بۇ مەزمۇن 62قەۋەتتىكى edirhanدە2011-08-29 16:31يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۇيغۇر ئاتلىق ئۇكىمىزغا:
تارىختىكى سىز تەگىپ ئۆتكەن بارچە كىلىشمەسلىكلەر دەل سىزدەك ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئىشىنەلمەي ئۆزىنى تىللىغان، ئۆزىنى ياراتماي باشقىلارغا باش ئۇرغان، ئۆز شان-شەرەپ، ئار-نومۇسىغا ئىشەنچ قىلالماي سېتىلغانلار سەۋەبلىك كېلىپ چىققان. بۇ يەردە باشقىلار ھەممىسى بىر تېما ئۈستىدە پىكىرلىشىپ، ئورتاقلىشىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش تۈگۈنىنى ئىزدەۋاتسا سىز يۈزسسىزلىك بىلەن مۇنازىرە مۇنبىرىدىكى بارچە قېرىنداشلىرىڭىزنى، ھەمدە سىز بىلەن بىر دەۋىرداش بولۇپ كېلىۋاتقان مىللىتىڭىزنى ئەجدات-ئەۋلادىنى قوشۇپ تىللاپ تېمىنى شاخلىتىپ كېتىۋاتسىڭىز ... سىزنى قانداقمۇ ساق ئادەم دېگىلى بولسۇن؟! تۆۋە دەيمەن، سىز ئۈچۈن ياقامنى چىشلەپ تۇرۇپ ئۇلۇغ ئاللاھتىن كۆڭلىڭىزگە ساپ ئەقىل، پاك ئىمان، ئېۋەنسىز ئىنساپ ئاتا قىلىشىنى، ئارىمىزدىكى باشقىلارغا سىزنىڭكىدەك سەپىرا كېسەل تەگمەسلىكىنى تىلەيمەن!!!