مەن ئۇنىڭ يېنىغا باردىم، تۆتكوچا سودا بازىرىدىكى <<ئىزنۇر بېزەكچىلىك مەركىزى>>گە بارسام ئۇ يوق ئىكەن، مەن يەنە شۇ كوچىدىكى ئېۋىرغول مەسچىتىنىڭ ئالدىدا يېڭىدىن بېزىلىپ ئىچىگە تۈرلۈك رەڭ ۋە شەكىلدىكى پەردە، ياسىداق چىنە قاچا، ھەر خىل سائەت، كۆركەم تام رەسىملىرى ۋە تۈرلۈك تۈمەن شەكىلدىكى ھەر خىل چىرايلىق چىراقلار بىلەن تولغان ئىككى قەۋەتلىك <<ئىزنۇر سودا شەھەرچىسى>>كەلدىم، دوستۇم ئالىم دۇكاندا بىر نەچچە خېرىدارلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتى. خېرىدارلار كەتكەندىن كېيىن ئۇنى چىن دىلىمدىن مۇبارەكلىدىم، ئۇ پات يېقىندا دۇكىنىغا سافا ۋە ئائىلە جاھازىلىرىنىمۇ ئەكىرىپ تىزىدىكەن. ھەمدە ئەتە، يەنى 2012-يىلى1-ئاينىڭ 1- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:30 دايېڭى دۇكىنى بولغان << ئىزنۇر سودا شەھەرچىسى>>نىڭ تىجارەت باشلاش مۇراسىمىنى ئـۆتكۈزىدىكەن...
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر،ئۆي بېزەتمەكچى بولسىڭىز ئىككىلەنمەستىن ئىزنۇرغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!
2011-يىلى12-ئاينىڭ31-كۈنى قومۇل
ئىزنۇر سودا شەھەرچىسىدىن كۆرۈنۈشلەر
رەڭگارەڭ كۆركەم چىراقلار سىنىڭ تاللىشىڭىز!
ھەر خىل كۆركەم لاھىيىلەنگەن مىللىيلىق زامانىۋىيلىق بىرىككەن چىنە قاچىلار
ئىككىنچى قەۋەت ھەرخىل پاسوندىكى پەردىلەر!
ئەمدى قالغان قىسمىنى <<ئىزنۇر>>غا بېرىپ كۆرۈشىڭىزلەرنى قارشى ئالىمىز! دوستۇم ئالىم، بېزەكچىلىك قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئائىلە جابدۇقلىرىنى چىنەقاچا، پەردە، سائەت، لوڭقا...قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىشتا ھەريان چېپىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خېرىدارلىرىغا ئاسانلىق يارتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىزنۇر سودا شەھەرچىسى نى ئاچتى! قوينۇڭدىن تۆكۈلسە، قونچۇڭغا چۈشەر، دوستلار ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىكى جاپالىق شارائىتلارنى يېڭىپ، توختاۋىسىز ئىلگىرلەپ تىرىشىپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلىرىمىزنى قوللىغانلىقىمىز، ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىمىزنى قوللىغانلىقىمىزدۇر.
ئىزنۇر ئىزلەڭ، ئالىم ئەپەندىمنىڭ تېلېفۇن نومۇرى: 13899340272