turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 216 قېتىم كۆرۈلدى
parisa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4151
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 8 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 8 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 پارىسا: قەپەز

قەپەز
 
- ئەي قۇش، قەپەز ساڭا زىندان ئەمەسمۇ؟
ئەركىڭ، بەختىڭ سېنىڭ ئاسمان ئەمەسمۇ؟
نىچۈن يەنە كۈيۈڭ شۇنچە ناۋالىق،
پەرۋازىڭدا قەپەز ۋەيران ئەمەسمۇ؟
سېغىنمامسەن قارلىق تاغنى، دالىنى،
جۈپ قانىتىڭ ساڭا ئىمكان ئەمەسمۇ؟
 
قۇش ئىيىتتىكى: سېغىنىپ كەڭ ئاسماننى
قەپەز ئىچرە مەن ئاھ ئۇرۇپ يىغلىغان.
لىكىن ساڭا ئاڭلىنار بەك يىقىملىق
يۈرىكىمدىن چىققان نالە ۋە پىغان.
ئاجىزلارنىڭ ھەسرىتى ۋە نالىسى
كۈچلۈكلەرنىڭ كۆڭۈل خوشى ھەرقاچان.
...
چۈشەنمەيسەن، سەنمۇ قەپەز ئىچىدە،
سەن ئاتايسەن ئۇنى روھى زىندان دەپ.
قىستىلىسەن شۇنچە كەڭرى دۇنيادا،
ئاھ ئۇرىسەن شىرىن ئارزۇ- ئارمان دەپ.
قان- يېشىڭنى مەي قىپ ئىچەر ئۆزگىلەر،
ھۆركىرەيسەن ئاھ رەھىمسىز جاھان دەپ.
نالەڭ ناخشا، شېئىرلارنىڭ پايانى
بۇ سەنئەتنىڭ ئىچىنىشلىق جەريانى.
...
قەپەز مېنى ئايرىۋەتتى ئاسماندىن،
قايتالايمەن لىكىن ئاڭا بىر زامان.
«قەپەز» سېنى ئايرىۋەتتى نىمىدىن؟
باقمىدىڭ سەن ئويلاپ بۇنى ھىچقاچان...
 
چۇل- چۇل قىلىپ چېقىۋەتتىم قەپەزنى،
ھاياجاندا قۇش ئۆلدى
مەن قەپەزنى چېقىپ بولغۇچە.
ئۆتەر ئەمدە مېنىڭ قالغان ھاياتىم
ئىزدەپ ئاشۇ ھاياجاننى ئۆلگىچە.
تېما تەستىقلىغۇچى : alqondi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-11-04, 23:40
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-11-04 17:04 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » باغداش مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيتى