turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 817 قېتىم كۆرۈلدى
attila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 118
شۆھرەت: 800 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 906 سوم
تۆھپە: 444 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 444 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 158(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئاتتىلا-ھۇنلارنىڭ باش كۆتىرىشىدىن مۇقەددەس ھۇن ئىمپېريىسىگىچە ۋە ئاتتىلاغىچە

ھۇنلارنىڭ باش كۆتىرىشىدىن مۇقەددەس ھۇن ئىمپېريىسىگىچە ۋە ھۇنلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچىشىدىن ئاتتىلاغىچە
 
(مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا ئونسۇ )
 
1. ھۇنلارنىڭ باش كۆتىرىشىدىن مۇقەددەس ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە يوقۇلىشىغىچە
«ھۇن» سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ھازىرغىچە تۈرلۈك قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى شامان دىنىدىكى كۆك تەڭرى ئېتىقادچىلىقىنىڭ ئاساسى بولغا «كۈن» سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر «كۈچ-قۇۋۋەت» دېگەن مەنىدىكى «قۇن» سۆزىدىن ئۆزگىرىپ شەكىللەنگەن، دەپ قارايدۇ. «ھۇن» سۆزى توغرىسىدا مەيلى قانداق قاراشلارنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىدىن قەتتىئىينەزەر، ئۇ ناھايتى يىراق زامانلاردىن بېرى ئاسىيا يايلاقلىرىدا باش كۆتىرىپ، ئۆزىنىڭ سەلتەنىتى ھەم سۈر-ھەيۋىسى بىلەن ئەتىراپقا تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن ھەم ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت تىپى ۋە ئۇرۇش قىلىش سەنىئىتىنى ياراتقان بىر قەۋمنىڭ نامى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ئالتاي تاغلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا شەرقتە ھىنگان تاغلىرىدىن غەربتە كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقى، ھەتتا، قارا دېڭىز بويلىرىغىچە، شىمالدا بايقال كۆلىنىڭ شىمالىدىن جەنۇبتا خۇاڭخې ۋادىسى ۋە كۇئېيلۇن تېغى ئېتەكلىرىگىچە پائالىيەت ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا، جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان تارىخىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردىن باشلاپ ھۇنلار تېخىمۇ قۇدىرەتلىك سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ئاسىيا تارىخ سەھنىسىدە پەيدا بولۇشقا باشلىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 209-يىلى ھۇنلار باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەڭداشسىز قۇدىرەتلىك ھالغا كىرگەن. باتۇر تەڭرىقۇت 400 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم ھەم خىللانغان جەڭگىۋار ئاتلىق قوشۇن تەشكىللەپ، بىرقانچە ئون يىل ھەربى يۈرۈش قىلىش ئارقىلىق ئەتىراپىدىكى بارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەرنى ئۆز بايرىقى ئەتىراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، قۇدىرەتلىك ھۇن ئىمپېريىسىنى قۇرىغان. زېمىنى شەرقتە كۆرىيەگە، شىمالدا بايقال كۆلى، ئوب، ئېرتىش دەريالىرى ۋادىلىرىغا، غەربتە ئارال كۆلىگە، جەنۇبتا ۋېيخې دەرياسى، تىبەت ئېگىزلىكى (چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى) ۋە قارا قۇرۇم تاغلىرىغىچە كېڭەيگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىلى يۈز بەرگەن بەيدىڭ مۇھاسىرىسىدىن كېيىن ئەينى دەۋردىكى دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان خەن سۇلالىسى ھۇن ئىمپېريىسىگە قارام بولۇپ، ھەر يىلى كۆپ مىقداردا سېلىق تۆلەشكە مەجبۇر بولغان. باتۇرنىڭ ئورنىغا تەڭرىقۇت بولغان كۆك تەڭرىقۇت مىلادىدىن بۇرۇنقى 166-يىلى زور قوشۇن تارتىپ خەن سۇلالىسىگە باستۇرۇپ كىرىپ، پايتەخت چاڭئەندىكى پادىشاھ سارىيىنى كۆيدۈرىۋەتكەن.

خەن ۋۇدى دەۋرىدە خەن سۇلالىسى ئۆزىنىڭ قوشۇنىنى ھۇن ئۇسلۇبىدا تەشكىللەپ، ھۇن قۇراللىرى بىلەن قۇراللاندۇرغان ھەم مىلادىدىن بۇرۇنقى 127- ۋە 115-يىلى ئىككى قېتىم ئۇلارغا ۋېي چىڭ، خۇ چىبىڭلارنى قوماندان قىلىپ ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن. ئۇرۇشتا ھۇنلار ئېغىر مەغلۇب بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھۇنلار ئۆزىنىڭ قۇدىرەتلىك ھالىتىدىن مەھرۇم قالغان ۋە تەدرىجى ئاجىزلاشقان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 56-يىلغا كەلگەندە مالىيەدە قىيىنچىلىق كۆرۈلىش، ئەتىراپىدىكى بويسۇندۇرۇلغان ئەل ۋە قەبىلىلەرنىڭ بىرلىشىپ قارىشى، چىقىشى خان جەمەتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى ھەم قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ خەن سۇلالىسىگە بېقىندىلىق بىلدۈرىشى نەتىجىسىدە ئاخىرى بىر پۈتۈن ھۇن ئىمپېريىسى بىرىنچى قېتىم جەنۇبىي ھۇن ۋە شىمالىي ھۇندىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. قوغۇشار تەڭرىقۇت مىلادىدىن بۇرۇنقى 52-يىلى ئۆز ئىنىسى چىچى تەڭرىقۇت تەرىپىدىن مەغلۇب بولۇپ، شەرقىي ھۇنلارنى باشلاپ خەن سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغان ھەم خەن سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆز ئىنىسى چىچى تەڭرىقۇتقا ھۇجۇم قىلغان. نەتىجىدە چىچى تەڭرىقۇت شىمالىي ھۇنلارنى باشلاپ غەربكە كۆچۈپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 43-يىلى تالاس دەرياسى (ھازىرقى قىزغىزىستاندا) بويىدا ئۆزىنىڭ ھاكىميىتىنى قايتا تىكلىگەن. بىراق مىلادىدىن بۇرۇنقى 36-يىلى خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى تالاس دەرياسى ۋادىسىغىچە ھۇجۇم قىلىپ، سەمەرقەنتتە چىچى تەڭرىقۇتنى ئېغىر مەغلۇب قىلغان ھەم ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىنى ئۆلتۈردى. بۇنىڭ  بىلەن شىمالىي ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى يوقالغان. جەنۇبىي ھۇن تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ قوغۇشار تەڭرىقۇتتىن باشلانغان خەن سۇلالىسىگە بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى 70 يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئۇلار خەن سۇلالىسىگە بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىپ، ھۇن ئىمپېريىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىپ، شەرقتە مانجۇريىدىن غەربتە قەشقەريىگىچە بولغان جايلارنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغان. بىراق، ئۇزۇنغا بارماي ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدا يەنە زىددىيەت كۆرۈلگەنلىكى ۋە ئېغىر دەرىجىدە قۇرغاقچىلىق ھەم چېكەتكە ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن مىلادى 48-يىلى ھۇن ئىمپېريىسى قايتىدىن شىمالىي ۋە جەنۇبىي ھۇندىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. ھۇنلارنىڭ بۇ قېتىمقى بۆلۈنىشى تارىخىي خارەكتېرلىك ھەم ئومومىيۈزلۈك بولغاچقا، بىر پۈتۈن ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ بۆلۈنىشى دەپ مۇشۇ قېتىمقى بۆلۈنىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ھۇنلار بۇ قېتىم ئىككىگە بۆلۈنگەندىن كېيىن يەنە ئىلگىركىگە ئوخشاشلا جەنۇبىي ھۇنلار
خەن سۇلالىسىگە بېقىنغان ھەم ئۇلار  بىلەن بىرلىشىپ شىمالىي ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلغان. نەتىجىدە مىلادى 89-يىلى شىمالىي ھۇنلارنىڭ كۆپ قىسىمى غەربكە كۆچۈپ، چىچى تەڭرىقۇت دەۋرىدە يەتتە سۇ تەۋەسىگە كەلگەن ھۇنلار بىلەن بىرلىشىپ ھازىرقى قازاقىستان تەۋەسىدە غەربىي ھۇن ئىمپېريىسىنى تەشكىل قىلغان. جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بەزىدە مۇستەقىل ھالدا، بەزىدە خەن سۇلالىسىگە قارام ھالدا داۋاملىشىپ، مىلادى 216-يىلغا كەلگەندە خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.

2. ھۇنلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچۈشى ۋە ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ
قۇرۇلىشى ھەم كېڭەيمىچىلىكى
مىلادى 350-يىلى شىمالىي ھۇنلار قازاقىستان دالىسىدىن ھەيۋەت بىلەن كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىغا يۈرۈش قىلغان ھەم ئۇ يەردىن ئۆتۈپ، مىلادى 370-يىلغا كەلگەندە ئاناتولىيەگە يېتىپ بارغان. مىلادى 374-يىلغا كەلگەندە، مىلادى 372-يىلى شىمالىي ھۇنلار تەختىگە چىققان بالامىرنىڭ (باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئون بەشىنچى نەۋرىسى) يېتەكچىلىكىدە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغىچە بارغان. ھۇنلارنىڭ بۇ قېتىمقى كۆچۈشى ناھايتى ھەيۋەتلىك ۋە قورقۇنچلىق بولغاچقا ئۇلار يېتىپ بارغان جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بالامىر ھاكىمىيەت ئىدارە قىلىش جەھەتتە يېتىشكەن سىياسىيۇن، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن جەسۇر ۋە ماھىر قوماندان بولغاچقا، تۇيۇقسىز ھەم شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىش ۋە ھۇن ئاتلىق قوشۇنىنىڭ غايەت زور ھەيۋىسىنى نامايەن قىلىش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ناھايتى تېزلا قارا دېڭىز ئەتىراپىدىكى شەرقىي گۇتلار (شەرقىي گېرمان قەبىلىلىرى) ۋە ئىران قەبىلىلىرنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرغان ھەم شۇ ئارقىلىق مىلادى 375-يىلى جەنۇبىي روسىيە تۇپراقلىرىنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىپ، تەدرىجى ھالدا ئەتىراپقا كېڭەيگەن. بالامىر شۇ يىلى يەنە غەربىي گۇتلار (غەربىي گېرمان قەبىلىلىرى) ئۈستىگىمۇ يۈرۈش قىلىپ، ئۇلارنىمۇ ئېغىر مەغلۇپ قىلغان ھەم زېمىنى ئىتىل (ۋولگا) دەرياسىدىن دوناي دەرياسىغىچە سوزۇلغان ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنى قۇرىغان. مىلادى 378-يىلى بالامىر باشچىلىقىدىكى ھۇن ئاتلىق قوشۇنى دۇناي دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ھۇنگىر تۈزلەڭلىكىگىچە (رۇسچە تەلەپپۇزىدا ھازىرقى ۋېنەىريە تۈزلەڭلىكى) باستۇرۇپ بېرىپ، رىم ئىمپېريىسىگە قاتتىق تەھدىت سالغان. مىلادى 395-يىلى رىم ئىمپېريىسى ئىچكى قىسىمىدا ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى يۈز بېرىپ، شەرقىي رىم ۋە غەربىي رىم ئىمپېريىسىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنىپ كەتكەن. شەرقىي رىم ئىمپېريىسى كونىستانتىنىپول(ئىستانبۇل)نى، غەربىي رىم ئىمپېريىسى رىم شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. رىم ئىمپېريىسىنىڭ پارچىلانغانلىقىدىن پايدىلانغان ھۇن ئاتلىق قوشۇنى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ رىم ئىمپېريىسىگە يۈرۈش قىلغان ھەم ھەر ئىككى سەپتە زور غەلىبىلەرنى قولغا كالتۈرگەن. مىلادى 400-يىلى بالامىرنىڭ ئورنىغا تەختكە چىققان يىلدىز غەربىي رىمغا يەنە بىر قېتىم يۈرۈش قىلغان. ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ كەتكەن نۇرغۇنلىغان قەبىلىلەر غەربىي رىم ئىمپېريىسى چېگرىسى ئىچىگە بېسىپ كىرگەن ھەم راداگاس باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم گېرمان قەبىلىلىرى رىمغا بېسىپ كىرىپ، بۇ شەھەرنى يوق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنغان. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە غەربىي رىم ئىمپېريىسى ئۆزلىرى ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ كېلىۋاتقان ھۇنلاردىن ئۆزلىرىگە شەپقەت قىلىپ ياردەم بېرىپ، رىم شەھىرىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆتۈنگەن ھەم بۇنىڭ بەدىلىگە ھۇنلارغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى كۈچلۈك بولغان ھۇنلار قەدىمكى مەدەنىيەت مەركىزى بولغان رىم شەھىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا قوشۇلۇپ، مىلادى 406-يىلى رادىگاس باشچىلىقىدىكى گېرمان قوشۇنلىرىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ رىم شەھىرىگە بېسىپ كىرىشىنى توسۇپ قېلىپ، غەربىي رىم ئىمپېريىسىنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇپ قالغان. مىلادى 409-يىلى يىلدىز باشچىلىقىدىكى ھۇن قوشۇنلىرى شەرقىي رىم ئىمپېريىسىگە تەھدىت سالغان. مىلادى 410-يىلى يىلدىز ئالەمدىن ئۆتكەن. بۇ ۋاقىتتا ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ زېمىنى شەرقتە بالقاش كۆلىگىچە يېتىپ بارغان. ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ تەختىگە يىلدىزدىن كېيىن قاراتون، ئۇنىڭدىن كېيىن رۇگا تەختكە چىققان. رۇگا مىلادى 422-يىلى تەختكە چىيقىپلا شەرقىي رىم ئىمپېريىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، شەرقىي رىمنىڭ بالقاندىكى ئۆلكىلىرىنى بېسىۋالغان. شەرقىي رىم ئىمپېريىسى ھۇنلارنىڭ ئۆزلىرىگە شەپقەت قىلىشىنى تىلەپ، ھۇنلارنىڭ ئېغىر شەرتلىرىگە ماقۇل بولۇپ، تېنچلىق كېلىشىمى ئورناتقان.

3. ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىدە ئاتتىلا
ئاتتىلا مىلادى 400-يىلى ئېتىل دەرياسى بويىدا ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ ئىمپېراتۇر جەمەتىدە تۇغۇلغان ھەم تاغىسى رۇگانىڭ(ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ 422-يىلى تەختكە چىققان ئىمپېراتۇرى) قېشىدا چوڭ بولغان. ئۇ ئېتىل دەرياسىنىڭ بويىدا تۇغۇلغاچقا ئۇنىڭغا شۇ دەريانىڭ نامى بويىچە ئاتتىلا (چوڭ دەريا، بۈيۈك دەريا، ئۇلۇغ ئېقىن دېگەن مەنىدە) دەپ ئىسىم قويۇلغان. ئاتتىلا كىچىكىدىن تارتىپ ناھايتى ئەقىللىق، ھۇشيار، باتۇر ھەم جاسارەتلىك بولغاچقا رۇگا ئۇنى دائىم ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ يۈرگەن ھەم نۇرغۇنلىغان جەڭلەرگە ئېلىپ كىرىپ چېنىقتۇرغان، ھەربىي ماھارەتلەرنى ئۆگەتكەن، ھۇنلارنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسەتلىرىنى ئىگىلەتكەن. ئاتتىلا يەنە بىر مەزگىل رىم ئىمپېريىسىدە ەۆرەدە تۇرغان بولۇپ، بۇ جەرياندا رىم ئىمپېريىسىنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتى ھەم ئاجىزلىقلىرى بىلەنمۇ ياخشى تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.

مىلادى 434-يىلى رۇگا ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاتتىلا بىلەن ئاكىسى بىلەدا ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ تەختىگە چىققان. ئاتتىلا بىلەن بىلەدا تەختكە چىققاندىن كېيىن، بىلەدا ھاكىميەت ئىشلىرى بىلەن كارى بولماي، بارلىق ئىشلارنى ئاتتىلاغا تاشلاپ قويۇپ، ئويۇن-تاماشىغا بېرىلىپ كەتكەن ھەم ئۆزى ئۈچۈن ھەشەمەتلىك شەھەر-قەسىرلەرنى بىنا قىلغان (ھازىرقى ۋېنگىريىنىڭ پايتەختى بۇداپېشت ئەنە شۇ بۇدانىڭ نامىغا ئاتالغان). بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ئاتتىلا مىلادى 445-يىلى ئاكىسى بىلەدانى ئۆلتۈرۈپ، تەختنى يالغۇز ئىگىلىگەن.

مىلادى 434-يىلى ئاتتىلا يېڭىدىن تەختكە چىققاندا پۇرسەتتىن پايدىلانغان شەرقىي رىم ئىمپېريىسى ھۇنلارنىڭ ھوزۇرىغا بىر ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ھۇنلارنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ باقماقچى ھەم ھۇنلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈستىدىكى باشقۇرۇشىنى بوشاشتۇرماقچى بولغان. بىراق، ئاتتىلا ئۇلارغا تاغىسى رۇگادىنمۇ قاتتىق قول مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى ئاتنىڭ ئۈستىدىلا كۈتىۋالغان ھەم ئىلگىركىدىنمۇ قاتتىق شەرتلەرنى قويغان. شەرقىي رىم ئەلچىلىرى ئۇنىڭ شىرتلىرىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ كېلىشىم تارىختا «مارگۇس كېلىشىمى» دەپ ئاتالغان. شەرقىي رىم ئىمپېريىسى بىلەن «مارگۇس كېلىشىمى»نى ئىمزالاپ، ئۇلارنىڭ قاتتىق دەككىسىنى بەرگەن ھەم ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرغاندىن كېيىن، ئاتتىلا مەركىزىي ھاكىميەتنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتىشنى مەقسەد قىلىپ، ئىمپېريىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققان ھەم بۇ جەرياندا بىر قىسىم ئاسىي مىللەتلەرنىڭ ئىسيانلىرىنى باستۇرغان. ئىمپېريە زېمىنىدا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ سانى 45 كە يەتكەن.

شەرقىي رىم ئىمپېريىسىنىڭ پادىشاھسى تىئۇدورۇسⅡ كېيىنچە «مارگۇس كېلىشىمى»گە خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مارگۇس ئېپىسكوپى ھۇنلارنىڭ بىر قەبرىستانلىقى ئېچىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، ھۇنلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا ئېغىر دەرىجىدە ھاقارەت قىلغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىلادى 440-يىلى ئاتتىلا شەرقىي رىم ئىمپېريىسىگە جازا يۈرىشى قىلىشنى جاكارلىغان ھەم مىلادى 441-يىلى سابىق يۇگۇسلاۋىيەنىڭ پايتەختى بېلگىراد شەھىرىدىن ئاتلىنىپ ئۇدۇل پايتەخت كونىستانتىنىپولغا قىستاپ كەلگەن. شەرقىي رىم ئىمپېريىسى يوقۇلۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە غەربىي رىم ئىمپېريىسى ئارىغا چۈشۈپ، ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرغان. شەرقىي رىم ئىمپېريىسى «مارگۇس كېلىشىمى»گە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغانلىقىغا كاپالەت بەرگەن. ئاتتىلا شەرقىي رىمنىڭ قولىدىن دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى شەھەرلەرنى تارتىۋالغان ھەم شەرقىي رىمنى بۇ رايونلارغا قۇرىغان بارلىق ئىستىھكاملىرىنى بۇزۇپ تاشلىغان. مىلادى 442-يىلى ئاتتىلا باشچىلىقىدىكى ھۇن ئاتلىق قوشۇنلىرى گىلىپولىدا شەرقىي رىم قوشۇنلىرىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. مىلادى 443-يىلى ئىككى تەرپ يەن بىر قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. شەرقىي رىم ئىمپېريىسى بۇ قېتىم ئىلگىركىدىنمۇ ئېغىر شەرتلەرگە ماقۇل بولغان. چۈنكى شەرقىي رىم ئىمپېريىسىدە ئاتتىلاغا قارىشى چىقالىغۇدەك كۈچ-مادار قەتتىئىي يوق ئىدى. مىلادى 447-يىلى شەرقىي رىم ئىمپېريىسى تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن ھۇنلارغا تاپشۇرىدىغان ئالتۇنلارنى تاپشۇرۇشقا ئامالسىز قالغان. بۇنى باھانە قىلغان ئاتتىلا شەرقىي رىم ئۈستىگە يەنە بىر قېتىم يۈرۈش قىلىپ، ئۇنىڭ بالقاندىكى 70تىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك شەھىرىنى بېسىۋالغان ھەم پايتەخت كونىستانتىنىپولنى قاتمۇقات مۇھاسىرىگە ئالغان. بۇ قېتىم ئەگەر ئاتتىلا  بىرلا بۇيرۇق چۈشۈرسە كونىستانتىنىپولدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس شەھەر پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، شەرقىي رىم تولوق يوقالغان بولاتتى. ئەمما بۇ قېتىممۇ ئاتتىلا شەرقىي رىمنىڭ تېنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، شەرتنى يەنە بىر ھەسسە ئېغىرلاشتۇرغان ھەم دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىن بەش كۈنلۈك مۇساپە كېلىدىغان بىر پارچە زېمىننى ئۆز زېمىنىغا قوشۇۋالغان، ئەمما، كونىستانتىنىپولغا باستۇرۇپ كىرمىگەن. نەتىجىدە، شەرقىي رىم ئىمپېريىسى يەنە بىر قېتىم يوقۇلۇپ كېتىش تەقدىرىدىن قۇتۇلۇپ قالغان. مىلادى 450-يىلى تىئۇدورۇسⅡ ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان شەرقىي رىم ئىمپېراتۇرى ماركىنوس ئاتتىلانىڭ ئېغىر شەرتلىرىنى ئادا قىلىش ئورنىغا ھۇنلار بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ئاتتىلا شەرقىي رىمنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىش ئۈچۈن شەرقىي رىمگە يۈرۈش قىلشىقا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، شەرقىي رىمنى چوڭ سۆزلەتكەن كۈچنىڭ ئەمىلىيەتتە غەربىي رىم ئىمپېريىسى ئىكەنلىكىنى سېزىپ قالغان ھەم شەرقىي رىم ئىمپېريىسى بىلەن غەربىي رىم ئىمپېريىسىنىڭ ئۆزئارا ئىتىپاق تۈزىۋېلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن نىشاننى دەرھال غاربىي رىم ئىمپېريىسىگە قارىتىپ، شەرقىي رىم ئىمپېريىسى بىلەن كېيىن ھېسابلاشماقچى بولغان. شۇ سەۋەبتىن مىلادى 451-يىلى ئاتتىلا 200 مىڭ كىشىلىك ھۇن ئاتلىق قوشۇنىنى باشلاپ غەربىي رىم ئىمپېريىسىگە ئاتلانغان. ھۇن ئاتلىق قوشۇنى دوناي دەرياسى ئەتىراپىدىكى غەربىي رىم شەھەرلىرى ۋە ھەربىي قورغانلىرىنى قاتتىق ۋەيران قىلىۋەتكەن ھەم بويسۇندۇرۇلغان جايلاردىكى گېرمان قەبىلىلىرىدىن ئەسكەر ئېلىپ، قوشۇنىنىڭ سانىنى 500 مىڭگە يەتكۈزۈپ، بىۋاستە رىم شەھىرىگە قاراپ ئاتلانغان. ئۇ رىم شەھىرىگە ئاتلىنىش ئالدىدا ئەسكەرلىرىگە نۇتۇق سۆزلەپ: «بىز يات مىللەتلەر ئۈستىگە ئۇرۇش قىلىپ كېتىۋاتىمىز. مىللىتىمىزنىڭ ھەيۋەتلىك نامى ئۇلارنى قورقىتىپ تىترىتىدۇ. ئېھتىمال بىز ئۆلۈپ كېتىشىمىزمۇ مۈمكىن. لېكىن ئاسمان-زېمىننى زىل-زىلگە كەلتۈرگەن ئىشىمىز مەڭگۈ ياشايدۇ. بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدۇ.»

شۇ يىلى 6-ئايدا ئاتتىلا باشچىلىقىدىكى 500 مىڭ كىشىلىك ھۇن ئاتلىق قوشۇنى بىلەن 600 مىڭ كىشىلىك غەربىي رىم قوشۇنى فىرانسىيەدىكى كاتالونىيە تۈزلەڭلىكىدە قانلىق ئۇرۇش قىلغان. ئۇرۇشتا غەربىي رىم قوشۇنلىرى ئېغىر مەغلۇب بولۇپ، ئۇرۇش مەيدانىدىن شەرمەندىلەرچە قاچقان. ھۇن قوشۇنلىرىدىنمۇ ئۆلۈم-يېتىم ناھايتى ئېغىر بولغاچقا، ئۇلار غەربىي رىم قوشۇنلىرىغا قوغلاپ زەربە  بەرمىگەن. مۇشۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئىككى تەرەپتىن جەمىئىي 300 مىڭ كىشى ئۆلگەن. سىنا دەرياسىنىڭ سۈيى ئادەمنىڭ بېلىگە كەلگۈچە قانغا تولۇپ ئاققان. مىلادى 452-يىلى ئاتتىلا 100 مىڭ كىشىلىك ھۇن ئاتلىق قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ غەربىي رىم ئۈستىگە يەنە بىر قېتىم ئاتلانغان ھەم يول بويىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، ئۇدۇل رىم شەھىرىگە قىستاپ كەلگەن. بۇنىڭدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن غەربىي رىم ئىمپېريىسى خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ مەنىۋىي داھىسى پاپا لېئوⅠ باشچىلىقىدا ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، سۈلھى تۈزۈشنى، ئاتتىلانىڭ ھەرقانداق شەرتلىرىگە كۆنىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئاتتىلانىڭ يېنىدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا رىمنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلىك شەھەر ئىكەنلىكىنى، بۇ شەھەرنى ساقلاپ قېلىشنى تەۋسىيە قىلغان. نەتىجىدە، ئاتتىلا ناھايتى ئېغىر شەرتلەر ۋە غەربىي رىمنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى پۈتۈن خىرىستىيان دۇنياسىغا ئېتىراپ قىلغۇزىشتەك روھىي ھاقارەت بىلەن غەربىي رىم بىلەن يارىشىشقا قوشۇلغان. غەربىي رىم ئىمپېريىسى كېلىشىم ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقالپ قالغان.

ئاتتىلا غەربىر رىم ئىمپېريىسىنى ئېغىر مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، مىلادى 453-يىلى ئىرانغا يۈرۈش قىلماقچى بولغان. ئەپسۇسكى ئۇ مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆزى ئارزۇلاپ ئۆيلەنگەن غەربىي رىم مەلىكىسى تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئاتتىلا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ نامىزى ناھايتى داغدۇغا بىلەن چۈشۈرۈلگەن ھەم جەسىتى ھۇنلارنىڭ قەدىمىي ئۆرۈپ ئادىتى بويىچە ئالتۇن، كۈمۈش، تۆمۈردىن ياسالغان ئۈچ قات ساندۇقنىڭ ئىچىگە سېلىنىپ، دوناي دەرياسىنىڭ بىر تارمىقىنىڭ سۈيى توختۇتىلىپ، دەريانىڭ تېگىگە كۆمۈلگەن.

ئاتتىلانىڭ چوڭ خانىشىدىن ئىلەك، دەنگىزىك ۋە ئىرنەك ئاتلىق ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئاتتىلا ھايات ۋاقتىدا ئاۋۋال ھۇنلارنىڭ ئادىتى بويىچە چوڭ ئوغلى ئىلەكنى تەخت ۋارىسى قىلىپ بېكىتكەن ھەم كېيىن پالچىلارنىڭ سالغان پېلىغا ئاساسەن ئىلەكنى تەخت ۋارسلىقىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىرنەكنى تەخت ۋارىسى قىلغان. شۇ سەۋەبتىن، مىلادى 453-يىلى ئاتتىلا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاكا-ئۇكىلار ئوتتۇرىسىدا تەخت تالىشىش ئۇرۇشى پارتلىغان. پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان بىر قىسىم قارام مىللەتلەرمۇ ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى تەخت تالىشىش زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ ھۇنلارغا قارىشى ئىسىيان كۆتەرگەن. مۇشۇنداق مۇرەككەپ ھەم ھالقىلىق ۋەزىيەتتە ئاتتىلانىڭ چوڭ ئوغلى ئىلەك ھۇنلارنىڭ تەختىگە چىقتى. بىراق ئۇ مىلادى 454-يىلى گىپىدلارنىڭ ھۇنلارغا قارىشى ئىسىيانىنى باستۇرۇش كۈرىشىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئىنىسى دەنگىزىك چىققان بولسىمۇ، ئۇ ئۇرۇش قىلىشتا ناھايتى جەسۇر بولغىنى بىلەن، سىياسىي ئىشلاردا قابىليىتى بىرقەدەر تۆۋەن بولغاچقا داۋالغۇپ تۇرغان مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالمىدى. ئۇ ئىمپېريىنىڭ بىيرلىكىنى ساقلاپ، ئومومىي ۋەزىيتىنى كونتۇرۇل قىلىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن شەرقىي ەۇتلار بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن رىم ئىمپېريىسى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت قانلىق ئۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى ھەم مىلادى 469-يىلى شەرقىي رىم بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا ئۆلتۈرۈلدى. دەنگىزىكنىڭ ئۆلۈمى بىلەن بىر پۈتۈن ئىمپېريە پارچىلىنىپ، ھۇنلارنىڭ بىر قىسىمى غەربىي رىم ئىمپېريىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلدى، يەنە بىر قىسىمى ئىرنەكنىڭ باشچىلىقىدا شىمالىغا كەتتى.

شۇنداق قىلىپ، 374-يىلى بالامىر تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، بىر ئەسىرگە يېقىن پۈتۈن ياۋروپانى ۋەھىمىگە سالغان ھەم ياۋروپا ۋەزىيتىنى كونتۇرۇل قىلىپ، مىڭ يىللىق ياۋروپا تارىخىنى قايتىدى ئۆزگەرتىپ چىققان ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسى ئاتتىلانىڭ ئۆلۈمى، بولۇپمۇ بىر پالچىنىڭ سۆزى سەۋەبىدىن مىلادى 469-يىلى پۈتۈنلەي ھالاك بولدى.

4. كىشىلەر نەزىرىدىكى ئاتتىلا
 ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ياۋروپادا قۇرىغان تۇنجى قۇدىرەتلىك ھاكىميىتى بولۇپ، ئۇنى بالامىر قۇرىغان، يىلدىز ۋە رۇگا كۈچىيىشىگە ئاساس سالغان. ئاتتىلا بولسا مىسلىسىز قۇدىرەتلىك ھالغا كەلتۈرگەن. شۇڭا ياۋروپالىقلار بۇ ئىمپېريىنى «ئاتتىلا ئىمپېريىسى»، ئىمپېريە تەركىبىدىكى بارلىق ھۇنلارنى «ئاتتىلا ھۇنلىرى» دەپ ئاتىغان. ئاتتىلا دەۋرىدە ئىمپېريە زېمىنى شىمالدا بالتىق دېڭىزىدىن جەنۇبتا دوناي دەرياسىغىچە، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىدىن شەرقتە بالقاش كۆلى، ھەتتا ئالتاي تاغلىرىغىچە يېتىپ بېرىپ، ئاسىيا ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى قىتئەگە كېڭەيگەن دۇنياۋى ئىمپېريىگە ئايلانغان. ئوتتۇرىسىغا بېشىدا تاجىسى بار بۈركۈتنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ئاق رەڭلىك چاسا يىپەك بايراق ئىشلىتىلگەن. ياۋروپا تۇپىرىقىدا ھۇنلارنىڭ تۇنجى قۇدىرەتلىك ئىمپېريىسىنىڭ قۇرىلىشى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا چىقىش يولى تاپالمىغان تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ياۋروپاغا كەڭ كۆلەملىك كۆچۈشىگە ۋە ئۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ قۇدىرەتلىك ھاكىميەتلىرىنى قۇرىشىغا ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى 900 يىل جەريانىدا ئوغۇر-ئوغۇزلار (ئۇيغۇرلار)، ھازارلار، ئاۋارلار، سابىرلار، پەچىنەكلەر، قىپچاقلار ۋە تۈركلەر ياۋروپاغا بېسىپ كىرىپ، ئون ئۇيغۇر-ھونۇغۇر خانلىقى (463-550)، ھازار خانلىقى (468-965)، ياۋروپا ئاۋار خانلىقى (565-835)، دوناي بولغار خانلىقى (584-1018)، ئىدىل بۇلغار خانلىقى (770-1400)، ۋېنگىر (ھۇنگىر) دۆلىتى (889-1526)، ئوسمان تۈرك ئىمپېريىسى (1298-1922) قاتارلىق بىرقاتار خانلىقلارنى قۇرۇپ، ياۋروپا تارىخ سەھنىسىدە ناھايتى مۇھىم رول ئوينىغان.

تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرلىنىشىچە، ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنى ئەڭ قۇدىرەتلىك ھالغا كەلتۈرگەن ئاتتىلا ئارانلا 53 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بولۇپ، ئۇ ياۋروپالىقلار تەرىپىدىن، گۇناھقا تولغان خىرىستىيان دۇنياسىنى جازالاش ئۈچۈن تەڭرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، دەپ قارىلىپ، «تەڭرى قامچىسى» دەپ ئاتالغان. ئۇ ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭلۈك، كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ھۇشيار، كۆتىرەڭگۈ روھلۇق، ئەقىل-پاراسەتلىك كىشى بولۇپ، ئۆزى ئېرىشىشنى ئىرادە قىلغان ھەرقانداق نەرسىنى ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە تايىنىپ قولغا كەلتۈرمەي قالمايتتى. شۇ سەۋەبتىن تارىخچىلار ئاتتىلانى چىڭگىزخاندىن بۇرۇن ئۆتكەن ئەڭ چوڭ دۇنياۋى ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىگە ئىگە ئۇلۇغ ئىمپېراتۇر، تەشكىلاتچى ۋە ھەربىي قوماندان، دەپ قارايدۇ.

ئاتتىلا تەختكە چىققان دەۋرلەردە ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسى شەرقىي ۋە غەربىي رىم ئىمپېريىسىگە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى سىياسىي جەھەتتىن قاتتىق زەئىپلەشتۈرگەن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھالسىراتقان، ھەربىي كۈچ جەھەتتىن ئىلگىرىكى ھەيۋىسىدىن مەھرۇم قىلغان. نەتىجىدە ئىچكى-تاشقى بېسىمغا دۇچ كەلگەن غەربىي رىم ئىمپېريىسى مىلادى 476-يىلى ھالاك بولغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپادا قۇللۇق تۈزۈم ئاخىرلىشىپ، فېئۇداللىق تۈزۈم ئورنىتىلىشقا باشلىغان.

ئاتتىالا ئۆز قوۋمى ئىچىدىمۇ كاتتا ئابىرويغا ۋە ھۆرمەتكە ئىگە بولۇپ، ياۋروپا ھۇنلىرى ئۇنى كىشىلىكتىن ئۈستۈن ئىقتىدارغا ئىگە، ئۇ ھەقىقىي تەڭرىنى ئۆزى شۇ، دەپ قارايتتى. ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭ ئالدىدا، ئۇ زالىم بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى، كىشىلىكتىن ئۈستۈن ئىقتىدارغا ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە دەپ قارالغان بىر كىشىگە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى سەۋەبىدىن قورقۇپ تىتىرەپ كېتەتتى. ھەتتا، ئاتتىلانىڭ چوڭ ئوغلى ئىلەكمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ گەپ قىلالمايتتى. ئاتتىلا بىر ئۆمۈر بويسۇندۇرۇش كۈرەشلىرى ئىچىدە ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىدارە قىلىش جەھەتتىن ناھايتى ئادىل ۋە ئادالەتنى ياقلىغۇچى ئىدى. ئۇ يالغۇز ئۆز قوۋمىغىلا ئەمەس، بەلكى، بويسۇندۇرۇلغان ئەل ۋە خەلقلەرگىمۇ، ھەتتا، ئۆز ھاكىميىتى بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ كەلگەن ھاكىميەتلەرگىمۇ ئادالەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى ھەم ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقلىرىگە ۋە قوشنا مەملىكەتلەرگىمۇ ئادالەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلاتتى. ھەتتا ئۇ باشقىلار ئۆزىگە سۈيقەست پىلانلىغاندىمۇ، ھەقىقىي گۇناھكار بىلەن شۇ ئىشقا چېتىلىپ قالغان بىگۇناھ كىشىلەرنى ناھايتى ئېنىق ئايرىپ مۇئامىلە قىلغان بولۇپ، بۇنداق ئىش تارىختا ناھايتى ئاز كۆرىلىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ئاتتىلانىڭ ناھايتى ئادىل كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

ئاتتىلانىڭ تارىخىي ۋە مىللىي مەجبۇرىيەت چۈشەنچىسى ناھايتى ئېنىق بولۇپ، ئۇ مىللەتنىڭ يېتەكچىسى بولغان كىشىدە جەزمەن مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش، مىللەتنى كۈچەيتىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش، تەختنى مۇستەھكەم ساقلاش مەجبۇريىتى بولىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇ تىئۇدورۇسⅡگە ئەۋەتكەن بىر پارچە مەكتۇبىدا: « تىئۇدورۇسⅡ ئەسلى ئۇلۇغ كىشىنىڭ ئوغلى، ئاتتىلامۇ ھەم شۇنداق. ئاتتىلا دادىسىنىڭ ئېسىل نەسەبىنى ساقلاپ ئۇنى قوغدىدى. تىئۇدورۇسⅡ بولسا، ئاتتىلاغا باج تاپشۇرۇدىغان قۇل سۈپىتىدە دادىسىدىن قالغان ئېسىل نەسلىنى يوقاتتى» دەپ يازغان.

ئاتتىلا ناھايتى بىلىملىك كىشى ئىدى ھەم مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى، بىلىملىك كىشىلەرنى ناھايتى قەدىرلەيتتى. ئۇ بىر بۈيۈك ئىستالىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇنلىغان شەھەرلەرنى بويسۇندۇرغان ۋە يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزى ئىشغال قىلغان جايلاردىكى مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. شۇڭا ئۇ كۆپ قېتىم رىم شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغان بولسىمۇ، شەھەردە ناھايتى قىممەتلىك مەدەنىيەت نەمۇنىلىرى بولغاچقا، شەھەرگە بېسىپ كىرمەي قايتىپ كەتكەن. ئۇ يەنە بىلىملىك كىشىلەرنى قەدىرلەيتتى. شۇڭا يېنىدا رىم، گېرمان قەۋملىرىدىن يېتىشىپ چىققان بىر تۈركۈم بىلىملىك كىشىلەرنى ساقلىغان ھەم ئۇلارنى ئەتىۋارلاپ ۋەزىر، قوماندان قاتارلىق ئالىي مەنسەپكە تەيىنلىگەن.

ئاتتىلا گەرچە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ ئىمپېراتۇرى بولسىمۇ، تۇرمۇشتا ناھايتى ئاددىي-ساددا ئىدى. ھەشەمەتخورلۇقنى ياقتۇرمايتتى. چەتئەل ئەلچىلىرىنى كۈتىۋېلىشتەك چوڭ پائالىيەتلەردە باشقىلارغا ياغاچ تاۋاقتا ئەڭ ئېسىل غىزالارنى كەلتۈرۈپ، ئۆزى ياغاچ تاۋاقتا ئاددىي تاماق بىلەن غىزالىناتتى. ناھايتى ئاددىي، ئەمما، ناھايتى پاكىز كىيىنەتتى. ئۇنىڭ پاكىزلىقى ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى. قۇرال-ياراق ۋە ئات-ئۇلاغ جابدۇقلىرىنىمۇ قەتتىئى زىننەتلىمەيتتى. ئەيش-ئىشىرەتلىك تۇرمۇشنى ۋە ھەشەمەتچىلىكنى زادىلا ياقتۇرمايتتى. مەسىلىلەرگە جىددىي قارىغاچقا كۈلۈمسىرىگىنىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ھۇنلارنىڭ قەھرىمانلىق داستانلىرىنى زوق بىلەن بېرىلىپ ئاڭلايتتى. ئوۋ ئوۋلاش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ھەم بىر قېتىملىق ھەربىي مانۋېر ھېسابلىناتتى.

ئاتتىلا ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا ئىمپېراتۇرلۇق ھاياتىدا ياۋروپا تارىخىغا ۋە ياۋروپا خەلقىنىڭ قەلبىگە غايەت زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولغاچقا، ياۋروپا خەلقى ئارىسىدا ئاتتىلا توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان رىۋايەتلەر پەيدا بولغان ۋە داستان، رومان ھەم تۈرلۈك سەھنە ئەسەرلىرى يېزىلغان. ئۇ ياۋروپالىقلارنىڭ قەلبىدە قەھرىمانلىقنىڭ ۋە ئىنسانىي بۈيۈكلۈكنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىسىنى ياراتقان. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا يەنە ئاتتىلانىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى ھەم قەھرىمانلىق پائالىيەتلىرى توغرىسىدا بىر قىسىم كىنولار ئىشلەنگەن. ئۇنىڭ بەزىلىرى يەنە ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرى بىلەنمۇ يۈز كۆرۈشكەن. ئەمما ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان «ئاتتىلا» فىلىمىدا ئاتتىلا ۋە ھۇنلارنىڭ جەڭگىۋار ھەربىي يۈرۈشلىرى ھەم قانلىق ئۇرۇش پائالىيەتلىرىنى جانلىق ھەم چىن ئېچىپ بېرىشكە، ئۇرۇش كۆرۈنىشلىرىنى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. ياۋروپادىكى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەرنىڭ ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئاتتىلاغا قارام بولۇش ئەھۋاللىرى ھەم ئاتتىلانىڭ يىتۈك قوماندانلىق سەنىتى ۋە جەڭ قىلىش ماھارىتىمۇ چەتتە قالدۇرۇلغان.

5. ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ كېيىنكى تەسىرى
ئاتتىلانىڭ ئۆلۈمى ۋە ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ ھالاك بولىشى ھۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ياۋروپا تارىخ سەنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىنى ياكى چېكىنگەنلىكى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى، ھۇنلار ۋە ئۇنىڭ قېرىداشلىرى بولغان ئوغۇر-ئوغۇزلار (ئۇيغۇرلار)، ھازارلار، ئاۋارلار، سابىرلار، پەچىنەكلەر، قىپچاقلار ۋە تۈركلەر ئاتتىلانىڭ ئۆلۈمى ھەم ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ ھالاكىتىدىن كېيىنكى ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردا ئۇلارنىڭ ئىزىدىن بېسىپ ياۋروپاغا بېسىپ كىرىپ، ياۋروپا تارىخ، مەدەنىيەت ھەم دۆلەتچىلىك سەھنىسىدە قايتىدىن ئوتتۇرغا چىقىپ، كېيىنكى كۈنلەردە ئون ئۇيغۇر-ھونۇغۇر خانلىقى (463-550)، ھازار خانلىقى (468-965)، ياۋروپا ئاۋار خانلىقى (565-835)، دوناي بولغار خانلىقى (584-1018)، ئىدىل بۇلغار خانلىقى (770-1400)، ۋېنگىر (ھۇنگىر) دۆلىتى (889-1526)، ئوسمان تۈرك ئىمپېريىسى (1298-1922) قاتارلىق بىرقاتار دۆلەتلەرنى قۇرۇپ چىقتى ھەم بۈگۈنگىچە ۋېنگىريە (ھۇنگىريە)، بولغاريە ۋە تۈركىيە قاتارلىق مۇستەقىل دۆلەت گەۋدىسى سۈپىتىدە شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەردە يەرلىك بىر ئېتىنىك گۇرۇپپا سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلدى.

بۇلاردىن يەنە تۈركىيە ئوسمانلى ئىمپېريىسى 1298-يىلدىن 1922-يىغىچە بولغان 624 يىللىق تارىخ جەريانىدا دۇنيا تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن شەرقىي رىم ئىمپېريىسىنى يوقۇتۇپ (مىلادى 1453-يىلى)، ياۋروپا خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىسلام دۇنياسىغا قىلغان 26 قېتىملىق ئەھلى سەلىپ (خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى ياكى كىرسىت قوشۇنى) يۈرىشىنى ئىزچىل تارمار قىلىپ، ئۇلارنىڭ يېرۇسالىمنى دۇنيا خىرىستىيانلىرىنىڭ مۇقەددەس جايىغا ئايلاندۇرۇش ۋە ئىسلام دۇنياسىنى ھەم ئۇنىڭ ئېتىقاد تۈۋرۈكى بولغان ئىسلام دىنىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىش شىرىن چۈشىنى بەربات قىلىپ، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ پاسىبانى ھەم مەنىۋىي تۈۋرىكىگە ئايلاندى ھەمدە ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىي ئالاقە لىنىيىسىنى كونتۇرۇل قىلىپ، ياۋروپا ئەللىرىنى يىراق شەرققە بارىدىغان يېڭى قاتناش لىنىيىسى ئېچىشقا مەجبۇر قىلىش ئارقىلىق، يېڭى دېڭىز يولىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ياۋروپا كاپىتالىزم ئىگىلىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىنى ئىجتىمائىي بېسىم ئاساسى بىلەن تەمىن ئەتتى. يەنە شۇنداقلا 624 يىللىق ئىمپېريالىستىك مەۋجۇتلۇقى ئارقىلىق دۇنيا تارىخىدا رىم ئىمپېريىسىدىن قالسىلا ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن ئىككىنچى ئىمپېريە بولۇپ قالدى.

ۋېنگىريە بولسا 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا گېرمانلار بىلەن بىرلىشىپ، ئاۋىستىرو-ۋېنگىر ئىمپېريىسىنى قۇرۇپ، ئەينى دەۋرنىڭ كۈچلۈك دۆلەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى ھەم 1914-يىلى بالقاندىكى جەنۇبىي سىلاۋيانلارنىڭ بىر تارمىقى  بولغان بوسنىيە سېرىبلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 1-دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاپ، ياۋروپا، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا خارەكتېرلىك ئۇرۇشنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياقتى ھەم شۇ ئارقىلىق، بىرىنچىدىن، دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەم ھەربىي ئىشلار خەرىتىسىنىڭ قايتىدىن سىزىپ چىقىلىشى ھەم دۇنيادىكى ئىمپېريالىستىك كۈچلەر مەقسىدىنىڭ يېڭىلىنىشىغا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنياۋى كۈچلۈك ئىمپېريىلەرنىڭ بىرى بولغان چار روسىيە ئىمپېريىسىنىڭ دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا زەئىپلىشىشى نەتىجىسىدە روسىيە پۇرۇلېتارلىرى كۈچىيىپ، دۇنيادىكى ماركىسىزم ئېدىلوگىيەسىنى ئاساس قىلغان تۇنجى سوتسىيالىستىك دۆلەت-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە بىۋاستە سەۋەب بولدى. ئىككىنچىدىن، 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دۇنيا خارەكتېرلىك ۋەھىمىسى ھەم ياۋروپادىكى كۈچلۈك ھەربىي گۇرۇھلارنىڭ ئېلىپ بارغان ھەربى ھازىرلىقلار مۇسابىقى ۋە دۇنيادىكى ئىمپېريالىستىك كۈچلەر مەقسىدىنىڭ يېڭىلىنىشى نەتىجىسىدە، 1- ۋە 2- قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ ھەم كەسكىنلىشىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېىنىكا ئىنقىلابىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ تېخىمۇ مول نەتىجىلىك بولىشىنى ئىدىيۋى كاپالەت بىلەن تەمىن ئەتتى. ئۈچۈنچىدىن، گېرمانىيە 1-دۇنيا ئۇرىشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇرۇش جەريانىدا ئېغىر يارىلانغان پىيادە ئەسكەر گىتلېر (ھىتلېر) گېرمانلارنىڭ ئار-نومۇسىنى ئاقلاشقا ئىرادە باغلاپ، گېرمانىيە تەختىگە چىقىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىدى ھەم دۇنيا ۋەزىيتىگە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئىنسانىيە تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھىمىلەرنى پەيدا قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە دۇنيا تەرتىپى قايتا بېكىتىلىپ، ب د ت قاتارلىق بىر قاتار دۇنياۋىي ياكى رايون خارەكتېرلىك تەشكىلاتلار ھەم ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن  سابىق سوۋېت ئىتىپاقى باشچىلىقىدىكى ۋارشاۋا ئىتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پەيدا بولدى. دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ زەربىسىدە كاپىتالىزم كۈچلىرىنىڭ بىر مەزگىللىك زور كۆلەملىك ئاجىزلىشىشى ۋە سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە غەلىبە قىلغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىر قىسىم مەملىكەتلەردىكى سوتسىيالىزم كۈچلىرىنى ئۆز ھامىيسىغا ئېلىپ قوغدىشى ھەم مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا دۇنيا سوتسىيالىزم لاگىرى بىر قېتىملىق گۈللىنىش ۋە زورىيىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.

 

مەنبە: ئىجادىيىتىم

تېما تەستىقلىغۇچى : ilim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-09, 09:20
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) نادىر ماقالە
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-10-08 22:31 |
    tohotur
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 251
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1012
    شۆھرەت: 5450 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 5462 سوم
    تۆھپە: 3216 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3220 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1999(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاتىللانىڭ رەھبەرلىك سەنئىتىنى بىكار بولساملا ئوقۇيمەن
    مېنىڭچە  ئاتىللانى تىخىمۇ چۇشۇنىشى ئۇچۇن كۆپلەپ كىتاپ تەرجىمە قىلسا بولاتتى
    lutun
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-10 13:45 |
    attila
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3477
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 118
    شۆھرەت: 800 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 906 سوم
    تۆھپە: 444 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 444 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 158(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تارىخقا دائىر چوڭ ھەجىملىك ماقالىلارنى ئوقۇماسلىق بارلىق تورلارغا ئورتاق ھادىسىمۇ نېمە؟ شۇڭا بىزدە «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» فىلىمىدىن كورىيەنىڭ ئۇيغۇر ئەرلىرىگە ھېچ يېرى ئوخشىمايدىغان ھەزىلەك مىجەز ئەرلەر رول ئالغان فىلىمنى كۆرىدىغانلار كۆپ.
    تارىخقا يېقىنلىشىش ئۆزىگە يېقىنلىشىشتۇر!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-16 14:31 |
    bahdaxohli
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3149
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 601
    شۆھرەت: 3262 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3279 سوم
    تۆھپە: 1918 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1950 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 236(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەيلى ئۈز تارىغىمىز ياكى ياتلارنىڭ تارىغىنى ئۈگىنىش بولسۇن ھەممىسىڭ ئىجابى رولى بار ، ھازىر نۇرغۇن ئادەملەر ياتلارنىڭ تارىغىنى دىمەي تۇرايلى ، ئۈز تارىغىنىمۇ ئۈگىنىشكە سەل قارايدۇ ، بۇ نۈۋەتتە ئۇيغۇر  جەمىتى دۇچ كەلگەن چوڭ ئاپەت ، چۇشۇپ كەتسە چىقىش مۇمكىن بولمايدىغان چوڭقۇر ئازگال ، بولسا پەرزەتلىرىمىزگە 1930-يىللرىدىن باشلاپ 1949-يىللىرىغىچە بولغان تارىغى مەزگىللەرنى تونۇشتۇرۇپ قويايلى .
    hawar
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-17 21:32 |
    etikad
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3746
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 107
    شۆھرەت: 540 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 540 سوم
    تۆھپە: 324 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 324 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 155(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇشۇنداق ئېسىل تېمىنى نادىرلايدىغان ياكى باھالايدىغان باشقۇرغۇچى يوقكەن ھە؟
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-09 12:50 |
    etikad
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3746
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 107
    شۆھرەت: 540 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 540 سوم
    تۆھپە: 324 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 324 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 155(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى etikadدە2011-12-09 12:50يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    مۇشۇنداق ئېسىل تېمىنى نادىرلايدىغان ياكى باھالايدىغان باشقۇرغۇچى يوقكەن ھە؟

    سەبىر قىزدىن باشقا باشقۇرغۇچىلار بۇ تېمىنى ئوقۇمىغان بولسا كېرەك؟...
    lutun
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-09 12:52 |
    karwani
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3628
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 36
    شۆھرەت: 220 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 249 سوم
    تۆھپە: 124 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 124 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاتىللا   _ تەڭرىنىڭ قامچىسى دىگەن نامى بىلەن مەشھۇر،
    ئۇ ھون ئىمپىريەسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىنى بەرپا قىلغان ، ئۇنىڭ ئىش _ئىزلىرى دۇنيا قەدىمقى زامان تارىخىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.
    ئەپسۇسكى ، ھازىرقى ئەۋلاتلىرىمىزغا ئەجداتلارنىڭ بۇ تارىخى ۋەقەلىرىنى مۇكەممەل بايان قىلىپ بېرەلمەيۋاتىمىز . بۇ بىر ئېچىنىشلىق ئەھۋال، تارىخنى ياخشى ئۈگەنمىگەندە مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
    ياخشى تېما يوللاپسىز ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
    sarkar
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-23 12:55 |
    aziztiwep
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 5388
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 22
    شۆھرەت: 110 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 110 سوم
    تۆھپە: 66 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 66 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇ ھون ئىمپىريەسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىنى بەرپا قىلغان.ھەربى ئالىمنىڭ   ئش ،ئزلىرنى ،ئۇگىنشكە .ئەرزىيدۇ  .بۇنىڭدىن كىيىن يەنە يوللىسۇن......................................................................................
    hawar
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-11 12:45 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » تارىخ بەتلىرى