قومۇللۇق تورداشلارغا توخوتۇر دىگەن ئىسىم ئانچە بەك يات ئەمەس ، دەپ كەلسەك توخوتۇر قومۇلىدىكى 72 تۇرنىڭ بىرسى ، ئەسلىدە تۇغ تۇر ئىكەن يەنى تۇغ قادالغان تۇر دىگەن مەنىدە ، كيىنچە ئەنە شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىپ توخوتۇرغا ئۆزگۇرۇپ قالغان ئىكەن، كەمىنە توخوتۇرنىڭ كىندىك قېىنى ئەنە شۇ توخوتۇرغا تۆكۇلگەن ، مانا بۇ بىرىنچى خىل چۇشەندۇرۇش
يەنە بىر خىلى چۇشەندۇرۇش ما ئارتۇرۇكچىلەر بىلىدۇ ، قومۇلنىڭ تاغلىق رايۇنلىرىدا توخوتۇر پالگان ئىسملىك بىر ھەيۋەت پالۋاننىڭ ئۆتكەنلىكى بوۋىلار ئارقىلىق ھىكايە قىلىنىدۇ ، مەن گەرچە پالۋان بولمىساممۇ ، بۇ توخوتۇر پالگانغا چىن قەلبىمدىن قايىل ۋە مايىل بولغاچقا بۇ ئىسىمنى توردىكى نامىم سۇپىتىدە قوللاندىم ،
شۇنداق قىلىپ بۇ توخوتۇر دىگەن ئسىم ھەم يۇرت نامى بىلەن ھەم مەشھور پالگاننىڭ نامى بىلەن باغلانغان ،
بىر كۇنلەردا مېنىمۇ پالگان بولۇپ قالمايدۇ دەپ كىم ئېيتالىسۇن