«خەلق گېزىتى»نىڭ 21-سېنتەبىر ۋاشىنگتوندىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىك- ھەمكارلىق ئىدارىسى 21-چېسلا پارلامېنتقا تەيۋەنگە ھەربىي قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشنى رەسمىي ئۇقتۇرغانلىقىنى، ھەربىي قورال-ياراغنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 5 مىليارد 852 مىليون دوللار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇ پىلانغا ئاساسەن، ئامېرىكا تەيۋەننى F—16A/B تىپلىق 145 كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئېلېكتىر مەنبەلىك سكاننېرلاش رادارى (AESA) قاتارلىق ئەڭ يېڭى ئۈسكۈنە-جابدۇقلار بىلەن، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار ئۈسكۈنە، زاپچاس-دېتاللار، تەربىيەلەش ۋە ئارقا سەپنى قوللاش قاتارلىق جەھەتتە تەمىنلەيدۇ.
مەزكۇز ئىدارىنىڭ ئاخباراتىدا مۇندەق دېيىلگەن، تەيۋەننىڭ 16A/B F—تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ دەرىجىسى ئۆسكەندىن كېيىن تەيۋەننىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارى ئاشىدۇ،«رايونلارنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىنى ساقلاشقا، ھەربىي تەڭپۇڭلۇق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش»، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتى، ئىقتىسادىي مەنپەئىتى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.
بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ھۆكۈمات ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن، ئۆتكەن ئىككى يېرىم يىل ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش كۆلىمى چوڭ، قەدىمى تېز بولۇپ بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان، بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشنى داۋاملىق ئويلىشىدۇ.
ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ 30 كۈن ئىچىدە بۇ پىلاننى تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشقا يوللاندى. (ۋاڭ تيەن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورىمۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ جىجۈن ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش پىلانىنى ئېلان قىلغانلىقىغا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى