ئوپكەڭنى بېسىۋال ئۇيغۇر
دۇنيا تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان،مىللىي كىملىكى بۇلغانغان قەۋمگە نىسبەتەن،ئۇلاردا ئۆزىنى كۆرسىتىش خاھىشى ئېغىر بولىدۇ.بولۇپمۇ بۇخىل خاھىش ئۆز قەۋمى ئىچىدىكى تۇرمۇش مەئىشىتى جەھەتتە ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان كىشلەرگە قىلىدىغان مۇئامىلىلەردە روشەن ئىپادىسىنى تاپقان.
شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى،دۇنيا سەھنىسىدە ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە ھاكىم مىللەتلەرگە قارىغاندا،ئۆز رولىغا نىسبەتەن ئىلاجىسىزلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئىتنولۇگىيەلىك مىللەتلەردە تەبىقە پەرقى ۋە ئۆز ئارا مۇئامىلىلەردىكى سوغۇقچىلىق تېخىمۇ روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ.مېنى بۇ خىل ھېسلارغا ئەسىر قىلغىنى يېقىندا ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆرگەن بىر ئىش بولدى.
ئىككى ھەپتە ئىلگىرى كەچلىك تاماقتىن كىيىن،سەگىدەپ كىرىش ئۇچۇن قومۇل 4كوچا سودا كوچىسىنىڭ دۇقمۇشىغا كەلدىم.<<زەرەپشان تاللا بازىرى>> نىڭ يېنىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنىغا كىرىدىغان دۇقمۇشتا مىۋە-چىۋە سېتۋاتقان ئاقسۇلۇق بالىلار بىلەن تونۇشلۇقۇم بولغاچقا پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قالدىم.تەخمىنەن 15مىنۇتلاردىن كېيىن،بىر پىكاپ كېلىپ ئولتۇراق رايۇنغا قايرىلماقچى بولدى.ئارىلىق كەڭرى ئىدى،ئەپسۇس بۇ ئاداش ھېلىلا سورۇندىن قايتقانمۇ قانداق-مەستتەك قىلاتتى.ماشىنىنى ئەگىلدۇرەلمىدى -دە ،ئەلپازىنى بۇزغىنىچە كىلىپ ئاقسۇلۇق بالىنى نوقۇپلا كەتتى.
ھەي قەلەندەر،(بۇ بالىلار قەلەندەر ئەمەستى،پۇتۇن ئۇيغۇر دىيارى ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتى،ۋەتىنى ئىدى)ھارۋاڭنى چەتكىرەك تارتساڭ بولمامدۇ؟!
بىچارە بالا گۇناھكارلارچە چۇشەندۇرۇشكە باشلىدى،
-قاراڭ ئاكا يول كەڭرى تۇرمامدۇ.بىر ئەمەس،نەچچە ماشىنىمۇئۆتۇپ كېتەلەيدۇ.
ھۇ.............
<<ئەۋلىيا ئەزەم>>تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كەتتى.ئاغزىدىن چىقۋاتقان گەپلەردىن ئەتراپتىكىلەر نومۇس قىلىپ كېتۋاتاتتى.ئاخىرى بولماي مەن ئارلاشتىم،ئۇنى سىرتتىن تونۇيتتىم.ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە كومىتىتىدا بىر مەزگىل ئىشلىگەن بۇ<<چوڭام>>گېپىمنى ئىلىك ئالىدىغاندەك ئەمەس.تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كېتۋاتاتتى.ئەتراپقا كىشىلەر يىغىلىشقا باشلىدى.
بىچارە ئاقسۇلۇق قېرىندىشىمىزنىڭ كۆزلىرىنىڭ نەملىشىشكە باشلىغانلىقىنى كۆردۇم.تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى تاشلاپ تىرىكچىلىك غېمىدە تەمتىلەپ يۇرگەن،ئەمدىلا 30ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ يىگىت بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى ئۆتكىزگىنىگە قارىماي،ئۆز قېرىندىشىنىڭ بىھۇدە ئازار بېرىشىنى كۆڭلىگە سىغدۇرالمايۋاتاتتى.
نېمىلا بولسۇن،كۆپچىلىكنىڭ سالا-سۇلھىسى بىلەن بۇ <<چوڭام>>يىگىتنىڭ <<گۇناھى>>دىن كەچتى.ئەپسۇس ئاقسۇلۇق بۇ قېرىندىشىمىز ۋە كۆپچىلىك خۇددى نىجاسەت يەۋالغاندەك شىققىدە بولۇپ قالدۇق.كۆڭلۇم نەچچە كۇنلەرگىچە غەش يۇردۇم،قەلبىمدە ھەر خىل ئويلار كېزىپ يۇرەتتى.
بىزدە بۇخىل ئۆز قېرىندىشىنى يەكلەيدىغان ئازار بىرىدىغان تەبىقىچىلىك قانداق پەيدا بولدى؟نېمىشقا ياشاش مۇھىتى ۋە مەۋجۇتلۇق شەكلى كىرىزىس ئىچىدە تۇرىۋاتقان بىزدەك بىر مىللەت تېخىچە قېرىنداشلىرىمىزنى سۆيۇشنى،ئۇلارغا چىقىش يولى تېپىپ بېرىشنى ئۆيلاشمايمىز؟ئەكسىچە،ئۇلارنىڭ ئادەمدەك ھالال ياشاش يولىدا ئۇلارغا پۇتلىكاشاڭ بولىمىز؟
يىراق قەدىمكى دەۋرلەردە،ئۇيغۇر مىللىتىنى تەشكىل قىلغۇچى ھەر قايسى قەۋملەردە،مۇكەممەل بولغان كېڭەش تۇزۇمى يولغا قويۇلغان.گەرچە تەڭرىقۇت مۇقەددەس ئورۇنغا قويۇلۇپ ھۆرمەتلەنگەن بولسىمۇ،بۇ پەقەت تەڭرىقۇتنىڭ ئەل-ئۇلۇسنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ،قىلچە شەخسكە چوقۇنۇش ھىسسىياتى ئارلاشمىغان دىيىشكە بولاتتى.قىسقىسى ئۇيغۇر قەۋملىرىدە ئادەمنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋەشەخسىيىتىگە بولغان ئېتراپ قىلىش ئەنئەنىسى ھۆكۇم سۇرگەنىدى.
ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغاندىن كېيىن،خەنزۇ مەدەنىيتىنىڭ ئاساسى بولغان كۇڭزى ئىدىيىسى بىلەن مەلۇم دائىرىدە ئۇچرىشىشقا باشلاپ،ئات ئۇستى مىللەتلىرىگە خاس بەزىبىر ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىشقا باشلىدى ياكى قەلبىنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدا بېسىلىپ قالدى.بولۇپمۇ 21-ئەسىردە كۇڭزى مەدەنىيتىنىڭ ئېنىق تەبىقە پەرقىنى چىقىش قىلغان مەدەنىيەت تىپى،غەرپنىڭ شەخس ئەركىنلىگىنى يۇكسەك دەرىجىدە قانائەتلەندۇرۇشنى بەلگە قىلغان مەدەنىيەت تىپى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرنىڭ روھىيتىگە تەسىر كۆرسىتىپ،روھىيتىدە بىر تۇگۇن شەكىللەندۇرۇپ قويدى.
ئىنساندا ئۆزىنى ئۇلۇغلاش،ئادىمىلىكىدىن سۆيۇنۇش تۇيغۇسى بولىدۇ.بولۇپمۇ ئەركلىك گېنىنى ۋۇجۇدىدا ئېلىپ يۇرگۇچى مىللەتلەردە بۇ خىل خاھىش كۆرۇنەرلىك ئىپادىسىنى تاپقان.بۇ خىل خاھىش ئوبىكتىپ-سۇبىكتىپ شەرت-شارائىت تەرىپىدىن بوغۇپ قويۇلغاندا،تەبىئىكى ئۆزىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئىلاجىسىز كىشلەردىن ئۇلۇغلۇق تۇيغۇسىنى قانائەتلەندۇرش خاھىشى شەكىللىنىدۇ.
شۇ نۇختىدىن قارىغاندا ھېلىق قەستەن جىدەل تېرىۋاتقان ئۇيغۇرمۇ ئوخشاشلا <<بىچارە>>.لېكىن نىمىشقا بۇ بىچارە ئۆزىدىنمۇ بىچارە يەنە بىر قېرىندىشىغا بىھۇدە ئازار بېرىدۇ؟بۇنى تەھلىل قىلىپ يازمىنى ئۇزارتىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق.
مەن پەقەت ھېلىقى قەستەن جىدەل چىقارغۇچىغا <<قومۇل سېنىڭ ئەمەس>>دىمەكچى ئىدىم.ئويلاپ باقسام قومۇل، دۆلەت قانۇنى بويىچە ئۇنىڭ ھەم بىزنىڭ ئىكەن.شۇڭا بىز ئۇنىڭدەك ئۆز كىملىكىدىن،ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىمىزدىن ياتلاشقان،ئۆزىنى ئەۋلىيا،ئۆزگىنى لاتا-خەس ئورنىدا كۆرگۇچى قېرىنداشلىرىمىزغا شۇنى دېمەكچى:
_ئوپكەڭنى بېسىۋال ئۇيغۇر،سەن ئەۋلىيا ئەمەس،كىرىس ئىچىدە تۇرىۋاتقان،تېڭىرقاش ئىلكىدىكى مىللەتنىڭ بىر ئەزاسىسەن.سەن ئازار بىرىۋاتقان كىشىلەر سېنىڭ رەقىبىڭ ئەمەس.قېرىنداشلىرىڭدۇر.سەن مەيلى نەگىلا بارما،سېنىڭ كىملىكىڭ يەنىلا ئۇيغۇر.ئۇيغۇرۇڭنىڭ ھۆرمىتى بولسا سېنىڭمۇ ھۆرمىتىڭ بولىدۇ،ئۇيغۇرۇڭ گۇللىسە سەنمۇ گۇللەيسەن.
بەسسسسسسسسسسس،ئوپكەڭنى بېسىۋال ئۇيغۇر!
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-07-08 14:44قايتا تەھرىرلىدى ]