karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 490 قېتىم كۆرۈلدى
ilim
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 508
شۆھرەت: 3326 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3378 سوم
تۆھپە: 1850 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1882 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 778(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 رادىل ئابلا:شىنجاڭدىمۇ «ھالال» ئىجازىتى بىرىدىغان ئاپىرات قۇرلىشى كىرەك

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئستانسىسى بۈگۈنكى سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ ئالاھىدە مېھمىنى سۈپىتىدە زىيارەت قوبۇل  قىلغان جۇڭگو شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىك سانائەت چەكلىك شىركىتى لىدىرى رادىل ئابلا ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆلچىمى ‹‹ھالال›› ماركىسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ، بۇ ماركا بېسىلمىسا خەلقئارادا ‹‹مۇسۇلمانچە›› ياكى ‹‹清真›› دەپلا يېزىلىپ قويۇلغان خەتنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، شۇڭا شىنجاڭمۇ خەلقئارا مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئېتىراپ گۇۋاھنامىسى بولغان ‹‹ھالال›› ماركىسنى تارقىتالايدىغان بولۇش ئۈچۈن بىر ئشەنچىلىك ئاپپارات ئوتتۇرىغا چىقىشى، ‹‹ھالال›› يېمەكلىك ئۆلچىمىنى بېكىتىپ ئېلان قىلىشى كېرەك.
 
 ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنىڭ، مىللىيچە تائاملىرىنىڭ رەڭگى، قۇۋۋىتى، تارىخى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى. ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ جۇڭگودىلا ئەمەس، خەلقئارادىمۇ يۈكسەك ئىناۋەت ۋە ئېتىراپقا ئىرىشىش سالاھىيىتى ۋە ئورنى بارلىقى، چوڭ سودا پۇرسىتى ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئەمما ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى پۇرسەتنى جىددى تۇتۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە جىددى ئۇچۇر بەردى. نىڭشيا ئۆلكىسنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئېتىراپ بەلگىسى ‹‹ھالال›› خېتىنى ئالغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭمۇ دەرھال مۇستەقىل ئالاھىدە ئۆلچەم قوللانمىسا، بۇ بەلگىنى ئېلىش ئۈچۈن نىڭشياغا بېرىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقى، شۇلارنىڭ ئۆلچىمى بىردىنبىر ئۆلچەم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى يەتكۈزدى.
ئۇ يەنە ئىتالىيە چۆپى ۋە  پىسا قاتلىمىسىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇر تائامى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمنلەپ، ماركوپولو زىيارەت قىلىپ خوتەنگە كەلگەندە، قاتلىما ساتىدىغان ئۇيغۇر بوۋايدىن ماڭىمۇ بىرنى، ماڭىمۇ بىرنى بەر دېگەن، ئۇيغۇر بوۋاي: پىشسا بېرەي، پىشسا–دېگەن.
ماركوپولو «بۇنىڭ ئىسمى پىشسا›› ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان، ئۆزىگە ياراپ قاراپ قالغان. بۇ تاماقنى ئتالىيەگە ئاپارغان، كېيىنچە ئىسمى پىسا بولۇپ قالغان. ئىتالىيە چۆپىنىڭ ئۇيغۇر لەغمىنىدىن ئۆزگەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئارمان شىركىتىنىڭ تەرەققىيات نىشانى ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلارنى بەردى.
 
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-24 18:04 |
shebnem
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3142
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 70 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 38 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 38 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھالال بىلەن  <مۇسۇلمانچە> ئاللىقاچان بىر مەنىنى ئىپادىلىمەيدىغان بولۇپ كەتتى . بۇھازىر جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە سۆز .خەنزۇچە 清真مۇ ھالال مەنىسىنى ئىپادىلىيەلمەيدىغان بولدى .چۈنكى ئىسلام دىنىمىزدىكى ھالال مەنىسى ھارام تەركىبلەردىن خالىي بولغان يىمەكلىكنى كۆرسىتىدۇ .شۇ يىمەكلىكنى ئىشلەيدىغان جايدا ھارام نەرسىلەرنى سېتىش قەتئىي چەكلىنىدۇ .ئەگەر سېتىلىپ قالسا ئىشلەپ چىقارغان نەرسىمۇ ھارام بولىدۇ . ئۆتكەندە ئۆز ئالدىغا ھالال دەپ ماركا باسقان بارلىق يىمەكلىكلەرنى سودا سانائەت باشقۇرۇش ئورۇنلىرى يىغمىدىمۇ ؟بۇ نىمىنى چۈشۈندۈرۈدۇ خالايىق؟
ئازاتلىقتىن كېيىن دانا رەھبەرلىرىمىز جۇڭگونىڭ ئەمەلىيتىگە بەك  ئۇيغۇن ھالدا <مۇسۇلمانچە> دىگەن سۆزنى كەشىپ قىپتۇ .چۈنكى دىنسىزلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر مۇھىتتا ھەقىقى ھالال ئۆلچەمدىكى يىمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىش ئىنتايىن قىيىن بىر ئىش .
   بولۇپمۇ ھالال ئىستىمالىغا كۆنۈپ قالغان لېكىن ھارام ئىستىمالى قىلىشتىن يانمايدىغان يېڭى ئاتالمىش مۇسۇلمانلارغا <مۇسۇلمانچە> دىگەن بۇ ئەمەلىيەتكە باققان نام بەك ماس كېلىدۇ .بۇ نىمە دىگەن لايىقىدا قويۇلغان نام ھە ؟؟؟؟؟ ئەگەر قارا قويۇق ھالال دىگەن ماركىنى باسسا بۇ نەقەدەر قورقۇنۇشلىق ئىش ھە ؟
    ھاراق سېتىلىدىغان ئاشخانىلارغا ،مېھمانخانىلارغا ھالال ئىجازەتنامىسى بىرىلسە بۇ نەقەدەر كۈلكىلىك ئىش ھە؟بۇنداق بولغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام مەملىكەتلىرى ئالدىدىكى ئوبرازىغىمۇ دەخلىسى بولۇر.شۇڭا مۇسۇلمانچە دىگەن بۇ ئىجازەتنامە دۆلىتىمىزدە ھەقىقى ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ .ئۇنداق بولمىغاندا نىڭشادا ھالال ئىجازەتنامىسى بىرىلىدىغان ئورگان قۇرۇلمىغان بولاتتى ھەم رادىل ئابلامۇ شىنجاڭدا ھالال ئىجازەتنامىسى بىرىلىدىغان ئورگاننىڭ تەسىس قىلىنىش شېرىن خىيالىنىمۇ قىلمىغان بولاتتى .
      شۇنداق قېلىپ ئەسلى ھالال ئاشخانىلاردا ھاراقنى قەتئىي ئىچىشكە بولمايىتتى
  لېكىن مۇسۇلمانچە دىگەن خەت باستۇرۇلغان ۋىۋىسكىنى ئېسىپ بۇ  ئاشخانىلاردا ھاراقنى خالىغانچە ئىچىشكە بولىدۇ .چۈنكى بۇ  مۇسۇلمانچە ئۆزگىچە تەمدىكى ئاشخانە . بۇنىڭغا ھەرقانداق شەخىسنىڭ بۇ ئاشخانىدا يىيىشكە بولمايدۇ دەپ جار سېلىشىغا بولمايدۇ .ئەگەر بۇنداق قىلسا قانون ئاپراتلىرى ئۇ ئاشخانىنى قوغداپ ئىش تېرىغۇچىغا چارە كۆرىدۇ .  
  دۆلىتىمىزدە مۇسۇلمانچە دىگەن ئۆلچەمنى چەتئەللەرگە ئوخشاش ئۆلىمالار بىرلىكى بولغان ئىسلام دىنى جەمىيەتلىرى بەرمەيدۇ بەلكى دىنى ئىشلار كومىتىتى بىرىدۇ . بۇ كىنىشكىنى بىرىشكە جەمىيەتتىكى ئۆلىمالار ئارلىشالمايدۇ ھەم پىكىر قىلىش ھوقوقىمۇ يوق .
    ھازىر مۇسۇلمانچە يەنى 清真 ئىجازەتنامىسىنى مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتتىكى بىرسى ھەرخىل يوچۇقتىن پايدىلىنىپ قىينالمايلا ئالالايدۇ . ئۇلارنى تەكشۈرۈشكە دىن ئارلىشالمايدۇ . چۈنكى دىن ھۆكۈمەت فونكىسىيىسىگە ئارلاشماسلىقى كىرەك .

شۇنداق قىلىپ بىز ئاللىقاچان مۇشۇنىڭغا كۆنۈپ كەتتۇق .ھېچكىم مۇسۇلمانچە ھاراق ساتىدىغان ئاشخانىلارنى <ھالال> ئەمەس دەپ خۇددى قارا قويۇق  ئايشەم تورتخانىسىنى  بايقۇت قىلغاندەك بايقۇت قىلمىدى .توي مەرىكە رېستۇرانلىرىمىزدىمۇ ھاراق سۇدەك ئىچىلدى . ھەتتا بۇ رېستۇرانلىرمىزدا  ئاخشىمى ھاراق ئىچىلىپ ئەتتىگىنى شۇ ھاراق پۇرۇقىدا نەزىر قىلدۇق . ھاھاھاھاھاھ(ئاچچىق كۈلكە) ...ئىمانىمىز ئاجىزلىشىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرۋاتىمىز بەزىلىرىمىز . مۇشۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا سەسكەنگىدەك ئىشلارمۇ يۈز بىرىۋاتىدۇ . ئۆزىمىزنى بىر ئوپىراتسىيە قىلايلى خالايىق .بىز گىلىمىزنى پاكىز تۇتساقلا ھەم مۇسۇلمانلىق مەۋقەيىمىزدە چىڭ تۇرالىساقلا ھەم ئىبادەت يولىغا قايتساق  ساختا <مۇسۇلمانچە> لار ھايات تۇرالمايدۇ .

مەنبە:ئىزدىنىش
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-24 18:09 |
manzil
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3333
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 78
شۆھرەت: 415 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 428 سوم
تۆھپە: 244 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 244 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 52(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

清真ھازىر بۇ  ئىجازەتنامىنى    شۈبھىلىك بار  يىمەكلىكلەرگىمۇ   خا تىرجەم  ئۈزى خالىغانچە چاپلاپ چىقىردىغان بوپ كەتتىغۇ  
  قىلچە ھۆرمەت دەيدىغان نەرسە يوق
ئەجەبا بىز  مۇسۇنلمانلار  مۇشۇ ھالەتتە مەينەتلىشىپ  كەتتۇق مۇ ؟
بۇ مەسلىنى  تۈزۈك ئويلىشىپ ئاندىن ئوتتۇر غا چىقىر شىنى ئۈمۈت قىلىمىز
چىقارغان ئكەن بۇ  ھالال  دىگەنگە چۇشلۇق ئىگە بۇلىشى ھەمدە ھقىقى تۈردە تەكشۈرۈپ ئايرىپ ئاندىن چىقار سا بۇلامدىكىن .....
ئاللاھ  ئشلىرىمىزنى ئاسان قىلسۇن .....
يىلان يۇمشاق بولغىنى بىلەن، ياۋۇزلۇ ق قىلىدۇ!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-24 19:58 |
ilim
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 508
شۆھرەت: 3326 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3378 سوم
تۆھپە: 1850 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1882 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 778(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دۆلىتىمىزدە ھالال ئىجازەتنامە بىرەلمەيدۇ
نىڭشادىكىسىمۇ پەقەت خەلقارا ھالال بىرلەشمىسىنىڭ تارمىقى خالاس .
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-24 22:01 |
razigul.sali
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2962
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 80 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 47 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 47 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ 2-قەۋەتتىكى ئەزانىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن،بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ مۇنداق ئىشلار بار،مەسىلەن: خۇيزۇلارغۇ مۇسۇلمانچە دەپ يېزىۋالسۇن،موشۇ بەزى ئۇيغۇرلىرىمىزدىمۇ،ئاشخانە،راڭپىزىخانىلىرىغا،ئۆزى ئۇيغۇر تۇرۇپ،<مۇسۇلمانچە>دەپ يېزىۋالىدىغان ئادەتلىرىمىز بار، ئا كۇنى بىر دوستۇم مۇنداق دىگەنتى:بىر خەنزۇنىڭ راڭپىزا جازىسىغا  <مۇسۇلمانچە> دەپ يېزىقلىككەن،بىز بېرىپ قاپتىمىز،مۇلازىم بىزنىڭ ئۈستى -بېشىمىزغا قارىۋېتىپ،مەن خەنزۇ دەيدۇ،ئارىمىزدىكى بىر ئوغۇل دوستىمىز ئاچچىغىنى باسالماي،ئۇرىۋەتكىلى تاس قالدى،بىز ئۇنى تېنچلاندۇرۇپ،ئۇ مۇلازىمغا  ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ھارۋاڭغا مۇسۇلمانچە دەپ يېزىۋالىسەن،دەپ سورىساق،ئۇ مۇلازىم،مەن بۇ ھارۋىنى ئۇيغۇردىن سېتىۋالغاندا بۇ خەت بار ئىكەن،يازما سىر بىلەن يېزىلغاچقا ئۆچىرەلمىدىم،دىدى،ئۇ ئوغۇل دوستىمىزنىڭ ئىچى كۈچلۈك بولغاچقا دەرىاللا 10يۇەن پۇلنى چىقىرىپ،بۇنىڭغا موشۇ كۆزنەكنى باشقىدىن سالدۇرىۋال،ماڭا ھازىرلا ئاشۇ مۇسۇلمانچە دەپ يېزىلغان كۆزنەكنى  ئېلىپ بەر ،بۇ بىزدەك مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دەپ ئۇ كۆزنەكنى ئالدۇرۇپ نەق مەيداندا چېقىۋەتتى، ۋە موشۇ مۇسۇلمان دىگەن سۆز ھەقىقى مۇسۇلمانمىز دىگەننى،مۇسۇلمانچە دىگەن سۆز بىزمۇ مۇسۇلمانچە قىلالايمىز دىگەننى بىلدۈرىدۇ،بەزى ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ موشۇ ئىككى خەتنىڭ مەنىسى بىلەن قىلچە ھېساپلاشمايدۇ دىسە دەپ غۇدۇرىغىنىچە ماڭدى، دەپ سۆزلەپ بەرگەنتى ،بۇ ئىش ماڭا خېلى كۈنلەرگىچە تەسىر قىلغان ئىدى، راس بىز پاكىزىلىك بىلەن ھالالنى يىيىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ،
دېھقان شائىر
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-25 11:52 |
weatherbureau
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3393
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 60 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 36 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 36 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك ياخشى يېزىلغان ماقالىلەر ، سۈيۇنۇپ ئوقۇيمەن.
西部医院
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-26 10:58 |
qayan123
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2736
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 74
شۆھرەت: 390 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 390 سوم
تۆھپە: 230 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 230 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەممىڭلانىڭ ئوي پىكرى شۇنداق ياخشى بۇپتۇ لىكىن ئويلاپ باقتىڭلامۇ شىنجاڭغا نىمىشقا ھالال دىگەن ماركىنى بەرمەيدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
sarkar
ئادەم ئۆمرۈدە نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچۇرايدۇ
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-26 12:32 |
iparhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 234
شۆھرەت: 1185 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1195 سوم
تۆھپە: 708 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 708 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 236(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى qayan123دە2011-09-26 12:32يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھەممىڭلانىڭ ئوي پىكرى شۇنداق ياخشى بۇپتۇ لىكىن ئويلاپ باقتىڭلامۇ شىنجاڭغا نىمىشقا ھالال دىگەن ماركىنى بەرمەيدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

قېنى ، دەپ بېقىڭلارچۇ ؟
hawar
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-27 23:39 |
qoqas
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3204
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 60 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 34 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 34 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن بۇ تۇغىرسدا پىكىر قىلسام ئىچىم ئېچىشىپ كىتىدۇ
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-28 01:06 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » خەۋەر ئۇچۇرلار