ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، باغداش مۇنبرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار!
ئۈچ-تۆت ئاي بۇرۇن باغداش ئىنىمىزنىڭ بۇ مۇنبەر ھەققىدىكى ئۇچۇرىنى كۆرگەن بولساممۇ، ئشىلىرىم ئاۋۇپ كېتىپ بۇ مۇنبەرگە ۋاقتىدا كىرەلمىگەن ھەم ھەر قايسىڭلار بىلەن ھال-مۇڭ بولۇش پۇرستىىگە ئېرىشەلمىگەنىدىم. ئەمدى پۇرسىتى كەلگەن ئوخشايدۇ. بۈگۈن كىرىپ مۇنبەردە نادىر تېمىلارنىڭ ۋە ئىلغار پىكىرىلىك تورداشلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ ھەم سۆيۈندۈم ھەم بۇ مۇنبەرنى بالدۇرراق ئېچىپ كۆرمىگىنىمگە ئۆكۈندۈم(ۋاقتىدا كىرەلمىگىنىم ئۈچۈن باغداش ئىنىمدىن ئۆزرە سورايمەن). تورداشلارغا سالام بەرگۈم كەلدى. ئەمما، قۇرۇق قول كېلىشىنى خالىماي، دوستلرىمىنىڭ، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ دەۋىتى بىلەن يېقىندا قۇرۇلغان "سەرخۇش بلوگى" دىن ئاممىبابراق بىر تېمىنى ئېلىپ كەلدىم. "مۇساپىرچىلىقتا ئەسئەت سۇلايماننى سېغىنىش" دېگەن بۇ تېما "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" دە ئېلان قىلىنغان "زىيالىلارنىڭ رولى ۋە كىملىكى ئۈستىدە ئويلىنىش" دېگەن ماقالىىنىڭ بىر بۆلىكى بولۇپ، ئۆزۈمچە بۇ تېمىنى مۇشۇ مۇنبەرگە ماس كەلگۈدەك دەپ قارىدىم.
بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مۇنبەرگە كۈندە كىرەلمىسەممۇ ئارىلاپ كىرىپ، پىكىر قاتناشتۇرۇپ تۇرىمەن، يېڭى تېما يوللايمەن ھەم خالايدىغان تورداشلارنى "سەرخۇش بلوگى" غا كىرىپ زىيارەت قىلىپ چىقىپ كېتىشىكە تەكلىپ قىلىمەن. ئۇلىنىشى:
http://serhush.com مۇساپىرچىلىقتا ئەسەد سۇلايماننى سېغىنىش
ئىلىم تەتقىقاتى زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇۋاتىدۇ مەن ئەسەد سۇلايمان ئاكا بىلەن ئابدۇقادىر جالالىددىن ئاكىدەك جىق كۆرۈشمىگەن. ئاز، ئەمما مەنىلىك سۆھبەتلەردە بولدۇق. گاھى سۆھبەتلەرنى ئابدۇقادىر جالالىددىن، يالقۇن روزى قاتارلىق زىيالىيلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ، گاھى سۆھبەتلەرنى ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا ئىككىمىز يۈزمۇيۈز تۇرۇپ قىلىشتۇق. ئەسەد سۇلايمان ئاكىغا مۇناسىۋەتلىك كەچمىشلەرنى ئەسلىگىنىمدە، مۇنداق بىر قانچە نۇقتا ئېسىمگە كېلىدۇ. بىرى، ئەنگلىيىگە بېرىپ ئوقۇش تەييارلىقى بىلەن تۇرغان كۈنلىرىمدە ئۇنىڭ «ھازىرقى ياخشى شارائىتىڭىز سىز ئۈچۈن ئۇيقۇ دورىسى» دىگەن گېپى ؛ ئىككىنچىسى، ئۇنىڭ «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» ناملىق كىتابىنى يېڭى ئېلىپ ئوقۇپ ھېچنېمىنى ئۆگىنەلمىگىنىم ۋە ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ، ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ بەتمۇ-بەت خاتىرە قالدۇرۇپ تۇرۇپ ئوقۇغىنىم؛ ئۈچىنچىسى، ئۇنىڭ « تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە» ناملىق ئىلمىي ئەمگىكى بەرگەن ئىلھام.
2006 -يىلنىڭ بېشىدا ئەنگلىيىدىكى ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتىن چاقىرىق تاپشۇرۇۋالدىم. ھاياجانلاندىم ھەم خىيالچان بوپقالدىم. ھاياجىنىمنى چۈشىنىشكە بولاتتى. ئەمما خىيالچان بوپقېلىشىم، شۇ چاغدىكى راھەتلىك تۇرمۇشۇم، كىچىك بولسىمۇ تونۇلۇۋاتقان ئىگىلىكىم بىلەن غايەم ئوتتۇرىسىدىكى تاللاش ئارىلىقىدىكى ئازابلىق تېڭىرقاشلارنىڭ نەتىجىسى ئىدى. بىر كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بىر ئىش بىلەن بېرىپ، كاللامدا ئەسەد سۇلايمان ئاكىنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. ئۇنىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى ئىشخانىسىغا كىرگىنىمدە، ئەسەد سۇلايمان ئاكا بەختىمگە يارىشا بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئولتۇرغانىكەن. بىز بۇرۇنمۇ ئۆيۈمدە ۋە باشقا ئىلىم سۆھبەتلىرىدە كۆرۈشكەن، ئەسرارلاشقان بولغاچقا، قورۇنۇپ ئولتۇرمىدىم. قىسقىچە ھال- ئەھۋال سورىشىپ بولغاندىن كېيىن، كېلىشتىكى مەقسىتىمنى− ئازابلىق تاللاشقا دۇچ كېلىپ، قايسى يولغا مېڭىشنى بىلەلمەيۋاتقانلىقىمنى ئېيتتىم.
− ئادەمنىڭ ئۆزى قىيالمايدىغان نەرسىلەردىن، ئەۋزەل شارائىتتىن كەچمىكى تەس، بۇنى چۈشىنىمەن. ئەمما ھازىرقى شارائىتىڭىز سىز ئۈچۈن ئۇيقۇ دورىسى. چاقىرىق كەلگەن بولسا، بەك ياخشى ئىش بوپتۇ. چوقۇم ئوقۇڭ. ئۇ يەرلەرگە چىقىپ دەماللىققا جاپا تارتىسىز، قۇربان بېرىشىڭىزنىڭ ۋەزنى ئۈستىدە ئويلىنىسىز. ئەمما، يىراقنى كۆزلىگەندە ئەرزىيدۇ، ئىككىلەنمەڭ.
ئۇ يەنە ئارىلىقتا تەتقىقات نىشانىنى ئىمكانقەدەر بالدۇر تاللاش، تەتقىقات دائىرىسىنى مۇمكىنقەدەر كونكرېتلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلاردا بىر مۇنچە مەسلىھەت بەردى ۋە ھازىر كىملىك تەتقىقاتىنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە ناھايىتى گۈللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پىكرىنىمۇ قوشۇپ قويدى. ھازىر ئويلاپ باقسام، «كىملىك ۋە شەھەرلىشىش» تېمىسىدا ئىزدىنىشىمگە بىر نۇقتىدىن ئۇستازنىڭ ئاشۇ نەسىھەتلىرى سەۋەب بولغانىكەن. نىشاننىڭ ئېنىق بولماسلىقى، غايىنى بەك يۈكسەك، تەتقىقات دائىرىسىنى بەك كەڭرى قىلىۋېلىش، ئىلىمدە ئىزدىنىۋاتقان ئادەمنىڭ ھېچقانداق ساھەدە پۈتۈن بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. مېنىڭ تەتقىقات دائىرەمنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، تەتقىقاتنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە تونۇش ھاسىل قىلىشىمغا ئەسەد سۇلايمان ئاكا سەۋەب بولدى دىسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ.
ئۇنىڭ « تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ » ناملىق كىتابىنى 1999-يىلىلا يېڭى نەشردىن چىققاندا سېتىۋالغانىدىم. ئەمما ئۇقۇپ ھەزىم قىلالمىغانىدىم (ياش ئالىمنىڭ مەزكۇر كىتابىدىكى ئاساسلىق ماقالىلەر ژۇرنىلىمىزنىڭ 1990 – يىللاردىكى سانلىرىدا ئېلان قىلىنغانىدى. − مەسئۇل مۇھەررىردىن). يەتتە يىلدىن كىيىن، يەنى 2006-يىلى ئۆكتەبىردە «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى»غا ئېرىشكىنىم رەسمىي ئېنىق بولغاندا بۇ كىتابنى قايتىدىن تەپسىلىي ئوقۇدۇم، خاتىرە قالدۇردۇم. كىتاب مېنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالدى. جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى دەۋر ئايال يازغۇچىسى چى زىجيەن مۇخبىرلار ئۆزىنى زىيارەت قىلغاندا كىتاب ئوقۇش توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋالدا بىز كىتابتىن ھېچقانداق نەپ ئالالمايمىز. بىرى، ئۇ، چاپ-چاپ بازارغا ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈنلا تۈزۈلگەن ئەخلەت كىتاب بولسا ؛ يەنە بىرى، كىتاب ئۆزى ياخشى بولۇپ، ئۇنى ئوقۇيدىغان ۋاقتىمىز تېخى كەلمىگەن بولسا.» مېنىڭ «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» ناملىق كىتاب ھەققىدىكى تەسىراتىم ئىككىنچى خىلغا ياتاتتى. يەنى، مەن روھىي دۇنيارىم بۇ كىتابنى ئوقۇشقا تولۇق شەرت – شارائىت ھازىرلىمىغان ئەھۋالدا، توغرىراقى، نەزەر دائىرەم تار ۋاقتىدا ئوقۇپ، ئۇ كىتابتىن ھېچقانداق نەپ ئالالمىغانىدىم. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، سىزنىڭ بىر ئىلمىي ئەمگەكتىن نەپ ئالالماسلىقىڭىز ئۇ ئەسەرنىڭ ناچار يېزىلغانلىقىدىن بولماستىن، بەلكى ئۇنى ئوقۇش ۋاقتىڭىزنىڭ تېخى كەلمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. يەنە شۇنداقلا، بىزنىڭ بىرەر مۇتەپەككۇرنىڭ پىكرىنى ھەزىم قىلالماسلىقىمىز، ئۇنى مەڭگۈ چۈشىنەلمەسلىكىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئىنسان ھېچبولمىغاندا ئۆزىدىكى بىلىمسىزلىك ئازابىنى يېڭىشى، كاللىسىنى زىندانغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ ئىزدىنىشى كېرەك. كېيىن جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىسىنى ئۆگىنىپ بۇ كىتابنى قايتا قولۇمغا ئالغىنىمدا، ئاپتورنىڭ مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى خەلقنىڭ روھىي دۇنياسىدا پسىخىك چۆكمە بوپقالغان نۇقتىلارغا بەكرەك ئاغدۇرۇپ، ئىدېئولوگىيىنىڭ، ئىجتىمائىي كونترولنىڭ كۈچىگە سەل قارىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بەلكىم ئۇنىڭ شارائىتى، ئىمكانىيىتى يار بەرمىگەن بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم ئۇ يەنە جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىلىرىنى چۈشىنىپ باقسا، بۇرۇن ھېس قىلمىغان تەرەپلەرگە دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئەسىرىنى قايتىدىن ئىشلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈش ماقالىمىزنىڭ مەقسىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ گەپلەر ھازىرچە مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن.
2003-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەسەد سۇلايمان ئاكىنىڭ »تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە« ناملىق ماقالىلەر توپلىمى نەشردىن چىقتى. مەن بۇ كىتابنى سېتىۋېلىپ كىتابنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتتىم. ئەجدادلىرىمىزنىڭ چەت ئەللىك ئېكىسپېدىتسىيىچىلەر نەزىرىدىكى ئوبرازى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار نۇقتا مېنى تەگسىز خىياللار قاينىمىغا بەند قىلدى. مەن بۇ كىتابتىن شۇنداق ھۇزۇر ئالدىم. ئادەتتە مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كىتابنى قولۇمغا ئالغىنىمدا بىراقلا ئوقۇپ قوپۇپ كېتىشنى ياخشى كۆرىمەن. بۇنداق بولغاندا، كىتابتىن ئالغان تەسىرات ۋە ئىلھاملار ئارىلىقتىكى ئۈزۈكچىلىك تەسىرىدە غۇۋالىشىپ قالمايدۇ. ئاپتور بىلەن تەڭ مۇڭدىشىپ قىلىۋاتقان پىكىرنىڭ ئىزچىللىقى بولىدۇ. ئەسەد سۇلايمان ئاكىنىڭ بۇ كىتابى ماڭا تەتقىقاتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە دەرس بەرگەن، قايناق ئىلھاملارنى ئاتا قىلغان. شۇ ئارىلىقتا ئىككى يىل ئۆتۈپ، ئەسەد سۇلايمان ئاكىنىڭ »ئۆزلۈك ۋە كىملىك« دىگەن كىتابىدىكى ئىنگلىزچە كىرىش سۆزنىڭ تەھرىرلىكىنى قىلدىم. 2006-يىلى ئىيۇلنىڭ بېشىدا ئەسەد سۇلايمان ئاكا بېرلىنغا خەلقئارالىق ئىلىم مۇھاكىمىسى يىغىنىغا بارىدىغان بوپقالدى. بىر كۈنى ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ خۇنەندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىسىنى ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ بېرىشىمنى ھاۋالە قىلىپ تېلېفون بېرىپتۇ. مەن ئۇستازنىڭ بۇ ھاۋالىسىنى خۇشھاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم. تەرجىمىنى تۆت كۈن ئىچىدە تۈگەتتىم. تەرجىمىنى تاپشۇرغاندا ئەسەد سۇلايمان ئاكا ناھايىتى خۇشھال بولدى. مەنمۇ ئۇستاز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ئىش قىلىپ بېرەلىگىنىم ئۈچۈن خۇرسەن ئىدىم.
بىر كۈنى ئۈرۈمچى «يەنئەن» يولىدىكى «شىنخۇا» كىتابخانىسىدا ئەسەد سۇلايمان ئاكا بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم. بىز پاراڭلاشقاچ ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆرۈشكە باشلىدۇق. ئويغۇرچە كىتابلارنىڭ ئىچىدە ئەدەبىي ئەسەرلەر، بولۇپمۇ رومانلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيتتى. ئەسەد سۇلايمان ئاكا يېڭى چىققان بىر روماننى ۋاراقلىغاچ ماڭا شۇنداق دېدى :
− رومانلار بىزدە خېلى جىق چىقتى. بۇ بىر ياخشى ئەھۋال. ئەمما، بىزدە ئەدەبىي ئەسەر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا قارىغاندا ئىلىم تەتقىقاتى قىلىدىغانلار بەك ئاز. نۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىزدا ئىلىم تەتقىقاتى زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىۋاتىدۇ. بىزدە ئەدەبىي ئىجادىيەت كوچىسىغا سىغدىلىپ كىرىۋالغان نۇرغۇن ئادەم بار. بۇنداق كىشلەردە تىرىشچانلىق بار، بەلكىم ئىقتىدارمۇ بولۇشى مۇمكىن. مەن دېمەكچى، ئەدەبىي ئەسەرنى يازالايدىغانلار يازسا. ئەگەر بۇ جەھەتتە تالانت بولمىسا، باشقا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرگە كۆچۈش كېرەك. ئىلىم تەتقىقاتى قوشۇنىمىز زورايسا بولاتتى.
ئەسەد سۇلايمان ئاكىغا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلارنى ئەسلىگىنىمدە، ئۇنىڭ تەتقىقات ھەققىدىكى بۇ سۆزى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايدۇ.
مېنىڭ ئىلىم تەتقىقاتىغا قىزىقىپ قېلىشىممۇ سەۋەبسىز ئەمەس. مەن ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم تەتقىقاتىنىڭ ئاجايىپ ھۆرمەتلىنىدىغانلىقى ۋە گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى كۆردۈم. «بۇ كۈنلەردە رىزقىم بار» ناملىق ماقالەمدە ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، چەت ئەللەردە جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدە قىلىنىۋاتقان تەتقىقاتلار ئىچىدە ئويغۇرلار ھەققىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلەر نىسبەتەن ئازكەن. يەنە كېلىپ، چەت ئەللەرنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن پايدىلانمايدىكەن. بۇ ھال ماڭا بىر نۇقتىنى − بىزدە ئىزچىل سەل قارىلىۋاتقان، خاتا چۈشىنىلگەن ياكى تىكىپ قوراشتۇرۇپ پاخال قىلىۋېتىلگەن تەتقىقاتنىڭ ئۆزىنىڭ توغرا يولىغا قايتىپ كېلىشى لازىملىقىنى ھېس قىلدۇردى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەد سۇلايمان ئاكىدەك باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدىغان، قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە بىر تۈركۈم ياش، ئوتتۇرا ياش تەتقىقات قوشۇنى بولۇشى كېرەككەن.
بۇنداق ئويلىشىمدا يەنە مۇنداق سەۋەبمۇ بار. ھەقىقىي − چىن مەنىسى بىلەن قىلىنغان ئىلىم تەتقىقاتى ئەجدادلارنىڭ ئەقلىنى ئەۋلادلارغا ئۇلايدىغان ئەقلىي مىراس؛ بۇرۇنقىلارنىڭ پىكىرىي قۇۋۋىتىدىن دالالەت بېرىدىغان مەنىۋىيەت ئەينىكى؛ بىر مىللەتنىڭ نەزەرىيىۋى تەپەككۇرىنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم شەرت. شۇڭا ئىلىم تەتقىقاتى بولۇشى، بولغاندىمۇ ھەقىقىي مەنىسى بىلەن بولۇشى كېرەك. رېئاللىقىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن چىقىش قىلغاندا، پىكىر قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان بىر تۈركۈم ياش تىرىشىپ ئىزدىنىپ، ئۇيغۇرلاردىكى ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتىنىڭ يۈكسىلىشىگە ھەسسە قوشۇشى كېرەك. بۇ ئەلۋەتتە قۇربان بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان، جىق ئەجىر تەلەپ قىلىدىغان مۇشەققەتلىك جەريان. يەنە ئەدەبىي ئىجادىيەت كوچىسىغا مەجبۇرىي سىغدىلىپ كىرىۋالغان، ئەمما تۈزۈك نەتىجە يارىتالمىغانلار ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ باشقا ساھەسىدە ئۆز تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ، سىناپ باقسىمۇ بولىدۇ.
مەن مۇساپىرچىلىقتا پىكىر ھەمراھى ئىزدەيمەن، خىيالىمدا كىملەردۇر بىرسى بىلەن غايىبانە پاراڭلاشقۇم كېلىدۇ. ئەسەد سۇلايمان ئاكىنى مۇساپىرچىلىقتا سېغىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن خىيالىي مۇڭدىشىمەن. ئۇ، خىيالىمدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۇقادىر جالالىددىن قاتارلىق سېيمالارغا ئوخشاشلا زاھىر بولىدۇ، ماڭا مەنىۋى جەھەتتىن يېتەكچى بولىدۇ. مەن ئۇنى شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆرمەتلەيمەنكى، ئۇ، ئىلىم تەتقىقاتىنى چىن مەنىسى بىلەن قىلدى؛ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندىن كېيىن ئۈزۈكچىلىك كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان تەتقىقات رېلىسىنى ئۇلىدى. مەن ئۇنى شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆرمەتلەيمەنكى، ئۇ، باش چۆكۈرۈپ داۋراڭسىز ئىشلىدى ؛ ئەمەلىي تىرىشچانلىقى، قىممەتلىك ئەمگىكى بىلەن تالاي ئىلىمخۇمار ياشقا تەسىر كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگىكى، ئىزدىنىشچان روھى بىزگە بىلىمى ۋە پەزىلىتى بىرلەشكەن بىر مۇنەۋۋەر زىيالىينىڭ بىر مىللەتنىڭ ئىدىيە سىستېمىسىغا ئاجايىپ زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى ۋە مۇنداق بىر نۇقتىنى روشەنلەشتۈردى: ساغلام ئىدىيىنىڭ جامائەت قەلبىگە سىڭىشى، تەسىر قىلىشى ناھايىتى ئاستا جەريان. بۇ جەريان مېدىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىنسان قەلبىنى ئوۋ نىشانىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىغا ئوخشىمايدۇ. سەگەك پىكىر ئىگىلىرى ئاشۇ ئىدىيىلەرنى ئۇچرىشىشلار، ئىجتىمائىي ئالاقىلەر داۋامىدا يەنە بىر تۈركۈم سەگەك كىشىگە يەتكۈزىدۇ. شۇڭا مۇنەۋۋەر بىر زىيالىي ھايات ۋاقتىدا تەتقىق قىلىنىشى، ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن مىللەتنىڭ ئومۇمىي پىكىرىي قۇۋۋىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۆزىتىلىشى لازىم. يامان يېرى، بىزدە بۇ ئۆلچەمگە چۈشىدىغان مۇنەۋۋەر زىيالىيلار ئاز قېلىۋاتىدۇ. قېنى، مېڭىپ باقايلى، يول تاپىنىمىزنىڭ ئاستىدا !
سەرخۇش تور خاتىرىسىدىن ئېلىندى . ئۇلىنىشى:
http://serhush.com