بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى nimishqaدە2011-10-04 11:34يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سىزنىڭ يوللىغان تىمىڭىزدىن سىزنىڭ مىنى قايمۇقتۇرىۋاتقان بەزى سۇئاللارغا جاۋاپ بىرەلەيدىغانلىقىڭىزنى ھىس قىلىپ بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مىنىڭ بىر دوستۇم قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئوقۇپ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن بەزى سۇئاللارنى مەندىن سورىغان ئىدى، لىكىن مەن بۇنىڭغا ئاساسەن بىر نىمە دىيەلمىدىم، بۇ سۇئاللارنى توردىمۇ ئىنكاس شەكلىدە يوللىدىم، بىراق جاۋاپ بىرىدىغانلار چىقمىدى، ياكى گەپ ئوينىتىپ ئۆزىنى قاچۇردى. بەزىلەر ھەتتا چۈشەنمىسەكمۇ قۇبۇل قىلىشىمىز كىرەك دەپ ئادەمنى ئۈمۈتسىزلەندۈردى.
1-سۇئال، سۈرە نىسادىكى ''ئەرلىك ئاياللارنى ئېلىش سىلەرگە ھارام قىلىندى، لىكىن چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا'' دىگەن ئايەتتىن ئىرى بار قۇل ئاياللارنى ئېلىۋالسا بولىدۇ دىگەن گەپ چىقامدۇ؟ قۇلدا نىكاھ ئەركىنلىكى يوقمۇ؟ ئىسلام قۇلدارلارنى مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلغانمۇ؟ قۇللارنىڭ مەنپەئەتىچۇ؟
2-''قۇللارنى ئۆلتۈرۈپ قويساڭلار تۆلەپ بىرىڭلار'' دىگەن ئايەت، ئادەمنىڭ ھاياتى پۇلغا سۇندۇرۇلسا قانداق بولىدۇ؟ ھۆرگە قىساس ئېلىنىدۇ، لىكىن قۇلغىچۇ؟ قۇللار ئادەم ئەمەسمۇ؟
3-''...ئايالدىن ئىككىنى، ئۈچنى ، تۆتنى نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار بولىدۇ، قالغىنىغا چۆرىلەرگە قانائەت قىلىڭلار '' دىگەن ئايەت، قۇللارغا نىكاھ كەتمەمدۇ؟ نىكاھسىز قىلىنغان ''قانائەت'' زىناھ بولامدۇ؟ ياكى پۇلغا ئالغاندىكىن پايدىلانسا بولىۋىرەمدۇ؟ تەۋرات، ئىنجىلدا ئادەم سودىگەرلىرى جەننەتكە كىرمەيدۇ دىيىشى بىلەن قۇللۇق تۈزۈمنىڭ يىلتىزىغا پالتا ئۇرۇلغان، لىكىن قۇل سېتىۋېلىپ تۆتنىڭ سىرتىدا پايدىلانساق ئادەم سودىسىغا شىرىك بولامدۇق ياكى بولمامدۇق؟
.......