قۇم تىۋەڭ ۋە ساندۇق ساراي ،غەرپ پىسخولوگلىرى يېقىنقى 100يىل مابەينىدە بالىلار ئويۇنلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە بالىلارنىڭ روھىنى داۋالاش جەريانىدا ،مەھەلە - ئاراملاردىن ،سەينا- ساھىللاردىن پىسخىك مەسلەھەتخانىغا ئېلىپ كىرگەن تەبىئەتنىڭ مەنزىرە مودىلىدىن ئىبارەتتۇر.قىسقىسى،بىز ئەينى يىللاردا ئويناپ ئۆسكەن ئۆيلەلەنىڭ پىسخىك مەسلەھەتخانىغا كىرىپ زامانىۋىلىشىش ۋە تەرەققى قىلىش پەللىسىدۇر.
خەلقىمىز ئۇيغۇرلاردا <<ئۆيلەلە ئويناش>> نامى بىلەن ئاتالغان قۇم تىۋەڭ ۋە ساندۇق ساراي ئويۇنلىرى بىزگە ھەرگىز يات ئەمەس ھەم بۇ ئويۇنلارنىڭ بىزدىكى تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن.بىز غەرپ پىسخولوگىيە ئىلمى ئاتالمىسى نۇقتىسىدىن << قۇم تىۋەڭ ۋە ساندۇق ساراي >> دەپ تەرجىمە قىلىشقا ۋە شۇنداق ئاتاشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز.ئەمىليەتتە ئۆيلەلە ئوينۇتۇش ۋە ئۆيلەلە ئوينۇتۇش ئارقىلىق داۋالاش دىسەك بولىۋىرىدۇ.خەنزۇ تىلى ئېھتىياجىدىن << 沙盘游戏،沙盘游戏治疗،箱庭游戏،想听游戏治疗 >>
دەپ ئاتاش ئاۋامغا ئوموملاشماقتا.تەبىئىكى،ئۇيغۇرچە تەرجىمىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئوموملاشتۇرۇش نۆۋەتتە بىز دۇچ كەلگەن مۇھىم خىزمەت.شۇڭا پىسخىك مەسلەھەت ئىلمى نۇقتىسىدىن بۇ ئاتالمىلارنى توغرا بىكىتىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش بىزدىن ئىلمى بىرلىكنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئايانكى، قۇم تىۋەڭ ۋە ساندۇق ساراي ئويۇنلىرى بىزدە <<ئۆيلەلە ئويناش>>شەكىدە تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ ،ئۇيغۇر بالىلىرىنى تەربىيەلەپ كەلگەن.بىز بۇ ئويۇنلارنى تار -تىنجىق، قۇراشتۇرۇلغان پىسخىك مەسلەھەتخانىدا ئەمەس بەلكى ئىللىق شاماللار يەلپۈنۈپ تۇرغان پاكىز قۇملۇق ساھىللاردا،جانغا ھوزۇر دەريا- ئېقىن بويلىرىدا،ھەرخىل مىۋىلەرنىڭ ھىدى دىماققا ئۇرۇپ تۇرغان گۈلزار باغلاردا،سالقىن كەڭ دالانلاردا بەھوزور ئويناپ ئۆستۇق.شۇڭا ئۇيغۇرنىڭ قەدىمى يەتكەن جايدا گۈلخان - مەشرەپ قاينايدۇ.
ھازىر قۇم تىۋەڭ ۋە ساندۇق ساراي مەسىلسىنى نەزىريە جەھەتتە شەرھىلەش ۋە تونۇشتۇرۇش نۆۋەتتە مەكتەپلەرنىڭ پىسخىك مەسلەھەت خىزمىتىدە ئەنئەنىۋى مىللى پىسخىك مەسلەھەت بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشكەن پىسخىك مەسلەھەت موھىتى بەرپا قىلىشتا ئنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .چۈنكى ،بالىلارنى ئويناتمىغانلىق ئادىمىلىككە ھۆرمەت قىلمىغانلىق،ئىنسان تەبىئىتىنى دەپسەندە قىلغانلىق،قىسقىسى بىئولوگىيەلىك قونچاق تەربىيەلەشنى قۇۋۋەتلىگەنلىك بولۇدۇ!.
شۇڭا خەلقىمىز ئۇيغۇرلار:<<بالىلار ئويۇنغا قېنىشى كىرەك>>دەپ تەكىتلەيدۇ.ئەمىليەتتە بالىلارنى ئويۇنغا قاندۇرۇش،بالىلاردىكى تۈرلۈك پىسخىك توسالغۇلارنى ئۆزىگە يەڭگۈزۈپ،بالىلارنىڭ ماسلىشىش قابىليىتىنى تەبىئى ئۆستۈرۈپ،بالىلارنىڭ ئادەمگە خاس ياشاش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش جەريانىدىن ئىبارەت.شۇڭا غەرپ پىسخولوگلىرى بالىلار ئويۇنلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ،ئەكسىنچە بۇ ئويۇنلارنى قۇم تىۋەڭ ۋە ساندۇق ساراي
شەكلىدە پىسخىك مەسلەھەتخانىغا ئېلىپ كىرگەن.
[ بۇ يازمىنىilimدە2011-10-14 18:25قايتا تەھرىرلىدى ]