turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 712 قېتىم كۆرۈلدى
ئۆمەر
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 390
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 101
شۆھرەت: 770 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 779 سوم
تۆھپە: 424 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 424 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 803(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 شېئىر ۋە شائىر( ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر )

شېئىر ۋە شائىر

( نەسرىي شېئىر )

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


      شېئىر مارجان ئەمەس ، يىپقا تىزىپ قويسا تۇرۇۋېرىدىغان ياكى ئەزان ئەمەس ، قۇلاقنى تۇتۇپ ئېيىتسا بولۇۋېرىدىغان . شېئىر - " ئايەت " ئەمەس ، مەنىسىنى ئۇقماي ئوقۇسىلا بولۇۋېرىدىغان ياكى ماتا ئەمەس ، دۇكان قۇرۇپ توقۇسىلا چىقىۋېرىدىغان . شېئىر - كەشتە ئەمەس ، رەڭدار مەشۇت بىلەن لاتىغا تىكىپ قويىدىغان ياكى سۈرەت ئەمەس ، قەغەزگە سىزىپ قويسىلا بولۇۋېرىدىغان .
      شېئىر ھەم ھۆسنى ، ھەم پۇرىقى ، ھەم تىكىنى ، ھەم يوپۇرمىقى بار گۈلگە ئوخشىشىپ كىتىدۇكى ، ھۆسنى بىلەن دىلنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلار ؛ پۇرىقى بىلەن جانغا راھەت ۋە ھوزۇر بەخش ئېتەر ؛ ئىشىق ئەھلى ئۇنى قۇلاققا قىسار ياكى گۈلدەستە ياساپ جانانىغا تۇتار !
      شېئىر -ئاسماندىكى يۇلتۇز ئەمەس ، كېچىسى پارقىراپ كۆرۈنگەن بىلەن نەئىسسىقى ، نە يورۇقى تەگمەيدىغان؛ شېئىر-خۇددى بىر مەشئەلدۇركى ، كېچە زۇلمىتىدە ئىنسانغا يول كۆرسەتكۈچى ياكى بىر گۈلخاندۇركى پايانسىز دەشىتلەرنى يورۇتۇپ ، سوغدىن تىترىگەن تەنلەرگە ئارام بەرگۈچى!
      شېئىر-چۆلدىكى ئالۋۇن ئەمەس ، گاھى كۆل ، گاھى دەريا ، گاھى شەھەر ، گاھى گىياھ بولۇپ كۆرۈنگەن بىلەن قوغلاپ يەتكىلى بولمايدىغان . شېئىر-بىر قاينام بۇلاققا ئوخشىشىدۇكى ، تەشنالارغا ئارام ، دەرتمەنلەرگە داۋا ، بىمارلارغا شىپا ، غەمكىنلەرگە شاتلىق ، ئاجىزلارغا كۈچ ۋە ئۈمىد بەخش ئەتكۈچى!
      شېئىر - ھاپىزنىڭ ناخشىسى ئەمەسكى ، ئاڭلىغانسېرى كىشنى مۈگدەك باسىدىغان . شېئىر-بىر گۈلدۈرمامىدۇركى ، ئۇنىڭ ئاۋازى جاھاننى تىترىتىپ ، خامۇش كۆڭۈللەرنى ئويغاتقاي ؛ كىشىنى سەگەك قىلىپ جەڭگە ئۈندىگەي ، ئەبەدىي ھاياتقا چاقىرغاي!
      شائىر-قاغا ئەمەس ، كۆرۈنگەن دەرەخكە قونۇۋېلىپ قاقىلداۋېرىدىغان . شائىر -خۇددى تاڭ توخۇسىدۇركى ، كېچە تاڭنى چىللاپ تىنماس ؛تاڭ ئاتقاندا ، ئەلنى ئىشقا ، ھاياتقا ، ئەمگەك ۋە ئىجادقا ئۈندەر . شۇڭا ، كىشىلەرنىڭ "ئالتۇن خوراز ھەققىدە قىسسە -رىۋايەتلەر توقۇشى ، شەھەر دەرۋازىلىرى بىلەن قەسىر -ئايۋان مۇنارلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىشى ھەرگىز تاسادىپىي ئەمەس ،ھالبۇكى جاھان-جاھان بولغاندىن بۇيان ، ھېچكىم قاغىنىڭ ھەيكىلىنى ئورناتقىنى يوق .
      شائىر-تۇتىقۇش ئەمەس ، نېمىنى ئۆگەتسە شۇنى دورايدىغان ، ياكى ئۆمۈر بويى دوراشتىن بۆلەكنى بىلمەيدىغان .
بۇ يەردە ئۇلۇغ ئەزەربەيجان شائىرى فۇزۇلىنىڭ مۇنۇ بېيىتىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئورۇنسىز بولماس :

" قاراتاشتىن ئەگەر قان بىرلە رەڭگىم ئەيلىسەڭ ،
رەڭگى تەغيىر بولۇر ، ئەمما لەئلى بەدەخشان ئولماس .
تۇتىغا تەلىمى ئادايى كەلىمات ئەيلىسەڭ ،
نۇتقى ئىنسان بولۇر ، ئەمما ئۆزى ئىنسان ئولماس ."

      شائىر چىن مەنىسى بىلەن بۇلبۇلدۇر . بۇلبۇل ھېچقاچان باشقا قۇشلارنى دورىمايدۇ ، باشقا قۇشلارمۇ بۇلبۇلنى ھەرگىز دورىيالمايدۇ . چۈنكى ، بۇلبۇلنىڭ ئۆز تىلى ، ئۆز سۆيگۈسى ، ئۆز تەپەككۇرى ۋە ئۆز تۇيغۇسى بار .
      شائىر-كېپىنەك ئەمەس ، كۆرۈنگەن گۈلنىڭ ھەممىسىگە پەرقسىز قونۇپ ، ھوزۇر-ھالاۋەت ئېلىشنىلا بىلىدىغان؛ شائىر -چىراغ پەرۋانىسىدۇركى ، ھالاك بولۇشىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئوتقا ئۇرغۇچى!...
      شائىر -شاھ ۋە سۇلتانلارنىڭ نازۇ-نېمەتكە تولغان داستىخانلىرى ئەتاراپىدا چۆرگىلەپ يۈرىيدىغان ياكى زاھىتلارنىڭ ئېتىكىدە خورۇلداپ ياتىدىغان مۈشۈك ئەمەس ، بەلكى پايانسىز دەشتلەردە ئەركىن كېزىپ يۈرىيدىغان تەمەسىز ئارىسلاندۇركى ، ئۇنىڭ بىر ھۆركىرىشى بىلەن تاغۇ-تاشلار زىلزىلىگە كېلىپ ، تۈلكە -بۆرىلەر ھۇشىنى يىغقاي! " پادىشاھ نىكولاي ئۈستەلگە بىر مۇشت ئۇرغاندا پۈتۈن ئوردا تىترەپ كېتەتتى ؛ لېف تولىستوي ئۈستەلگە بىر ئۇرسا پۈتكۈل روسىيە زىلزىلىگە كېلەتتى " دېگەن رىۋايەت مۇبالىغە بولمىسا كېرەك . چۈنكى ، لېف تولىستوي شېئىر يازمىغان بىلەن چىن شائىر ئىدى . شائىر پەقەت خەلق بىلەنلا شائىردۇر ۋە مەڭگۈ ئۆلمەستۇر!
      مەسىلەن ، چۈيۈەن بىلەن ئەلىشىر ناۋائى ؛ لىبەي بىلەن پوشكىن ؛ بايرۇن بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئوخشاش...


مەنبە: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرىدىن


http://www.nurlukislam.com
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-27 22:47 |
turan
تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنۇم ھاياتىمنىڭ ئاخىرلا ..
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 477
شۆھرەت: 2657 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2666 سوم
تۆھپە: 1550 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1557 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 378(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆتكۇر ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى  ئادەمگە  ئاجايىپ ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. اللا مەرھۇمنىڭ ياتقان جاينى جەننەتتە قىلغاي!
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-28 19:51 |
karahan0998
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2028
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 45 سوم
تۆھپە: 27 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 27 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەسىم:
تىما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر ،
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-28 22:53 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئالىم ، تىلشۇناس ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنى ئەسلەيمىز