بۇ مەزمۇن 22قەۋەتتىكى sufiyeدە2011-09-10 16:17يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاپپاق خوجىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە قانداق پاكىت بار؟
مۇختەر بۇغرانىڭ يازمىسى، ياسىنجان چوغلۇقنىڭ رومانى، 1987-يىلى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا» ناملىق يازما، ھەسەنجاننىڭ يازمىسى قاتارلىقلار ئىلمىي ماقالە بولۇش شەرتىگە چۈشمەيدۇ. ھەممىسى سىياسىي تەشۋىقات خاراكتېرىدىكى بىر تەرەپلىمە يازما.
ئىلمىي ماقالە دېگەندە بىر يەكۈننى ئىسپاتلاش ئۈچۈن چوقۇم شۇنىڭغا يېتەرلىك پاكىت، دەلىل-ئىسپات بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: ئاپپاق خوجا دالاي لاماغا تازىم قىلغان بولسا، بۇنىڭغا ئائىت تىبەتچە يازما پۈتۈكتىن بىرسىنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتسە بولىدۇ. دالاي لامانىڭ ھاياتىغا ئائىت تارىخى بەلگىلەرنى تىبەتلىكلەر ناھايىتى تەپسىلىي يېزىپ خاتىرلىگەن. ئەمما ئاپپاق خوجىنىڭ ئۇنىڭغا تازىم قىلغانلىقىدەك ئالاھىدە تارىخى ۋەقە نېمىشقا تىبەتچە خاتىرىلەردە يوق؟؟؟
...............................