شاڭخەي مېتروسى 10-نومۇرلۇق لىنىيەسىدە سوقۇلۇش يۈز بەردى . شاڭخەي مېتروسىنىڭ ئۈسكۈنىلىردە كاشىلا كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن ،كاشىلا كۆرۈلگەن رايوندىكى ئىككى مېتىرونىڭ ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .شاڭخەي مېترو لىنيەسىدى نۆۋەتتە 伊犁路 بىكىتىدىن سىچۈەن شىمالي يولى بىكتىگىچە بولغان ئارلىقتا قاتناش ئۈزۈلۈپ قالدى .يۈيۈەن باغچىسى بىكىتى بىكەتنى پىچەتلەش تەدبىرىنى قوللاندى .بۇ ۋەقەدە يارلانغان ئادەم سانى 245كە يەتتى .نۆۋەتتە يارىسى ئېغىر بىمارلار يوق.بۇ مۇخبىرنىڭ دۋالاشقا مەسئۇل بولغان شاڭخەي شەھەرلىك 9-خەلىق دوختۇرخانىسى قاتارلىق 10نەچچە دوختۇرخانىدىن ئىگەللىگەن ئەھۋالى . مەنبە:شىنخۇا تورى شىنلاڭ تورىدىن يەنە بىر خەۋەر
http://video.sina.com.cn/p/news/s/v/2011-09-27/021461499359.html جىياڭشى تېلىۋىزىيە ئىستانىسى مەركىزى شەھەر پىروگراممىسىدا مۇنداق مەلۇمات بىرىلگەن .
26-سىنتەبىر چۈشتىن ئىلگىرى شاڭخەي تومۇريول ئىدارىسى باشقۇرۇشىدىكى شىنجىن جەنوبىي ۋوگزالىدىن خېفېيغا يولغا چىققان K256قېتىملىق
پويىز نەنچاڭ ئۆتىۋاتقاندا 15 ۋاگوندىكى بىر توپ يولوچىلار تېلىۋىزىيە ئىستانىسى مۇخبىرىغا 26چېسلا كىچىدە مۇشۇ قېتىملىق پويىزدا
ئادەم ئۇرۇش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى .ئىگىلىشىچە بىر نەپەر يولوچى بىلەن پويىز خىزمەتچىسى تىللاشقان ۋاقىتتا يەنە بىر
نەپەر ئوتتورا ياشلىق ئەر كىشى ئارىغا چۈشۈپ ئارىپ قويماقچى بولغاندا يەنە باشقا ئۈچ نەپەر پويىز خىزمەتچىسى ئۇرۇپ كەتكەن .
ئارىدا بىر نەپىرى پويىز باشلىقى كىيمىنى كىيگەن كىشىكەن .جىياڭشى ئۆلكىسى گەنجۇ شەھەرلىك جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىدىكىلەر نىڭ ئېيتىشىچە
120 جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى كەلگەن ۋاقىتتا تاياق يىگەن كىشى ئاللىقاچان ئۆلگەن ئىكەن .9-ئاينىڭ 26-كۈنى جىياڭشى تېلىۋىزىيە
ئىستانىسى مەركىزى شەھەر پىروگراممىسىدا كۆرگۈچى ۋە ئىمزالىق ئىسپات بەرگۈچى ئاممىنىڭ مەلۇماتى بار يوقارقى خەۋەر ئاشكارىلانغان .
بىر نەچچە پويىز خىزمەتچىلىرى ۋە پويىزدىكى مال ساتقۇچىلار بىرلىشىپ
بىر يولوچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتكەنلىك خەۋىرىنى
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-09-28 16:31قايتا تەھرىرلىدى ]