turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 2559 قېتىم كۆرۈلدى
uyghurghol
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2170
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 200 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 220 سوم
تۆھپە: 111 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 111 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 180(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇرغولدىن تەكشۈرۈش خاتىرىلىرى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-09-25)
ئۇيغۇرغولدىن تەكشۈرۈش خاتىرىلىرى

 、ئابلاجان يۈسۈپ تەھۇر




ئۇيغۇرغولغا ئاتلىنىش



     ئايرىلغىلى يېرىم يىلدىن ئاشقان دىيارىمغا قاراپ ئاتلانغىلۋاتىمەن. ئانا يۇرتتىكى تونۇش ھېس، تونۇش پۇراق، تونۇش سېزىملاردىن قايتا بەھىرلەنگىلۋاتىمەن. بىزنى تۇغۇپ تەربىيلىگەن دىيار، ئۆزىنىڭ كەڭرى قۇچىقىغا ئېلىپ بىزنى بۈيۈتكەن ئوچاق. بىز ئۈچۈن تاۋاپگاھ بولغان دىيار، بىزنىڭ ھەممە نەرسىمىز ئۇنىڭ قوينىغا مۆكۈنگەن. بىز ئۇنىڭغا چەكسىزلىكتە تەلپۈنىمىز. چوڭقۇر ھۆرمەت، سېغىنىشتا ئىنتىلىمىز. ئۆزۈمنى، ئۆزلۈكۈمنى تېپىپ ئېلىش ئۈچۈن، يەنە بىر قېتىم سەرسانلىقتا قالغان روھىمنى دىيارىمنىڭ ئوت كەبى ئىسسىق تەپتىدە پاكلاپ، ئۆز ئوربېتىسىغا كىرگۈزمەك بولۇپ، ئانا دىيارىمغا ئاتلانماقچىمەن. بىلىمەن، سەپەر قانچىلىك ئۇزۇن، قانچلىك زېرىكىشلىك، قانچىلىك مۇشەققەتكە تولغان بولسا ھەم ۋەتەن ئىشقى، ۋەتەن سېغىنچى ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرغان. چوقۇم قايتىش كېرەك دېگەن ئوينىڭ تۈرتكىسىدە ئانا دىيارىمغا يۈرۈپ كەتمەكچىمەن، خۇددى ئۇچۇرما بولغان قارلىغاچمۇ ئاخىرى بېرىپ ئۆز ئۇۋىسىغا چۈشكەن پەدىدە مەن ئۇچۇرما بولمىغان بولساممۇ، دىيارىمنىڭ ئىللىق ھىدىدىن بەھىرلەنسەم، ئۆزۈمنى تولىمۇ شاد سېزىمەن مۇشۇ پەيتلەردە. دەھشەت ئىسسىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۆز ھارارىتى بىلەن مېنى كۆيدۈرسىمۇ ئۆز يۇرتۇم سالقىن شامال ئېسىپ تۇرغان بۇ يات شەھەردىن مىڭ ياخشى. ئىسسىق بولسا ھەم ئۆز يۇرتنىڭ ئۆزگە،-دە. مەن دىيارىمنى كۆرىمەن. ئۇ يەردە قالغان دوستۇ-بۇرادەر، قان-قېرىنداشلىرىم بىلەن جەم بولۇپ، گۆدەكلىكىمدىكى تاتلىق ئەسلىمىلەر بىلەن تولغان شۇ شېرىن دەملەر قوينىغا غەرق بولىمەن. ئۇيغۇردىن ئۇزاقلىشىۋاتقىنىغا قارىماي ھەممە يېرىدىن ئۇيغۇر دەپ توۋلاۋاتقان شەھەر كوچىلىرى بىلەن، ئۆي-ئىمارەتلىرى بىلەن تېخىمۇ مۇھىمى يۇرتتا قالغان ئۆز قەۋمىم بىلەن دىدارلىشىمەن. يېشىللىققا پۈركەنگەن، بەك ئىسسىپ كەتسە يامغۇر ياغدۇرۇپ ئىللىتىپ قويىدىغان بۇ شەھەردە نېمىلەر يوقاتقان بولسام، يەنە شۇنىڭدەك نېمىلەرگىدۇ ئېرىشتىم. ئەلۋەتتە پۇشايمان يوق. بىراق بەزىلەر تەرىپىدىن «ئوت ماكانى، دوزاخ» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان، ئۆز ئېكولوگىيەسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىدىن بارغانسېرى مەھرۇم قېلىۋاتقان شۇ ئانا ماكان ماڭا يەنىلا جەننەت مىسالى، سۈنئىيلىكتىن ئۇزاق، تەبىئىيلىك ئىچىدە ياشناۋاتقان ھاياتى بىلەن قەدىرلىك. خەير بۇ جايدىكى گۈزەللىكلەر گۈزەلچە قېلىڭلار، يۇرتۇمغا بەرمىگەن سالىمىڭلارنى ئېلىپ بارىمەن، خاتىرجەم بولۇڭلار. ئەي ئانا دىيار، نېمىلەرنى ساقلاپ قويغانسەن پەرزەنتىڭگە «سالاملىق» دەپ؟؟؟؟؟؟؟

 
ئۇيغۇرغولدا
 

       پويىزدىكى مىڭبىر جاپالارنى تامام قىلىپ، يۇرتىمىز مەنزىلىگە يېتىپ كەلدۇق. پويىزدىن چۈشكىنىمىزدە دىمىقىنىمىزغا ئۇرۇلغىنى ئۇيغۇرغولنىڭ ئىسسىق ۋە دىمىق ھاۋاسى ئەمەس، سالقىن، جانغا يېقىشلىق سەھەردىكى سۆرۈن ھاۋا بولدى. ماشىنا كېتىپ بارىدۇ. ماڭا تونۇش قومۇل كوچىلىرى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولماقتا.
قومۇلنىڭ تارىخى، مەدەنىيەتى ھەققىدىكى ئويلىرىم كۆز ئالدىمدىكى قومۇل مەنزىرىلىرى بىلەن تېخىمۇ قانات يايماقتا. «قومۇلنىڭ بۇرۇنقى نامى伊吾卢 يەنى ئۇيغۇرغول» ـــ ئىۋىرغول ـــ تارىخنىڭ ئەڭ قەدىمىي سەھىپىلىرىگە پۈتۈلگەن شۇ دەملەردىلا ئۇيغۇرنىڭ نامى بىلەن خاتىرىلەنگەن يۇرت. شامان دىنى مەركەزلىرىدىن  بولۇش سۈپىتىدە «قام ئىل» ــ قام(شامان، كاھىن، ھېكىم؛ دانىشمەن مەنىسىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز)لار ئېلى نامىنى ئالغان. «قامىل (خەنزۇچە 哈密)ـــ قامۇل ـــ قومۇل» نامى موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئومۇملاشقان ۋە بۈگۈنگە شۇ تەرىقىدە ئۇلاشقان. تارىختىكى شەرق بىلەن غەرب ئارىلىقىدىكى سودا، مەدەنىيەت، ئۇرۇش بۇ جايدىن ئاتلاپ ئۆتەلمىگەن، بۇنىڭ بىلەن ئۆزگىچە يەرلىك مەدەنىيەتكە ساھىب بولغان بۇ خاسىيەتلىك ماكان كۆپ خىل مەدەنىيەتتىن ئۆز ئۈلۈشىنى ئالغان. ئۈچ يۈز يىللىق قومۇل ۋاڭلىرى ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى بېكىنمىچىلىك سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە ئۆز خاسلىقىنى، بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيەتى تەركىبلىرىنى ساقلاپ قالغانلىقى بىلەن بىز ئۈچۈن قەدىرلىك بولغان ماكان. بۇ يۇرتنىڭ جۇغراپىيەلىك چېگرىسىنىڭ كەڭرىلىكى ئۇنىڭ مەدەنىيەت تەركىبلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى بەلگىلىگەن. بۇ خىل كۆپ خىل مەدەنىيەت ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم تەركىبلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخ، مەدەنىيەتىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك مەنبەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇ مەدەنىيەتنىڭ ھەقدارلىرى بولۇشىمىز ئەڭ ئاۋۋال بىزنىڭ ئۇنى چۈشىنىشىمىزنى، تەتقىق قىلىشىمىزنى، باشقىلارغا ئاڭلىتىشىمىزنى شەرت قىلىدۇ. بۇ خىل كەڭ زونىغا تارقالغان كۆپ خىل مەدەنىيەتنى بىلىش ھەرگىزمۇ ئىككى-تۆت تال كىتاب كۆرۈش بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قومۇلنىڭ تىل ئادىتى بويىچە «بەش شار، ئون ئىككى تاغ»نى كۆرۈپ، ھەر شار، ھەر تاغلارنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش كېرەك. قومۇل ـــ ئۇيغۇرغولنىڭ جاي-جايلىرىغا بېرىپ تىل، فولكلور، تارىخ، مەدەنىيەت كۆپ قىرلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش بۇ مېنىڭ ئۇزۇندىن بېرى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلگەن نىشانىم... خىياللىرىم تامامىغا يەتمەي تۇرۇپلا، ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىپ قالدۇق. ئاددىي، ئەمما مېھرى ئىسسىق، ئۆزگە يۇرتتا كۆزگە گۈل كۆرىنىدىغان ئۆيلەر. يېشى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، بىراق بىزنى، بالىلىرىنى دەپ جاپانى كۆپ تارتىپ، پېشانىسىنى قورۇق بېسىپ كەتكەن تولىمۇ مېھىرلىك كۆزلىرى، جاننى لال قىلغۇچى سۆزلىرى بىلەن يۈرەكلەردىكى ئوتنى يالقۇنجاتقۇچى ئانام، بىز ئۈچۈن ھاياتىمىزغا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردىن تۈۋرۈك بولغۇچى ئۇلۇغ ئىنسان ئاتام، بىز ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنىڭ دەسلەپكى سەھىپىلىرىدىلا ئاز بولمىغان قۇربانلىقلارنى بەرگەن، ئاقكۆڭۈل، كۆيۈمچان ئاكام، كىچىك بولسىمۇ ھاياتنىڭ ئاچچىق سوغۇقلىرىنى ھېس قىلىشقا ئۈلگۈرگەن سىڭلىم ـــ ئۇلار ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ھەيرانلىق ئىلكىدىكى نەزەرلىرىدە ماڭا بېقىپ، سېغىنىش ئىچىدە قالغان ھېسسىياتلىرىنى قەلبتىن قەلبكە تارقىغان، تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان قانداقتۇ ئىنسانىي سېزىملار ئىچىدە ئىپادىلەپ بېرىشتى. ئۆي بىلەن ئېتىز ئارىسىدا ئۆتكەن دەملەردە ئائىلىمىزنىڭ ئىللىق قوينىدا ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىق مۇھەببىتىدىن قانغۇچە لەززەت ئالدىم. بىراق، ئۇيغۇرغولنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتەك ئارزۇيۇم ھېچ خىيالىمدىن كەتمىدى.

      تەلىيىمگە مەلۇم سەۋەبلەر باھانىسىدا دىيارىمىزنىڭ شەرقىي ئېتىكىدىن ئورۇن ئالغان بۇ باغرى كەڭ يۇرتنىڭ جاي-جايلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈش پۇرسىتى چىقىپ قالدى. قومۇلدا تۇغۇلۇپ، بۇ يۇرتتا ھاياتىمنىڭ 15 يىلىنى ئۆتكۈزگەن بولساممۇ، لېكىن قومۇلنىڭ مەركىزىي بولغان شەھەرئىچى يېزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر نەچچە كىچىك يېزا-بازارلاردىن باشقا جايلارنى كۆرۈش، تەكشۈرۈش ھېچ نېسپ بولمىغان ئىدى. يازلىق تەتىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەملىرىدە تاساددىپىي ھالدا بۇ قىممەتلىك دەملەرگە مۇيەسسەر بولدۇم. ۋەتىنىمدىكى ھەقىقىي گۈزەللىكلەر، ئايرىم ئەنئەنە-ئادەتلەر بۇ يېزا-قىشلاقلاردا بۈگۈنگىچە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋېتىپتۇ، چەكسىز ھاياجانغا چۆكتۈم. تۆمۈر خەلىپە، خوجىنىياز ھاجىلار ئۆز ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ، ئەلگە كەلگەن ياۋغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغان تاغ-ئېدىرلار كۆز ئالدىمدىلا تۇرغىنىدا بۇ خاسىيەتلىك زېمىنلارغا ئۆز قەدىمىمنى قويالىغىنىمدىن چەكسىز غۇرۇرلاندىم. ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، قومۇلنىڭ بەش شار، ئون ئىككى تاغلىرىغا قىلىنغان بۇ قىسقىغىنە تەكشۈرۈش خاتىرىسىدىن سىزمۇ نەلەگىدۇر مۆكۈنىۋالغان ئاللىقانداق ھېسلىرىڭىزنى تېپىپ ئالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس.
 

قارا دۆۋە، لاپچۇقتا بىر كۈن

 

       قارا دۆۋە بىزگە ناھايىتى سېھىرلىك بىلىنىدىغان بىر يۇرت. ئىلگىرى قانداقتۇر ئىڭغىرچاق ۋە  بويۇنچاق سوقۇشتۇرۇشتەك جودا پائالىيەتلىرى ۋە سىرلىق ئەسكىشار خارابىلىرى بىلەن ئەل ئىچىدىكى تۈرلۈك قورقۇنچلۇق ھېكايىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى مەنبە بولغان بۇ قەدىمىي دىيار ھەققىدە ئاجايىپ پاراڭلارنى ئاڭلايتتۇق. بۇ قېتىم ھەم بەكلا ئۇزۇن تۇرالمىغان بولساقمۇ، شۇنداقلا قارا دۆۋىنىڭ ئۆزىدە تۈزۈك-مۈزۈك زىيارەتلەر ئۇيۇشتۇرالمىغان بولساقمۇ، بىراق قەدىمىي پۇراقتىكى ئۆيلىرى، ئوچۇق ۋە مەردانە كىشىلىرى، ئېغىزدا قالغۇدەك ئۈزۈم ۋە چىلانلىرى، يېڭىدىن قايتا مىللىي ئۇسلۇبتا سېلىنىۋاتقان يېزا بازىرى قەلبىمىزدىكى سوئاللىرىمىزغا چالا-پۇچۇق بېرىلگەن جاۋابى تەرىقىسىدە بىزنىڭ بۇ قەدىمىي يۇرتقا بولغان قىزىقىشىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۋەتتى. قارا دۆۋىدىن چىققان نەچچە مىڭ يىللىق ئادەم ــ بىزنىڭ ئەجدادىمىز، ئەسكىشار خارابىسى شۇ كۈنى بىزنى كۈتۈۋالغان قۇم-بورانغا ئوخشاش تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدىن ئېشىپ قالغان، ئەنە شۇ ئەجدادىمىز ياراتقان مەدەنىيەتنىڭ كىچىككىنە ئىزنالاردىن ئىبارەت. ئامال قانچە، بىزمۇ شۇ بوراننىڭ كاساپىتىدىن قارا دۆۋىنىڭ ۋىسالىغا تولۇق يېتەلمەي، ناجى شەھىرى ــ لاپچۇققا يۈرۈپ كەتتۇق. قارا دۆۋە يېزىسىنىڭ تۆۋەينىگە جايلاشقان بۇ كىچىككىنە كەنتنىڭ قەدىمدىن بېرى قارا دۆۋە بىلەن بولغان سۇ ماجرالىرى قومۇللۇقنىڭ ئاغزىدا بىر كەلگەن. ئەلۋەتتە، ئازادلىقنىڭ يېتىپ كېلىشى بۇ ماجرالارغا خاتىمە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق لاپچۇقنىڭ قارا دۆۋىدىن خېلى ئوبدانلا پەرقلىنىدىغان تىل ۋە مەدەنىيەتلىرىنى بۈگۈنگىچە ئېلىپ كەلدى.

   لاپچۇقتا «قېقىر باغچا مەسچىتى»نىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بىر ئۆيگە چۈشتۇق. قومۇلدا رەسىم شۇنداق: كىشىلەر مەسچىت بىرلىكى ئاساسىدا مەھەللە جامائىتى بولۇپ ئۇيىشىدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا مەھەللە نامى مەسچىت نامى، مەسچىت نامى مەھەللە نامى بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەردە ھەم شۇنداق ئىكەن. «قېقىر» قومۇل شېۋىسىدە «توپا قاينىمايدىغان داق يەر»نىڭ سۈپەتلىنىشى، بۇ سۆزنىڭ يەنە «قېقىراڭ يەر»، «قېپقېقىر» دېگەندەك شەكىللىرى مەۋجۇت. «باغچا» ئەدەبىي تىلدا «باغ» دەپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. قېقىر يەردە باغچىنىڭ بولغىنى قىزىق. قارىغاندا بۇ جايدا شۇنداق بىر غەلىتە ئەھۋال سادىر بولغان بولسا كېرەك. بۇ ئۆيگە شۇ جايدىكىلەر تەرىپىدىن لاپچۇق ئەلنەغمىسىنىڭ ئۇستازلىرىدىن دەپ سانالغان يەتتە سەككىز مويسپىت پەقەت بىزنى، بىزنىڭ قىلماقچى بولغان تەتقىقاتلىرىمىزنى دەپ قەدەم تەشرىپ قىلىشقان. بوۋىلىرىمىز ئۆز سازلىرىنى، مومىلىرىمىز رەڭدار گۈللەر چۈشۈرۈلگەن ئېسىل كىيىملىرىنى كىيىشىپ ئۆيگە جەم بولغىنىدا گويا لاپچۇق مەدەنىيەت خەزىنىسى كۆز ئالدىمىزدا ئۆزىنى نامايەن قىلىۋاتقاندەك ھېسسياتتا بولدۇق. بوۋىلىرىمىزدىن لاپچۇق ئەلنەغمىسىنى ئورۇنلاپ بېرىشنى ئۆتۈنگىنىمىزدە رامىزان ئېيى بولغانلىق سەۋەبى بىلەن ئاۋۋال بىر چۈشۈرگىلىك «رەمىزان»نى بىزگە يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ بەردى. لاپچۇقتا «رەمىزان»نىڭ تېكستى تۆۋەندىكىچە ئىكەن:


«ئەۋەل باشلاپ خۇدانى يات ئەيلىدىم،
پەيغەمبەرلەر رويىنى شات ئەيلىدىم.
رەببىمئاللا، رەمىزان شۇ رەمىزان،
مۇھەممەت ئۈمبەت دىگەن شۇ رەمىزان.
پەيغەمبەر مىندى بوز ئاتنىڭ يالىغا،
قول سېلىپ كىردى كىچەنىڭ قوينىغا.
رەببىمئاللا، رەمىزان شۇ رەمىزان،
مۇھەممەت ئۈمبەت دىگەن شۇ رەمىزان.
پەيغەمبەر ئولى ھەسەن ياقۇۋئىكەن،
خۇدانى كالامىنى ئوقۇۋىكەن.
رەببىمئاللا، رەمىزان شۇ رەمىزان،
خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رەمىزان.
پەيغەمبەر ئوغلى ھەسەن ئالتى ياشار،
مەككىدىن مەدىنىگە سەككىز ياشار.
رەببىمئاللا، رەمىزان شۇ رەمىزان،
خوش مۇبارەك كېلىدۇ شۇ رەمىزان.
پەنجىرەڭدىن قارىسام ئاي كۆرىنەر،
ھەممە ئۆيدىن مۇشۇ ئۆي باي كۆرىنەر.
رەببىمئاللا، رەمىزان شۇ رەمىزان،
مۇھەممەت ئۈمبەت دىگەن شۇ رەمىزان.
رەمىزان ئېتقانىكەن ئىمەر-ئېلى،
ئۇلاردىن قالغانىكەن نۇسخالىرى.
رەببىمئاللا، رەمىزان شۇ رەمىزان،
مۇھەممەت ئۈمبەت دىگەن شۇ رەمىزان.
ۋاي ئىلان ئۆرۈلسىنا، چۆرۈلسىنا،
مۇسۇرمان بەندە بوساڭ تەۋرىنسىنا.
رەببىمئاللا، رەمىزان شۇ رەمىزان،
مۇھەممەت ئۈمبەت دىگەن شۇ رەمىزان.
بۇ روزا ئوتتۇز كۈن ھەي بارىدۇر،
روزىنى يىگە كىشى ھايۋانىدۇر.
رەببىمئاللا، رەمىزان شۇ رەمىزان،
مۇھەممەت ئۈمبەت دىگەن شۇ رەمىزان.
روزا تۇت ناماز ئۆتە جانىڭ ئۈچۈن،
پايدا قىلسا گۆكىرەپ ھالىڭ ئۈچۈن.
رەببىمئاللا، رەمىزان شۇ رەمىزان،
مۇھەممەت ئۈمبەت دىگەن شۇ رەمىزان.
روزىنىڭ ئوممەش كۈنى قادىر كۈنى،
بۇلتۇرقى مۇسۇرماللار بۇ يۇل قېنى.
رەببىمئاللا، رەمىزان شۇ رەمىزان،
مۇھەممەت ئۈمبەت دىگەن شۇ رەمىزان.»


       رامىزان ــ قومۇل ۋاڭلىرى زامانىسىدا قومۇل ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا يەرلىك ساز ۋە خەلق ئىچىدە مەخسۇس توقۇلغان قوشاقلار بىلەن رامىزاننىڭ ئون بەشىدىن كېيىن زوھۇرلۇق ۋاقتىدا ئۆزىگە خاس ئاھاڭلاردا ئېيتىلغان. قومۇل(شەھەر ئىچى رايونلىرىنى كۆرسىتىدۇ)لاردا بۇرۇن داپ، غىرجەك، ناغرا، سۇنايلار بىلەن ئەلنەغمىچىلەر مۇنتىزىم ھالدا رامىزان ئېيتىپ كېلىپتىكەن. ئەمما يېقىنقى ئون نەچچە يىللار مابەينىدە قومۇللاردا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تاپالىسا داپ بىلەن بولمىسا، لېگەنلەر بىلەن رامىزان ئېيتىپ بۇ ئەنئەنىنى ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى پائالىيەت شەكلىگە ئېلىپ كەلدى. بىراق لاپچۇقتىكى بۇ ئېيتقاق بوۋىمىز مەھەللىدىكى ئەلنەغمىچىلەر بىلەن بىرلىكتە لاپچۇقنىڭ باشقا جايلاردىن مەلۇم پەرقلەرگە ئىگە رامىزان ئېيتىش ئادىتىنى بۈگۈنگىچە ساقلاپ كەپتۇ. بۇ ھەممىمىزنى سۆيۈندۈردى.

       ئارقىدىنلا لاپچۇق ئەلنەغمىسى ئورۇندالدى. مومىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قومۇلغا خاس بولغان كىيىملىرىنى كىيىشىپ، يېنىك قەدەملىرى بىلەن لاپچۇق سەنىمى ئويناپ بۇ يۇرتتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنىڭ بىر تىپىك بۆلىكىنى ھوزۇرىمىزغا سۇندى. داپ، غىرجەك، راۋاب قومۇل مۇقاملىرىدىكى ئاساسىي سازلار، «ئاز ئەمما، ساز» سۈپىتىگە ئىگە سازلار. قومۇل مۇقام مۇزىكىلىرى تولىمۇ جەزبدارلىقى بىلەن، گاھى يۈرەكنى ئەزگۈچى مۇڭ لىرىكىلىرى بىلەن، گاھى شوخ ۋە ئويناق ناخشىلىرى بىلەن دىللارنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ. قومۇل مۇقام تېكستلىرى «كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقام»دىكىدەك كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ خەلق تىلىدىن ئۇزاقلاشقان كىتابىي تىلىدا پۈتۈلگەن شېئىر-غەزەللىرىدىن ئەمەس، خەلقنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان قوشاقلاردىن تەركىپ تاپقان، بۇ خىل خاراكتېرى بىلەن ئۇ ھەقىقىي مەنىدىكى خەلق سەنئىتىدۇر. خەلق ئۆز ئىجادىيىتىدىكى قوشاقلىرىغا ئۆز يۈرىكىنىڭ قاتلىرىدىن چىققان قايغۇ ۋە ھەسرەتنى، خۇشاللىق ۋە ھاياجاننى سىڭدۈرگەن مۇزىكىلىرىنى تەڭكەش قىلىپ، ئىستىخىيلىك رەۋىشتە قومۇل مۇقام ناخشىلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. ئېيتقاق بوۋىمىز ئەجدادلىرىمىزدىن ئۇلىنىپ كەلگەن شۇ ھېسسىياتى بىلەن داپنى تومۇرلىرىدىن تارقاۋاتقان سەزگۈلىرى ئارقىلىق ئۇرۇپ، مېڭىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىغا ئورناپ كەتكەن مۇقام تېكستلىرى بىلەن بىزگە ئورۇنلاپ بېرىۋاتقىنىدا، چېكىسىدىن تەر تامچىلىرى تامچىلاشقا، مۇقامنىڭ سېخىمىسى بولۇپ ئۇنىڭ يۈزىدە ئېقىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ خىيالىغا بۇنداق ئىشلار كىرىپ چىقىدىغاندەك ئەمەس، ئۇ بەلكى بىر مەدەنىيەت(ياق، تېخىمۇ توغرىسى بۇ ئەجدادلاردىن بىزگە كەلگەن رىشتە)نى بۈگۈنگە ئۇلىغۇچى، بۈگۈن ھەم ئۇنى داۋاملاشتۇرغۇچى بولغىنىدىن پەخىرلەنسە كېرەك، بەلكى ئۆز قەلبىدىكى ھېس-ھاياجانلىرىنى بوۋىلاردىن قالغان بۇ قىممەتلىك مىراس ئارقىلىق ئىپادىيەلىگىنىدىن خۇش بولسا كېرەك. ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇقامغا بېرىلگەن. شۇ پەيتتە ئۇ مۇقامنىڭ بىر گەۋدىسىگە، مۇقام ئۇنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ كەتكەندەكلا. لاپچۇق ئەلنەغمىسى ئالاھەزەل بىر سائەت داۋام قىلدى. مۇقام ئاياغلاشتى، سورۇن تۈگىدى. «رەھمەت-ھەشقاللا»لار بىلەن بۇ ئۆزىمۇ، مېھرىمۇ ئاتەش يۇرت ئارقىمىزدا قالدى.
 
 

قومۇل تاغلىرىدا

 

قالغايتىلىققا تەقدىم

 

ئۈستى قىش، قالغايتىنىڭ ئاستى باھار،
قوينىدا گۈلباغى ئەدناندىن گۈزەل.
نەكى ئەدنان، ئەسلى بىر ئەپسانە ئۇ،
جانغا راھەتبەخش جاڭنەندىن گۈزەل.
سۇلىرى كەۋسەر ئۇنىڭ دىلغا شىپا،
ھەم ئىپار ھاۋاسى رەيھاندىن گۈزەل.

يىگىتنىڭ قەلبى ئاسماندەك سۈزۈك،
قىزى ئاسمان كۆركى چولپاندىن گۈزەل.
قىزى جانان دېسە يىگىت، دەيدۇ قىز:
ئەمما جانانغا ۋەتەن جاندىن گۈزەل.
شۇڭا دەيمەن بۇ گۈزەل يۇرت ئەھلىنىڭ،
كۆڭلى دەريا، نىيىتى ئاندىن گۈزەل.

 

1982-يىل ئاۋغۇست قومۇل قالغايتى

<ئا.خوجا> (بۇ شېئىر قالغايتى تاغلىرىدىكى بىر چوڭ قىزىل تاشقا ئويۇلغانىكەن)

 
       «-لىق، -لىك» ئانلامىدا كېلىدىغان«-تى» قوشۇمچىسىدىن تۈزۈلگەن «تاراتى»، «قالغايتى»، «تۆمۈرتى»، «پۆتۈتى»، «ئىرغايتى» دېگەن يەر ناملىرى بىزگە قەدىمىي بىر تارىخنى سۆزلەۋاتقاندەك تۇرىدۇ. يەرلىك كىشىلەرنىڭ بۇ ناملارنىڭ ھەممىسىنى قالماقلارغا ئىتتىرىپ قويۇشى(ئۇيغۇرچىلىقى ئېنىق بولسىمۇ)، قومۇل، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز يۇرت ناملىرىنى ۋە ئەجدادلىرىنى قالماقلار بىلەن باغلىۋېلىشى بۇ قەدىمىي دىياردىكى يەرلىك خەلق ـــ ئۇيغۇرلار بىلەن موڭغۇللار ئارىسىدىكى ئالاقىلەرنى بىزگە ئاڭلىتىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.

        تاراتى تاغلىرىدىكى كۇپپارلار بىلەن جەڭ قىلىپ قېچىپ كەتكەن ئۇلۇغلار دۇئالىرىنىڭ تەسىرىدە تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن سۇپرا، ئىگەر، ئوقيالار بۇ يۇرتلارنىڭ سېھىرىنى نامايەن قىلىپ، بىزنى بۇ تۇپراقلاردا يېڭىدىن ئىسلام ئېچىلغان XVI ئەسىر مۇھىتىغا سۆرەپ كىردى. چىڭگىز ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىپ كەلگەن قەدىمكى ئۇيغۇر دىيارى قومۇل بۇددىزم، ئىسلامىزم ۋە شامان دىنلىرى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىر ھالدا ئىدى. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى بۈگۈن بۇ يۇرت خەلقى تەرىپىدىن قالماقلار، كۇپارلار دېيىلىۋاتقان بۇددىست ۋە شامان دىنى مۇرىتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۇيغۇر ئىدى، ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپلەردىن ئىسلام دىنى تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش مەقسىتىدە بۇ يۇرتلارغا ئۆتكەن ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ كۆپچىلىكى سوپىلار ئىدى. ئۇلار ئىسلام دىنى بىىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقاتىدىكى شامان دىنى قالدۇقلىرى يۇغۇرۇپ ئىسلامنى سوپىستىك شەكىلدە تارقاتقان بولسىمۇ، بىراق جاھىل قومۇللۇقلار ئۆز ئېتىقادىدىن ئاسان ۋاز كەچمىگەن، يېرىمى مۇسۇلمان بولغان بىلەن، قالغان يېرىمى ئۆز دىنلىرىنى ساقلاۋەرگەنىدى. مۇسۇلمان بولغان موڭغۇل خانلىرىنىڭ تەسەررۇپىدا تۇرغان بولىسمۇ، دىنىي ئېتىقادقا چەكلىمە قويۇلمىغان. مەسچىت ۋە بۇتخانىلار ئورتاق مەۋجۇت بولۇۋەرگەن. بارا-بارا ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ دىنسىزلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان «غازات»لىرى نەتىجىسىدە بۇددا ۋە شامان دىنلىرى بۇ يۇرتتىن تولۇق سىقىپ چىقىرىلىپ، سوپى-ئىشانلارنىڭ تەرغىباتى بىلەن ئومۇملاشقان ئىسلام كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە ھاكىم بولغان. ۋاڭلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي رەۋىشتە بۇتخانىلار چېقىلىپ، مىڭئۆيلەر بۇزۇلغان. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى بۇ ھەرىكەتلەر تاكى XX ئەسىرگە كەلگەندە ھەم يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. جاھىل بۇددىستلار مەجبۇرىي رەۋىشتە ئۆزىنىڭ ئەلە-مەلىلىرىنى تاشلاپ، بۇ باغرى كەڭ تاغلار ئارىسىدا، ئاخىرى بېرىپ كەڭسۇدىكى قېرىنداشلىرى قېشىدا ماكان تاپقان. مۇسۇلمان بولغان يەرلىك خەلق بىرەر ئەۋلاد ئاتلىغاندىن كېيىنلا ئۆز ئەجدادلىرى بولغان كاپىرلارنىڭ «شەرەپسىز» كەچمىشلىرىنى ئۇنتۇغان. كېيىنچە بۇ ئىسلام يۇرتىغا تالان-تاراج يۈرگۈزگەن قالماق(ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى دىنلىرىدا قالغانلار، موڭغۇللار)لارنىڭ رەسمى-يوسۇنلىرى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭكىگە ئوخشىغاچقا، ئۆز ئەجدادلىرىنىمۇ شۇلار بىلەن بىر تائىپىدە ساناپ، ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنى كۇپارلار، قالماقلار دېگەن ناملار بىلەنلا تەسۋىرلەپ بېرىشكەن، ئۇلار زامانىسىدىن قالغان يەر-جاي ناملىرى ۋە سۆز-شېۋىلەر تەبىئىيلا «قالماقچە گەپ» بولۇپ قالغان. تۈركلەر بىلەن موڭغۇللارنىڭ مۇناسىۋىتى تارىخنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىنلىرىدا ھېچ ئۈزۈلۈپ قالغان ئەمەس. بۈگۈنكى موڭغۇل يايلاقلىرىدا ياشىغان ھونلار بىزلەرگە ئورتاق ئەجداد سۈپىتىدە ئېيتىلماقتا. كېيىنكى دەۋرلەر ئۆتۈكەن ــ بۇ قۇتلۇق زېمىندا باش كۆتۈرۈشكەن تۈركلەر، ئۇيغۇرلار ھېچ قاچان موڭغۇللارنى يات تائىپە قاتارىدا كۆرگەن ئەمەس، بەلكى ئۇلار بىلەن قېرىنداشلارچە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن. بۇ خىل قويۇق مۇناسىۋەت چىڭگىزخان دەۋرىدە باش كۆتۈرگەن موڭغۇللار زامانىدا ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئىلىم سالغان، ئۇلار بىلەن تەڭ يۇرت سوراشقان ئۇيغۇرلاردا تىپىك ھالدا ئەكس ئەتكەن. موڭغۇل ئەۋلادلىرى بۇ دىياردا ئاتىدىن ئەۋلادقا خان بولۇپ ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق مەدەنىيلەشكەن ئۇيغۇرلارغا سىڭىشىپ كېتىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمىغان. بۇ تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئىسلام ئېيتىشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. ئىسلامغا كىرمەستە ئۇلار ئارىسىدا تويلىشىشلار ھەم نورمال ھالدا بولۇنغان. چىڭگىزخاننىڭ ئانىسىنىڭ تۈركلەردىن بولۇشى سۆزىمىزگە دەلىل. مەيلى ئىرقىي جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تىل جەھەتتىن بولسۇن ئۇيغۇرلار بىلەن موڭغۇللار قېرىنداش مىللەتلەردىن سانىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئارىسىدىكى بەزى ئورتاقلىقلارغا ھەيران قېلىشنىڭ ئورنى يوق (بۇ خىل ئورتاقلىق چارۋىچىلىق ھاياتىنى تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىل، كۆلەملىك ھالدا سۈردۈرۈپ كەلگەن قازاقلاردا تېخىمۇ كۆرىنەرلىك ئەلۋەتتە). بىراق بۈگۈنكى قومۇل، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز ئەجدادلىرىنى قالماقلاردىن سانىشى، ئەجدادلىرى بەرپا قىلغان مەدەنىيەتلەرنى، شەھەرلەرنى قالماقلارنىڭ دېيىشى مۇسۇلمان بولغان تۈركلەردە «ئۇيغۇر» دېگەن نامنىڭ پەقەتلا بۇددىست ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىشى بىلەن، بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە رەسىم-يوسۇنلىرىنى ئۆز دىنىدا قېلىپ قالغان «قالماقلار» جۈملىسىدىن دەپ قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك ۋە بەلكى بۇددىست ئۇيغۇرلار ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغاچقا، ئۇلارمۇ دىنىدا قېلىپ قالغان «قالماقلار» دەپ ئاتالغاندۇر. ئەي تاغلار، باتۇرلار ماكانى، باتۇرلار پاناھى بولغان تاغلار، ئۆز ئېتىقادى، ئۆز ئادەتلىرى ئۈچۈن نەچچە ئەسىرلەپ كۈرەش قىلغان جاھىل ئەجدادنىڭ روھىنى بۈگۈنلۈكتە بىزگە ھەم يەتكۈزسەڭچۇ؟!


※  ※  ※  ※  ※  ※

        تۆمۈرتى تاغلىرىغا تۆمۈر پوقى كەڭ تارالغان، بۇ بەلكى تۈركلەر تۆمۈر تاۋلاپ يول ئېچىپ ئۆزلىرىگە كەڭرى جاھاننىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان ئەرگىنە قۇندىن چىققان زامانلاردىكى تۆمۈرنىڭ يۇقۇندىلىرىدۇر، بۈگۈنكى تۈركلەر ھاياتىنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. تولىمۇ گۈزەل بۇ تاغ بىزنى ئۆزىنىڭ سىم-سىم يامغۇرى بىلەن كۈتۈۋالدى. ئاسماننى قاپلىغان قارا بۇلۇتلارنىڭ سايىسى بۇ زېمىننىڭ ئۈستىگە ھەم چۈشكىنىدە تەبىئەتنىڭ چىراي ئىپادىلىرىدىن بىرى بولغان يامغۇر تامچىلىرى ــ كۆكنىڭ قانلىق ياشلىرى ئۆز مەشۇقى زېمىننىڭ باغرىغا تامچىلاشقا باشلىدى. ياغاچ ئۆيدە ئولتۇرغان ئابلىز بوۋىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، بۇ يۇرتنىڭ كەچمىش-ئۆتمۈشلىرىدىن، ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن بوۋىمىز ئاغزى ئارقىلىق بىلىم ئالدۇق. بوۋىمىز بىزگە  تاكى يېقىنقى يىللارغا قەدەر داۋام قىلىپ كەلگەن كۆك مەشرىپىدە ئوقۇلىدىغان بېيىتلاردىن ئېيتىپ بەردى:


«ھەۋۋەلى پىراق ۋە ھازەل ئىشتىياق،
مۇبارەك جاماللىرىغا كۆڭلىمىز يېقىن ئارىمىز يىراق.
قىش كۈنىدە ئۈندۈرەدۇ دانە ۋۇغداينى،
سۇغارغىلى ئەر بارمىكى شۇ بۇغداينى .
سۇغارغىلى ئەر بوسىكى شۇ بۇغداينى،
كىچە كۈندۈز ياد قىلۇرمىز ئۈستۈن خۇدانى.
تام تامدىن چىچەك، تامدىن ئىگىز بامۇ چىچەك،
كۆگىلى كۆكلۈك چىچەك، كۆتەرگىلى ئېغىر چىچەك،
بۇغدىي ئۆڭلۈك، غۇنچى رەڭلىك، بويلىرى ئالتۇن چىچەك.
بويلىرى ئالتۇن چىچەكنىڭ سۆلىتى سۇلتانچە بار،
ئاي يۈزىگە نۇر چۈشۈپتۇ گۈلنى ئۈزگەن گۈلچە بار.
گۈلنى ئالدىم، كۈپكە سالدىم،
ئوڭ قولۇمغا ھاراغ ئالدىم سول قولۇمغا شام چىراق.
شام چىراخنى تارتا-تارتا يېشمىگەنلار قالمىدى،
بويىنى بىر چۆرگۈلۈپ، ئۇچقۇنچە ھاللار قالمىدى.
تاغدا بۇغداي مايسا ۋولدى، شاققا قويدى ھەر تەرەپ،
شۇ كۆڭۈللەر خاتىرىدىن يارى تۇتتۇق ۋاي تەرەپ.
تاغدا بۇغداي مايسا ۋولدى، ئورغىلى كەلسەڭچى يار،
جان چىقىپ ھەللەتكە يەتتى، ھال سوراپ كەلسەڭچى يار.
شەنبىدە جابدۇغ ئېتىپ، دۈشەنبىدە كەلسەڭچى يار،
ھەپتىگە ئۈلگەرمىسەڭ، بىر ئايدا بىر كەلسەڭچى يار.
پاختىگىم ھەي پاختىگىم، يامانلىماڭ ھەي پاختىگىم،
پاختەك جۈپتىن بولۇر، جۈپتىن بولۇر.
شاختىن شاخقا قونۇر، ئاغزىغا قۇرۇت سالۇر،
بۇ كۆڭۈللەر خۇش ۋوغاي دەپ بۇ ئويۇننى باشلىدۇق.
نەغمىچى لازىم دىسە بىر جۈپ جۇگاننى راسلىدۇق،
سازەندە لازىم دىسە موسا قارىنى راسلىدۇق.
ئەتتىگەندە چىللىغىلى چار خورازنى راسلىدۇق،
قوينى ئوتتۇز، غازنى توققۇز ھەممىنى تەڭ راسلىدۇق.
بۇ كۆڭۈللەر خۇش ۋوغاي دەپ بۇ ئويۇننى باشلىدۇق»


     بۇ كۆك بېيىتلىرى تىپىك ھالدا قومۇل تاغلىرىنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگىنى بىلەنلا ئەمەس، پايدىلىنىلغان تۈرلۈك ئىپادىلەش ۋە ئىستىلىستكىلىق ۋاستىلىرىنىڭ موللۇقى، كۆپ ۋە ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ قىممەتلىك.
         ئابلىز بوۋىمىز ئۆزى پالتا بىلەن قارىغايلارنى يېرىپ ياساپ چققان يىگىرمە يىللىق ئۆمۈرگە ئىگە ياغاچ ئۆي يەنىلا سىنىنى بۇزماي ناھايىتى مەزمۇت تۇرۇپتۇ. ئۆي ئىچىدىكى ئويۇقلار ئىچىگە ئېلىنغان يوتقان-كۆرپىلەر ئىچى كېسەك، لاي بىلەن ياسالغان بۇ ناھايىتى يىغىشلىق ئۆيگە زىننەت قوشۇپ تۇراتتى. بوۋىمىزنىڭ ئۆيىدىن «رەھمەت-ھەشقاللا» بىلەن چىققىنىمىزدا قەدىمكى دەۋرلەردىكى پادىشاھلارنىڭ چىرايىغا ئوخشايدىغان بۇ تاغ ھاۋاسى يەنە ئۆزگىرىش ياساپ، ئابايىقى كۆكتىن تامغان يامغۇر تامچىلىرىغا خاتىمە بەرگەنىدى. ئويناقشىپ ئېقىۋاتقان كۆك بىلەن تومۇرداش كۆپكۆك غول سۈيىگە ھەۋەس بىلەن باقتىم. شەھەرئىچىلەردە بىر زامانلاردا بىز دوستلىرىمىز بىلەن سامان يۇيىدىغان، چوڭلار قانداقتۇر دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى يىغىدىغان، بۈگۈنكى بالىلارغا ئويناش نېسىپ بولمىغان قۇمچاقلار، «سويىر»غا ئوخشاش ئۇششاق بېلىقلارغا ماكان بولغان، كېيىن بارغانسېرى مەينەتلىشىپ، قارىغىلىمۇ بولمايدىغان ھالغا يەتكەن، بۈگۈنلۈكتە بولسا ئۆز سۈيىدىن ئايرىلىپ نامى بار، ئۆزى يوق «خابا»لاردىن بولۇپ قالغان شەرقىي، غەربىي ئۆستەڭلەر يادىمغا يەتتى. نە ئامال، نە چارە؟ قومۇل شەھىرىنىڭ نېسىۋىسى شۇنچىلىك بولسا...


※  ※  ※  ※  ※  ※


          تۆمۈر خەلىپە ۋە خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابلارنىڭ بۇ يۇرتلاردىكى گۇۋاھچىسى بولغان بوۋا-مومىلىرىمىزدىن يېتەرلىك ھالدا مەلۇماتلار ئالالمىغىنىمىزدا، تارىختىن بۇيان بۇ ماكاننىڭ يىغىسى ۋە كۈلكىسىگە ئورتاق بولۇپ كەلگەن تاغلارغا، تاغچىلارغا ئوخشاشلا بىر خىل يوسۇندا ئېقىپ كەلگەن ئەركەك سۇ ــ غول سۈيىگە، بىر ئەسىر ئىلگىرى تىكىلگەن تالاي ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى بولغان ئۆرۈكلەرگە مۇراجىئەت قىلدۇق. تاغلاردىن پۈگەن تېپىپ شۇ زاماندىكى ئۇرۇشلارنىڭ يالدامىلىرىنى كۆرەيلى دەپ، «جەڭلەر بولۇپتىكەن» دېيىلگەن تاغلىرىمىزغا چىققىنىمىزدا، خوجىنىياز ھاجىنىڭ نامىغا سېلىنغان باغچە ۋە راۋاقلاردا قەھرىمان پالگانلىرىمىزنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ، ئۇلار بىلەن خىيالەن سىردىشايلى دەپ كىرگىنىمىزدە، تولىمۇ ئەپسۇسكى بىزگە ئەڭ كۆپ چېلىققىنى پىۋا ۋە ھاراق بوتۇلكىلىرى بولدى. ئامال قانچە، ئۈمىدسىزلىك ھېسلىرىنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق. تۇرۇپ ئويلىدىم، ئىسلام ئېتىقادىنىڭ تەسىرى ئۇ دەرىجىدە كۈچلۈك بولمىغان، بىراق ئەلىمساقتىن ئەرككە تەلپۈنگەن بۇ تاغلاردا ياشاپ كەلگەن خەلقتە بۈگۈندە ھاراق ئىستېمالىنىڭ كۆپلۈكىنى يەنە قايسى باھانىلار بىلەن ئىزاھلىساق بولۇركىن؟!

         بىر ئەۋلاد بىلەن يەنە بىر ئەۋلاد ئارىسىدا ھەم تارىخىي ۋەقەلەرنى بايان قىلىشتا خېلى چوڭ پەرقلەر كۆزىمىزگە تاشلىنىدۇ. بۇ بىر ئەسىرلىك تارىخىي دەۋرنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بوۋىمىز بىلەن قىرىق يىللىق خىزمەت سىتاژىغا ئىگە پېشقەدەم كەنت باشلىقىنىڭ قومۇل تاغلىرىدىن يالقۇنجىغان ئىنقىلابلارنى بايان قىلغىنىدىكى پەرقلەردە ئەكس ئەتتى. 100 ياشلىق بوۋىمىز، ئۆزىنىڭ گاڭلار(ۋاڭلار) زامانىسىدا مال-چارۋا بېقىپ، كېيىن لاپچۇقلاردا دىنىي تەربىيە ئېلىپ كەلگەنلىكلىرىنى، شۇ جەريانلاردا بولۇنغان تۆمۈر خەلىپە ۋە كېيىنرەك پارتلىغان سالى دورغا باشچىلىقىدىكى شوپۇل قوزغىلىڭى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى «ئاچچىقى يامان» خوجىنىياز ھاجىمنىڭ رەھبەرلىكىدىكى چوڭ كۆلەملىك ئىنقىلابنى، شۇ جەرياندا مەيدانغا چىققان قومۇللاردىكى سورۇقچىلىقلارنى، قاچ-قاچتا موڭغۇلىيەگە چىققانلىقى ۋە شۇ يەردىكى مۇساپىرەتچىلىكلىرىنى بىزگە ئەينەن تارىخىي دەۋرلەر ۋە شەخسلەر بويىچە توغرا سۈرەتلەپ بەردى. ئاتمىشلاردىن ھالقىغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان كەنت باشلىقى ئاۋۋال سالى دورغا، ئاندىن تۆمۈر خەلىپە ۋە يەنە خوجىنىياز ھاجى يېغىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن بىر ھالدا بىزگە يەتكۈزدى. ئۇنىڭ بالىلىرى دېمەتلىك كىشىلەر بولسا كىتابلاردىن ئاندا-مۇندا ئوقۇۋالغان بەزى بايانلارنى چالا-پۇلا ئاڭلىۋالغان چوڭلارنىڭ سۆزلىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ يەر-جايلار ھەققىدە بىزنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى. خوجىنىياز ھاجى ئۆسۈپ چوڭ بولغان بۇ تاغلىق يېزىدىكى بىر ئەۋلاد بىلەن كېيىنكى ئەۋلاد ئارىسىدا كۆرۈلگەن تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ بايانىدىكى بۇ خىل ئۈزۈكچىلىك بىزنى قاتتىق ئېچىندۇردى. مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قەلىمىدە XX ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى زور نوپۇز ئىگىسى بولغان خوجىنىياز ھاجىمنىڭ نامىغا ئاتالغان مەڭگۈ بۇزۇلماس تەۋەررۈك كاتتا ئابىدىنى تىكلەپ بېرىشى بىلەن شۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ زاتقا بولغان چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئەسلەش قايتا كۆتۈرۈلگەنىدى. بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ 30-يىللاردىكى شىنجاڭ تارىخىنى ياراتقۇچىلارنىڭ بىرى بولغان بۇ زاتقا بولغان ئېھتىرامىمىزنى، شۇ دەۋردىكى خوجىنىياز ھاجى ۋە سەپداشلىرى روھىغا يەتكۈزمەكنى نىيەت قىلىپ، دەۋرداشلىرىدىن، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بىلگەچ، ئۇلارنىڭ قەدىمى يەتكەن مۇقەددەس تاغۇ-تاشلىرىنى تاۋاپ قىلدۇق. جىرجىس ھاجىغا ئوخشاش كاتتا دىنىي ئۆلىمايىمىزمۇ خوجىنىياز ھاجىم بوۋىمىزنىڭ ئۈزەڭگىسىنى كۆزىگە سۈرۈپ، تاۋاپ قىلماقنى ئۈچىنچى قېتىم ھەجگە بارغاننىڭ قاتارىدا سانايدۇ. شۇ دەۋرنىڭ كاتتا قەھرىمانلىرىدىن بولغان، تېخىمۇ مۇھىمى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ئۇيغۇرنىڭ مىللىي روھى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن خوجىنىياز ھاجىنىڭ قەدىمى يەتكەن بۇ مۇقەددەس يەر-سۇلار، تاغلار بۈگۈنلۈكتە بىزگە ھەم سەجدىگاھ ئەمەسمۇ؟!

※  ※  ※  ※  ※  ※

       نېمىشقىكىن كىچىكىمدىن ئاسماننى، ئاسماندا لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتلارنى، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۈزىتىشكە ناھايىتى ئامراق ئىدىم. ئېتىز قىرلىرىدا ئارام ئالغانلىرىمدا، دوستلىرىم بىلەن بىللە كەڭ دالىلاردا قوي بېقىپ يۈرگەن شۇ غەمسىز بالىلىقلىرىمدا يېتىپ تۇرۇپ كۆپكۆك ئاسماندا ئۇيان-بۇيان ھەرىكەت قىلىدىغان بۇلۇتلانى تاماشا قىلاتتىم. تاغدا ھاۋامۇ، ئاسمانمۇ، بۇلۇتلارمۇ باشقىچە بولىدىكەن. كۆپكۆك ئاسماندىكى چەكسىزلىك بۇ يەردە ئۆزىنى تېخىمۇ بەك نامايەن قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئەركىن ئويناپ يۈرىدىغان بۇلۇتلار تولىمۇ گۈزەل بىر رەۋىشتە كۆز ئالدىڭىزدا پەيدا بولىدۇ. ئۇلار شۇنچىلىك سەبىي قىلىقلارنى چىقىرىپ ئۇيان-بۇيان ئۆتۈشكىنىدە، كىشىگە زېمىننىڭ تەكتىگە يوشۇرۇنغان قانداقتۇ بىر تارىخنى ئاڭلىتىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. تۆمۈرتىدە، ئاقتاشتا يامغۇرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مەنزىرىلەرگە شاھىت بولدۇق. ئاسماندىكى بۇلۇتلارنىلا يازسا نەچچە توم رومان چىقارمىكىن دەيمەن. قايەرگە قارىماڭ بۇلۇت شۇ يەردە بار، بولغاندىمۇ ئوخشاشمىغان بىر مەنزىرە بىلەن سىزگە ھەر بىرى باشقا-باشقا دۇنيانى ئاڭلىتىدۇ. تاغلار بىر قارىسىڭىز ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن. قارا بۇلۇتلار خۇددى ئاسماننى پارچە-پارچە بۆلەكلەرگە بۆلۈۋالغاندەك. سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىلا، كۆكتە ئاجايىپ جەڭ-جېدەللەر يۈز بېرىپ گاھى ئۇ تەرەپ، گاھى بۇ تەرەپ غەلىبە قىلىۋاتقاندەك. بۇ يەردە نەچچە يىللار مۇقەددەم يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بۈگۈن ھەم سىزدىن ئانچە يىراق بولمىغان بوشلۇقتا قايتا سادىر بولۇۋاتقاندەك. ئاقتاشقا كەلگىنىمىزدە ئاسمان قارا بۇلۇتلار ۋە ئۇنىڭغا مايىل بۇلۇتلارنىڭ ئىدارىسى ئاستىغا ئۆتكەنىكەن، بۇ چاغدا ئىككى داۋاننىڭ ئارسىدا كىچىككىنە كۆپكۆك بىر بوشلۇق خۇددى ئاسماننىڭ زېمىنغا ئېچىلغان دەرىزىسىدەك پەيدا بولدى. قارا بۇلۇتلارنىڭ ئاستى، داۋانلارنىڭ ئۈستىدىكى پەقەت شۇ بىر دەرىزىدىنلا ئاسماننى، ئۇنىڭ كۆكلۈكىنى بىلىش مۇمكىن. بىراق، ئۇنىڭ چەكسىزلىكى قارا بۇلۇتلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان. ئەمدى قارىسىڭىز ئاق بۇلۇتلار ھۇجۇم قىلىپ كېلىشكەن. ئۇلار ئىككىسى ھايات-ماماتلىق جەڭگە چۈشۈپ كەتكەندەك قىلامدۇ-نېمە؟ جەڭنىڭ داۋامى قانداق بولدى؟ بۇنى بىز تاغنىڭ ئەركە ھاۋاسىغا ھاۋالە قىلدۇق. ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرۈشتىمۇ بۇلۇتلارنىڭ رايىغا قاراشقا مەجبۇر بولغان قۇياش نېمىدىندۇر يامانلاپ قالغاندەك، ئۆزىنىڭ بىر كۈنلۈك سەپىرىنى شەپەق بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان چېغى! ئاسماندا قىزىق ئۇرۇشىۋاتقان بۇلۇتلار ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك ھەسرەت ئىچىدىكى ۋىدالىشىش پەيتلىرىنى كۆرۈشكىمۇ ئىمكان بەرمىگەن. قاراڭغۇلۇق تاغ ئاسمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن بۇلۇتلارنىڭ جامالىنى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشلىرىنى كۆرەلمىدۇق. ماشىنىمىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئەگرى-بۈگرى تاغ يولىدىكى يېگانە يورۇقلۇق مەنبەسى بولۇپ، بۇ ئاسماندا ئاجايىپ قىزىق ۋەقەلەر بولىدىغان، خۇددى رىۋايەتلەردىكىدەك ئاسمان، يايلاق، قۇملۇق، تاغ، كۆل ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ رېئاللىقتىكى جەننەتتىن بىزنى شەھەرگە، تەبىئىيلىكتىن يىراقلاشقان تەبىئەت قوينىغا ئېلىپ ماڭماقتا ئىدى. بۇلۇتلارنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن بۇ ئويۇنلىرى ئەقلىمىزگە يوغان سوئال بەلگىسىدىن بىرنى قويۇپ قويدى.

※  ※  ※  ※  ※  ※

         تاغلارنى، تاغچىلارنى دەسلىپىدە چوڭلارنىڭ پاراڭلىرىدىن ئاز-تولا ئاڭلايتتۇق. كېيىن كىتاب كۆرۈپ قومۇل تاغلىرىدىكى باھادىرلارنىڭ جەڭگىۋار شەجەرىلىرىنى ۋاراقلاپ چىقتۇق. مەكتەپتە تاغچىلار بىلەن بىرگە ئوقۇش جەريانىدا ئۇلاردىكى تالماس، جاپادىن قاچماس، ئىجادقا باي، شۇنداقلا خۇددى تاغ ھاۋاسىدەك ساپ ۋە پاك بىر قەلبنى كۆرگەنىدۇق. بەلكى بۇ تاغنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي ئېكولوگىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك، دەپ قارىغانىدۇق. تاغقا چىقتۇق، تەڭرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ياراتقان بۇ گۈزەل ئەسىرىدىن قانغۇچە ھوزۇر ئالدۇق. شۇ خىل كاتتا نېمەتتىن بەھىرلىنىپ ياشىغۇچىلاردا نېمە غەم بولسۇن دېگەن يەرگىمۇ كەلدۇق. تاغچىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش سىرالىرىدا ئۇلاردىكى قورقماس تەبىئەتنىڭ، تاغ سۈيىدەك سۈزۈك قەلبنىڭ ھەقىقەتەنمۇ شۇ جاينىڭ تەبىئىي مۇھىتىدىن ئەنداز ئېلىنغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. بىراق ئۇلاردىكى تويۇنغان مەنىۋى ئېكولوگىيەگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. مېھماننى چوڭ بىلىدىغان ئادەتنىڭ بۇ يۇرتلاردا ناھايىتى گەۋدىلىك ساقلىنىپ قېلىشى، كۆك مەشرىپى ۋە باشقا مەشرەپ يوسۇنلىرىنىڭ تاكى يېقىنقى يىللارغىچە داۋام قىلىشى، بۇ جاي كىشىلىرىنىڭ كىتابقا ئالاھىدە ھېرىسمەن بولۇشى.... ئىشقىلىپ بۇ جايدا بىز شەھەردە يوقىتىپ قويدۇق دەپ ئەپسۇسلىنىۋاتقان نۇرغۇن نەرسىلەر بار ئىكەن. تەبىئەتتىكىلا ئەمەس، ئىنسانىيلىقتىكى ساپلىقمۇ ھەم. يېقىنقى ئون يىللار مابەينىدە قومۇل تاغلىرىنىڭ، تاغلاردىكى يايلاقلارنىڭ، ئورمانلارنىڭ تەبىئىيلىكىنى قوغداش مەقسىتىدىمۇ ياكى بۇ رايونلاردا ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدىمۇ ۋە ياكى چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مەقسىتىدىمۇ، ئەيتاۋۇر شۇنداق بىر تالاي سەۋەبلەر بىلەن تاغچىلار قومۇلنىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان ئاقار، ياربۇلۇڭ ۋە باشقا ئېچىش رايونلىرىغا كۆچۈرۈلدى. ئەسلى چارۋىچىلىق قىلىپ كۆنگەن تاغچىلارنىڭ بۇ يېڭى تېرىم مۇھىتىغا كۆنۈشى ئوڭاي ئەمەس ئىدى. ئەمما نېمىلا بولمىسۇن، تاغچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپى ئەنە شۇ «كەيپاچۈ»(ئېچىش رايون)لىرىدا ياشاۋاتىدۇ. تاغلاردا ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان بۇ تەۋەررۈك تاغۇ-تاشلاردىن، ياپيېشىل يايلولاردىن مېھرىنى ئۈزەلمەي قېلىپ قالدى. ئۇلار بۇ تاغلاردا، بۇ زېمىندا قېلىپ قالدى، بوۋىلىرىنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ بۇ جەننەت تىمسال ماكاندا ياشاپ قالدى. بىراق ئۇلارنىڭ، ئازغىنە كىشىلەرنىڭ بۇ جاينىڭ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئېكولوگىيەسىنى داۋاملىق قوغداپ كېتەلىشى مۇمكىن بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. قومۇل تاغچىلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيەتىدىكى يارقىن، ئۆزگىچە قەدىمىي بىر مەدەنىيەتنىڭ ياراتقۇچىلىرى، ئۇنىڭ ۋارىسلىرى. بۇ مەدەنىيەت تاغچىلار تىلىدىكى ئۆزگىچە لېكسىكىلىق ۋە فونېتىكىلىق پەرقلەر، تاغچىلار ياراتقان قومۇل مۇقاملىرىنىڭ ئۆزگىچە يۈرۈشلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردىكى چارۋىچىلىق ۋە تاغ ھاياتىغا ئالاقىدار ئاخىرقى تۇرمۇش بىلىملىرىدە ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ. قومۇلدىكى ئىسلام دىنى ئەڭ ئاخىرىدا ئومۇملاشقان بۇ يۇرتلاردا قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنىڭ ئامىللىرى ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ، تاغچىلار بۈگۈنمۇ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تە خاتىرىلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تامغىلىرى بۇ سۆزىمىزنىڭ تىپىك دەلىلى. 2008 -يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزامى»دا «⑴ ئاغزاكى ئەنئەنە، جۈملىدىن، مەدەنىيەت ۋاستىسى بولغان تىل؛ ⑵ ئەنئەنىۋى ئورۇنداش سەنئىتى ۋە ئەلئارا گۈزەل سەنئەت؛ ⑶ ئەنئەنىۋى مۇراسىم ، ھېيىت- بايرام ، تەبرىكلەش مۇراسىمى، شۇنداقلا ماھارەت، ئويۇن قاتارلىق مىللىي ئۆرپ- ئادەت پائالىيىتى؛ ⑷ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنلىك ماھارىتى؛ ⑸ تەنتەربىيە دۇنياسىغا ۋە ئالەمگە ئالاقىدار ئەلئارا ئەنئەنىۋى بىلىم ۋە ئەمەلىيەت؛ ⑹ ئالدىنقى 5 تۈرگە ئالاقىدار ماتېرىيال، نەرسە ۋە سورۇن؛⑺ قوغدىلىدىغان باشقا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى»⑦ قاتارلىقلار قوغدىلىدۇ دەپ بەلگىلىگەنگەن. ھالبۇكى، قومۇل تاغلىرىدا يۇقىرىقى يەتتە تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەۋجۇت. تاغچىلارنىڭ ئۆزگىچە تىلى بار. ئەنئەنىۋى ئورۇنداش سەنئىتى «قومۇل ئون ئىككى مۇقامى»نىڭ تاغ يۈرۈشى بار. ئەنئەنىۋى مۇراسىملىرىدىن بۇلاق تازىلاش، يادا تىلەش، كۆك مەشرىپى قاتارلىقلار تاغلاردا ساپ ھالەتتە ساقلىنىپ كەلگەن. ئەنئەنىۋى قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ماھارىتى قومۇل تاغلىرىدا ئەلۋەتتە، تاغچىلارنىڭ ياغاچ ئۆيى، تاغچى ئانىلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى چاچمىچىلىق سەنئىتىدە ياراتقان مۇۋەپپىقىيەتلىرى بۇ ماھارەتلەرنىڭ مەن بىلگەن كىچىككىنە بىر قىسمى بولسا كېرەك. قومۇل تاغلىرىدىكى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ــ چەۋەندازلىق ۋە ئوغلاق تارتىشىش بۈگۈن ھەم مەۋجۇت. بۇلارغا ئائىت سورۇن، ماتېرىياللار ھەم ناھايىتى كۆپ، پەقەت تېخى قېزىلمىغان. دېمەك قومۇل تاغلىرىدا قوغدىلىدىغان قاچورا ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا ئوخشاش تەبىئەت ئېكولوگىيەسىلا بولۇپ قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇر ئۈچۈن، جۇڭگو ئۈچۈن، ئىنسانىيەت ئۈچۈن لازىم بولغان بىر ئۆزگىچە يەرلىك مەدەنىيەت، ئىنسانىيەت ئېكولوگىيەسى قوغدىلىشقا مۇھتاج. «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىر قەدەر مۇرەككەپ ساقلىنىۋاتقان، روشەن ئالاھىدىلىكى، كەڭ ئاممىۋى ئاساسى بولغان مۇئەييەن رايونلاردا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئېكولوگىيە مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك قوغداش كېرەك» دېيىلگەن بۇ ماددىغا تامامەن ئۇيغۇن ھالدىكى مەدەنىيەت ئېكولوگىيە مۇھىتىغا ئىگە. شۇڭا، ئون ئىككى تاغنى يۇرت قىلغان قومۇل تاغچىلىرىنى ئۆزلىرى چوڭلاپ، ئۆسكەن يۇرتلىرىدا ئۆزلىرى ياراتقان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ئەسلى ياشاش بوشلۇقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
 

ئاراتۈرۈكتە

 

        سەپىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەملىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە نوپۇسى ئەڭ ئاز ناھىيە ئاراتۈرۈك ناھىيىسىدە ئۆتتى. ئەسلى ناھىيە بازىرىغا چۈشمەكچى بولغان بولساقمۇ، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۆز زامانىسىدا قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ جىنايەتچىلەرنى سۈرگۈن قىلىدىغان، ئۆز ئىسسقى بىلەن جاننى قىينايدىغان «سىبىرىيە»سى، بۈگۈنكى ئاراتۈرۈكنىڭ موڭغۇلىيە چېگراسىغا جايلاشقان نوم بازىرىغا باردۇق. چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن نومنىڭ يۇرت بولۇشى توغرۇلۇق شۇنداق رىۋايەتنى ئاڭلىدۇق:«چوڭ ئەدەملەرنىڭ دىيىشىچە، نوم بەنە ۋوپ ئەدەم ئولتۇراخلىخ بولغىنى سۈرگۈشتە قىسا تۆ يۈز يىلدى ئاشقان دەپ ئېتىدىكەن. بۇرۇندا ئەشۇ پالگانلار كىيىك ئولاپ كىلىدىغا يەركەندۇق بىيەگە چۇ. كىيىك، ياۋا تۆگە، قۇلان،جەرەندەك مۇشناخ. بۇرۇن باركۆلدىن خەنسولار كىپ، مىشەدە ئەدەم ئوتۇرۇشقا بولىدىكەن، مىيەنى بىر يۇرت قىساق بولغىدەك دەپ بىر نەچچە جىڭ سوخما سوخقويۇپ كىتىپتۇ دىيدۇ چوڭ ئەدەملەرنىڭ دىيشىچە.

       سوخما سوخقويۇپ كېتكەندى كىيى، ئاندى ئېكى مە دىگەندەك، پالۋانلا كىپ كۆرۈپ، ھېي، ئىگىلەيدىغا يەركەندوق دەپ، بىر ئۆي سەپ، ئۆينى ئۈستۈنىنى يېپىپ، شۇنىڭ بىلەن ئىچىنى ئۆرتەپ ئىسلاقويۇپ كىتىپتۇ، دىيدۇ. شۇنىڭ مىنەن كىيىن ئېكى بۇ تالاشتا بولۇپ قاپتۇ. بىز بۇرۇن كەگەن دىسە، بىز بۇرۇن كەگەن دەپ. ئەندىن ئېكىن ئەشۇ خاندىن ئەدەملە تەكشۈرۈپ چىقىپ كۆگەنمۇ، مۇشۇ ئۆينىڭ تارىخى ئۇزۇنكەن. بۇمۇشۇنداخ ئىسلىنىپ كۆنىرە كىتىپتۇ. سوخما كىيى سوقۇلغا نىمىكە دەپ، ئېكى مۇنى ئۇيغۇرلارغا بەرگەنىكەن دەپ مۇنداخ پاراڭ سالىدىغان. شۇندى كىيى ئېكى ئەدەم ئوتۇرۇپ، قومۇل مۇشۇ يەلەدىن كۆچمە ئېچىقىپ، ئېكىنزە يۇرت قىغانىكە»
نوم ــ قومۇلنىڭ شەرقىي شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان، قومۇلدىن بۈگۈنلۈكتە زامانىۋى قاتناش بىلەن ئۈچ-تۆت سائەتتە، ئۆز زامانىسىدا بولسا ئۈچ-تۆت كۈندە يېتىپ بارغىلى بولىدىغان چەت بىر يۇرت. ئاپتوبۇستىن چۈشكىنىمىزدە، نومنىڭ ئىسسىقىنىڭ تەپتىدىن چوڭلارنىڭ گېپىگە كىرىپ ئېلىۋالغان چاپانلىرىمىز ئېغىر كەلدى. چۆل-جەزىرىلەرنىڭ بىر چېتىغا جايلاشقان بۇ يۇرتنىڭ بورىنى داڭلىق دېيىشىدۇ. بىز ھەم بۇ بوراننىڭ كۈچىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، ھەقىقەتەنمۇ داڭلىغۇچىلىكى باركەن، يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويۇلغان ئېلىكتېرلىك ۋېلىسپىتلەرنى ئۆرۈۋېتەلىگەندىن كېيىن. مۇشۇنداق شارائىتى ناچار ۋە چەت بىر زېمىننى يۇرت قىلىپ گۈللەندۈرۈپ كەلگەن، قومۇل قوغۇنىنىڭ ماركا سۈپىتىنى قايتا نامايەن قىلغان، تېخىمۇ مۇھىمى قومۇل ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە نوم تەركىبىنى ئېلىپ كىرىپ مۇھىم تۆھپە قوشقان بۇ تۇپراقتىكى ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك نوم خەلقىگە ئاپىرىن! ئۇلار بۇ يۇرتنىڭ ئىسسىق، ھەم شاماللىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئومۇمەن ئۆيلىرىنى شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان يەرگە سالىدىكەن ۋە ئولتۇرىدىغان ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ قارشىدىكى تامغا بىر شامال ئۆتىشىدىغان دەرىزە ئېچىپ، شۇ يەردىكى زەدىۋالنى قايرىپ قويۇشىدىكەن. ھەربىر ئۆيگە كىرگىنىمىزدە ساندۇق ئۈستىگە تىزىلغان تۈرلۈك چاچما بويۇملار ــ ياستۇق، ئورۇن-كۆرپىلەر ئۆيگە زىننەت قوشۇپ تۇرغىنىنى كۆردۇق. قايسىلا ئۆيگە كىرمەيلى داڭلىق نوم قوغۇنى تىلىنىپ، داستىخان ئۈستىگە قويۇلدى. نوم خەلقى شۇ قەدەر ناچار شارائىتتا ھەم قومۇلنىڭ بۇ چەت بۇلۇڭىدىكى ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتلىرىنى يارىتىپ ئۇنى بۈگۈن ھەم نامايەن قىلىپ كەپتۇ. مۇشۇ يەرگىلا خاس بولغان «بەش قەدەم» ئۇسۇلى ۋە يىلدا ئېچىلىدىغان مۇقام كۇرسلىرى سۆزىمىزگە دەلىل. ئىشقىلىپ،«چىڭگاڭ غوجام كېيىپ قالسا نومغا پالايدۇ» دەپ زىندان قاتارى مۇئامىلە قىلىنىپ كەلگەن بۇ يۇرت خەلقى قومۇل ئۇيغۇرلىرىدىكى مەدەنىيەتنى مەنبە قىلغان ھالدا، ئۆز ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتى بىلەن دىيارىمىزنىڭ بۇ تۇپراقلىرىدا ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ كەپتۇ. سۆزىمىزگە دەلىل سۈپىتىدە شۇ زېمىندا توپلانغان قوشاقلاردىن بىر نەچچىنى نەزىرىڭلارغا سۇنىمىز:

«نەنادانى ئاتا دىمەڭ،
 ئۇل يارىدىن ئارىلمىسۇن.
ھەم بۇلۇن، ھەم بۇلبۇلۇن،
 گۈلزارىدىن ئارىلمىسۇن.
 
ئىشىك ئالدىڭدىن ئۆتەرمەن،
 گۈل زاراڭزا تەرگىلى .
گۈل زاراڭزا بانا ۋولدى،
 ئاي ئۈزۈڭنى كۆرگىلى.
 
ئاسماننى ئالا ئاينى،
 قوينۇمغا سالا يارنى
جان باقباق ئېتەي ئۇنى،
 ئېچىلسۇن ئىچى قانى.
 
ئاقمۇ ئايدىن كىچىلەر، ئاپئاقمۇ ئايدىن كىچىلەر
گۈل بىلەن رىيھان پۇرايدۇ يارىم يۈرگەن كوچىلەر
يارىم يۈرگەن كوچىلەرنى سۈپۈرەي ساچىم بىلەن
سەرگىتىپ سۇنى سىپەي كۆزۈمدىكى ياشىم بىلەن»
 
        نومدىكى پائالىيەتلىرىمىزنى ئاياغلاشتۇرۇپ، قومۇلغا يانارىمىزدا ئاراتۈرۈككە چۈشۈپ، ئاراتۈرۈكنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن تاماشا قىلماقچى بولدۇق. بىز نومدىن قوزغالغاندا، ئاخشامقى بوراننىڭ داۋامى تېخى تۈگىمىگەن ئىكەن. ئاراتۈرۈككە كىرگىنىمىزدە سىم-سىم يامغۇر بىزنى قارشى ئالدى. تاغ ئارىسىدىكى كىچىككىنە ناھىيە بولغان ئاراتۈرۈكتە يامغۇر يېغىۋاتقاندا توققۇزىنچى ئاينىڭ ئەمدىلا كىرگەن بولۇشىغا قارىماي، تەننى جۇغۇلداتقىدەك سوغۇق بار ئىدى. شۇندىلا قومۇلدا ئېلىۋالغان چاپان ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلدى. ئارا تۈرۈكتە يامغۇر گاھ كۈچىيىپ گاھ پەسىيەتتى. سەل يامغۇر توختاپ كۈن ئېچىلغان پەيتتە بىز ئاراتۈرۈكتىكى تاغقا چىقىپ كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ شۇ يەرلىك ئوماق سىىڭلىمىزنى يول باشلىشىدا «دوبازا»لار جايلاشقان تاغقا چىقتۇق. بۇ «دوبازا» دېگىنى شۇ تاغقا دەپنە قىلىنغان، ئاراتۈرۈكنى قوغداش جېڭىدا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسى ئىكەن. قەبرە شەكلى دېمىسىمۇ دوبازا(موما)غا ئوخشاپ كېتەتتى. لۇشۇننىڭ «دورا» ھېكايىسىدە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قېنىغا مىلەنگەن مومىنى دورا ئورنىدا كۆرۈپ ئوغلىغا يېدۈرگەن خۇاڭ لاۋشۈەن يادىمغا يەتتى. تاغنىڭ ئۈستىگە چىققىنىمىزدا ئاراتۈرۈك ناھىيە بازىرى ناھايىتى كىچىك، لېكىن تولىمۇ جەزبدار كۆرۈندى. شۇ چاغدا يامغۇر يەنە كۈچىيىپ قالدى. سوغۇقتا دىرىلدەپ تۇرىمىز، تاغدىن چۈشىۋاتىمىز، سەللا ئاۋايلىمىساق يەنە بولمايدۇ. ئارىلىق ئانچە يىراق بولمىسىمۇ، بىراق شۇ دەمدىكى سوغۇقتا تۈگۈلۈپلا قالدۇق، شۇندىمۇ يۈگۈرۈپ مىڭ تەستە ئۆيگە كىرىپ كەتتۇق. قۇرغاق جايدا چوڭ بولغاچقىمۇ يامغۇرنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. كۆپىنچە سىم-سىم يامغۇرلۇق كۈنلەردە يۈرۈش ماڭا تولىمۇ ھوزۇر بېغىشلايدۇ. بىراق ھېچبىر يامغۇردا بۇنداق توڭلىغىنىمنى بىلمەيمەن. ئاڭلىشىمىزچە دازىگودا قار يېغىپتۇ. قانداقمۇ كېتەرمىز؟!  يامغۇر توختاپ خېلىدىن كېيىن، بېكەتكە چىققىنىمىزدا شۇ قارنىڭ كاساپىتىدىن يولنىڭ توسۇلۇپ قېلىپ، ماشىنىنىڭ توختىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، قومۇلدىن ئەتىسى كەچتە ئايرىلمىساق بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئاراتۈرۈكتىن قايتىپ بولالمىساق قومۇلدا قىلىدىغان يەنە بىر مۇنچە ئىشلىرىمىز قېلىپ قالاتتى. خەۋەر ئۇقۇشۇش ئارقىلىق ئاراتۈرۈكتىن ئىككى تاكسىنى كىرا قىلىپ قومۇلغا كەتمەكچى بولدۇق. ئەلۋەتتە، بۇ چاغدا يول ئېچىلغانىكەن. تۈركۆلگە كەلگىنىمىزدە دېگەندەك تاغلاردا سۇس قار ياغقانلىقىنى كۆردۇق. شۇ چاغدا يەنە بۇلۇتقا مۇناسىۋەتلىك ئاجايىپ بىر ھالنى بايقاپ قالدۇق. بىر توپ بۇلۇپ تاغنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ يۈرەتتى. تولىمۇ تەئەججۈپلەندۇق. بۇلۇتنىڭ شۇنداق تۇتقىلى، كۆرگىلى بولىدىغان ھالىنى بۇرۇن كۆپ ئاڭلىغان بولساقمۇ، بىراق تۇنجى قېتىم ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرىشىمىز ئىدى. ئاقتاش ئاسمىنىدا ئۇرۇشقان بۇلۇتنىڭ يېڭىلغىنى بۇ يەرگە چۈشۈپ قالغان بولسا كېرەك. تاغنىڭ ئىچىگە ئىچكىرىلەپ كىرگەنچە قار شۇنچە قېلىنلاپ بېرىۋاتاتتى. ئىلتىماسىمىزغا ئاساسەن، شوپۇر ئاقتاشتىكى قارىغايلىقلارنىڭ ئالدىدا ماشىنىنى توختاتتى. ماشىنىدىن چۈشۈپ بىر پەس قار ئېتىشىپ ئوينىدۇق. رەسىمگە چۈشتۇق. توققۇزىنچى ئاينىڭ بېشىدا ئون سانتىمېتىردىن ئارتۇق ياغقان بۇ قار، شۇنچىلىك ساپ ۋە پاكىز مۇھىتقا چۈشكىنى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن تېتىپمۇ كۆردۇق. تەبىئەتنىڭ يۇرتىمىزغا ئاتا قىلغان شۇنداق ئاجايىپ مۆجىزىلىرىدىن شۇنچىلىك پاك بىر گۈزەللىكنى ھېس قىلدۇق. تېخى قايسى كۈنىلا بىز چۈشكەن قۇمتاغ، يايلاق ۋە قارىغايزارلىقلار ئاپئاق قار ئاستىدا قالغانىدى. قايسىدۇ بىر داۋاندىن ئۆتكىنىمىزدە يەنە قار كۆرۈنمىدى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش پائالىيىتىمىز قومۇل تاغلىرىدىكى مۆجىزىدار تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ ئويۇنلىرى بىلەن بىلەن ئاخىرلاشتى. گەرچە قىسقىغىنە بىر نەچچە كۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولساقمۇ، بىراق قومۇل ھەققىدە، قومۇل مەدەنىيەتى ھەققىدە ئاز بولمىغان مەلۇماتلارغا، ماتېرىياللارغا ئېرىشتۇق. مېھماندوست، ئىلىم سۆيەر قومۇل خەلقىنىڭ ياردىمىدە ئاز ۋاقىت ئىچىدە كۆپ ئۈنۈم ياراتتۇق.
 

خەير ئانا ماكان!!!

  
       بۈگۈن، ئانا دىيارىمدىن، ئانامنىڭ قۇچىقىدەك ئىللىق باغرىدىن ئايرىلماقچىمەن. قىسمەتلىرىم جۇدالىقنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان. ئىستىقبال دەپ سوققان يۈرەكلەر ئانا يۇرت ئۈچۈن يۇرتتىن كېچىپ، مۇساپىرلىق مەنزىلىگە يەتمەكنى ئىستىدى. قەلبنىڭ ساداسى، ۋىجداننىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سالماسىلىققا كىمنىڭ ھەددى؟! تاھىرنىڭ زۆھرە ئۈچۈن ئۆز ئەركىنى تەرك ئېتىپ، ساندۇق ئىچىگە مەھكۇم بولغىنى، پەرھادنىڭ شېرىن ۋىسالىغا يەتمەك مەقسىتىدە تاغلارنى تالغان قىلغىنى، مەجنۇننىڭ لەيلى ئىشقىدا چۆللەردە سەرسان بولغىنى كۆڭۈللەرنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن چىقىۋاتقان ئەنە شۇ نىدانىڭ خاسىيىتىدىن ئەمەسمۇ؟! رىۋايەتلەردە تەسۋىرلىنىدىغان ئاشقلار ئۆز مەشۇقلىرىغا ئۇ قەدەر ئاشق ئىكەن، ئۇلار ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىنى قۇربانلىق قىلىشتىن يانمايدۇ، چۈنكى ئۇلار چىن مۇھەببەتنى مەنىسى بىلەن چۈشەنگەنلەر، ئۇلار ھەقىقىي ئىشق ئىگىلىرى. مەن ھەم ئاشقمەن. پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىن «ئانا ماكان» دېگەن جاكار كېلىدىغان، «ئانا ماكان» دېگەن بۇ مۇبارەك كەلىمىنى ئاغزىمدا ئەمەس ھاياتىمدا ئۆمۈرلۈك مىزان قىلغان، ئۇنىڭ ئىشقى يولىغا ئۆزۈمنى بېغىشلىغان تاھىر، پەرھاد، مەجنۇن كەبى ئاشقمەن.
   مانا بۈگۈن ماكانىمدىن ئايرىلغىلۋاتىمەن.دىيارىمنىڭ ئېگىز قارلىق چوققىلىرىدىن، پايانسىزلىقتا نامى چىققان ياپيېشىل يايلاقلىرىدىن، سۇ بارىدا ئورۇن ئالغان گۈزەل باغلىرىدىن، ماڭا ئۆزىنىڭ ئەلۋەك سۈيى بىلەن مۇنبەت تۇپرىقىدىن ھاياتلىق بېغىشلىغان مۇقەددەس يەر-سۇلىرىدىن، ئۆزىنىڭ ئىللىق قويىنىدا ئەللەي ئېيتىپ چوڭ قىلغان ئەل-جامائەتتىن مانا بۈگۈن ئايرىلماقچىمەن. تەڭرىدىن بۇ ئايرىلىشنىڭ ۋاقىتلىق بولۇشىنى تىلەيمەن، تەڭرىدىن بۇ ئانا تۇپراقنىڭ تۇپراق بولۇپ، تۇپراق تۆپىدە يىللاردىن بېرى ياشاپ كەلگەن خەلقىمىزنىڭ خەلق بولۇپ داۋام قىلىشىنى تىلەيمەن .
خەير ئانا ماكان، شۇ تىلەكلىرىم ئۈستىمىزدىكى تەڭرىگە يېتىپ، ئىجابەت بولۇپ، سېنىڭ بىلەن بولغان رىشتەم مەڭگۈلۈككە داۋام قىلغاي!!!
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-09-19 11:05قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-19, 11:13
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) نادىر ماقالە
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-19 10:32 |
    sebir
    بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولۇرمۇ؟
    دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 3266
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 162
    شۆھرەت: 964 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 959 سوم
    تۆھپە: 556 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 566 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 369(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئابلاجاننىڭ بۇ يازمىسى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىمىزنىڭ ئىچكى ژۇرنىلى«سادا» دا ئېلان قىلىنغان. بۇ مۇنبەردە كۆرۈپ تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم. ئالدىنقى يىلىدىكى شۇ كۆڭۈللۈك قومۇل زىيارىتىمىز كۆز ئالدىمدا قايتا نامايەن بولدى. ئەجەپ چاغلار ئىدى ئۇ. قومۇلدىن قايتىپ كېلىپ ھەممىمىز بەس-بەستە تەسىرات يېزىشىپ كەتكەن ئىدۇق. شۇ تەسىراتلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كېلىۋاتىدۇ. گەرچە كونىراپ قالغان بولسىمۇ.


    قەدىمىي ئاستانە قومۇل ھەققىدە ئەبجەش پاراڭلار


    چىلان يىگۈڭىز كەلسە قومۇلغا كىلىڭ!
    قوغۇن سېغىنسىڭىز قومۇلغا كىلىڭ!
    ياپما يىگۈڭىز كەلسىمۇ قومۇلغا كىلىڭ!
    تاغ كۆرەي دېسىڭىز قۇمۇلغا كىلىڭ!
    بىزنىڭ قومۇل ماركىلىق بىزنىڭ قومۇل!



    كونىلار«مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا»دەپ تولىمۇ دانالىق بىلەن ئېيتقانىكەن.گەرچە بۇ گەپنى بالا ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپ تولا ئاڭلاپ يادا بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ،بۇ قېتىمىلق قومۇل سەپىرىمدىن كېيىن بۇنى ئالاھىتەن«ھېكمەت خاتىرەم»گە كۆچۈرۈۋالدىم.
    ئىلگىرى، قومۇل دېسە،بىلىدىغىنىم قومۇل ۋاڭ ئوردىسى،قومۇل ۋاڭلىرى مەقبەرىسى،«قومۇل نەزمىلىرى» ناملىق كىتاب،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،ئەسەت سۇلايمان،ئايشەم ئەخمەت...لەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىجادىي ئەمگەك مېۋىلىرىدىن ئۇزاققا بارالمايتتى.
    خۇددى قومۇل دىيارىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ھېچنىمىسى يوقتەك،شاھانە قومۇل پەقەت يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىنىلا بېقىپ چوڭ قىلغاندەك.ھەي بىلىمسىزلىكىم،ھەي، نادانلىقىم.
    تۇرپاندىكى پراكتىكىمىزنى تۈگىتەيلى دەپ تۇرغان بىر كۈنى تۇرپانلىق بىر مەكتەپداش ئاكىمىز:«قومۇلغا بېرىپ نىمە قىلىسىزلەر؟ئۇ يەردە نېمە تەكشۈرىسىزلەر؟ كۆرىدىغاننىڭ،تەكشۈرىدىغاننىڭ ھەممىسى تۇرپاندا تۇرسا،مەن سىزلەرنى سىزلەرگە لازىمىلق ماتىرىياللار بار جايلارغا ئاپىرىمەن،تۇرپاندا ئۇزاقراق تۇرىڭىزلەر!» دېگەنتى قومۇلغا دەسسەپ باقمىغان بىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ قومۇلغا بېرىش قىزغىنلىقىمىزدىن خېلىلا سوۋۇدۇق. ئەمما،تۇرپاننىڭ ئىسسىقىغا چىدىماي قېلىۋاتقان مەن بۇ ئوت ماكانىدىن قوغۇن يۇرتىغا تېزراق كېتىشنى يەنىلا ئارزۇ قىلاتتىم.
    مانا قومۇل سەپىرىمىز باشلاندى.ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇستا خۇددى يېڭى بىر جاننى كۆرۈشكە تەشنا ئاتىدەك ھېسىياتتا كېتىۋاتىمىز.شوپۇر خەنزۇ يولداش ئىدى.مېنى تۇنجى بولۇپ ھەيران قىلغىنى، ئۇ، يولدا بىزگە ئۇيغۇرچە سىنئالغۇ لېنتىلىرىنى قويۇپ بەردى.بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ كېتىۋاتساق يېرىم يولغا كەلگەندە توختاپ ئارام ئالغانتۇق يەنە شۇ خەنزۇ شوپۇر ئۇستام ھاجەتكە چۈشكەن يولۇچىلارنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرىۋاتىدۇ.توۋاااااااااااا مۇنداقمۇ ئىشلار بارئىكەن-ھە؟!دەۋەتتىم ئىچىمدە. بەلكىم،بۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ كۆنۈپ كەتكەن قومۇللۇقلارغا بۇ ئىش ئادەتتىكىچە تۇيۇلار،ئەمما،ھېچ بولمىدى دېگەندە مەن يۇرتۇمدا بۇنداق مەنزىرىنى ئۇچراتمىغان.«مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى قوغدايلى!» دېگەن شۇئارلارنى ئاپئاق تاملارغا قىپقىزىل قىلىپ يېزىپ قويمىسىمۇ ھەممە ئادەم بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ،ئۆز ئارا ياردەم بېرىشسە بۇ مىللەتلەر ئىتىپاق ياشاۋېرىدىكەنغۇ؟ ئاپتۇبۇسقا چىققاندىن باشلاپ مۇشۇ نۇقتىغا دىققەت قىلغان ئىدىم،بۇنىڭ بىر تاسادىبىيلىق ئەمەسلىكىنى كېيىن يولۇققان نەچچە قېتىمىلق ئىشتىن روشەن ھېس قىلدىم.نىمە ئىش دېسىڭىز،بىز نەچچە قېتىم خەنزۇ يولداشلارنىڭ تاكسىسىغا ئولتۇرغاندا ئۇلاردىن نەچچىسى ئۇيغۇرچە بىلىدىكەن ھەم يول بويى قومۇل خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ ماڭدى.يەنە بىر قېتىم كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىققاندا پۇتى سەل ئاجىز بىر ئۇيغۇر ئاچاش ئاپتۇبۇسقا چىقىۋاتقىنىدا خەنزۇ بىلەت ساتقۇچى ئايال يۈگىرەپ كېلىپ ئۇنى يۆلەپ چىقىرىپ،باشقا بىرەيلەن ئولتۇرغان قولاي ئورۇندىن بىرنى بىكارلىتىپ ئۇ يەرگە جايلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۆز ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى...
    بۇلارنى بايان قىلسام مېنى مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى «خەنزۇ يولداشلار ئۇيغۇر خەلقىنى ھۆرمەت قىلىش» دەپلا چۈشىنىدىكەن دەپ قالمىغايسىلەر! ھەر كىمگە قوينى ئوچۇق،مېھماندوست خەلقىمنىڭ ھەرقانداق بىر قەۋىمگە ئۆزىگە قىلىنغىنىدىنمۇ ئارتۇق ھۆرمەت كۆرسىتەلەيدىغىنىغا تولۇق ئىشەنگەچكە مۇشۇلارنىلا مىسال قىلىش بىلەن چەكلەندىم.
    قومۇلغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۈزۈمزار ئارامگاھىغا بىزگە ئاتاپ داستىخان سېلىندى.بۇ داستىخانغا ھازىر بولغان زۆھرە ئاچام،مۇجىبۇل ئاكام،ئابدۇرېھىم راخمان ئاكىمىز خانىمى رۇقىيە ھەدىمىز...قاتارلىق قومۇل زىيالىلىرىمۇقەدەم تەشرىپ قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن قومۇل ھەققىدىكى تېتىمىلق پاراڭلارنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم. مېنىڭ شۇنداق بىر ھايات دەستۇرۇم بار ئۇ بولسىمۇ« ئىنسان پەقەت ئىنسانلىق سۈپىتى بىلەنلا ھۆرمەتلىنىشكە لايىق» دېگەندىن ئىبارەت.راستىمنى ئېيتسام بۇ كۈنكى پاراڭلاردىن مەن پۈتكۈل قومۇل سەپىرىمدە يۈرىكىمنى زىلزىلىگە سالغان،قومۇلغا ئىشتىياق باغلىشىمغا سەۋەب بولغان ئاساسلىق تۇيغۇنى تېپىپ بولغان ئىكەنمەن.كېيىنكى كۈنلەردە بولسا شۇ كۈندىكى پاراڭلارنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپتىمەن. ئۇ كۈنى، زۆھرە ئاچام،مۇجىبۇل ئاكاملار ئۆزلىرىنىڭ ئەلسۆيەر رەھبەرلىرى ھەققىدىكى چىن ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.شائىرە،خەلقپەرۋەر رەھبەر توختىخان ۋالىي،كۆرەش ۋالىي...لارنىڭ خەلق ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇش روھى،مېنى شۇنچىلىك ھاياجانغا سالغان بولسا،مەلۇم يېزا باشلىقىنىڭ ئاددىي دېھقان ئالدىدا خاتالىقىنى تونۇپ،ئەپۇ سورىغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىنى ئاڭلىغاندا بولسا بوغۇزۇمغا ئاچچىق يىغا كەپلەشكەندەك بولدى.چۈنكى،شۇ چاغدا يۇرتۇمدىكى بىر قىسىم ھالى چوڭ يېزا باشلىقلىرى،ئەڭ ئاچچىقنى كەلتۈرىدىغىنى ئادەتتىكى بىر كەنت باشلىقلىرىنىڭمۇ خەلق ئۇلارنى نى ئۈمۈدلەر بىلەن شۇ ۋەزىپىگە سايلىسا يەنە شۇ خەلقنىڭ قان تەرى بەدىلىگە ئۆزىنى سەمرىتىشلىرى يادىمدىن كېچىپ شۇنداق ئازابلاندىم.قومۇلدا ھەقسىز ھاشار دېگەن ئۇقۇم يوقكەن.يۇرتىمىزدا بولسا ئۇ ئىش ھېلىھەم مەۋجۈت، ئۇنىڭ ئۈستىگە داداممۇ كەنت كادىرى بولغاچ ئېنىق گۇۋاھلىق بېرەلەيمەنكى،ھەر قېتىم ھاشارغا ھەيدىگەندە بىر قىسىم دېھقانلار كەنت باشلىقىنىڭ ئۆيىدىكى ئېغىر يېنىك ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ قېلىنىدۇ.بۇنىڭغا ھېچكىم ئۈن دېمەيدۇ.خۇددى ئەزەلدىن شۇنداق بولىشى كېرەكتەك.توۋا،يۇرتۇمدىكى دېھقانلارمۇ قومۇل دېھقانلىرىغا ئوخشاشلا ئۇلۇغ خەلق ئىدى-ھە، بولمىسا...
    ھۆكۈمەت قەرەرلىك ھالدا بىر قىسىم دۆلەت مەمۇرلىرى،باشلىقلارنى ۋەزىپە بىلەن يۆتكەيدۇ،مۇمكىن بولسا قومۇلغىلا يۆتكەپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دېگەننىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلدۈرسە بولغۇدەك دەپمۇ ئويلاپ كەتتىم.
    قومۇلدا ماڭا تەسىر قىلغان يەنە بىر ئالاھىدىلىك قومۇل خەلقى ئىلىم ئەھلىنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدىكەن.باشلىقتىن پۇقراغىچە ئىلىم ئىزدىگۈچىلەرگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش خۇددى ئەنئەنىدەك ئومۇملاشقانىكەن.ئىسپاتىڭىز بارمۇ دەمسىز؟
    بىز قومۇلغا بارغاندىن كېيىن زۆھرە خانىمنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن شەھەر باشلىقى بىز ئۈچۈن مەخسۇس ماشىنا،شوپۇر،يول باشلىغۇچىلارنى ئاجرىتىپ پراكتىكىمىزنىڭ بىھۇدە يول مېڭىشلاردىن خالىي،يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بەردى.يېزىلارغا بارغىنىمىزدا مەيلى قەيەرگە بارمايلى ئاقكۆڭۈل قومۇللۇقلارنىڭ مىننەتسىز،سەمىمىي ياردىمىگە ئېرىشتۇق.كۆپ جايلاردا خەلق مۇقامچىلىرى ئۆزىنىڭ روزىدار ئىكەنلىكىگىمۇ قارىماي،چىكىسىدىن تەر ئاققۇزۇپ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاۋازى بىلەن بىزگە مۇقام ئېيتىپ بەردى. بەلكىم،ئۇلارنى قالغان ئۆمرىمىزدە ئۇچرىتالماسلىقىمىزمۇ مۇمكىن،بۇنى ئۇلارمۇ ئوبدان بىلىدۇيۇ يەنىلا شۇنچە قىزغىن.
    قومۇلغا كەلگەندىن تاكى بېيجىڭغا قايتىپ كەلگۈچە بىز ئالتە ساۋاقداشنىڭ ئىختىيارىي پاراڭلىرىدا دائىم ئىسمى يادلىنىپ تۇرغان بىر شەخىس بار.بەلكىم،پەرەز قىلىپ بولغانسىلەر؟! توغرا،ئۇ ئىبراھىم گاڭ ئاكىمىز.قومۇللۇقلارنىڭ ئىلىم سۆيەرلىكى بۇ ئاكىمىزغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى.قومۇللۇقلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىپتىخارلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالاتتى.ساۋاقداشلىرىمنىڭ يازمىسىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىرىدىن سىرت ئۇ كىشى مەندە نۇرغۇن ئوي-خىياللارنى قوزغاتتى.ھەممە بىلىدىغان بىر گەپ بار بىزدە،قەلب گۈزەللىكى،ئىلىم-ئىرپان كىشىنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىكى ھەرقانداق ئەيىپ-نۇقسانلارنىمۇ بېسىپ چۈشەلەيدۇ دەپ.بۇ كىشى ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇشى بۇنىڭغا تىرىك ئىسپات ئىدى.گاڭ ئاكام گەرچە دۇنيا گۈزەللىكىدىن بىزگە ئوخشاش بىمالال بەھىر ئالالمىسىمۇ ئۇنىڭ قەلبىدىكى جەننەت كەبى گۈزەل دۇنياسى ئۇنى ئىنسانىي ھاياتقا ئۈمۈدۋارلىق بىلەن قاراشقا ئۈندەپ تۇراتتى،ۋە ئۇ ئاشۇ ساغلام روھىي دۇنياسى،ھازىر جاۋابلىقى،بۇلبۇل ھەسەت قىلغۇدەك خۇش ئاۋازى بىلەن" ياچىبەگ داستانى"  ۋە قومۇل مۇقاملىرى،خەلق ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ كىشىلەر قەلبىدىكى سۆيۈملۈك ئوبرازغا ئايلانغان ئىدى.
    قومۇلغا كەلگەندىن كېيىن بىزنىڭ ئەڭ دىققىتىمىزنى تارتقىنى تىل-يېزىق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان زۆھرە خانىم باشلىق پىداكارلار بولدى.گويا مەملىكىتىمىزنىڭ تىل –يېزىق قانۇنىنى قومۇلغىلا چىقارغاندەك.ئۇلار خىزمەتنى شۇنداق ئەستايىدىل ئىشلەيدىكەن.بىز قومۇلدا تۇرغاندا چۈشكەن مېھرى ئىسسىق «قومۇل مېھمانخانىسى» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋېۋىسكىسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، مۇجىبۇل ئاكاملارنىڭ مېھمانخانا مەسئۇلىنى 56قېتىم ئىزدىگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم.خىزمەتنى مۇشۇنداقلا ئىشلىسەڭلار قومۇل خەلقى سىلەردەك پەرزەنتىگە بەرگەن ئاق ناندىن رازى بولماي قالمايدۇ.
    پراكتىكا جەريانىدا مەيلى قەيەرگە بارمايلى كەچتە قەلبىمىز لىققىدە ھاياجانغا تولۇپ قايتىپ كەلدۇق.كىتابلاردا نامىنى مىڭ ئاڭلاپ بىر كۆرۈشكە زار بولغان«ئاقچۇق سېيى»، بىر كۈن ئىچىدە تۆت پەسىلنى كۆرگىلى بولىدىغان كۆركەم تەڭرىتاغلىرى، تۆمۈر خەلىپە،خوجىنىياز پالگانلارنىڭ يۇرت-مەھەللىلىرى، ئېتىقادىنى ھېلىھەم پەيغەمبىرىمىز يېنىدا باردەك ساقلاپ كېلىۋاتقان قارا دۆۋىلىكلەر،ئۆزى گۈزەل،خەلقى مېھماندوست تۆمۈرتى،جەننەت كەبى گۈزەل ئاقتاش،شەھەرگە يېقىن يېزا قىشلاقلار،بۇلغىنىشتىن خالىي،جاننىڭ ئارامى،تېخىچە قىزىل چىراق ئورنىتىلمىغان گۈزەل يۇرت ئارا تۈرك...ھەممىلا يەردە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان چىلان دەرىخى،چاققاق ئۆسۈملۈك «قالغاي»،كۆك مەشرىپى،نوم يېزىسىدىلا ئوينىلىپ كېلىۋاتقان بەش قەدەم ئۇسۇلى...ھەممە،ھەممىسى مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان ئىدى.
    مەن تونىغان قومۇللۇقلار مەردانە خەلق، خۇشامەتچىلىك ئۇلارنىڭ مىجەزىگە يات،ئۇلار خاننىڭ ئالدىدىمۇ تەڭرىتاغ قارىغايلىرىدەك ئىگىلمەي،قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرالايدۇ.ئىلگىرى نىمىشقا دېھقانلار قوزغىلىڭى قومۇلدا كۆپ بولغاندۇ دەپ ئويلايتتىم.ئەسلىدە،كىشىگە زۇلۇممۇ قىلمايدىغان ھەم ئۇنىڭغا چىدىمايدىغان مەردۇ-مەردانە قومۇللۇقلارنىڭ خاراكتىرى ئۇلارنىڭ زۇلۇم-سىتەمگە قارشى تىغ كۆتۈرۈشىگە سەۋەب بولغانىكەن.قومۇللۇقلارنىڭ «ياپما» ئاتلىق ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى تامىقىنى يەپ چوڭ بولغان ئوغلانلار ئارىسىدىن پالگانلار كۆپ چىقىدىكەن.قومۇل تاغلىرى مەنزىرىسى گۈزەل،ھاۋاسى ساپ بولغاچقا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،ئەسەت سۇلايماندەك ئەقلى ئويغاق،ئۆتكۈر پىكىرلىك پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىكەن. بۇ قېتىمقى سەپىرىم ئارقىلىق يۇقىرىقى ئەقلىي يەكۈنگە ئاسانلا ئېرىشىۋالدىم.
    قومۇلدىكى چوڭ بىر ئوخشىماسلىق ئاشخانا مەدەنىيىتى، ئادەتتە قەشقەر تەرەپلەرگە بېرىپ قالسىڭىز ئاشپەزلەرنىڭ خېرىدار چاقىرىشلىرى بىلەنمۇ قورسىقىڭىز ئاچمىسىمۇ ئاشخانىغا بىر كىرىپ چىقماي تۇرالمايسىز،ئەمما،قومۇلدا بۇ خىل مەنزىرىنى كۆرگىلى بولمايدىكەن.دەسلەپ، بەلكىم رامازان ئېيى بولغاچقا مۇشۇنداقتۇر دەپمۇ ئويلىغان ئىدۇق.كېيىن ئاڭلىشىمىزچە ئادەتتىمۇ ئاشخانا مەدەنىيىتى قەشەر تەرەپلەردىن روشەن پەرقلىنىدىكەن.بىلىشىمىزچە قومۇلدا ئاشخانىدا تاماق يىگەننى ياقتۇرمايدىغان ئادەت بار ئىكەن.بەلكىم بۇنىڭدا يەنە باشقا سەۋەبلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن.ئەمما،بىزگە ئوخشاش مۇساپىرلارنى كۆزدە تۇتۇپ بولسىمۇ ئاشخاناڭلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ،مۇلازىمىتىنى ياخشىلىساڭلار! ھاھا...
    بىزنىڭ قومۇل ھەققىدىكى پاراڭلىرىمىزدىن داستان پۈتىدۇ.قەلبىمىزنىڭ پىنھان جايىدىلا ساقلىنىپ قالغان،ئورتاقلىشىشقا بولمايدىغان بەزى تۇيغۇلارمۇ بار.چاقچاق پاراڭلار بىلەن ئارىمىزدىكى نەچچە ئاي خېنىمنى قومۇلغا كىلىن قىلىپ بەرگىلى تاسمۇ قالدۇق.شۇ چاغدا مۇجىبۇل ئاكام ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئەسلەپ تۇرپانلىق بىر ساۋاقدىشىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى چاغدىن باشلاپ قومۇلغا كىلىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ،تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن بېيجىڭغا ئوقۇشقا كەلگەندە، قومۇللۇق بىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ، قومۇلغا كىلىن بولۇپ كەلگەنلىكىنى ھېكايە قىلىپ بەرگەن ئىدى.كىم بىلىدۇ قومۇلغا بارغان بەش قىزدىن(مەندىن باشقا ھاھا~~~) بىرەرى قومۇللۇق بولۇپ قالامدۇ تېخى.
    قىسقىسى،بىزنىڭ بۇ قېتىملىق قومۇل سەپىرىمىز سىنىپىمىزدىكى تەلەيلىك ئالتە ساۋاقداشنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ، ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز سەپەر بولدى.قەدىمىي شاھانە يۇرت قومۇلغا رىشتىمىز كۆرۈنمەس بىر يىپ بىلەن باغلاندى. ئاللاھ خالىسا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش جەريانىدا قومۇلغا يەنە بىر بارغۇم بار.ئاقكۆڭۈل،مەرد قومۇل خەلقى ئامان بولغاي!يۇرتلىرى تېخمۇ گۈزەل ئاۋات بولغاي!سىلەرنىڭ ئەجرىڭلارنى سىلى،ئۆزلىرى بىلەن گەپ قىلىدىغان سىلىق سىپايىلىقىڭلارنى،سۆز ئاخىرىدا«ن» تاۋۇشىنى چۈشۈرۈپ قويۇپ تەلەپپۇز قىلىدىغان ئوماق ھورۇنچاقلىقىڭلارنى مەڭگۈ ئۇنۇتالمايمەن.مۇمكىن بولسا بىز تەرەپلەرگىمۇ بېرىپ مېھمان بوپ كېتىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز!


    شەھىرى بېيجىڭ2010-9-21
    lutun
    گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-19 11:48 |
    tarati
    http://risaletmerdan.blogbus.com/

    دەرىجىسى : تەكلىپلىك ئەزا


    UID نۇمۇرى : 81
    نادىر تېما : 11
    يازما سانى : 959
    شۆھرەت: 5334 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 5307 سوم
    تۆھپە: 3135 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3118 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 2893(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇرغول، سىز بېيجىڭدىما ؟
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-19 13:36 |
    sarsan88
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1952
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 274
    شۆھرەت: 1385 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1395 سوم
    تۆھپە: 828 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 828 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 107(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    دۆڭكۈۋرۈكتىن پايتەخىتتىكى ئۇيغۇرغول بىلەن sebir گە سالام :

    ئۇيغۇرغولنىڭ  بۇ تەكشۈرۈشنى بەك تەپسىلى ياخشى يېزىپسىز  :
    sebirنىڭ تولۇقلىمىىسى ۋە قومۇلغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئىپادىلىگەن يازمىسى ئەسەرنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپتۇ :
      sebir گە قومۇل شۇنداق ياخشى تەسىر قىلىپتۇ :
      
    hawar
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-19 17:16 |
    sadir-palwan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1614
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 163
    شۆھرەت: 848 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 849 سوم
    تۆھپە: 506 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 507 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاپتور سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى بىلىشكە بولامدۇ ؟ بۇ ئەسەر بەك ياخشى يېزىلىپتۇ :
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-19 18:36 |
    menggutash

    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 349
    نادىر تېما : 13
    يازما سانى : 105
    شۆھرەت: 1015 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1059 سوم
    تۆھپە: 541 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 541 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1210(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى بوپتۇ. بولۇپمۇ ھېسسىيات بىلەن ئىلمىيلىك بىرىكىپتۇ.
    ئابلاجان مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. قۇمۇلدىن.
    lutun
    چ چ:1272497571
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-19 19:00 |
    tohotur
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 251
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 972
    شۆھرەت: 5230 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 5242 سوم
    تۆھپە: 3088 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3092 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1948(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەلكى بۇددىست ئۇيغۇرلار ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغاچقا، ئۇلارمۇ دىنىدا قېلىپ قالغان «قالماقلار» دەپ ئاتالغاندۇر. ئەي تاغلار، باتۇرلار ماكانى، باتۇرلار پاناھى بولغان تاغلار، ئۆز ئېتىقادى، ئۆز ئادەتلىرى ئۈچۈن نەچچە ئەسىرلەپ كۈرەش قىلغان جاھىل ئەجدادنىڭ روھىنى بۈگۈنلۈكتە بىزگە ھەم يەتكۈزسەڭچۇ؟!


    بۇ ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى گەپكەن ،   بەزىىدە تارىخ  مانا شۇنداق ئويغاق تەپەككۇرلار ئارسىدا پاللىدە ئېچىلىپ قالىدۇ دىسە ،
    مەن قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى مۇڭغۇللارغا باغلىغنىنى ئاڭلىغان ،

    پالگانلار بىلەن چىرىكلەر ئارسىدىكى زىمىن تالاش تارتىشى  مېنى نۇرغۇن خىياللارغا باشلاپ قويدى ، قارىغاندا بىز نىمىنىڭ تەدبىر نىمىنىڭ ھىيلە مىكىر ئىكەنلىكىنى ئايرىىيدىغان ۋاقتىمىز كەلگەن ئوخشايدۇ ،
    sarkar
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-20 10:11 |
    kawimmol
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2920
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 194
    شۆھرەت: 1106 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1137 سوم
    تۆھپە: 635 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 644 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 218(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابلاجان
    مۇشۇ قۇرلارنى يازغان قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن ئىلاھىم.
    ئەتتىگەن ئىشخانىغا كىرىپلا تورنى ئېچىپ سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇشقا باشلىدىم ، بەزى جايلىرىنى قايتا قايتا ئوقۇدۇم ، ھازىر بېسىپ چىقىرىۋالدىم ،بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ قومۇلنى ئانا دىيارىمنى يەنە بىر قېتىم خىيالى ساياھەت قىلىپ چىقتىم ،ئالدىنقى ھەپتە دوسلار بىلەن بىر مىيىت ئۇزىتىش ئىشى بىلەن گۇلساي قەبرىستانلىقىغا چىقىپ قومۇل دىيارىدىن چىققان ئاشۇ ئۇلۇغ كىشلىرىمىزنىڭ قەبرىلىرىنى يوقلاپ دۇئا قىلىپ كەلدۇق .
    hawar
    ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچى !!!
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-27 13:20 |
    arsilan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 201
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 160
    شۆھرەت: 825 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 828 سوم
    تۆھپە: 490 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 490 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 191(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-06
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    يازمىڭىزغا رەھمەت ، خېلى كۆپ ئىشلارنى بىلىۋالدىم . بولسا بىلىدىغانلار  قومۇلنىڭ چنىگىزخاندىن تاكى ئىسلامنى قوبۇل قىلغىچە بولغان ئارلىقتىكى تەپسىلى تارىخىنى بەرگەن بوساڭلار .
    sarkar
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-27 18:09 |
    anwarkapak
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 98
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 361
    شۆھرەت: 1845 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1865 سوم
    تۆھپە: 1101 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1101 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 233(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

            مېنىڭ بىر ئاغىنەم  ئۆزىنىڭ چىنگىزخان ئەجدادى ئىكەنلىكىنى  ئىسپاتلاپ جۇرۇڭقاي تۈزەپتۇ.
      ئەمدى چىنگىزخانىدىن ئادەم ئەللەيھىساللامغىچە  يەتكۈزۈشكە  ئىزدىنىپ تارىخى ماتىرياللارنى كۆرىۋاتىدۇ . بولسا شۇ ئاغىينەم سىز سورىغان ۋەقەلەرنى بىلەتتى .
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-27 19:04 |
    xariqi
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3165
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 25 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
    تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 15 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-27
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    چىڭگىزخان ئەجدادى ئەمەس ئەۋلادى دەڭ، ئەجداد دېگەن ئاتا-بوۋا، ئەۋلاد دېگەن ھازىرقىلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئاغىنىڭىز چىڭگىزخاننىڭ بوۋىسىمىكىنا؟
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-10-08 12:30 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «12»Pages: 1/2     Go
    Bagdax bbs » تورداشلار ئىجادىيتى