مۇنبەرداشلارنىڭ نادىر ئىمزالىرى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك مۇنبەرداشلار:
مۇنبىرىمىزدە ھەرقايسى سەپ، ھەرقايسى ساھەلەردە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئىلغار پىكىرلىك مۇنبەرداشلار ئاز ئەمەس. قاراپ باقساق كۆپچىلىك مۇنبەرداشلارنىڭ ھەر يازمىسىدا كۆرۈلىدىغان ئۆزگىچە ئىمزالىرى بار ئىكەن. بۇ ھەم مەلۇم دەرىجىدە شۇ كىشىنىڭ ئۆزلۈكىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىكەن. تۆۋەندە مەن مۇنبىرىمىزدىكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ئىمزالاردىن بىر قىسىمىنى توپلاپ چىقتىم، بۇلاردىنمۇ ھېكمەتلەر توپلىمى شەكىللەنگۈدەك. خالىساڭلار سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارغا تەسىر قىلغان نادىر پاراڭلارنى بۇ يازما ئاستىغا يېزىپ قويساڭلار، قىزىققۇچىلار خاتىرىلىۋالسا دېگەن ئۈمىددىمەن!
ئەڭ ئاۋال مەن ئىلگىرى ئاخىر ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىمزالاردىن ئىككىسىنى قالدۇرۇپ ئۆتەي:
غېرىب دەردىنى غۇربەتتە ئادادىن سورا،
ۋىسال قەدرىنى ئاشىقى گەدادىن سورا !
ۋەتەنسىز ھاياتتا نە مەنا، نە تەم،
ئۇنى ئۆز ئېلىدىن جۇدادىن سورا!
ئا . ئۆتكۈر
گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار ...
سەبىر
كىتابخانا-ئۆزىڭىزنى ئىزدەپ بارىدىغان جاي!
ئاي تۈرك
تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ
سىيىت نوچى
ئاگاھ بولۇڭلار،جوڭگولۇقلار......
مۇخبىر
ئۆز كېلەچىكىڭىزنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇڭ!
ئايدىڭ
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
ئەركىم
ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچى !!!
قەۋىممۇل
چىقىپ «بوران» كۆچۈپ «قۇملار» كۆمۈلگەيمۇ ئىزىمىز ؟
بارخان
يىلان يۇمشاق بولغىنى بىلەن، ياۋۇزلۇق قىلىدۇ!!
مەنزىل
بالىلارغا كۆيۈنگەنلىك،ۋەتەننى سۆيگەنلىك!
ئۇيغۇرمەد
مەن دوستانە،سەمىمي كىشلەرگە ئامراق.
چىن تۈرك
ئاللا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئىدىقۇت 510
ياخشىلىق قىل قولۇدىن كەلسە!
سايرام
ھاياتىڭ كۆل سۈيىدەك ئەمەس، ئېقىندەك جۇش ئۇرۇپ تۇرسۇن!
ئېقىن
تۇغۇڭنى تۇغۇلغان يەرگە قادا
ئىزتىراپ 1
قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن
گۈزەل دۇنيا
ئۇيغۇرۇم ئۆز ئىشەنچىمنىڭ مەنبەسى
باغداشخان
خارلىقتىن ئۆلۈم ئەۋزەل
تۇمارىس
مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۆلۈك تەندىن ئىبارەت
دىلكەش
ئانا تىلىم گۆھەر تىلىم
چىمەنزار
بۇلار مەن يوللىماقچى بولغان ئىمزالارنىڭ بىر قىسىمى، مەنمۇ تولۇقلايمەن، ئىمزاسى ئۇنتۇلۇپ قالغان مۇنبەرداشلارنىڭمۇ تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن! ئۇنىدىن باشقا يەنە سىز ئۆزىڭىزگە تەسىر قىلغان ھېكمەت دۇردانىلىرىنىمۇ قوشۇپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ! بۇ تېمىنى ھەممىمز بىر تالدىن گۈل قوشۇپ تىزىپ چىققان رەڭگارەڭ، خۇشپۇراق گۈلدەستىگە ئايلاندۇرايلى!
[ بۇ يازمىنىsebirدە2011-10-14 20:04قايتا تەھرىرلىدى ]