سەھرا قىزى
چىمەن دوپپا،ئەتلەس كۆڭلەك سەھرا قىزى،
ساڭا باقسام زەپ قىزاردىڭ ئانار كەبى.
كۆزۈڭ چولپان،كىرپىكلىرىڭ ئوقيا كەبى،
شېرىن-شىكەر سۆزۈڭ تاتلىق،شۇنچە سەبى.
كۆز تەگمىسۇن ساڭا گۈزەل سەھرا قىزى،
تال-تال سۇمبۇل چېچىڭ قارا، قۇندۇز كەبى.
قامەتلىرىڭ شۇنچە زىلۋا، قىرچىن كەبى،
ئۇزلىقىڭغا سۆيىنىدۇ،كىشى قەلبى.
كېپىنەكتەك شوق ئۇسولۇڭ سەھرا قىزى،
ئاھ ئوت كەتتى،يۈرىكىمگە گۈلخان كەبى.
شۇندىن بېرى ئىشقىڭدىمەن،گۈلخان كەبى،
بىر جىلمىيىپ بېقىشىڭغا ،تەشنا كەبى.
مەنبە __ ئۆزۈم
ئىجادىي شېئىرلار توپلىمىمدىن سۇندۇم،ئۈمىدىم----دېھقان دېمەي ،يىتەكلەپ ئىجادىيەتچىلەر قوشونىغا قوشۇۋالساڭلار........
[ بۇ يازمىنىsebirدە2011-10-04 11:39قايتا تەھرىرلىدى ]