*خاپىلىغان ۋاقتىڭدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشما ، ئۇنىڭغا گەپ قىلمىساڭمۇ بولۇدۇ، كېيىم كېچىكىنى يۇيۇپ بەرمىسەڭمۇ بولىدۇ ،لېكىن ھەرگىز ئۇرۇشما
*يولدىشىىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان ۋاقىتتا سىرىتقا چىقىپ ئاچچىقىڭنى چىقارما، ئۇ ساڭا بىر قەدەم يېقىنلاشسا سەن ئۇنىڭغا ئىككى قەدەم يېقىنلاش .
*ئائىلە ئاياللارنىڭ ئاڭ ياخشى ئوچۇقى، نىمە ئىش يۇز بېرىشىدىن قەتئىنەزەر ئۆيدىن چىقىپ كەتمە ، قايتىپ كېلىش يولى بەك تەس.
*ئائىلىدە ئىككىڭلار ئۆز ئابرويىڭلارنى دەپ ياشىماڭلار،ئىككىڭلەر ياشاۋاتقان ئۆيدە ئابروي ئىزلىسەڭلەر سىرىتتا قانداق قىلىسىلەر.
*ئەرنىڭ پۇلى قانچە كۆپ بولسىمۇ ،لېكىن ئۇنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى پاكىز بولغان سەن ۋە رەتلىك ئۆي .
*ياخشى ئەرلەر بەك كۆپ ، ئۇ سىرىتقا قارىمايدۇ، لېكىن ھازىرقى جەمىيەتتە نۇرغۇنلىغان يولدىن چىققان ئايال قىزلار ئېرىڭگە قول سۇنىدۇ.
*ئاياللار چوقۇم سىرىتقا چىقىپ خىزمەت قىلىش كېرەك، قانچىلىك پۇل تېپىشتىن قەتئىينەزەر خىزمەت ئۆزىڭىزنىڭ قەدىر قەدرىنى ئۆلچەيدىغان ئورۇن ، سەن داۋاملىق ئۆيدە ئولتۇرساڭ، ئۇ ھامان بىر كۇنى پۇرسەت تېپىپ »مەن سېنى بېقىۋاتىمەن« دەيدۇ.
*سەن سىرىتتا ئىشلىسەڭمۇ، لېكىن ئائىلىنىڭ ئىشىنى ھەرقانچە ئالدىراش بولساڭمۇ قىلغىن ، بولمىسا ۋاقىتلىق ئائىلە خىزمەتچىسى تەكلىپ قىلىپ قىلدۇرغىن ، ئۆيدىكى ئىشلارنى ياخشى قىلغىن ، بالىلىرىڭنى ياخشى تەربىيلە.
*ئۇ بەزىدە سەن ئويلاپمۇ باقمىغان ئىشلارنى قىلىپ ، سېنى تەسىرلەندۇرىدۇ، ئۇنى ماختا ، لېلىن سەن ھەرگىز »بۇگۇن كۇن غەرىپتىن چىقتىمۇ« دەپ تاشلىما، بولمىسا ئۇ بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىشلارنى قىلمايدۇ.
*ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى بىزگە ئوخشاش ، گەرچە ئۇلار سېنى ئانچە ياختۇرمىسىمۇ. ئۇلارنى ھۆرمەتلە ، چۇنكى ئۇ يولدىشىڭنىڭ ئاتا ئانىسى ، ھەرگىزمۇ "ھەسەن ئاكام ئاچچىق ، ئامۇتى تاتلىق" بولۇپ قالمىسۇن.
*سەن ھەرقانداق ئادەم بىلەن بىرگە پىكىرلەشكەندە ،كۇنلىرىڭدىن زارلانما، ئۇ سەن ئۆزىڭ تاللىغان ئادەم ، شۇڭا ئۇنىڭدىن ئاغرىنما. سەن ئۇنىڭغا داۋاملىق مەدەت بېرىپ تۇرغىن.
*شۇنچە كۆپ پۇل بولۇشنىڭ ئەھمىيىتى نىمە؟ ئادەم قېنى؟ ئۇ نەگە كەتتى؟ سەن داۋاملىق ئويلاپ تۇر ،ئۇنىڭغا ئىقتىساد ئۇچۇن بېسىم ئىشلەتمە.
كۇنلىرىڭگە شۇكرى قىل ، ئۇنى قوللا ، ئۇنى رىغبەتلەندۇر.
*بىز ئۆمىرىمىزدە قانچىلىك پۇل خەجلىيەلەيمىز ؟ سەن ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ئارتۇق نەرسىلەرنى سېتىۋالما ، ئۇ بىر كۇنى يۇك بولۇپ قالىدۇ، بەخىتلىك ئۆتكەنگە يەتمەيدۇ.
*بالاڭغا ھەرگىز "سېنى ئەمدى باقمايمەن" دىگەندەك گەپلەرنى قىلما. بالىدىن خاپىلاپ ئۆيدىن چىقىرىۋەتمە ، ئەگەر بىر كۇنى بالاڭ يوقاپ كەتكەندە قانچىك ئازاپ تارتىدىغانلىغىڭنى ئويلاپ باق ، مانا سېنى ياتلىق قىلىش ئالدىدا مەن قانچىلىك ئازاپلىنىۋاتىمەن.
سەن يوقاپ كەتمەيسەن، ياتلىق بولىسەن لېكىن بىز ئاتا ئانا بولغىچى سەندىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمىسا ،يوقاپ كەتكەن بالاڭ ئۇچۇن قانچىلىك ئازاپلىنىدىغاننى ئۆزۇڭ ئويلا.
*بالاڭغا ھەرگىز قول تەككۇزمە ، بولۇپمۇ سىرىتتا باشقىلارنىڭ ئالدىدا قول تەككۇزمە.
*ياخشى گەپ تاشنى ، يامان گەپ باشنى دەپ بالاڭغا داۋاملىق ئەدەپ ئەخلاق، قائىدە يوسۇن ئۆگەت. بالىنى سەت گەپلەر بىلەن تىللىما.
*ئۆيدە ئۇرۇش جىدەل بولۇپ تۇرۇدۇ، بۇ بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، بۇ ئەمەلىيەت.
*ئاددىي ساددا بولۇشنى ئۆگەن، يولدىشىڭنىڭ كىيىم كېچىكى رەتلىك پاكىزە بولسۇن ، يولدىشىڭ سېنىڭ قانداقلىقىڭنى باشقىلارغا بىلدۇرىدىغان ئەينەك.
*ئىنسان ھاياتى چەكلىك ، ھەربىر كۇنىڭنى قەدىرلە ، ئۆز ئائىلەڭنى تېخمۇ قەدىرلە. [ بۇ يازمىنىhawarدە2011-08-23 13:15قايتا تەھرىرلىدى ]