تاۋۇز تەركىبىدە ياغ ۋە خولېستېرول بولمىغاندىن باشقا، ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق ھەرخىل ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بار بولۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى ئەڭ مول، ئەڭ ساپ، ئىستېمال قىلىش ئەڭ بىخەتەر بىرخىل يېمەكلىكتۇر.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
تاۋۇز تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ھەمدە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. )
تاۋۇز بەكرەك ياللۇغىنى داۋالايدۇ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ ھەمدە بۆرەكتىكى ياللۇغنى يوقىتىدۇ. تاۋۇزنىڭ يۈرەك-مېڭە قان تومۇرلىرىنى قوغداش رولى بار، سېرىقلىق چۈشۈشنى داۋالاشتىمۇ بەلگىلىك رولى بار.
تاۋۇز جىنسىي ئىقتىدار توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى داۋالاپ، ئەرلىك سالاپىتىنى يېڭىباشتىن نامايەن قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
تاۋۇز ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، ئىسسىق ئۆتۈشنى داۋالايدۇ، بىئاراملىقنى تۈگىتىپ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ. تاۋۇز تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سۇ بار بولۇپ، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش، قىزىش، ئۇسساش، كۆپ تەرلەش، بىئارام بولۇش ئالامەتلىرىنى پەسەيتىدۇ.
يېڭى تاۋۇزنىڭ شىرنىسى ۋە شاپىقى تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپ، قورۇقلارنى ئازايتىپ، تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ.
[ بۇ يازمىنىeverollدە2011-07-27 16:35قايتا تەھرىرلى ]