قارادۆۋە ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىگى مەھەللىۋى بىردەكلىك،ۋە مەھەللىۋى كوچا مەدىنيىتى
بىر كۇنى ناتونۇش بىر مويسىپىت ئادەم ئۇچىراپ قالغان ئىدى ،مەن تونىمىغاندىكىن دەپ بېشىمنى لىڭشىتىپ قويۇپ ئۆتۇپ كىتىپتىمەن ،
-ھوي ،كىمنىڭ بالىسىسەن؟
- پالانچى ئاخۇننۇڭ .
ئەتىسى ھېلقى بۇۋاي ،ئۆيدە ئولتۇرۇپتۇ،ھەمدە ئاتامنى تەنقىدلىگىلى تۇرۇپتۇ؟
-قانداق بالا تەربىيلىدىڭ ،ھە- چوڭلارغا سالام قىلمايدىغان ،قانداق تەربىيە بۇ -ھە؟
ئاتام خجىل بولۇپ ،مەن بالىغا ئەدەپ ئۆگىتەي،دەپ بوۋاينى ئۇزۇتۇپ قويدى ،شۇندىن باشلاپ تونىسام -تونىمىسام چوڭلارغا سالام قىلىمەن .
بۇ مەنزىرە باشقا يۇرتلاردىمۇ بار ئىدى بولۇپمۇ راھەتباغ ۋە شەرچىدە لېكىن ھازىر يوقاپ كەتتى ..
[ بۇ يازمىنىilimدە2011-08-10 11:31قايتا تەھرىرلىدى ]