saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«12345»Pages: 2/5     Go
بۇ تېما 12360 قېتىم كۆرۈلدى
wenira
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2296
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 14 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 14 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەزىز دىيارىمىزنىڭ يىتۈك قەلەمكىشى  مەڭگۈ تاش ئەپەندىمنىڭ  ئۆتكۈر قەلىمى ئارقىلىق بۈگۈنكى دەۋردىكى چىنلىق بىلەن ساختىلىق،سەمىمىلىك بىلەن پەسلىك ئارلىشىپ كەتكەن رىئال تۇرمۇشنى ئەينەن سۈرەتلەپ بەرگەن ئەسەرلىرىدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم ،بولۇپمۇ ئاۋازلىق ئەسەردىن بەك ھوزۇرلاندىم،  قەلىمىڭىز تېخىمۇ بەركەتلىك بولسۇن !ئەسەرلىرىڭىزگە تەشنامىز.
دېكتور ئەپەندى ، ئاۋازىڭىزغا تىل تەگمىسۇن،  ئەسەرنىڭ قىممىتى راۋان، سۈزۈك ئاۋازىڭىز بىلەن  تېخىمۇ   ئېشىپتۇ!
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-30 21:11 |
aginam
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 398
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 44
شۆھرەت: 240 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 240 سوم
تۆھپە: 140 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 140 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 397(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   بەركەتلىك قەلىمىڭىزدىن مەڭگۈلۈك نادىر تېمىلار تۆكۈلسۈن ،بىر -بىرىدىن تېتىملىق  ئەسەرلەرنى يېزىپسىز.تۇرمۇشقا قانچىكى يېقىنلاشقانسېرى، ئوقۇرمەنلەرنى شۇنچە جەلىپ قىلىدىكەن.
يازمىلىرىڭىز مېنى شۇنچە سۆيۈندۈردى ھەم چوڭقۇر ئويلاندۇردى........
  
lutun
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-30 22:20 |
raziya
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2421
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىزگە ئوخشاش تەپەككۈرى ئويغاق كىشىلەر بىزگە كېرەك .
-----------------------------------------------------

ئوسمانجان ئاكا مەنمۇ سىزنىڭ ئىجادىيەتلىرىڭىزگە زور مۇۋاپپىقىيەتلەر تىلەيمەن.
ئۇلۇق ئاللاھ دىن تېنىڭىزگە سالامەتلىك ئۆمرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-01 01:22 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 544
شۆھرەت: 3514 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3505 سوم
تۆھپە: 1963 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2003 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 990(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ئىنكاس يازماي دىگەن ،ئەمدى يازماي قاچان يازىمەن ،تاڭ تەيزۇڭ ئۆزىنىڭ راست گەپ قىلىدىغان ۋەزىرىنى خەپ مەن سىنى ئۆلتۇرۋەتمىسەم،ئۆلتۇرۋەتمىسەم دەيدىكەن كىيىن ئويلىنىپ ۋەزىرىنىڭ راست گەپ قىلغىنى ئۇچۇن مۇكاپاتلايدىكەن،تۇۋەندىكى نۇقتىلار مەڭگۇ تاش ھەققىدىكى يۇزەكى،ئەمما راست  ئويلىغانلىرىم.
ئارتۇقچىلىقلىرى:
1.تۇرمۇشتىكى ئاددى نۇقتىلارنى دىھقانچە تەپەككۇر بىلەن كۆزىتىپ تۇرمۇش پەلسەپىسىگە ئايلاندۇرۇش.
2.ئەسەرلەردىكى جاراھەت خەلىقنىڭ ئانا تېمىسىغا يانداشقان،كىشىلەرنىڭ قەلبىگە مەلھەم بولغان ۋە بولالغان.
3.كۆزىتىشى جانلىق تەسەۋۋۇر كۇچى كۇچلۇك،بەدىئى دىت ھەقىقەتەن يوقىرى.
4.ھازىرقى زىيالىلارنىڭ خەلىقتىن ئايرىلىپ قېلىشى ۋە خەلىقنىڭ يازغۇچىسى قانداق بولىشىنى ئۆزىنىڭ قەلىمى ۋە ماڭغان قەدىمى بىلەن ئىسپاتلاپ خەلىق قەلبىدىكى ھەقىقى مەڭگۇ تاشقا ئايلانغان.
................ماختىساق بەك كۆپ مەن بىر كۇن ماختىساممۇ تۇگىمەيدۇ.
كەمچىلىكلىرى.
1. ئەسەرلىرىدە مىللەتنىڭ قىممەت قارىشى ئىپادىلەنگەن بىلەن كەلگۇسىگە بولغان يول كۆرسىتىش ئاساسەن كەم،زارلىنىش كۆپ پايدىلنىش كەم،ئېچىنىش كۆپ يول كەم.
2.ئەسەرلىرىدە ئاياللىق خاراكتىر ئېغىر ،قاتتىقراق ۋاقىرساڭ يىغلايمەن دىگەندەك ئۆزىنىڭ دىگەنلىرىدىن ئەنسىرگەندەك مەيدان مۇستەھكەم ۋە نىشانلىق ئەمەس،ئەسەرلىرىدە گۇمان،دەككە-دۇككىچىلىك،ئەنسىرەش ئېغىر.
3.قومۇللۇقلارغا خاس ئاقكۆڭۇللۇك ۋە كەمتەرلىك ھەقىقەتەن ئېغىر،يېزا دىھقانلىرىغا خاس تۇز كۆڭۇللۇك ۋە قىممەت قارىشى پۇتكۇل ئەسەرلىرىگە سىڭگەن بولغاچقا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى پەۋقۇلئاددا تۇۋەن.
4.ئەسەرلىرى يىغلاڭغۇ ۋە نازۇكلۇك بىلەن تولغان،ئاياللىق خاراكتىر بىلەن يۇغۇرۇلغان مەردانلىق ۋە جەسۇرلۇق كەم.
5.پەلسەپىۋى مەزمۇن تىيىز،چوڭقۇر ئەمەس
.....
يوقىرقىلار مىنىڭ ھىس قىلغانلىرىم ،ئەمما قومۇلدىن بۇندىن ئارتۇقراق يازغۇچى شائىر چىقمايدۇ،چۇنكى قومۇللۇقنىڭ خاراكتىرىدىن ئالغاندا يوقىرقىلار نورمال ھالەت.
گەپلىرىم ھەقىقەتەن راست گەپلەر ،كۆڭلۇڭنى رەنجىتىش خىيالىم يوق بىزنىڭ يۇرتنىڭ ئادەملىرى قوپال بولغاچقىمىكىن قوپال سۆزلەرنى ئىشلەتكەن بولسام ئۆزرە سۇرايمەن.قىسقىسى مەن ئەسەرلىرىڭگە باشتىن-ئاياق دىققەت قىلغان بولغاچقا كۆپ سۆزلەپ قويدۇم،
بىر ئەسىرىڭدىكى بىر تېتىقسىز مەزمۇن ھېلىمۇ يادىمدا<< ئاياللار مۇنجىخانىسىدىكى قىزلارنىڭ يانپىشى ئەرلەر دۇنياسىدا ئىلاھتەك نۇر چاچماقتا>> .قايسى ئەسىرىڭ ئىكەنلىگى يادىمدا يوق،مەن بۇ مەزمۇنلاردىن  سىزگە قانداق قاراشتا ئىكەنلىگىمنى بەلكىم ھىس قىلغانسەن.
saltanat
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-01 02:37 |
ilim

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 1003
شۆھرەت: 6470 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6577 سوم
تۆھپە: 3619 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3681 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1444(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەڭگۈتاشنىڭ ئەسەرلىرىنى مۇشنى تۈگۈپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان ھەۋەسكارلارنىڭ
بىرى مەن
[ بۇ يازمىنىilimدە2011-07-01 12:25قايتا تەھرىرلىدى ]
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-01 09:47 |
guzaldunya
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 80
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 122
شۆھرەت: 630 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 630 سوم
تۆھپە: 374 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 374 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 291(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     مەن ئوسمانجان زاھىرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ،ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلى ئۆتكۈر ،مەزمۇنى چوڭقۇر بولغاچقا دوستلۇرۇمغىمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بېقىشنى تەۋىسيە قىلىپ تۇرىمەن.  
      
lutun
قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن.
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-01 11:30 |
muztag
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1508
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 125 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 120 سوم
تۆھپە: 70 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 70 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شېئىر ئوقۇشقا بەكىرەك ھېرىسمەن،باشقا تۈرلەرگە ۋاقتىمنى بېرەلمىگىنىم بەلكىم ئاجىزلىقىم ۋەئەخمەقلىقىمدىندۇ ،نىمىلا بولمىسۇن ياراتقۇچىنىڭ شېئىر دىن زوقلىنىشتەك ئارتۇقچىلىقنى ماڭا ئاتا قىلغىنىغا ھەم تۈمەنمىڭ شۈكۈر. ئادەتتە غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد، قەيسەر تۇرسۇننىڭ شېئىرلىرىنى بەكىرەك ياقتۇرىمەن ، شۇقاتاردائەڭ ئاۋال ئوسمانجان زاھىرنىڭ شېئىرلىرىنىمۇ ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇيدىغان مەستانە ئىدىم،لېكىن خېلى ئۇزۇن بولدى بۇ سەھىپىدە ئۇنىڭ مۇبارەك ئىسمى بەكلا كەم ،توقسان قانچىنچى يىللىرى يازغان قايسىبىر شېئىرلىرىنىڭ  مۇنۇ مىسىرالىرى ھېلىھەم ئېسىمدە:
سەرسان گۇگۇم ئۇچۇپ كەلدى يىراق قىشلاقتىن،
پىنھان سۆيۈپ ئەتىرگۈلنىڭ لېۋىگە ھەيھات.
ئېيتىلمىغان ناخشىدەكلا تەنھالىىقىمنىڭ
ئاشۇ گۈلگۈن شاخلىرىرىغا ئېسىلغان سۇبات.
......
.....
يېشىم بىلەن يېزىپ چىقتىم يارالمىشىمنى،
توزۇپ كەتكەن لالىلەرگە ئوخشايمەن قەۋەت.
...........
..........
مۈمكىن بولسا  سۆيۈملۈك شائىرىمىزنى شېئىريەت كوچىسىدا ھەم كۆپرەك ئۇچىرتىپ تۇرساق دىگەن ئۈمىدىمەن. ئاللا بارلىق ئىشلىرىڭىزنى خەيرلىك قىلغاي!
sarkar
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-01 11:58 |
menggutash

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 119
شۆھرەت: 1100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1154 سوم
تۆھپە: 589 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 589 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1698(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كۆكتۈرۈك ئەپەندىم. ماڭا تەپسىلىي باھا بەرگەنلىكىڭگە كۆپ رەھمەت. نىيىتىڭ توغرا بولسىمۇ ئۇسۇلدا كەتكۈزۈزپ قويۇپسەن. بىراۋنى ماختاپ تۇرۇپ ، غۇرۇرىغا تاجاۋۇز قىلىش قۇمۇللۇقلارنىڭ يەنە بىر خاراكتىر ئۆزگىچىلىكى بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن. قارادۆۋىلىكلەر خۇددى سەن ئېيتقاندەك قوپالراق بولسىۇ ئەمما ھەقنى سۆزلەيدۇ. ئالدىراپ بىراۋغا ئازار بەرمەيدۇ. يەنە كېلىپ قارادۆۋىدە تەقۋا مۇسۇلمان كۆپ بولغاچقا، بىراۋغا ئازار بېرىشنىڭ گۇناھىنى بىلىدۇ.  بەزى سۆزلىرىڭدىن قاتتىق رەنجىدىم. ئاللاھ سېنى كەچۈرسۇن.
ئەمدى مېنىڭ ئاساسلىق رەنجىگەن جايلىرىمنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن. قوبۇل قىلمىساڭ مەيلى:
-------------------------------
1. ئەسەرلىرىدە مىللەتنىڭ قىممەت قارىشى ئىپادىلەنگەن بىلەن كەلگۇسىگە بولغان يول كۆرسىتىش ئاساسەن كەم،زارلىنىش كۆپ پايدىلنىش كەم،ئېچىنىش كۆپ يول كەم.
---------------------------------
ماۋۇ پىكىرلىرىڭگە باشقىچە گېپىم يوق. چۈنكى، مېنىڭ مىللەتكە توغر يول كۆرسىتىش سالاھىيىتىم يوق. مەن ئۆزۈمنىڭ يولىنىمۇ تەستە ئېلىپ كېتىۋاتقان ئادەم. ئالدى بىلەن توغرا يولنىڭ قايسىلىقىنى كۆرسىتىپ قويغىن. ئاندىن ھەممىمىز شۇ يولدا ماڭايلى.يەنە بىرى مەن پەيلاسوپ ياكى مىللەتشۇناس ئەمەس، پەقەت ھېس قىلغانلىقىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ماڭا مۇكەممەللىك تەلىپىنى قويماڭلار.
----------------------------------------------
  2.ئەسەرلىرىدە ئاياللىق خاراكتىر ئېغىر ،قاتتىقراق ۋاقىرساڭ يىغلايمەن دىگەندەك ئۆزىنىڭ دىگەنلىرىدىن ئەنسىرگەندەك مەيدان مۇستەھكەم ۋە نىشانلىق ئەمەس،ئەسەرلىرىدە گۇمان،دەككە-دۇككىچىلىك،ئەنسىرەش ئېغىر.
---------------------------
ئاياللىق خاراكتىر دېگەن سۆزۈڭنى باشقىچە ئىپادىلەشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەن ئوخشايسەن. ئىككى جايدا ئاياللىق خاراكتىر دېگەن سۆزنى  ئىشلىتىپسەن. سەندەك مائارىپ سېپىدە ئادەم تەربىيلەۋاتقان بىر ئوقۇتقۇچى بۇ سۆزنىڭ بىراۋغا قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ بېقىشىڭ لازىم ئىدى. بۇ سۆزۈڭ ئۆزىنى ئەركەك ساناپ يۈرگەن ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلدى.
دەرۋەقە، يازمىلىرىمدا ئەنسىرەش، پىكىرلەرنى كېسىپ ئوتتۇرىغا قويماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت. چۈنكى، مەن ئۆزۈمنىڭ قەيەردە ياشاۋاتقانلىقىمنى بىلىمەن. مەن شۇنچىلىك دېيەلەيمەن. سەندە جۈرئەت بولسا ماقالىلەرنى قورقماي يېزىپ ئېلان قىلغىن. بىز ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئالايلى.
------------------------------------
3.قومۇللۇقلارغا خاس ئاقكۆڭۇللۇك ۋە كەمتەرلىك ھەقىقەتەن ئېغىر،يېزا دىھقانلىرىغا خاس تۇز كۆڭۇللۇك ۋە قىممەت قارىشى پۇتكۇل ئەسەرلىرىگە سىڭگەن بولغاچقا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى پەۋقۇلئاددا تۇۋەن.
-----------------------
بۇ قارىشىڭغىمۇ باشقىچە پىكرىم يوق.
----------------------------
4.ئەسەرلىرى يىغلاڭغۇ ۋە نازۇكلۇك بىلەن تولغان،ئاياللىق خاراكتىر بىلەن يۇغۇرۇلغان مەردانلىق ۋە جەسۇرلۇق كەم.
5.پەلسەپىۋى مەزمۇن تىيىز،چوڭقۇر ئەمەس
------------------------
ئايرىم ئەسەرلىرىمدە ئۈمىدسىزلىك ئەكس ئەتكەن. بۇنى ئېتىراپ قىلىمەن. ئاياللىق خاراكتىر بىلەن يۇغۇرۇلغان مەردانىلىق ۋە جەسۇرلۇق... دېگەن گېپىڭنى چۈشەندۈرۈپ قويغىن.
پەلسەپىۋى مەزمۇننىڭ تېىيىزلىقى راست. مەن ئۆز بىلىمىم ۋە تىل قابىلىيىتىمگە يارىشا بىر نەرسىلەرنى يازدىم. بۇنىڭدىن ئوقۇرمەن ئۆز سەۋىيسىگە يارىشا نەپ ئالىدۇ. پەلسەپىۋي مەزمۇننى ھەركىم ئۆز چۈشەنچىسىگە يارىشا بايقايدۇ. مەن ھېچقاچان پەلسەپىۋىي پىكىر ئوتتۇرىغا قويىمەن دەپ ئەسەر يېزىپ باققان ئەمەسمەن.
----------------------------
ئاخىرقى پىكرىڭگە :بىر ئەسىرىڭدىكى بىر تېتىقسىز مەزمۇن ھېلىمۇ يادىمدا<< ئاياللار مۇنجىخانىسىدىكى قىزلارنىڭ يانپىشى ئەرلەر دۇنياسىدا ئىلاھتەك نۇر چاچماقتا>>
----------------------------
بۇ ئالغان مىسالىڭ ئۆزۈڭنىڭمۇ ئېسىڭدە يوق ئىكەن.يەنى قايسى ژۇرنال، قايسى گېزىت، قايسى ئەسىرىمدە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماپسەن. بۇ بىر چوڭ خاتالىق. قولۇڭدا ئېنىق پاكىت يوق ھالەتتە بىراۋغا بۇ سۆزنى قىلساڭ تۆھمەت بولىدىغانلىقىنى سەن بىلمەيدىغان يەردە ئەمەسسەن. ئەلۋەتتە .
{مونچىدىكى قىزنىڭ يوتىسى ئەرلەر شەھرىگە نۇر چاچماقتا} دېگەندەك بىر جۈملىنى بىر نەسىرىمدە ئىشلەتكەندەك ئېسىمدە. لېكىن {ئىلاھتەك} دېگەن سۆزنى ئىشلەتكىنىم ئېسىمدە يوق. بولسا شۇ ئەسىرىمنى تېپىپ ئەسلىدە قانداق بولسا شۇ پېتى پاكىت كۆرسەتكىن.
نادان چاغلىرىمدا خۇددى سەن ئېيتقانغا ئوخشاپ قالىدىغان ، ئەقىدىگە زىت سۆزلەرنى ئىشلەتكەن ئىكەنمەن. بۇنىڭدىن قاتتىق ھەسرەتتىمەن. ئاللاھ بىلىپ بىلمەي قىلغان ئاشۇ سۆزلىرىمنى كەچۈرسۇن.شۇنداقلا توغرا يولدا مېڭىشقا نېسىپ نېسىپ قىلسۇن.
-------------------------
مەن بۇلارنى دېيىش ئارقىلىق مېنى ماختاشقىلا بولىدۇ... دېمەكچى ئەمەسمەن. مەن بىراۋدىن ماختاش تاما قىلىدىغان ھەۋەسكارلىق باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتكەنمەن. باشقىلارنى ماختاڭلار. مەن پەقەت ھەممە غەمكىن بولىدىغان كۈندە غەمسىز بولۇشنىلا ئويلايمەن. ئەزەلدىن بۇنچە تەپسىلىي ئىنكاس يازمايتتىم. بەزى ئىنكاسلىرىڭ شەخسىيتىمگە تەگكەنلىكى ئۈچۈن سۆزلەپ قويدۇم.
saltanat
چ چ:1272497571
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-01 12:08 |
kuntugdi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2328
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 95 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 95 سوم
تۆھپە: 57 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 57 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  بارلىق ئەسەرلىرىنى توپلام  قىلىپ  چىقارغان  بولسا  ساقلاپ قويغان بولساق.
sarkar
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-01 12:21 |
sarsan88
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 416
شۆھرەت: 2110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2130 سوم
تۆھپە: 1264 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1269 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 173(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كۆكتۈرۈك ۋە مەڭگۈتاش ئىككىلىسى ئستىداد ئىگىلىرى ،
پىكىر ئختىلاپى بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز !
چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-01 14:00 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 544
شۆھرەت: 3514 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3505 سوم
تۆھپە: 1963 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2003 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 990(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 18قەۋەتتىكى menggutashدە2011-07-01 12:08يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كۆكتۈرۈك ئەپەندىم. ماڭا تەپسىلىي باھا بەرگەنلىكىڭگە كۆپ رەھمەت. نىيىتىڭ توغرا بولسىمۇ ئۇسۇلدا كەتكۈزۈزپ قويۇپسەن. بىراۋنى ماختاپ تۇرۇپ ، غۇرۇرىغا تاجاۋۇز قىلىش قۇمۇللۇقلارنىڭ يەنە بىر خاراكتىر ئۆزگىچىلىكى بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن. قارادۆۋىلىكلەر خۇددى سەن ئېيتقاندەك قوپالراق بولسىۇ ئەمما ھەقنى سۆزلەيدۇ. ئالدىراپ بىراۋغا ئازار بەرمەيدۇ. يەنە كېلىپ قارادۆۋىدە تەقۋا مۇسۇلمان كۆپ بولغاچقا، بىراۋغا ئازار بېرىشنىڭ گۇناھىنى بىلىدۇ.  بەزى سۆزلىرىڭدىن قاتتىق رەنجىدىم. ئاللاھ سېنى كەچۈرسۇن.
ئەمدى مېنىڭ ئاساسلىق رەنجىگەن جايلىرىمنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن. قوبۇل قىلمىساڭ مەيلى:
-------------------------------
1. ئەسەرلىرىدە مىللەتنىڭ قىممەت قارىشى ئىپادىلەنگەن بىلەن كەلگۇسىگە بولغان يول كۆرسىتىش ئاساسەن كەم،زارلىنىش كۆپ پايدىلنىش كەم،ئېچىنىش كۆپ يول كەم.
---------------------------------
.......

بەزى سۆزلەرنى قاتتىق قىلىپ شەخسى غورورىڭغا  تىگىپ قويۇپتىمەن،ئالدىڭدا تولىمۇ خىجىلمەن،مەن ئەسەرلىرىڭدىن ھىس قىلغانلىرىمنى يۇزەكى ھالدا بايان قىلدىم،قايسىلا مۇئەللىپنىڭ بولسۇن ئەسەرلىرىدە ئىككى خىل خاراكتىر ئىپادىلىندۇ،ئەرلىك خاراكتىرىردىكى ئەسەرلەر -قاتتىق ،چوڭقۇر پىكىر قىلىدۇ،ھىسيات ۋە شەخسىيەتتىن ھالقىغان بولىدۇ،مۇئەللىپ ئۆزىگە تەۋە بولمايدۇ،ئۇنىڭ ھەر بىر زەررە روھى ئۆز قەۋمىنىڭ تامچە-تامچە قانلىرىدىن ئۇيۇپ شەكىللىندۇ،ھەر بىر شۇ قەۋىمدىكى شەخىسنىڭ روھىدا مۇئەللىپنىڭ روھى يېنىپ تۇرىدۇ،مۇئەللىپ گاھىدا بىر تال ،گاھىدا مىڭ تال بولۇپ ئۆز قەۋمىنىڭ ھەسرىتىنى ئىختىيارسىز رەۋىشتە ئىپادىلەپ تۇرىدۇ،ئەرلىك ئەسەرنىڭ ئاپتورى داھى خاراكتىر بىلەن سۇغۇرۇلغان بولىدۇ.بىزگە ئوخشاش ناخشا-ئۇسۇلنىڭ ھەقدارى بولغان قەۋىمدە بۇنداق خاراكتىردىكى مۇئەللىپنى تاپماق بەس -مۇشكۇل.
ئاياللىق خاركتىردىكى ئەسەرلەر-ئۆمۇدسىزلىك ،چۇشكۇنلۇك ئاشكارا-يۇشۇرۇن ھالدا ئىپادىندۇ،ئەسەرنىڭ روھىدا چوڭقۇر ئازاپ ۋە كۆز ياشلار گەۋدىلنىپ تۇرىدۇ،ئەسەرنىڭ بەدئى تەسەۋۋۇر كۇچى ئەپىيوندەك مەس قىلىدۇكى ،قانلارنىڭ ھارارىتىگە ھارارەت قوشمايدۇ،كۆپىنچە مۇئەللىپنىڭ شەخسىيىتىدىن ،ھىسيات چەمبىرىگى،دىل،ئەقىل ،دۇنيا قاراش چەمبىرىگىدىن ھالقىپ چىقىپ كىتەلمەيدۇ،بەزىدە نۇرغۇن مەسىللەرگە يەككە مەيداندا مۇئامىلە قىلىدۇ،ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۇر توپلىغان ئۆز قەۋمىگە ئۇلگە بولۇپ يىتەكلەيدىغان مەدىنيەت چەمبىرىگىنى شەكىللەندۇرەلمەيدۇ.ئۆز روھىتىدىكى ئاجىزلىقلارغا تىز چۆكتۇرىدۇ.
مىنىڭ بۇ ئەسەرلەرنى ئايرىش قارىشىم ،بۇنى ھەرگىزمۇ شەخسى مەنىدە چۇشىنۋالمىغىن،مەن سىنى بەك ھۆرمەتلەيمەن،بولۇپمۇ ھەققە قايتقاندىن كىيىنكى ھالىتىڭنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن،مىللەتنىڭ زىيالىلىرى ھوشيار بولسا خەلىق خاتىرجەم بولىدۇ ، پادىنىڭ سەركىلىرى چىچەن بولسا پادىغا ئاسان بۆرە تەگمەسمىش.
چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-01 14:54 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 2/5     Go
Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر