-جىم، دېدى ھېلىقى بۇرۇتلۇق، چاچلىرى دۈمبىسىگە چۈشكەن باشلىق. –ئۇلار ئىشنى پۈتتۈرگەن ئوخشايدۇ، گۈزەل كۈيلەرگە چېلىڭلار. ھەي ئىسىت مىڭ ياشلىق توغراق بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى.
-شۇ، ئۇلار تەبىئەتنى پەقەت ئاسىرىمايدۇ، بىزنىڭ يىغىن ئاچىدىغان توغرىقىمىزنى ۋەيران قىلدى بىر كاساپەت.
-شۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنداق تۇغراقلار بىزگىلا ئەمەس، ئۆزلىرىگىمۇ پايدىلىق ئىدى. ئاز پۇلنى دەپ ئۇنى كىسىۋەتكەن بىلەن ئۇنداق تۇغراقتىن بىرسى چوڭۇش ئۈچۈن نەچچە يۈز يىل ھەتتا نەچچە مىڭ يىل كىتىدۇ ئەمەسمۇ.
-ئۇلار بۇنى چۈشەنسە كىچىكىدۇ جۇمۇ.
شۇ ئارىدا ھېلىقىلار پەيدا بولدى.
-جانابى ئالەم، ئەكەلدۇق، كۆرۈپ باقسىلا.- توساتتىن ھېلىقى ئىككىسى كېلىپ، قان تامچىپ تۇرغان ئۆپكىنى چوڭىغا بەردى.
-ھە....-ياخشى، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئۆپكىسى بىزگە بەك ئوزۇق بولىدۇ. روھىمىزنى ئۇرغۇتىدۇ، -بايامقى ئىككەيلەن ئۆپكىنىڭ قېنىنى يەرگە ئېقىتماستىن قوللىرىنى تۇتىۋالغان ئىدى.
-قان تاممىغاندۇ؟
-شۇ...بىر تامچە قان بوسۇغىغا تېمىپ قالدى.
-نىمە ؟ مەن سىلەرگە نىمە دىدىم؟
توختى ئەمدى جىددىيلىشىپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. ئاغىزىغا گەپمۇ كەلمەيتتى. لېكىن ئىچىدە ئۆزى بىلىدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇيتتى، لېكىن ئېزىپ كىتەتتى.
-ماڭ ئاپىرىپ قوي. بولمىسا ئۇلار بىزنى پىتىرىتىۋىتىدۇ، تېز بول.
-خوپ، -ھېلىقى ئىككەيلەن ناخۇش ھالدا كەينىگە ياندى.
-چوڭ كۈيگە چېلىڭلار، ھەجەپ پەيزىم ئۇچتى، چېلىڭلار.
بايىقى سازەندە سازىنىڭ تارىنى غەزەب بىلەن چىرتىپ چىقىراپ ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى. دەل موشۇ چاغدا توختى ئۇلارنىڭ ئىشەك ھارۋىسىدىكى توغراقنىڭ بىر تال شېخىنى ئاۋايلاپ ئېلىپ يەرگە تىككەنلىكىنى كۆردى، ئۇنىڭ قېچىپ كەتكۈسى كەلدى، لېكىن ئۇنىڭ پۇتلىرى مىدىرلىيالمىدى. ناخشا ئاۋازى سۇزۇلۇپ سۇزۇلۇپ چىقىۋاتاتتى. بىر دەمدە بۇ ناخشا ئاۋازى ئىشەكنىڭ ھاڭرىشىغا ئايلىنىپ قالدى.
توختى كۆزىنى ئاچقاندا ئىشەك ھاڭراپ ئالەمنى بىر ئالغان، كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەن ئىدى، توختى چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەندى. شۇ چاغدىلا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى بىلدى. ئۇ ئەتراپقا ئەلەڭلەپ بىر قارىۋېتىپ ئايالىنى ۋە چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى ئويلاپ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ھارۋىنى قوشۇپ، ئالدىراپ مېڭىپ كەتتى. شۇنچە سەگەك بولىمەن دەپ ئۇخلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىگە ئاچچىقى كېلىپ بۇغۇلاتتى. كۆز ئالدىغا ئايالى كېلىۋېلىپ يىغلىۋېتىشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتىۋېلىۋاتاتتى...
-خىت، ھايۋان...سەن مۆدۈرۈپ كەتمىگەن بولساڭ، ساڭا بۇغۇز بېرىمەن دىمىگەن بولسام ئۇخلاپ قالمايتتىم، ھۇ ئۆلگۈر قېرى...خىت دەيمەن ھۇ شورۋىچى قوتۇر...خەپ توختاپ تۇر، ئەگەر ئايالىم بىلەن بالامغا بىر ئىش بوپ قالىدىغان بولسا كۆرگىلىكىڭنى كۆرستىمەن ساڭا...توختى ئېشەكنى شۇنداق قاغاپ تىللاپ قولىدىكى بالۇننى قىيىپ ياسىغان قامچا بىلەن ئېشەكنى ئايىمەي ساۋىدى. ئايالى ۋە تۇغۇلغۇسى بالىسىنى ئويلاپ ۋەھىمىدىن ئۇنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ كەتكەن ئىدى.
ئىشەكمۇ تاياق دەستىدىن بەللىرىنى ھەريان تولغاپ تاكراڭشىپ چېپىپ كەتتى.
ئۇ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە ئۆيدىن مەرەمخاننىڭ چىقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، توختى ئىشەكنى باغلاشنىمۇ ئۇنتۇپ يۈگەرگەنچە ئۆيگە كىرىدى، كات لېۋىدە مەرەمخان چاچلىرى چۇۋۇق، يۈز كۆزىنى تەر باسقان ھالەتتە ياتاتتى، توختى كىرگەن پېتى مەرەمخاننىڭ ئايىقىدىكى ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىنى قولىغا ئالدى ۋە پۇتىدىن تۇتۇپ، كاسسىسىغا بوش ئۇردى، بالىدىن ئىنجا بولمىدى، تۇختى ھۇدۇقۇپ كەتكەنلىكتىن پاققىدە بىرنى سالدى. دەل شۇ چاغدا بالا ‹‹ ۋار ›› رىدە يىغلىۋەتتى. دەل شۇ چاغدا ئۇ بالىنى قويۇپ، ئايالىنىڭ بېشىدىن يۆلىدى.
مەرەمخان بىر دەمدىن كېيىن كۆزىنى ئېچىپ، توختىغا ھالسىز كۈلۈمسىرىدى. شۇ چاغدا توختىنىڭ كۆزىگە ئىسسىق ياش كەلدى.
-جېنىم خوتۇن، مەن يوق، قېشىڭلىدا بولالماپتىمەن، كەچۈرۈڭلار، ئەمدى ھېچيەرگە بارمايمەن...توختى يىغلىۋېتىشىتىن ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ ئېسىدەپ تۇتۇپ ئارانلا شۇ گەپنى قىلالىدى.
توختى بالىنى يۇيۇپ، كىندىكىنى ئۆزى كەستى. بالىنى ئانىسىنىڭ قېشىغا ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئاۋال مەرەمخانغا تاماق بەردى. ئاندىن تالادىكى تۇغراق ئوتۇنىنى چۈشۈردى، تېخى تۆنۈگۈن يىلتىزىدىن ئايرىلغان تۇغراق شاخلىرى تېخى سولۇشقا ئۈلگۈرمىگەن توغراق شاخلىرىنى ئېلىپ، ئۇنى ئۆيىنىڭ قېشىدىكى ئېتىز قىرىغا ئاۋايلاپ تىكتى.