ئەسسالام تورداشلار مەن باغداش مۇنبىرىگە ھازىر تىزىملىتىپ كىردىم،تورداشلاردىن تۇۋەندىكىدەك مەسىلىدە بىلىدىغانلىرى بولسا مۇنبەرگە قالدۇرسا مەن ۋە مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان كىشىلەر ئورتاق پايدىلانساق دەيمەن،
1.باشقا يۇرتتىن ئورۇمچىگە كىلىپ سودا-سېتىق ياكى ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئەھۋالدا ،ئوز يۇرتىمىزدا بىجىرگەن تۇۋەن تۇرمۇش كاپالەت كىنىشكىسى ئارقىلىق پۇلنى قانداق ئالالايمىز،؟ئەگەر يۇرتقا قايتىپ پۇلنى ئېلىشقا توغرا كەلسە بۇ پۇلنى قانچىلىك ۋاقىتقىچە ئېلىپ بولساق بۇلىدۇ؟ نۇپۇس تەۋەلىكىمىز بار بولغان ئەسلىدىكى ئاھالە كومىتىت ياكى خەلىق ئىشلار ئىدارىسى بىز يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ تۇرغان ۋاختىمىزنىڭ ئاز-كوپلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ پۇلدىن بەھرىمان بۇلۇش ھوقۇقىمىزدىن مەھرۇم قىلامدۇ؟
2.ھازىر رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى ھەممە ۋىلايەت ئوبلاستا ھەمكارلىشىپ داۋالاش يولغا قويۇلغان،يىللىق تۇلەيدىغان پۇلنى ۋاختىدا تۇلەپ ماڭغان ئەھۋال ئاستىدا ،بىز يۇرتىمىزدا بولماي باشقا ۋىلايەت شەھەردە بۇلۇپ داۋالىنىدىغان ئەھۋال بولسا ئاتايەن يۇرتىمىزغا بېرىپ داۋالىنىپ ياكى ،ئەسلى نۇپۇستىكى خەلق ئىشلار تارمىقىدىن خەت ئەكىلىپ ئاندىن مۇساپىر بۇلۇپ تۇرۋاتقان جايدا داۋالىنالامدۇ؟
3.نۇپۇسنى خوتەندىن ئورۇمچىگە يوتكىگەن ياخشىمۇ ؟ياكى ئۇزىمىز ئورۇمچىدە تىجارەت بىلەن بولساقمۇ،نۇپۇسىمىز ئەسلى يۇرتتا تۇرغىنى ياخشىمۇ؟
ئەگەر يوتكەشكە توغرا كەلسە ۋاستىچىلار بىر نۇپۇسنى قانچە پۇلغا يوتكەيدۇ؟(پىرىنسىپ- قائىدىنىڭ كوپلىكى،ماڭىدىغان يولنىڭ كوپلىكىدىن پۇلنى ئامال يوق خەجلەيدىكەنمىز)
كوپچىلىكنىڭ ئىلمى يۇسۇندا ئەتراپلىق پىلان مەسلىھەت كورسىتىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن،
[ بۇ يازمىنىsaba0903دە2011-09-30 17:12قايتا تەھرىرل ]