كارىزنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدىكى يازما ماتېرىياللار يوق ، ئەمما ، تۇرپان دېھقانلىرى ئارىسىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن
مۇنداق ئۈچ خىل رىۋايەت بار
بىرىنچى خىل رىۋايەت: قەدىمكى زاماندا چىگە بۇلاق ئەتراپىدا تاشئاخۇن ئىسىملىك بىر چارۋىچى بوۋاي ئۆتكەنىكەن . ئۇنىڭ توققۇز ئوغلى بار ئىكەن . تاشئاخۇن ئوغۇللىرىنى ئۆيلەپ نەۋرە – چاقىلىق بولۇپ ، جان سانى ئەللىككە يېتىپتۇ . بوۋاي بىر كۈنى بالىلىرىنى يىغىپ ، ئۇلارغا : "سىلەر ئەمدى چوڭ بولدۇڭلار . مەندىن كېيىن قالساڭلار ، بۇ كىچىككىنە بۇلاق سۈيى تىرىكچىلىك قىلىشىڭلارغا يەتمەيدۇ . شۇڭا باشقا جايدىن سۇ تېپىشىڭلار كېرەك" دەپتۇ - دە ، ئوزۇق - تۈلۈك تەييارلاپ ، توققۇز ئوغلىنى توققۇز تەرەپكە يولغا ساپتۇ . سەككىز ئوغۇل مەڭگۈ بۇلاق (مۈنكە بۇلاق) ، چىگە بۇلاق ، پاقا بۇلاق ، توشقان بۇلاق ، تاللىق بۇلاق ، توغراق بۇلاق ، سىڭگىم بۇلاق ، يىلان بۇلاق دېگەن بۇلاقلار ئەتراپىغا ماكانلىشىپتۇ . ئەڭ كىچىك ئوغۇل بولسا ، ماڭا - ماڭا تاغ باغرىدىكى ئوت - چۆپلەر ، يۇلغۇن ، سۆگەت قاتارلىق دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان ياپيېشىل بىر جايغا كېلىپ قاپتۇ . قارىسا بۇ يەردە چوكىدەك سۇ سىرغىپ ئېقىۋاتقان ، ئەتراپىدا نەم ئۆرلەپ تۇرغۇدەك . يىگىت سۇ كەلگەن تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ . قارىسا بىر تۈپ قومۇشنىڭ ئاستىدىن سۇ چىقىۋاتقانىكەن . ئۇ : "مۇشۇ جاي بولىدىكەن ، سۈيى ۋە يېتەرلىك ئوت - چۆپى بار ئىكەن" دەپ قايتىپ كېلىپ ، ئەھۋالنى ئاتىسىغا مەلۇم قىپتۇ . ئاتىسى ئوغۇللىرىنى باشلاپ كېلىپ قارىسا ، دېگەندەك ياخشى جاي ئىكەن . ئۇ سۇ چىقىۋاتقان يەرگە كېلىپ بالىلىرىغا : "بۇ سۇ چىقىۋاتقان يەرنى ئىچكىرىلەپ كولاڭلار " دەپ تاغنىڭ ئىچىگە قاراپ ئىككى – ئۈچ كۈن كولاتقۇزۇپتىكەن ، سۇ بارغانسېرى ئۇلغىيىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ ئاياغ تەرىپىگە كۆل چېپىپ ، سۇنى كۆلگە باشلاپتۇ . كۆل ھەر كۈنى بىر قېتىم توشىدىكەن . شۇنداق قىلىپ كەنجى ئوغۇل مۇشۇ جايغا ماكانلىشىپتۇ . ئاتىسى : "بالام ، بۇ بۇلاقنى تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ چاپقانسېرى سۈيى ئۇلۇغلاپ بارىدۇ ، شۇڭا ھەر كۈنى ئاز - ئازدىن چېپىشنى داۋاملاشتۇر" دەپ تاپىلاپتۇ . كەنجى ئوغۇل شۇنىڭدىن باشلاپ كۈندىلىك ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىنلا ، تاغنىڭ ئىچى تەرىپىگە قاراپ ئېرىق چېپىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ . ئايلار ۋە يىللار ئۆتۈپ ئېرىق بارا - بارا چوڭقۇرلاپ تىلىمغا ئايلىنىپتۇ . تىلىمدىن تەشمىگە ئايلىنىپتۇ . تەشمە ئۇزارغانسېرى لاي چىقىرىش ۋە نەپەسلىنىش قىيىنلىشىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۈستىدىن قۇدۇق قېزىپ چۈشۈپ ، لاينى شۇ قۇدۇقتىن تارتىپ چىقىرىدىغان بوپتۇ . شۇنداق قىلىپ قىسقا تەشمىلىك بىر قۇدۇقلۇق ئىپتىدائىي كارىز پەيدا بوپتۇ . كېيىن بۇ ئۇسۇل� باشقا جايلارغىمۇ تارقىلىپتۇ.
ئىككىنچى رىۋايەت: قەدىمكى زاماندا بىر پادىچى بالا ئايدىڭكۆل ياقىسىدىكى بىر ئوتلاقتا مال باقىدىكەن . بىر كۈنى ئۇ چىڭقى چۈشتە مال بېقىۋېتىپ بەك ئۇسساپ كېتىپتۇ - دە ، سۇ چىقىپ قالارمىكىن دېگەن ئۈمىد بىلەن نەم ئۆرلەپ تۇرغان يەرگە تاياقنى غۇلاچتىن ئوشۇقراق پاتۇرۇپ ، سۇغۇرۇپ ئېلىپ قارىسا ، ئۇچىغا لاي يېپىشىپ چىقىپتۇ . پادىچى بالا : "كولىسام سۇ چىقىدىغان ئوخشايدۇ" دەپ ئويلاپ ئەتىسى كەتمەن ئەكېلىپ قارىسا تاياق سانجىلغان تۆشۈككە سۇ يىغىلىپ قاپتۇ . ئۇ ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولۇپ ، بۇ يەزگە بىر كۆل كولاپتۇ . ئەتىسى كېلىپ قارىغۇدەك بولسا ، بۇ كۆلنىڭ يېرىمىغىچە سۇ يىغىلىپ قاپتۇ . پادىچى بالا بۇ ئەھۋالنى ئاتىسىغا ئېيتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلىلىك ئادەم كېلىپ ، سۇ چىققان يەرنى چوڭقۇرلاپ چاپقانىكەن ، كەتمەن سېپىدەك سۇ چىقىپ ئېقىشقا باشلاپتۇ . بۇنىڭدىن ئىلھاملانغان دېھقان باشقا قاراپ چېپىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ . ئېرىق بارا - بارا چوڭقۇرلاپ ، قازىدىغان توپا مىقدارى كۆپەيگەندىن كېيىن ، ئېرىق قېزىشتىن تەشمە قېزىشقا ئۆتۈپتۇ . تەشمە تېشىلىپ مەلۇم جايغا بارغاندا ، لاي چىقىرىش ، ھاۋا ئۆتۈشۈش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، ئۈستىدىن قۇدۇق قېزىپ چۈشۈپتۇ . شۇنىڭ بىلەى بىر قۇدۇقلۇق ئىپتىدائىي كارىز پەيدا بولغانىكەن . كېيىنچە بۇ كارىز باشقا قارىتا ئۇزارتىلىپ قۇدۇق سانى تەدرىجىي كۆپىيىپ ، نۇرغۇن قۇدۇقلۇق كارىزغا ئايلانغانمىش.
ئۈچىنچى رىۋايەت: تۇردىئاخۇن ئىسىملىك بىر ئوۋچى ئايغىر بۇلاق تېغىغا شىكارغا چىققاندا ، كەچ قېلىپ دالىدا يېتىپ قاپتۇ . كېچىسى قۇلىقىنى يەرگە يېقىپ ياتسا ، يەر ئاستىدىن سۇنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ . يەر ئاستىدا ئېقىن سۇ بار ئوخشايدۇ ، دېگەن خىيالغا كەلگەن تۇردىئاخۇن ئەتىسى بالىلىرىنى ئۆزى قونغان جايغا باشلاپ كېلىپ ، ئۇ يەرنى نەچچە غۇلاچ قازغانىكەن ، سۇ چىقىپتۇ . ئاندىن قۇدۇق سۈيىنى تەشمە ئارقىلىق ئېقىتىپ يەر يۈزىگە ئېلىپ چىقىپتۇ . توقسۇندىكى ساي كارىز مانا مۇشۇنداق پەيدا بولغانمىش