چوشقا قېنى تاماكىنىڭ بۇلۇتىغا قوشۇشتىن ئىلگىرىلا ئىسلام دىنى پەتىۋا كومىتىتى ئاللىقاچان تاماكىنى ھارام دەپ قارىغان .لېكىن چوشقا قىزىل قان ئاقسىلى يەنە قايسى سانائەتلەرگە ئىشلىتەر ؟چوشقا قىزىل قان ئاقسىلى ئەمەلىيەتتە 185تىن ئارتۇق مەھسۇلاتقا ئىشلىتىلىدىكەن .بۇنىڭ ئىچىدىكى تاماكا توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى مەلۇماتنى كۆرۈپ باقايلى. ئاۋۇستىرالىيەنىڭ(كۈندىلىك پوچتا گىزىتى)
Daily Mail Reporter بىر گىزىتىدە :
سىمون چاپمان ئىسىملىك بىر پىروففىسسور دىنى ساھەگە چوشقا چوشقا قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ سىگارتنىڭ (قاپلىق تاماكا) سۈزگۈچىدە بايقالغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن .بۇ پىراففىسسورنىڭ دىيىشىچە
بارلىق بۇلۇتلۇق تاماكىلارنىڭ بۇلۇتىدا چوشقا قېنىدىن ئايرىۋېلىنغان قىزىل قان ئاقسىلا بار ئىكەن .بۇ پىراففىسسورنىڭ دىيىشىچە چوشقا قىزىل قان ئاقسىلى يەنە تاماكىدىن باشقا 185دىن ئاتۇق سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىغا قاتنىشىدىكەن .
چوشقا قىزىل قان ئاقسىلى تاماكىدىكى زىيانلىق خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ سۈزۈشتە ئەڭ ياخشى ماتىريال ئىكەن .دىنى ھىسياتى كۈچلۈك ئىسلام مۇرتلىرى ۋە يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى پىروففىسسورنىڭ بۇ <بايقىشىغا> يېقىندىن ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتىپتۇ .
لېكىن بۇ تەتقىقاتقا ھەر قايسى تاماكا شېركەتلىرى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمەپتۇ .ھەم تاماكا تەركىبىنى
تولۇق ئېلان قىلىشقىمۇ پاسسىپلىق قىپتۇ .لېكىن گىرىتسىيەنىڭ بىر تاماكا شېركىتى تاماكىنىڭ بۇلۇتىغا چوشقا قىزىل قان ئاقسىلىنى ئىشلتىدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىپتۇ .
پىروففىسسور بايانىدا بارلىق چوشقا يىمەيدىغان دىندىكىلەر يەنى ئىسلام دىنى ۋە يەھۇدىي دىنىدىكىلەر
بۇنىڭدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىردى ،.
مەن قىسقا قىلىپ شۈنچىلىك مەلۇمات بىرەي .
مەنبە :
http://islamnewsroom.com/news-we-need/1634يەنە بىر مەنبە :گىيوگىلدىكى ئىزدەش نەتىجىسى
http://www.google.com.hk/#hl=zh-CN&source=hp&q=Pig%27s+Blood+in+Cigarettes&btnG=Google+%E6%90%9C%E7%B4%A2&oq=Pig%27s+Blood+in+Cigarettes&aq=f&aqi=&aql=&gs_sm=s&gs_upl=1359l1359l0l1765l1l1l0l0l0l0l0l0ll0l0&fp=c714c2d41d7b0688&biw=1144&bih=661