ئۈرۈمچىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىر-چىراقنى ھەشەمەت ئۆتكۈزۈشى،شۇنداقلا قەبرىنى كۆركەم قاتۇرۇشى، قاتارلىق بىر قىسىم غەيرى بولمىغۇر ئادەتلەرگە قاراپ ھەيرانلىقتا بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن،
بۇ يەردە تىلغا ئالماقچى بولغىنىم ئۈرۈمچىدىكى بارلىق قېرىنداشلارنى شۇنداق بىدئەت ئىشلارنى قىلىدۇ دىگىنىم ئەمەس، كۆز ئالدىمدىكى ئەمىلى بىر مىسالنى سۆزلەپ ئۆتسەم:رامىزاننىڭ تۇنجى كۇنى مەلۇم بىر ئولتۇراق رايۇندىكى ھەشەمەت ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئۆلۈمنىڭ 3نەزىر پائالىيىتىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ،نەزىرگە قاتناشقانلار ھەممىسى دىگۈدەك چوڭ كادىر ئۇقۇمۇشلۇق زاتلاركەن، نامرات ئاجىزەدىن بىرەسىمۇ يوق، نەزىرگە تەييارلانغان داستىخان بەكمۇ ھەشەمەتكەن،ئىپتارلىق قىلىنىپ بولسىمۇ نامازشامغا تۇرىدىغان بىرە ئادەممۇ يوق ،كىم بىلىدۇ يەنە 7 نەزىر، 20 نەزىر،40 نەزىرلەرمۇ بارمۇ بىلمىدىم،بىر دوستۇمدىن سورىسام ئادەتتە مۇشۇنداق نەزىرلەرنى بەزىدە رىستۇرانلاردا ئۆتكۈزەرمىش،جەنۇپلۇقلارنى خۇراپى دەيدىغان بىزنىڭ مەركىزى شەھەردە ياشاۋاتقان ئۆزىنى ئەقىللىق، بىلىملىك ،مەدىنى ھىساپلايدىغان بىر قىسىم مەلۇماتلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نەزىر -چىراقلارنى بۇنچە چوڭ ئۈتكۈزۈشنىڭ ھۇكۈمىنى چۈشىنەلمەي قالدىم،خوتەننى مىسال قىلسام خوتەندە ھازىر نەزىر بىرىلمەيدۇ،بىرىلسىمۇ بايلار ياكى شۇنچىلىك تاماققا كۈچى يىتىدىغانلار نەزىر تامىقىنى يىمەيدۇ،ھەقىقى ئاجىز قىيىنچىلىقى بار بولغان كىشىلەرگە نەزىرگە ئاتالغان پۇللارنى يەتكۈزىدۇ،قانداقتۇر بىر ۋاخ نامازدا يوق ،شۇنداقلا رۇزا تۇتمىغان ئادەملەرنى چاقىرىپ ئۇلارغا مەجبۇرى يىگۇزمەيدۇ،ھايات ۋاختىدا قىلمىغان ئەمەل -ئىبادەتنىڭ ئورنىغا ئۆلۈپ بولغاندا مەيلى قانچىلىك چوڭ نەزىر ئۆتكۈزۈڭ بۇ ھەممسى بىكار ئىسراپچىلىق ئەمەسمۇ؟
ئۈرۈمچىدىكى بەس-بەستە قاتۇرلغان كۆركەم قەبىرىلەرنى كۆرگەندە يەنە ھەيران قالىمەن،دىنىمىزدا قەبرە قاتۇرۇش شۇنچە چەكلەنگەن تۇرسا بىزنىڭ مەركىزى شەھەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم مەدىنىيەتلىك كىشىلىرمىزدە ئىختىسات شۇنچە بەك كۆپمىدۇ؟ مەنمەنچىلىك شۇنچە ئېغىرمىدۇ؟ھېچ بولمىغاندا پۇلنى خەجلەيدىغان جاي تاپالمىسا ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان نارىسىدىلەرگە ،ھەقىقى قىيىنچىلىقى ئېغىر بولغان كىشىلەرگە ياردەم قىلسا بولمامدىغاندۇ؟
تورداشلانىڭ يۇرتۋازلىقنى چېتىۋالماي ئىلمى ئۇسۇلدا مۇنازىرە قىلىشنى،شۇنداقلا بۇنداق ئادەتلەرنىڭ ئىسلام دىنىمىزدىكى توغرا كۆرسەتمىسىنى تۈلۇقلاپ قالدۇرۇپ قويۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن،