باشقىسىنى بەك ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن . ئەمما سادىر پالۋاننىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنى يازغۇچى تۇرسۇن ياسىن ۋە تەتقىقاتچى ، پېشقەدەم شائىر مەمتىمىن قۇربانلارنىڭ كىتابلىرىدا قاراقاش ناھىيىسىنىڭ تۈۋەت يېزىسى توقماق كەنتىدىن دەپ كۆپ كۆرگەن ئىدىم .
سادىر پالۋاننىڭ دادىسى خۇشئەخمەت ۋە ئانىسى ...قاراقاشتىن ئىلىغا كۆچۈپ چىققانلار قاتارىدا بار ئىكەن . ئۇلار ئىلىدا توي قىلغان ۋە سادىر پالۋان تەۋەللۇت قىلىنغان .
مەن سادىر پالۋان ھەققىدىكى ماقالىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم . بۇ ماقالىدە مېنىڭ يۇقىرىقى پىكرىمنى رەت قىلىدىغان جاي يوقكەن . بىز ھەممىمىز ئىلمىيلىكنى ياقىلايمىز . مۇنبەرگە بۇ تېمىنى يوللىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىمەن .
[ بۇ يازمىنىalkizarدە2011-08-03 16:46قايتا تەھرىرلى ]