turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«12345»Pages: 1/6     Go
بۇ تېما 3957 قېتىم كۆرۈلدى
دىلكەش
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2792
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 82
شۆھرەت: 668 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 707 سوم
تۆھپە: 358 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 359 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 499(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇردا ئەبگالىق  (1- ئەقىدىسىزلىك)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-09-13)
ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى 


ئۇيغۇردا ئەبگالىق


1- ئەقىدىسىزلىك 

 ئىزاھات : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار. سالامەتلىك سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن!
       96- يىللىرى «شىنجاڭ مەدىنىيىتى» ژۇرنىلىدىن «ئۇيغۇردا ئەبگالىق» نامىدىكى ماقالىنى ئۇقۇغان ئىدىم. بۇ ماقالە ھاياتىمغا خېلى زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئدى. شۇ سەۋەپتىن تورداشلارنىمۇ بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندۈرۈش مەقسىدىدە ئۈرۈمچىگە كىلىپمۇ ئۇنىڭ ماقالىسى بېسىلغان ژۇرنالنى تاپالمىدىم. شۇڭا تەكلىماكانىنىڭ بۇ ماقالىسىنى توردايوللانغان نۇسخىسىدىكى تىمىغا ئاساسەن يوللىغان بولغاچقا «ئەبگا ئۇيغۇر» دىيىلگەن ئىدى. بۇنى ئاپتۇر ئۆزى يوللىغان بولسا ئەدەپسىزلىك بولمىسۇن دەپ ئويلىغان ئىكەنمەن. ھازىر ھىس قىلسام تېمىنى باشقىلار ئۆزگەرتىپ يوللىغان ئوخشايدۇ. شۇڭا تىمىنى ئەسلى ھالىتىدىكى «ئۇيغۇردا ئەبگالىق» نامىغا ئۆزگەرتىۋەتتىم، ۋاقىپ بولغايسىلەر.

 

      ھەركىم بىلىدۇكى، ئىنسان- تەن (بەدەن) بىلەن روھ (جان) دىن تۈزۈلگەن مەخلۇق. روھ بولمىغان بەدەن بەجايىكى بىر قۇرۇق جاھازدۇر. ئەمدى ئەقىدە بولسا، ئىنسان روھىيىتىنىڭ تۈۋرۈكى، ئىنسان ئېڭىنىڭ جەۋھىرى ھېساپلىنىدۇ. ئەقىدىسىز روھ ئەمەلىيەتتە چاھارپاي روھىدۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەقەت ئەقىدىلىك ئىنسانلا،ئاندىن يۈكسەك ئاڭ پەزىلىتى ئارقىلىق مەخلۇقاتلار سىپىدىن ئايرىلىپ چىققان ھەقىقى ئىنسان سانىلىدۇ.

       ئەقىدە يەككىلىك دۇنياسىنىڭ ھاسىلى ئەمەس، بەلكى ئومۇملۇق ئالىمىنىڭ مۇبارەك مەھسۇلاتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەقىدە ھېچقانداق بىر شەخسكە تەئەللۇق خۇسۇسى مۈلۇك ئەمەس، بەلكى ئۇ ئومۇمغا، كوللىكتىپقا ئورتاق بولغان مەنىۋى قۇۋۋەت مەنبەسى. ئۇنى كۈندۇزدىكى پارلاق قوياشقا، كېچىدىكى تۇلۇن ئايغا ئوخشاتسا بولىدۇكى، ئەقىدىلىك ئىنسانلارنىڭ قەلبى ئاشۇ قوياش ۋە ئاشۇ ئاينىڭ سېخى نۇرى بىلەن ھەمىشە يورۇق تۇرىدۇ. ئەقىدىنى پەقەت كۆڭۈل كۆزى بىلەنلا كۆرگىلى بۇلىدىغان خاسىيەتلىك رىشتە دىسە بولىدۇكى، ئەقىدىلىك مىللەتنىڭ قەلبى ئاشۇ خاسىيەتلىك رىشتە شاراپىتىدىن بىر- بىرىگە ھەر دائىم چىڭ باغلانغان بولىدۇ. 
      ئەقىدە- سەن، مەن، ئۇ، يەنى بىزنىڭ ئۆز ئارا بىر- بىرىمىزگە ئىشىنىشىمىزنى، بىر- بىرىمىزگە چىنپۈتىشىمىزنى، بىر- بىرىمىزنى ئۆز ئارا قوللىشىمىزنى مىزان يادروسى قىلىدۇ. ئۇ- سەن، مەن، ئۇ، يەنى بىزنىڭ ئورتاق ئىستەك، ئورتاق غايىمىزنى كۆرەش نىشانىسى ۋە مەقسەت مەنزىلى قىلىدۇ. ئەگەر سەن ماڭا ئىشەنمىسەڭ، مەن قوپۇپ سەندىنمۇ، ئۇنىڭدىنمۇ گۇمانلانسام، بىز ئۈچىمىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتىمىزگە تەئەللۇق ئىشتا، ئۈچىمىز ئىشنى ئۈچ تەرەپكە تارتساق، تەبىئىيكى مەسىلە ھەل بولمايدۇ. ئەجەللىك يىرى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، سەن بىزگە تەئەللۇق مەنپەئەت باشقىلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كىتىدۇ، سەن بىز بولساق، ھەقلىق نىسىۋىمىزدىن ئايرىلىپ، ئاشۇ روۋۇك پېتى قېلىۋىرىمىز.

      ئەڭ مۇھىمى، ئەقىدە ئىنسانىيەت مۇئەييەن تۇپىنىڭ ئومۇمى مەنپەئىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ. ئىسلام دىنى ئۇنىڭ ئەھلى ئۈچۈن بىر خىل يۈكسەك ئەقىدە بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز زامانىسىدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى ئەرەب مىللىتىنىڭ جىددىي ئىھتىياجى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ماركىسىزم بولسا، پۇرۇلتارلارنىڭ ئۇمۇمىي مەنپەئىتىنى ئۇل قىلىپ بەرپا قىلىنغان. دەرۋەقە كېيىنچە، مىللەت ئايرىمىسى خىلمۇ- خىل بولغان قەۋملەر ئۆز ۋاقتىدا ئەرەبلەرنىڭ توغرا يولغا يۈزلىنىشى ۋە ئىسلاھاتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئىسلام ئەقىدىلىرىنى بەزىلىرى قىلىچتىن قورقۇپ، بەزىلىرى ئاڭلىق ھالدا قوبۇل قىلىپ، ئەرەبلەرگە ئەقىدىداش مۇسۇلمان (ئىسلامغا ئەقىدە قىلغۇچى) لاردىن بولغان. ئۇيغۇرلارمۇ شۇلار جۈملىسىگە كىرىدۇ.

     بىراق، ئەبگالىق ئىللىتى ۋۇجۇدىنى چىرماپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردا ئەقىدە بولمايدۇ. ئولارنىڭ (ئەلھەمدۇ لىللاھ، مەن مۇسۇلمان) دىگەنلىرى يالغان. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ (ناماز ئوقۇش كونىلىق بۇلىدۇ) دىگەن زامانلاردا، مەھەللىسىدىكى مەسجىدلەرنى تاقاپ، ئۇنى ئەسكى- تۈسكى نەرسىلەرنى قۇيىدىغان ئامبار قىلغانلىقى پاكىت. ئۇلارنىڭ (مەن ماركىسىزمچى، كوممونىستمەن) دىگەنلىرىمۇ كاززاپلىق. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ياش ۋاقتىدا كادىر بولۇپ، ناماز ئوقۇغان ئۇيغۇرنىڭ ساقىلىنى يۇلۇپ، نامازغا ئەزان ئېيتقان مۇسۇلماننىڭ قۇلىقىغا مۇشتلاپ، ھاياتى كۈچى بار ئۆمرىنى ئاۋام خەلقنى قاقتى- سوقتى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇرۇقلۇق، ئەمدىلىكتە بىر يۇمۇلاپلا تەقۋادار مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، مەسجىد جامائىتىنىڭ قاتارىغا قۇشۇلىۋالغانلىقى، ساقاللىرىنى ئۇزۇن قۇيىۋىتىپ، قوللىرىدىن تەسۋى چۈشۈرمەي (سۇبھانەللاھ) دىيىشىپ يۈرگىنى، شۇنداقلا ئۆز زامانىسىدا ئاۋامنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىپ يۈرۈپ توپلىغان پۇل بىلەن مەككە- مەدىنەنى تاۋاپ قىلىپ (ھاجى ھەرەم) بۇلىۋاتقانلىقى شاھىت. ئۇلارنىڭ (مەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كادىرمەن) دىگىنى ئالدامچىلىق. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى ئۆز خەلقى ئۈچۈن يۇرۇيدىغان ئەقىدە چىرىغىدىن مەھرۇم. ئۇيغۇرلار قەلبى ئەقىدە چىرىغىدىن مەھرۇم ئادەمنى (كۆڭلى قارا ئادەم) دەيدۇكى، قارا كۆڭۇل ئادەملەرنىڭ دىلىدا زۇلمەتكە غەرق بولغان يىگانە (مەن) دىن ئۆزگە ھېچكىم بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كۈنى ئەمەتنى قانداق يىقىتىش، سەمەتنى قانداق يوقىتىشنىڭ كۇيىدا، يەنە قانداق قىلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا- ئۇيغۇرغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ كۇيىدىلا ئۆتىدۇ. مانا بۇ- 21- ئەسىرگە كىرىش ئىشىكىدە تۇرغان بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بۇلىۋاتقان ئەھۋال.

      دەرىخا! پاكىتلىق ساۋاق شۇكى، ئەقىدىسىز ئەلدە شەخسىيەتچىلىك يامراپ كىتىدۇ. ئەقىدىسىز ئەلدە گۇمانخورلۇق، ساتقىنلىق قايناپ كىتىدۇ. ئەقىدىسىز ئەلنىڭ شانلىق تارىخىمۇ، پارلاق ئىستىقبالىمۇ بولمايدۇ.

      كىلەچەكشۇناس ئالىملارنىڭ گۇيا بىردەك قارىشى شۇكى، 21- ئەسىر پەن- تېخنىكا يۈكسەك تەرەققى قىلغان، مەدەنىيەت يۈكسەك تەرەققى قىلغان، دېمۇكراتىيە يۈكسەك تەرەققى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، پەن- مەدەنىيەت جەھەتتىكى رىقابەتمۇ ئەڭ ۋايىغا يەتكەن ئەسىر بۇلىدۇ.21- ئەسىردە كىمنىڭ پەن- تېخنىكىسى ئۈستۇن، كىمنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرى بولسا، شۇ كۈچلۈك بۇلىدۇ. كىم ئۆز مىللىتىنىڭ، ئۆز خەلقىنىڭ ئۇمۇمىي مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ئىلغار ئەقىدىگە ئىگە بولسا، شۇ مۆھتىرەم، شۇ ئىتىبارلىق بۇلىدۇ.

سەنمۇ ئادەم ئاتامنىڭ ئەۋلادى، سەنمۇ ھەۋۋا ئانامنىڭ يۈرەك باغرى، ھالبۇكى، سەنمۇ ئۆزۈڭنى قەدىرلە، ئۆزۈڭنى سۆي، ئۆزۈڭگە ئىشەنچ قىل. بىلگىنكى، ھەر قانداق مەۋجۇدات مۇئەييەن قىممەت بىلەن قەدىرلىك. ئىنسانمۇ شۇنىڭغا تەئەللۇق. سىنىڭ قىممىتىڭ بولسا قەدىرلىك يارسەن، ئەگەر قىممىتىڭ بولمىسا، قەدىرسىز خارسەن. قەدىرسىزلىك، خارلىق ساڭا ۋە ماڭا ھەرگىز خاس ئەمەس! شۇنداق ئىكەن، قەددىڭنى كۆتۈر، ئەتراپىڭغا قاراپ باق، قەلبىڭگە ئەقىدە چىرىغىنى ياق! مانا بۇ- نۇسرەت قەدىمىنىڭ ئىپتىداسى، غالىپ ۋە مەنىلىك ھاياتنىڭ بىسمىللاسى.

دوپپاڭنى ئالدىڭغا ئەپقۇيۇپ تۇرۇپ، ئۇبدان ئويلان، ئەبگا!

 

داۋامى بار......

 

مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-09, 20:06
مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۆلۇك تەندىن ئىبارەتتۇر.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-09-09 19:33 |
sarsan88
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 279
شۆھرەت: 1410 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1420 سوم
تۆھپە: 843 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 843 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 107(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇنى ژۇرنالدىن كۆچۈردىڭىزمۇ ياكى توردىنمۇ ؟
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-10 13:24 |
adiyat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3190
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 80 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 48 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دا پىپەن  باشلاندىما؟
ئۆزەڭ  ئەبگا!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-10 13:35 |
baghdaxhan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 697
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 96
شۆھرەت: 594 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 590 سوم
تۆھپە: 335 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 345 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 740(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماۋزوسى مۇۋاپىق ئەمەس، بۇ پۈتۈن بىر ئۇيغۇر مىللىتىنى ھاقارەتلەشمۇ؟ مىللەتنى تەشكىل قىلغۇچى مەلۇم بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەركىتى ئارقىلىق، پۈتۈن مىللەتكە ھۆكۈم قىلىش ئاقىلانىلىكمۇ؟؟؟ ھەي- قاچانمۇ ئۆز-ئۆزىگە توغرا يول بىلەن مۇئامىلە قىلار؟؟؟؟
[ بۇ يازمىنىbaghdaxhanدە2011-09-10 21:45قايتا تەھرى ]
hawar
ئۇيغۇرۇم ئۆز ئىشەنچىمنىڭ مەنبەسى !
باغداشخان
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-10 16:15 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 532
شۆھرەت: 3440 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3431 سوم
تۆھپە: 1923 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1957 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 975(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كالتا پەم قەلەمكەش پۇتكۇل ئۇيغۇرنى ئەبگا دىيىش ئارقىلىق ،ئۆزىنىڭمۇ بىر ئەبگا ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىماقچى ئوخشىمامدۇ؟ بىر پۇتۇن مىللەتنى ئەبگا دەيدىغان ھوقوقنى كىم بەردى ساڭا ئەبگا؟
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-10 17:38 |
tograk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 245
شۆھرەت: 2073 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2070 سوم
تۆھپە: 1074 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1086 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2326(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

          تورداشلارنىڭ بۇ ماقالىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىى ئۈستىدە چوڭقۇر ئانالىز قىلماي ۋە ئەتىراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزمەيلا يەڭگىللىك بىلەن ئالدىراپ باھا بەرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمەن ! ماقالىنىڭ ئاخىرىنىمۇ ئوقۇپ باقايلى . بۇ ماقالىغا باھا بىرىشكە خېلى يوقۇرى سەۋىيە كېرەكمىكىن دەيمەن . بىلىشىمچە ، ئاپتور _ ئالى بىلىم يۇرتى ( مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتى) دا ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق ۋە ئىلمى تەتقىقات بىلەن شوغۇللۇنۇپ كەلگەن ، نۇرغۇن ئىلمى ئەسەرلەر يازغان كۆزگە كۆرۇنگەن ئالىم (مەنمۇ بۇ ئالىمنىڭ ئىلمى ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ) . بۇنداق نازۇك مەسىلىلەردە مەسئولىيەتسىزلىك بىلەن ئالدىراپلا بىر نەرسە دىمىگەندۇ ھەرقاچان .
[ بۇ يازمىنىtograkدە2011-09-10 20:45قايتا تەھرىرلىد ]
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-10 20:16 |
adiyat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3190
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 80 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 48 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

<مەن بىيجىڭدا  ئىشلىگەن >  دەپ  بىر  مىللەتنى توشقاننى  سىناق  قىلغاندەك  ئوپراتسىيە  قىلسا  بولمايدۇ.  ئۆزى  ئاسماندىن  چۈشكەندەك  گەپ  قىلماي ئۆزىنى ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنتى دەپ  تۇرۇپ  بىر  پەرزەنت  ئانىغا  قانداق تەلەپبۇزدا گەپ  قىلسا   بولىدۇ ؟  ئاۋال  شۇنى ئۈگەنسۇن.
ئۇنۋان  بولغان  بىلەن  ئەدەب  -ئەخلاق ، پەزىلەت  بولمىسا  ياخشى  بولماس .
ئەسكى  چاپاننىڭ  ئىچىدە  ئادەم  بار .
نى ئەدىب نى ئالىملارنى ئالدىغا  ئوتتاغۇزۇپ  قويۇپ :< يە  ئەبگا> دىسە  بوممايدۇ.
ئىشقىلىپ  مەن  بۇ  ئادەمنى  چۈشەنمەيمەن . ئەمما  ما  مىتودتا  ئېغىر  مەسىلە  بار . ئويلۇشۇپ  كۆرسۇن . بۇ  ئەخلاق  مەسىلىسى.
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-10 21:00 |
bahit605
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3195
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ  تېما بەك ئەبگاكەن   ئەقىلسىزلارچە يېزىلىپتۇ!
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-10 22:51 |
tohotur
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1012
شۆھرەت: 5450 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5462 سوم
تۆھپە: 3216 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3220 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1999(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دوپپاڭنى ئالدىڭغا ئەپقۇيۇپ تۇرۇپ، ئۇبدان ئويلان، ئەبگا

دوپپامنى چىڭ كىيمەن ، قانداق ، گەپ باما ..........................ئون مېليوننىڭ ھەممىسى ئەبگا بۇ قانداق مەنتىقە ئەمدى ،
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-11 01:23 |
arzuyum
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 111
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 262
شۆھرەت: 1500 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1500 سوم
تۆھپە: 865 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 865 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 301(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

داۋامى بار دەپتۇ، مەن داۋامىنى ئوقۇپ بولۇپ ئىنكاس يازاي.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-11 11:36 |
tograk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 245
شۆھرەت: 2073 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2070 سوم
تۆھپە: 1074 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1086 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2326(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 Re:ئەبگا ئۇيغۇر  (1- ئەقىدىسىزلىك)

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى arzuyumدە2011-09-11 11:36يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
داۋامى بار دەپتۇ، مەن داۋامىنى ئوقۇپ بولۇپ ئىنكاس يازاي.

         توغرا دەيسىز . ئاخىرىنى ئوقۇماي ، ماۋزۇغا قاراپلا باھا بىرىپ كەتسەك قاملاشماس . ئەسكى قالپاقنىڭ ئىچىدە نىمە بار تېخى . ئەسكى چاپان كەيگەنلەرنىڭ ھەممىسى دىۋانە بولۇشى ، تاۋار _ دۇردۇندىن تون كەيگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئالىجاناپ بولۇشى ناتايىن . لۇشۇن ئەينى چاغدا مىللىتىنى نىمىلەر دەپ سۆكمىگەن ؟ ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنىڭ  قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالالىدىكى ، مىللىتىدىكى پەسكەچلىكلەرنى ئېچىپ تاشلاشقا ، سوكۇشكە ، قامچىلاشقا جۇرئەت قىلالىدى . مىللىتىدىكى ناچار ئىللەتلەرنى قاتتىق قامچىلاشنى پەقەت مىللىتىنى سۆيگەن ، مەسئولىيەتچانلىق تۇيغۇسى كۈچلۇك كىشىلەرلا قىلالايدۇ .  قۇرۇق ماختاش ،مەدىھە ئوقۇشلار كۆپ ھاللاردا كىشىنى مەسخۇش قىلىپ خۇدىنى يوقۇتۇپ ، ھلاكەت گىردابىغا ئېلىپ بارىدۇ ، دەپ ئويلايمەن . چىرايلىق ماۋزۇ ئاستىدىكى تېتىقسىز <<ماقالە >>لەرنىمۇ كۆرگەنغۇ بىز . ئالدى بىلەن << ئەبگا >> دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنىپ باقايلى . ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپلۇك قوشۇمچىسى بولمىغان ئەھۋالدا پۇتۇن مىللەتكە تاقالمايدۇ .
[ بۇ يازمىنىtograkدە2011-09-11 13:33قايتا تەھرىرلىد ]
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-11 13:13 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/6     Go
Bagdax bbs » ئادەت قېرىماس