ئوغوزخان، روھىمنى قايتۇرۇپ بەر
(مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا ئونسۇ )
1
ئۇرخۇن دەرياسى بىلەن تارىم دەرياسى، ئۆتىكەن تاغلىرى بىلەن تەڭرى تاغلىرى گىرەلەشكەن پايانسىز دالا. تۆۋەندە قارا تۇپىراق، يۇقۇرىدا كۆك ئاسمان. قۇياش ئۆزىنىڭ ھارارىتى بىلەن جانلىقلارنى ئويغۇتۇپ، ھاياتلىققا چاقىرماقتا. بۈك- باراقسان يېشىل ئورمان ئىنسانلارنى ئەسلىنى ئۇنۇتماسلەققا ئاگاھ قىلماقتا. بىر توپ ئىپتىدائى قەبىلە ئادەملىرى- تۆت مىڭ نەپەر ئوغوز- قارلۇق جەڭچىلىرى ئىسكەندەر باسمىچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىدىن يۇرتىنى قوغدىماقتا. ئۇدۇلدىن ئاستا- ئاستا يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەك ئەرگىنەقۇن تاغلىرى نامايەن بولماقتا. تاغ ئارىسىدىن بىرتوپ ئاتلىقلار توپان سۈيىدەك يۇپۇرلۇپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ كۈن پېتىش قانىتى ئاق ئاتلىقلار، كۈن چىقىش قانىتى كۆك ئاتلىقلار، سول قانىتى قارا ئاتلىقلار، ئوڭ قانىتى قىزىل ئاتلىقلار. ئالدىدا باتۇر ئوغوز كۈن سۈرەتلىك تۇغنى كۆتۈرۈپ ئۆز قوشىنىنى باشلىماقتا. ئۇنىڭ پۇتى بۇقا پۇتىدەك، بېلى بۆرە بېلىدەك، مۈرىسى بۇلغۇن مۈرىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك، پۈتۈن بەدىنىنى قويوق تۈك باسقان. ئالدىدا كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق ئەركەك بۆرە قۇياشتىن چۈشكەن كۆك نۇرنىڭ سەلتەنىتى ئاستىدا جەسۇر قىياپىتى بىلەن ئوغوزغا يول باشلاپ ماڭماقتا. ئوڭ تەرىپىدە شاھ قەيسەر بىلەن چىڭگىزخان، سول تەرىپىدە ناپائىلون بىلەن گىتلېر قول باغلاپ، ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. ئوغوزخان خىتاپ قىلماقتا:«مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن، مەن پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولوشۇم كېرەك. مەن سىلەرنىڭ ماڭا بويسۇنىشىڭلارنى سورايمەن. كىمكى مېنىڭ ئاغزىمغا باقسا، تارتۇق تارتىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولىمەن. كىمكى مېنىڭ ئاغزىمغا باقمىسا، غەزەپ بىلەن لەشكەر تارتىپ، ئۇنى ئۆزەمگە دۈشمەن تۇتىمەن. لەشكەرلىرىم ھەممىلا يەردە سىلەرنى يوقۇتىدۇ.»
نەزمە
مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،
كۈن تۇغ بولسۇن ھەم ئۇران.
تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان،
ئوۋلۇقتا يۈرۈشسۇن مال- ۋاران.
ھەم ئاقسۇن دەريا ۋە ئېقىن،
كۈن تۇغ بولسۇن، ئاسمان قورغان.
ئوغوزخان ئالغا باسماقتا، ئۆز قوشىنىنى باشلاپ جەڭگىۋار قىياپەتتە دۇنيانى بويسۇندۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلانماقتا.
2
قولومدا بىر رومكا ھاراق. چىرايىم سارغايغان، روھىم سۇنغان، ئەقلىم بىھۇش. مەن ئۆز ھالىمنى بىلىش ئۈچۈن ئاق ساقاللىق، مۇز چاچلىق ئۇلۇغ تۈركنىڭ قېشىغا باردىم. ئۇ تۇمۇرىمنى تۇتۇپ كۆرۈپ، كۆيۈنگەن ھالدا، «- ئوغلۇم، سېنىڭ قېنىڭ بۇزۇلغان، چىرايىڭدىكى سېرىقلىق شۇنىڭ ئالامىتى. روھىڭ گۇمران بولغان، ئەقلىڭ تۇنجۇققان؛ روھىڭدىكى سۇنۇقلۇق بىلەن ئەقلىڭدىكى بىھۇشلۇق شۇنىڭ بەلگىسى. بۇلارنىڭ مەنبەسى بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ھاراق. سىلەر بىر ئەۋلاد ھاراققا بېرىلدىڭلار. ئۇنىڭغا شۇنچىلىك باغلاندىڭلاركى، ئۇنىڭسىز كۈنىڭلار خاتىرجەم ئۆتمەيدىغان بولدى. بارلىق ئەنئەنەڭلار، مەدەنىيىتىڭلار، ئۆرۈپ- ئادىتىڭلار، ھەتتا، ئېتىقادىڭلار ھاراق بىلەن بىرلىشىپ كەتتى. ھاراق تەشۋىشى قەلبىڭلاردىكى ئوغوز سۈتىگە بولغان تەشنالىقنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى»،- دېدى.
مەن شۇ كېچىسى چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە غەرق مەست ھالدا، ئايىقى چىقماس تار كوچىدا مەقسەدسىز كېتىۋاتىمەن. پۇتلىرىم ئۆزەمگە بويسۇنمايدۇ. بىر چاغدا ئالدىمدا تۈكلىرى پاخپايغان بىر چىل بۆرە پەيدا بولدى. ئۇنىڭ كۆك تۈكلىرىدىن، كۆك يايلىلىق جەسۇر قىياپىتىدىن، كۆزلىرىدىكى جەسۇر قىياپىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. ئۇ گۈنسىز كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ نالە قىلدى،«- ماڭا نەپىرەتلەنمە، ئەي ئادەم. مېنىڭ مۇشۇ ھالغا كېلىپ قېلىشىمغا سىلەر- ئادەملار سەۋەبچى. مېنىڭ روھىم سىلەر بىلەن بىر ئىدى. مەن بوۋاڭلار ئوغوزنىڭ يول باشلىغۇچىسى، قۇت بەلگىسى ئىدىم. بوۋاڭلار ئوغوز ئۆز تەبىئىتىگە، ئوغوز روھىغا ئاسىيلىق قىلدى. ئالتۇن يانى سۇندۇرۇپ، بىر ساداقنىڭ ئوقلىرىنى ئايرىۋەتتى. ئىمپىريە تۈۋرۈكى سۇنۇپ كەتتى. زېمىننى ئوغۇللىرىغا بۆلۈپ بەردى، مىللىي بىرلىك پارچىلاندى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئوغوز روھى يىمىرىلىشكە باشلىدى. مېنىڭ روھىممۇ ئاجىزلاشتى. كېيىنكى ئەۋلادلار ئورماننى، تاغلارنى، ئانا دەريا بىلەن قارا تۇپراقنى، كۆك ئاسماننى، قۇياش نۇرىنى خورلىدى؛ ياشاش مۇھىتى تارايدى. ھاراقنى ئوغوز سۈتىنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى، قەلبىنى شاراپ سۈيى بىلەن سۇغاردى. نەتىجىدە مىللىي روھ- ئوغوز روھى يۈتۈپ كەتتى؛ نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنە پۈتۈنلەي ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتىلدى».
3
مەن ئۆزەم ھاراق ئىچمىگەچكىمۇ، ھاراق سېتىش ئورونلىرىغا، ھاراق سورونلىرىغا ئانچە يېقىنلاشمايتتىم. بۇ يىل(2002- يىلى) 4- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز بىر توپ تارقىتىش ئورنىنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويۇلغان ھاراق يەشىكلىرىنى، ئۇنىڭدىكى «ئوغوزخان» دېگەن ماركىنى كۆرۈپ قالدىم. كۆردۈم، كۆزۈمگە ئىشەنمىدىم. ئەمما بۇ بىر ئەمىلىي رېئاللىق ئىدى. ئۇنىڭدا يەنە ئىشلەنگەن جاينىڭ نامى- «جۇڭگو شىنجاڭ شىخەنزە شىنئەن كەسىپىي ھاراقچىلىق شىركىتى» (中国新疆石河子新安酒有限责任公司)دېگەن خەتمۇ ئېنىق يېزىقلىق تۇراتتى. مەن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. ئۇ بىر مىللىي روھنىڭ، مىللىي ھېسىياتنىڭ، مىللىي بىرلىك، مىللىي ئەنئەنە، مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي تارىخنىڭ، ئەقلىي كۈچ ۋە يۈكسەك ئىشەنچنىڭ؛ يىغىپ ئېيتقاندا، نەچچە مىڭ يىللىق باتۇرلۇق ۋە ھەسىرەتكە تولغان قەلىبنىڭ سىمۋولى ئىدى. ئەمدى كېلىپ بۇ نامنىڭ بقىزنىڭ روھىمىزنى خورىتىۋاترقان بىرىنچى خىروئىن- ھاراقنىڭ (خىروئىن ئىستىمال قىلىدىغانلار مىڭدىن بىر كىشى بولسا، ھاراق ئىچىدىغانلار ھەر ئۈچ كىشىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئىقتىسادىغا خىروئىن تەسىر قىلىدىغان ئائىلە يۈزدىن بىر بولسا، ھاراق تەسىر قىلمايدىغان ئائىلە يوق دېيەرلىك. بىزدىكى ھەر خىل قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ 60% تى ھاراق بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك مۇناسىۋەتلىك.) ماركىسى بولوپ قالغىنى قىزىق. ماركا ھوقوقى بېكىتكۈچىلەر، سودا- سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىكلەر بۇ نۇقتىنى ئويلىمىدىمىكىنە؟ تەپسىلىي تەكشۈرۈپ كۆرمىدىمىكىنە؟
مەن كەچتە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئىختىيارسىز ھالدا «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2002-يىلى 2- ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان، 2001- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى جۇڭخۇئا خەلىق جۇمھۇريىتى 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ 24- سانلىق يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 2001- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويولغان، رەئىس جىئاڭ زېمىن ئىمزالىقىدىكى «جۇڭخۇئا خەلىق جۇمھۇرىيىتى تاۋار ماركا قانۇنى» نىڭ1- باب 10- ماددا 6- تارمىقىغا كۆز يۈگۈرتتۈم. ئۇنىڭدا مۇنداق بەلگىلەنگەن ئىدى، «مىللىي كەمسىتىش تۈسىدىكى بەلگىلەرنى ھەرقانداق ئورون، ھەرقانداق شەخىس تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.»
مەنبە: ئىجادىيىتىم
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-11-24 00:02قايتا تەھرىرلىدى ]