ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى sarsan88دە2011-08-23 19:15يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سېسىق توققۇزىنجى ،
ھازىر ئوقۇتقۇچىلار سېسېق قانچىنجى بوپ كەتتى
ئادەتتە بەك يېقىنلىرىمنى سەن دەيتتىم.بۇ ئىنكاسىڭنى كۆرۇپ پەقەت ئۆزەمنى باسالمايلا سەنلەپ سالدىم.مەنغۇ بۇنچىلىك ھاياجانلىنىدىغان،ئۆزەمنى سەندەكلەر بىلەن تەڭ تۇتۇپ كاركىراپ چالۋاقايدىغان كۆرمەيتتىم.لېكىن نېمىشقىكىن،پەقەت ئۆزەمنى باسالمىدىم.لېكىن ھەرقانچە سۆزلىسەممۇ ساڭا ھېچنىمىنى يەتكۈزەلمەيدىغىنىم خىيالىمغا يەتكىنىدە،يەنە چالۋاقاشنى ئورۇنسىز بىلدىم.چۈنكى نېمىشقا يازغىنىڭنى بىلگۈلى بولمايدىغان بۇ ئىنكاسىڭدىن سېنىڭ قانداق ۋە قانچىلىكلىكىڭنى پەرەز قىلدىم.
ئاخىرىدا زادى دېمەي ئىچىمگە سىغدۇرالمىغان بىر جۈملە گېپىم شۇكى،ئوقۇتقۇچىلارنى ئاتالمىش دەرىجە تۈزۈمى بويىچە تىزىش نەتىجىسىدىن خەۋىرىم يوق،ئەمما ئىشىنىمەن،سەن ۋە سەندەكلەردىن كېيىنكى قاتارغا تىزىلىش بولىدىغان ئىش بولسا،شەخسەن مەن ۋە ماڭا ئوخشاشلار توپلىشىپ ئولۈۋالمىغان تەقدىردىمۇ،چوقۇم ئۆزىمىز تاللىغان بىر ئىشنى قىلىمىز.
ئىنكاسىم ئارقىلىق تورداش جامائەتلەرنىڭ كەيپىياتىنى بۇزغىنىمدىن خىجىلمەن.