ئاۋات بازارنىڭ كۆزىدىن << زەرگەرچىلىك دۇكىنى >> ئېچىۋالغان بۇ بىر جۈپ ياش ئەر - ئايالنىڭ ئىناقلىقىغا قاراپ ، دوست-بۇرادەر ، ئۇرۇق -تۇغقان ، خولۇم - خوشنا ھەممىنىڭ مەستلىكى كېلەتتى . ئايال ھەر كۈنى ئائىلىدە تاماق ئېتىپ ، كىر-قات يۇيۇپ ، ئۆي تازىلاپ ۋە بىر-بىرىدىن ئوماق ئىككى ئوغلىنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ، تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولاتتى . ھەتتا بەزىدە چۈشلۈكى دۇكان بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى يېقىن بولسىمۇ ، ئېرىگە تاماق ئېلىپ بارغاچ ھال-مۇڭ قىلىپ كېلەتتى . ئەلۋەتتە بۇمۇ بالىلىرى مەكتەپكە كېتىپ ئۆيدە ئاز-تولا غېرىبلىق ھېس قىلىپ قالغان كۈنلىرى شۇنداق قىلاتتى . ئەر- ئايال ئىككەيلەننىڭ ئىناقلىقى ھەم ھەر ئىككەيلەننىڭ بەش ناماز بولغانلىقىدىنىمۇ بۇلارنىڭ تۇرمۇشى گۈلدەك كېتىپ باراتتى .
نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بۇ دۇكاندىن چاچلىرىنى ساپسېرىق بوياپ ، بۈدرە قىلىۋالغان ، يۈزىگە قويۇق گىرىم قىلىۋالغان ، كۆزىگە كۆزى ئاجىزلار تاقايدىغان كۆزئەينەك تاقىۋالغان بىر ئايال خېرىدارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان بولۇپ قالدى . دۇكاندىكى ئەر ئادەتتە خېرىدارلىرىغا قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى . لېكىن ھېلقى<< سېرىق چاچ >> دۇكانغا كەلگەندە ، ئالاھىدە تەكەللۇپ قىلىپ كېتەتتى . (ئىسمىنى بىلمىگەندىكىن شۇنداق ئاتاپ تۇراي )كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈۋەردى . ھېلقى << سېرىق چاچ >> دەسلەپتە كۈنىگە بىر -ئىككى قېتىم كەلگەن بولسا ، ھازىر كۈندە بەش-ئالتە قېتىم كېلىدىغان بولۇپ قالدى . ھەر قېتىم كەلگىنىدە ئەر بىلەن ئېچىلىپ - يېيىلىپ ، ناھايىتى قىزغىن مۇڭدىشىپ كېتەتتى ھەتتا كۈلكىدىن ئۆزىنى تۇتالمىغان ۋاقىتلىرىدا ئەرنى قىچىقلاپمۇ قوياتتى . كىرىمى ياخشى بولۇۋاتقان بۇ دۇكاندىن تۇيۇقسىزلا خېرىدارلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلۈشكە باشلىدى . كېيىنچە ھېلقى << سېرىق چاچ >> بىلەن ئەرنىڭ مۇناسىۋېتى قويۇقلاشقاندىن كېيىن ، ئەتراپتىكى خولۇم-خوشنىلار ئايال دۇكانغا كەلگەنلەردە ئانە-مۇنچە پۇرىتىشقانمۇ بولدى . لېكىن ئاقكۆڭۈل ، مۇلايىم ، ئەخلاقلىق بۇ ئايال ئۆزىنىڭ بەش ناماز ئېرىدىن قىلچە گۇمان قىلمايتتى ھەم ئۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنەتتى . شۇڭا ئۇ باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئانچە ئېرەڭشىپ كەتمىدى . ئەمەلىيەتتە ھەممە ئىش ئۇنىڭ مۇشۇ بىپەرۋالىقىدىن باشلانغانىدى . تۇرمۇش قۇرغان 15يىلدىن بېرى ئىناق ، ئامراق ئۆتۈۋاتقان بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش چوڭ بولدى . ئەر ئايالغا ھەركۈنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىش قىلىشنى ، دۇكانغا ھەرگىز بارماسلىقىنى تاپىلاپ چىقىپ كېتەتتى . دەسلەپ ھەپتىدە بىر - ئىككى كۈن << سودا ئىشى >> بىلەن ئۆيگە قەيتىپ كەلمەيدىغان بولدى . ئايال ئېرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ بىر تۇرۇپ ئەجەبلەنسە ، بىر تۇرۇپ ئاللاھدىن ئېرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب تىلەيتتى . ئەر ئۆزىگە گەپ قىلىشقا تەمشەلگەن ئايالىنى كۆرسىلا ، كۆزىنى ئالايتىپ قاراپ ، << مەن سەندەك بىكارچىلارنى باقىمەن دەپ سىرتتا پالاقلاپ يۈرسەم ، نېمە ئادەمگە تاغدىن - باغدىن سۆزلەپ يۈرىسەن ؟ >> دەپ ئىشىكنى قاتتىق ياپقىنىچە چىقىپ كېتىپ ، كېچىلەپ قايتىپ كەلمەيتتى . ئايال ئامراق ئېرىنىڭ ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى ھالىتىگە قاراپ كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەيلا قالدى . شۇنداقتىمۇ ، ئېرىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئىككى ئوغلىنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ چوقۇم قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىپ ، كۈن ساناپ ئۆتۈشكە باشلىدى . ئەپسوس ، ئەر ئەمدى بىر ھەپتىنىڭ بەش كۈنىدە سىرتتا قونسا ، ئۆيدە ئاران ئىككى كۈن قونىدىغان بولدى . بۇمۇ تېخى بالىلىرىنىڭ زورى بىلەن بولاتتى . ئۆيگە كەلگەندە بولسا ، ئايالنىڭ مۇھەببەتلىك ، ئىنتىزارلىق ئەكس ئېتىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپمۇ قويمايتتى . ئەردىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ ئايالنىڭ يۈرىكى ئېغىپ كەتتى .
ئارىدىن بىر نەچچە ۋاقىت ئۆتۈپ ، بىر ئەتىگىنى ئايال ئوغۇللىرىنى مەكتەپكە يولغا سېلىۋېتىپ ، ئۆزىگە ئالدىرىماي گىرىم قىلدى . ئەمەلىيەتتە بۇ يۈز تېرىسى ئاپئاق ، سۈزۈك ئايال گىرىم قىلمىسىمۇ چىرايلىق ، يېقىملىق كۆرۈنەتتى . ئايال كىيىملىرى ئىچىدىن ئېرى ياقتۇرۇپ ئېلىپ بەرگەن بىر كۆينىكىنى كىيىپ دۇكانغا قاراپ يول ئالدى . ئېرى :<<دۇكانغا بارما ! >> دېگەن كۈنىدىن باشلاپ ، ئېرىگە سادىق بۇ ئايال دۇكان تەرەپكە بىر قېتىممۇ ئۆتۈپ باقمىغانىدى . ئايال بىر بېسىپ ، ئىككى بېسىپ دۇكىنىغا كەلدى . ئىشىك ئىچىدىن تاقاق ئىدى . بۇنىڭدىن ئەجەبلەنگەن ئايال << ئېرىم ئالدىراش ئوخشايدۇ ، كەينى ئىشىكتىن كىرەي >> دەپ ئويلاپ ، دۇكاننىڭ كەينىگە ئۆتتى .ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىغا ئەمدىلا قول ئۇزاتقان ئايالنىڭ قولى بوشلۇقتا لەيلەپ قالدى .
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ .