ئەسسالام ، مەڭگۇ تاش ئاكا ، بۇ يېقىملىق ، تېتىشلىق ئەسىرىڭىز بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆز روھىيىتىمگە، ئېتىقادىمغا يات بولغان سوغۇق ، مېھىرسىز ماكانلاردا يۈرۈپ تەمتىرىگەن ، ئۇسساپ - چاڭقىغان روھىم سۆيۇملۇك يۇرتۇم « تۆگە قارنى» كارىزىمغا قاراپ قانات قاقتى ، ئاشۇ مېھرى ئىسسىق ئۇزۇن ھويلىلىق ئۆيلىرىمىزنى پۈتۇن ۋۇجۇدۇم تىترىگەن ، كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش تۆكۇلگەن ھالدا سېغىنىپ ئەسلىدىم ، جۈجەم ، ئۆرۇك ، شاپتول ، نەشپۇت ۋە ھەر خىل سەي ، كۆكتاتلىرى بىلەن مول-ھوسۇل بېرىپ تۇرىدىغان ، بەرگىلىرىنى تېرىپ ئۈلگۈرەلمەيدىغان خۇشپۇراقلىق قىزىل گۇللىرى بىلەن يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرنى ئىختىيارسىز چاتقاللىق پاكار تاملاردىن بويۇنداشقا ، ئوخشاپ كەتكەن ئۈجمىلەرگە قول ئۈزىتىپ بىرەرتالدىن تېتىپ بېقىشقا مەجبور قىلىدىغان ئەپلىككىنە بېغىمىزدا خىيالەن سەيلە قىلدىم ، ئەنە ، ئاشۇ ھويلىمىزدا ، كىچىككىنە ئەمما دادامنىڭ گۇل قوللىرى بىلەن ئاۋات بولىدىغان باغچىلىرىمىزدا ، تېتىك ، چاققان قەدەملىرى بىلەن ئالدىراش يۈرگەن مېھرىبان ، تەلەپچان دادامنىڭ بەستلىك سىماسى بىردە بېشىغا ئاپپاق شاپاق ، ئۇچىسىغا قىسقا كۆك رەڭلىك خادانى چاپان ، قارا ئىشتىنىنى پاكىزە پارقىرتىشنى ئېسىدىن چىقارمايدىغان مەسسسنىڭ ئىچىگە تىقىپ كىيگەن ھالىتى بىلەن نامايەن بولسا ، بىردە بېشىغا يارىشىملىق چوڭ قارا تۇمىقىنى، ئۈچىسىغا ئۈزۈن قارا كەمزۇلىنى كىيگەن ، قىزغۇچ ، ئۇزۇن ساقاللىق دادامنىڭ ئالدىراپ نامازغا مەسچىتكە ماڭغان ھالىتى نامايەن بولدى .باغچىمىزدىن ئېتەكلىرىگەگايىدا قىزىل گۇل تېرىپ ياكى سەي-كۆكتات تېرىپ چىقىپ كېلىۋاتقان ، گايىدا قولىغا ئاپتۇۋا كۆتۇرۇپ تاھارەت ئېلىشقا ماڭغان ئاقكۆڭۇللۇكىدىن چۇمولىگىمۇ ئازار بەرمەيدىغان مېھرى ئاپتاپ، سۆيۇملۇك ئاپام ماڭا قاراپ كۈلۇمسىرىگەندەك قىلاتتى ......ئاھ ، خۇدا ! ئاشۇ ئاددى، ئەمما ئىللىق ئائىلەمدە ، تاغ ئاتام ، باغ ئانامنىڭ باغرىدا ئەجەپمۇ بەخىتلىك ئىدىمغۇ !!!
ھازىرقىدەكلا ئېسىمدە ، ھەر ئۇلۇق جۇمە كۇنلەردە ، ياكى چوڭ نەزىر -چىراق ، ھېيىت - ئايەم سەۋەبلىكمۇ ياكى دادامنىڭ مەھەللىنىڭ ئىمامى ، پۇتۇن ئاستانە يېزىمىزنىڭ خاتىپى بولغانلىقتىنمۇ ۋە ياكى دادامنىڭ مىجەزىنىڭ ئوچۇق -يورۇق ، مېھماندوست ، ئاقكۆڭۇللۇكىدىنمۇ ئەيتاۋۇر ئۆيىمىزگە كېلىدىغان مېھمانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى ، ئاشۇ مېھمانلار قاتارىدا ئارىلاپ - ئارىلاپ زاھىر ئاخۇن دادىمىزمۇ كېلىپ قالاتتى ، دادامنىڭ بۇ مېھماننى ئالاھىدە تەكەللۇپلار بىلەن قىزغىن كۈتۈۋېلىشلىرىدىن ، ئۈزۈندىن - ئۇزۇن مۇڭدىشىپ كېتىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدە يېققىنلىقىنى ، بىر-بىرىگە ھۆرمىتىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ھېس قىلاتتىم ......
بۇ ئىككى جاپاكەش ، مېھرىبان ئاتىلار مۇڭداشقاچ بىز بالىلىرىنىڭ كەلگۇسىگە باش قاتۇرۇشۇپ ، ئۇلۇغ ئاللاھ بۇيرۇپ قالسا ، تېخىمۇ «يېققىن تۇغقان» لاردىن بولۇپ ئۆتسەك، دىگەندەك تاتلىق پاراڭلارنى قىلىشقانلىقى بەكمۇ ئېنىق ئېسىمدە . ئوتتۇرا مەكتەپ چاغلىرىڭىزدىلا سىزنىڭ مۇلايىم ، تىرىشچان ، ئاقكۆڭۇل تەسىرىڭىزدىنمۇ ياكى چوڭلارنىڭ قالدۇرغان ياخشى تەسىراتىنىڭ سەۋەبىدىنمۇ ئىشقىلىپ ، سىزنىڭ « ئاكام » بولۇپ قېلىشىڭىزنى ئارزو قىلغانمەن ...
سىز دىگەندەك مېنىڭمۇ تاغدەك زەپەردەست ئاتام 98-يىلىلا بىر ئۆمۇرلۈك ئارزو ئارمىنى بولغان ئۇلۇق بەيتۇللانى زىيارەت قىلىش ئارزوسى بىلەن مەككە- مەدىنەگە بېرىپ ، مەڭگۈلۇك ئارمىنىغا يېتىپ ، ئاللاھنىڭ ئاشۇ مۇقەددەس زىمىنىدىن ئورۇن ئالدى ، ئۇلۇق ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن يۇرتىمىزنى ، بىزدەك تېخى ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۇرگەن ، ھېچقانداق ئىش كۆرمىگەن ، ئاتا مېھرىگە تۈزۈكرەك قانمىغان پەرزەنتلىرىنى مەڭگۇلۇك تاشلاپ ئاللاھنىڭ ھوزورىغا قاراپ يول ئالدى . بەلكىم دوستلىرىمىز ئىچىدە بۇنداق كۇنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۇزگەنلەر ئاز بولسا كېرەك ، ئۇشتۇمتۇتلا چوڭ، كىچىك ماشىنا ، تىراكتۇر ، ھارۋا ...لار پۇتۇن مەھەللىنى بىر ئالغان ، ئۆيگە ، ھويلىلارغا كېلىۋاتقان كىشىلەر پېتىشمايۋاتقان ، ئايىقى ئۈزۈلمەيۋاتقان ، ھېچبىر نەرسىنى كۆرمەيلا « ۋاي ، دادىڭىزدىن ئايرىلدۇققۇ ؟...» دەۋاتقان ، تېخى نەچچە كۇن بۇرۇنلا ، ئاجايىپ ھاياجان ، خۇشاللىقلار ئىلكىدە شۇنچە يوغان ، يوغان سومكىلارنى دەس كۆتىرىپ چىقىپ كېتىۋاتقان ، « ھەممىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم ، خوش ئەمىسە » دەپ كۈلۇمسىرەپ يولغا چىققان دادام ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۇپ ھاجىلارنىڭ يولىغا تەلمۇرۇپ ئولتۇرغىنىمىزدا ئۆزى ئەمەس ، كىيىم- كېچەك ، سومكىلىرى، بىزگە ئالغان سوۋغاتلىرى قايتىپ كەلدى .دىمەك ، دادام بىزنى چىن-كۆڭلىدىن ئاللاھقا تاپشۇرۇپ ، خاتىرجەم كەتكەنىدى ...
دادامنىڭ سەپەرداشلىرى(ھاجىلار) دادامنىڭ « ئوغۇلبالىدەك قىزلىرىم بار ، خېلى ئوغۇللاردىن ئارتۇقراق ئوقۇتتۇم ، بولۇپمۇ كىچىك قىزىمنىڭ قۇرئان قىرائەت قىلىشلىرىنى ، ھۆكمەت ئوقۇشلىرىنى ئاڭلىساڭلار بىلىپ قالىسىلەر ...» دىگەنلىرى بويىچە مەن بىلەن ئالاھىدە كۆرۇشۇپ ، تەسەللى بېرىشتى .
تەلەپچان ئاتا- ئانامنىڭ تەربىيىسىدە روھىيىتىمگە ئادىمىيلىكنىڭ ئۇلى سېلىنغانئىدى ، ھازىر ئويلىسام ، تۆت ئەتراپىمنى قاپلىۋالغان قورقۇنچلۇق ، ئېزىقتۇرغۇچى تۇمانلار ئىلكىدە ئەقىل كۆزلىرىم خىرەلىشىپ ، بارار نىشانىمدىن خېلى يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىمنى چوڭقۇر قورقۇنچ ، پۇشايمان ئىلكىدە ھېس قىلىۋاتىمەن . تالاي قېتىملار « مەن كىم ؟ » « مەن نىمە قىلىۋاتىمەن ؟ » « ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك ؟» ... دەپ ئۆز- ئۆزەمگە سۇئال قويغانمەن !
ئاشۇ چىداملىق ، باتۇر ھەقىقى دېھقان پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەنمۇ ھەر ۋاقىت كەڭ سەھرالىرىمنىڭ ھەقىقى پاتقاق ھىدلىرىنى ، چاڭ - توزاڭلىرىنى ، ساددا دېھقانلىرىنى ، ئەمگەك قايناتقان ئېتىز - قىرلىرىنى ، ئۆزەم باققان قوي - كالا پادىلىرى بىلەن ئايدىڭ كېچىلىرى ۋە ئاجايىپ سىرلىق تۈستىكى ساناقسىز يۇلتۇزلىرىنى قېنىپ ، قېنىپ سېغىنىمەن ......
ئۆزەم ياشاۋاتقان مونۇ دەۋىردىكى بىر قىسىم تاماخور ، تىلى بىر ، دىلى مىڭ ، تەخسىكەش ، ھەسەتخور كىشىلەرنىڭ ئادىمىيلىككە يات قىلمىشلىرىدىن قاتتىق يىرگىنىمەن .
ھەر ۋاقىت ئۆز- ئۆزەمگە نۇرغۇن ئىشلاردا « قىزىل چىراق » يېقىپ تۇرىمەن ! مەنمۇ ھەر بىر قېتىم ئوغلۇمغا قارىغىنىمدا ، ئۆزەمنىڭ « مەسئولىيەتسىز ئانا » ئىكەنلىگىمدىن باغرىم سۇ بولىدۇ ، مانا موشۇنداق ئوغلۇمنىڭ ئانا مېھرى بىلەن ئەقىل كۆزىنى ئاچىدىغان مۇھىم پەيتلىرىدە ، غوجاملارنىڭ « يېشىل چاقىرىقى » غا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ، دائىم سىرتلاردا خىزمەت ئىشلەپ ، «تۆھپە» قوشۇپ كەلدىم . ...، ئۇلۇق سەھرايىمنى تەنھا قالدۇرۇپ، ئاشۇ بالىلىق ھېسلىرىمغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىم ...
شۇڭا ھازىر ھەر ۋاقىت تىلەيمەنكى ، ھەممىگە قادىر ئاللاھ ، قەلىپ ئاسمىنىمنى ئاشۇ سەھرايىمنىڭ ئەتتىگەنلىك ھاۋاسىدەك ساپلىغىن ، كارىزىمنىڭ تاتلىق سۇلىرىدەك پاكلىغىن ، مەرھۈم ئاتا - ئانامنىڭ ئۈمىد ى بولغان مەن بارغانسېرى چوڭقۇرلاۋاتقان گۇناھ ئازگاللىرىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ ، ئاشۇ نۇر كەبى پارلىنىپ تۇرغان يورۇقلۇققا يۈزلەنگەيمەن ......
سىزنىڭ ھەممىگە ئىلھامبەخىش بولغان بۇ نۇرانە ئەسىرىڭىزگە مۇبارەك !!
تېخىمۇ نادىر ئەسەرلىرىڭىز ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭ ، كۇچلۇك نۇر چىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن !...
[ بۇ يازمىنىiparhanدە2011-10-02 10:30قايتا تەھرىرلى ]