(بۇ ئەسەر باغداش تورى مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى ئۈچۈن يېزىپ چىقىلدى، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ)
ئۇيغۇرلىقىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن
(چاتما سۆز ئويۇنلىرى)
ئاۋۋالقىسى:
ئوقۇرمەنلەرگە
(« ئ »ئىبارىسى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان)
ئۇشبۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ئولتۇرغانلارغا ئالىي ئىھتىرام!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئوقۇرمەنلەر! ئەھۋالىڭلار ئوبدانمۇ؟ ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇقمۇ؟ ئائىلەڭلاردىكىلەرنىڭ، ئەتراپىڭلاردىكىلەرنىڭ، ئىدارەڭلاردىكىلەرنىڭ ... ئەھۋالىمۇ ئوبدانمۇ؟ ئاللاھ ئەھۋالىڭلارنى ئىلگىرىكىدىنمۇ ئوبدانلاشتۇرغاي، ئاغرىقلارنى ئامانلىققا، ئىككى ئالەملىك ئامەتكە ئېرىشتۈرگەي!
ئەمدى ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتسام، ئۆزۈممۇ، ئائىلەمدىكىلەرمۇ، ئەتراپىمدىكىلەرمۇ ئىنتايىن ئوبدان. ئۇرۇشماي، ئاداۋەتلەشمەي، ئىناق- ئىتتىپاق، ئۆم- ئىجىل ئۆتۈۋاتىمىز. « ئۇيغۇر» نىڭ ئېنىقلىمىسى «ئويۇشقۇر» ئاتالغانلىقى ئۈچۈن، ئەتراپىمدىكىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئىنتىلىۋاتىمەن. ئاللاھ ئىشلىرىمىزغا ئاسانچىلىق ئاتا ئەتكەي، ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۈممەتنى ئۆز- ئارا ئۇيۇشتۇرغاي!
ئۆزۈم ئالىي ئوقۇلنىڭ ئادەتتىكىدەك ئوقۇغۇچىسى. ئىمتاھانلىرىمىز ئالتىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئۆگىنىش ئۈچۈن ئاۋارە ئىدىم، ئۆلۈشكۈن ئىمتاھانلىرىمنى ئۇتۇقلۇق ئاياغلاشتۇرۇپ، ئاخىرى «ئازاتلىق» قا ئېرىشتىم. ئەمدىلىكتە، ئىجادىيەت ئۈچۈن ئاتلاندىم. ئۆزگىلەر ئەۋەتكەن «ئىنئاملىق ئەسەر»لەرنى ئۇتىۋېلىش ئارقىلىق ئۇشبۇ ئىنئامنى ئۆزۈم ئېلىشنى ئويلاپ، ئاجايىپ «ئىلغار ئۇسلۇب»تىكى ئىجادىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاۋارىمەن. ئىنئام ئېلىشقۇ ئاساسىي ئويۇم ئەمەس، ئەمما، ئىجادىيىتىم ئوقۇرمەنلەرنى ئىلھاملاندۇرالىسا، ئىنئامغا ئېرىشسەممۇ ئەجەپ ئەمەس!
ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاستىدىكى ئەسەرلەرنى ئالدىرىماي ئوقۇشىنى ئارزۇلايمەن.
ئىككىنچىسى:
ئىگەمگە ئىلتىجا
(« ئ »ئىبارىسى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان)
ئىنسانغا ئەقىلنى ئاتا ئېتىپ، ئەھلى ئالەمدە ئەڭ ئۈستۈن ئورۇنغا ئېرىشتۈرگەن، ئاسمانغا ئاينى ئورۇنلاشتۇرغان، ئۇزۇقلىنىشىمىز ئۈچۈن ئېسىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرگەن، ئۆز ئاۋازىمىزنى ئۆزگىلەرگە ئاڭلىتالىشىمىز ئۈچۈن ئېغىزنى ئورۇنلاشتۇرغان... ئالەملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھقا ئۇشبۇ ئېغىزىم ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئەلھەمدۇلىللا ئېيتىمەن!
ئىنسانلارنى ئاخىرەت ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئازغۇنلۇقتىن ئىسلام ئادالىتىگە ئېرىشتۈرگەن ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ئەڭ ئۇلۇغ ئەلچىسى، ئۈممەتنىڭ ئاتامانى ــ ئىنجىلدا ئەھمەد ئاتالغان ئەلەيھسالامىمىزنى ئۇنتۇيالمايمەن. ئۇشبۇ ئەلەيھسالام ــ ئىبراھىم ئەلەيھسالامنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھسالامنىڭ ئەۋلادىدۇر. ئۇنىڭ ئاتىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ، ئانىسى ئامىنەدۇر. ئۇنىڭ ئەقىدىسى، ئىبادەت ئۇسۇلى، ئەخلاقى... ئىنسانلارغا ئەڭ ئېسىل ئۈلگىدۇر.
ئىسلامغا ئەڭ ئاۋۋال ئەگەشكەن، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان، ئەلەيھسالامىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئىسلامنىڭ ئادالىتىنى ئاسىيادىن ئافرىقىغىچە ئاپارغان ئۈممەتنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى ئاتامانلىرى ــ ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلىلەرنى، ئادىللىقى ئارقىلىق ئۈممەتكە ئامەت ئەكەلگەن ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنى، ئاخىرەتكىچە ئىسلامغا ئەگەشكەن، ئۆزىنى ئىسلامغا ئاتىغانلارنى ئىبادەتلىرىمدە ئەسلەيمەن. ئاللاھ ئۇلاردىن ئۆز ئەپۇسىنى ئايىمىغاي!
ئى ئۇلۇغ ئىگىمىز، ئىلمىمىزنى ئاشۇرغىن، ئىتىقادىمىزدىن ئاداشتۇرىۋەتمىگىن، ئىبلىسنىڭ ئالدىشىغا ئۇچراتمىغىن، ئەپۇ ئىشىكلىرىڭنى ئېتىۋەتمىگىن، ئاخىرەتتە ئازابقا ئاپارمىغىن! ئۇيغۇرلاردىن ئۆز ئىنئامىڭنى ئايىمىغىن، ئارىمىزدىن ئالىملارنى ئاۋۇتقىن، ئۇيغۇرنى ئىلىملىك، ئىلغار ئۈممەتكە ئايلاندۇرغىن! ئى ئاللاھ، ئىلتىجالىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغىن!
--------------------------------------------------
ئەسەرنىڭ ئالدىدا ئۈستىدىكىدەك ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى، ئۇنىڭ ئەسھابىلىرىنى، ئىلىم ئەھلىلىرىنى ئەسلەش ئاۋۋالقى ئۆلىما- ئالىملىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدە ئاساسەن ئومۇملاشقان ئىش ئىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئالدىلىرىدا ئىجادلانغان ئىلغار ئەسەر «ئەمىنىيە»مۇ ئۈستىدىكىدەك ئۇسلۇبتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇشبۇ ئەسەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئاشۇ ئۇسلۇبلارنى ئۈلگە ئالدىم.
ئۈچىنچىسى:
ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن
(« ئ » ئىبارىسى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان)
ئۆزۈمنىڭ ئىسلام ئىتىقادىغا ئىگە ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمدىن ئىنتايىن ئىپتىخارلىنىمەن. ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ئۇزاق ئەسىرلەر ئىلگىرىلا ئىنسانىيەت ئالىمىدە ئۇلۇغ ئىمپىرىيە ئورناتقان ئىدى. «ئوغۇزنامە»دە ئېيتىلىشچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوغۇزخان ئىسىملىك ئالىي ئاتامانى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق ئەجەملەرنى ئۆزىگە ئەگكۈزۈپ، ئالتاي ئەتراپلىرىنى ئىگەللەپ، ئۇشبۇ ئورۇنلارنى ئالتە ئوغلىغا ئوقيا ئېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۈلەشتۈرگەنىكەن. ئۇيغۇرلار، ئۆزبىكلەر... ئاشۇلارنىڭ ئەۋلادىدۇر.
ئونىنچى ئەسىرنىڭ ئاۋۋالىدا، ئۇيغۇرلار ئوتنى ئۇلۇغلاشتەك ئازغۇن ئىتىقادىنى ئىسلامدىن ئىبارەت ئىلمىي ئىتىقادقا ئالماشتۇردى. ئاشۇنىڭدىن ئىتىبارەن، ئىسلامىيەت ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ئېسىل ئۇتۇقلارغا ئېرىشتۈردى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ئاجايىپ ئۇلۇغ ئالىملار ئەھيالاندى، ئۇلارنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرى ئىنسانىيەتنىڭ ئېتىراپلىشىغا ئېرىشتى. ئۇشبۇ ئالىملارنى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېغىزىمدا ئېيتىپ ئۈلگۈرەلمەيمەن. ئۆزۈمنىڭمۇ ئاشۇلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىمنى ئويلىسام ئالەمچە ئىپتىخارلىنىمەن. ئېھتىمال، ئۇشبۇ ئالىملارنى ئېغىزغا ئالغىنىڭلاردا، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئەسلىگەنلىرىڭلاردا ئۆزەڭلارمۇ ئىپتىخارلىنىدىغانسىلەر. ئەمما ئويلايمەنكى، ئۇلاردىن ئىپتىخارلىنىش ئارقىلىقلا ئىش ئاياغلاشمايدۇ. ئىسلامدا ئېنىق ئېيتىلدىكى، ئىنسانلار ئاخىرەتتە ئۆز ئىشىنىڭلا ئاقىۋىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۆزگىلەرنىڭ ئەمەل- ئىبادەتلىرى ئۇنىڭغا ئەسقاتمايدۇ. ئىپتىخارلىق ئالىملىرىمىزمۇ ئەتراپىدىكى ئەسكى ئادەملەرنىڭ ئاخىرەتتىكى ئازابىنى ئازلىتىشغا ئامالسىزدۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئۆزىنى ئەپقاچالامدۇ؟ ئۇنىمۇ ئاللاھلا ئۇقىدۇ. ئالىملىرىمىزدىن ئېغىزىمىزدا ئىپتىخارلىنىپ، ئۆز ئەھۋالىمىزنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىمىساق، ئۆزىمىزمۇ ئاشۇلاردەك ئۇتۇقلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزدەنمىسەك، ئۆمرىمىزنى ئۇيقۇدا ئۆتكۈزسەك ئۇيغۇرلىقىمىزدىن ئىپتىخارلىنىشىمىز ئىنتايىن ئەھمىيەتسىز ئىش ئەمەسمۇ؟
ئۇيغۇر ئاتالغان ئىكەنمىز، ئۆمرىمىزنى ئۇيغۇردەك ئۆتكۈزەيلى. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىزىنى ئۇنتۇمايلى. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەھمىيەتسىز ئويۇنلارغا، ئىچىملىكلەرگە ئامراق ئەمەس ئىدى. ئاياللىرى ئەخلاقنى ئۇنتۇمىغانىدى، ئەرلىرىنىڭ ئامانەتلىرىنى ئوغرىلىمايتتى، ئوبدان ئاسرىغانلىقتىن ئوغرىغىمۇ ئالغۇزمايتتى. ئەنە ئاشۇلارنىڭ ئۆزىدىن ئىپتىخارلىنىشى ئاقىللىقتۇر! ئۇيغۇرلىقىمىزدىن ئىپتىخارلىنىشىمىز ئۈچۈن، ئەنە ئاشۇنداق ئېسىل ئەخلاقلارنى ئۆزىمىزگە ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز، ئىدىيىمىزنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈشىمىز، ئىتىقادىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، ئىلىم ئالىمىدىكى ئىلغار ئىنسانلارغا ئايلىنىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدەنمىكىمىز ئۆزرىسىزدۇر.
ئۇيغۇرىمىزنى ئاڭلىغانلىكى ئادەم ئىپتىخارلانغۇدەك ئېسىل ئۈممەتكە ئايلاندۇرايلى!
تۆتىنچىسى:
تەپەككۇرنى، تىرىشچانلىقنى توختاتمايلى!
(« ت »دىن تۈزۈلگەن)
تور-تېلىگىراف تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى تۇرمۇشىمىزدىكى توسالغۇلارنى توزۇتۇپ تاشلاپ، تېرىپولىدىكى تۆنۈگۈنكى تەرتىپسىزلىكلەرنىمۇ تېلىكامىرادا تارتىپ، تۆنۈگۈنلا توردا- تېلىۋوزۇردا تونۇشتۇردى، تاجىكىستاندىكى تۇغقانلارنىمۇ تېلىفوندىلا تويىمىزغا توۋلىيالايمىز. (تەرەققىياتنىڭ تەتۈر تەسىرى ــ تارخاننى تونۇيمىز، تۈۋىمىزدە تۇرغان توختاخۇننى تونۇمايمىز).
تورنىڭ تەرەققىياتى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەپەككۇرنى توختاتمىغانلىقىدىندۇر. تەپەككۇر تەبىئەتتىكى تىلسىماتلارنى تونۇتىدۇ. تەرەققىياتىمىزنى تېزلىتىدۇ.
تىرىشچانلىق تاغنىمۇ تالقانلايدۇ. تەڭرى تېغىدا تەر تۆككەن تەدبىرلىك، تىرىشچان تاغىلىرىمىز تارىمنىڭ تاشيولىنى تاشكەنتكە تۇتاشتۇرغانىدى.
تارىخمىزنى توغرا تونۇشقا تىرىشايلى. تەكلىماكاننىڭ تەكتىدىكى تىلسىماتلارنى تاپالىساق، تەرەققىياتىمىزنىڭ توسالغۇلىرىنى تۈرتۈپ تاشلىيالايتتۇق.
توغرا تەلىم- تەربىيە تەپەككۇرنى توغرىلايدۇ. تېلىۋوزۇردىكى تەتۈر تەشۋىقاتلارنىڭ تولىلىقىدىن تېنىم تىترىمەكتە. تەشۋىقاتلىرى تولىمۇ تېتىقسىزلاشماقتا، توختىماي تىللىۋەتسەم.......
تەشۋىقاتلىرىنى توختىتىپ، تەتقىقات تېمىلىرىنى، تەبىئەت تىلسىماتلىرىنى، تېخنىكىلارنى....تەشۋىقلىسا تەرەققىياتىمىز تېزلەشمەسمىدى؟ توختىۋالايچۇ، تۆرەلگىنىمگە تويغۇزىۋەتمىسۇن..........
بەشىنچىسى:
باغداشتىكىلەرگە باغاقچە
(« ب » بىلەن باشلانغان)
بايانلىرىمنى بىسمىللا بىلەن باشلايمەن.
باغداشقا باغلانغىنىمدىن بېرى، بۇ باغچىدا بىلىملىكلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇ بالىلارنىڭ بىھۇدە بايانلاردىن، بىكارچىلىقتىن بىزارلىقىنى، بىلىمنى بۈيۈك بىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم. بۇنداق بولۇش بەكمۇ بەلەندۇر. بۇنىڭدىن باشقا، باغداشتىكىلەرگە بىلدۈرمىسەم بولمايدىغان بەزىبىر باغاقچىلىرىم بار:
باشقىلارغا بىئەدەپ بولمايلى، بىئەدەپ بولۇش بىلىمسىزلىكنىڭ بەلگىسىدۇر. بىر -بىرىمىزنى بوھتان بىلەن بۇلغىمايلى، بوھتانچىلىق بۇزۇقلۇقنىڭ بىشارىتىدۇر. بىھايا بولمايلى، بىھايالاردىن بەكمۇ بىزارمەن.
بىغۇبار بالىلىرىمىزنىڭ بەڭباش، بىلىمسىز، بىۋاپا، بېزەڭ، بېقىندى، باتۇرلۇقنى بىلمەيدىغان بىئەقىللەردىن بولماستىن، بىلىملىك، بارلىقىنى بېغىشلىيالايدىغان باتۇرلاردىن بولۇشى بىزلەرنىڭ باشلامچىلىقىمىزغا باغلىقتۇر، بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىزدۇر. بالىلىرىمىزنى بىلىم بېغىغا باشلايلى!
بىز بالىلارنىڭ باشلامچىسى بولغىنىمىزدەك، بىزنىڭمۇ باشلامچىلىرىمىز باردۇر! بوۋىمىز بۇغراخان باشلىغان بەخىت بېغىدىن بۇرالمايلى. بۇنداق بولغاندا، بىھىساپ بايلىقلار بولغان، بېزەكلەر بىلەن بېزەلگەن باغۇ-بوستانلىقلار بولغان بۇلاق بويىغا بارالايمىز.
باغداشتىكى بالىلارغا بۇنىڭدىنمۇ بەلەن باغاقچىلارنى بەرسەم بولاتتى. بىراق، بىلىمىمنىڭ بولۇمسىزلىقى، بىقابىللىقىم، بىكار بولالمىغانلىقىمدىن بەكمۇ بىچارىمەن. بولمىسا باشتا بۇ باغاقچىلىرىمنى بېرىۋېتەي، بولامدۇ؟
قوشۇمچە:
قۇرئانىڭلارغا قايتىڭلار!
(« ق » قوشۇمچىسىدىن قوراشتۇرۇلغان)
قېرىنداشلار، قەلەمداشلار،
قىزىلگۈلدەك قەلەمقاشلار،
قوشاق قوشتۇم قورۇنمايلا،
قۇسۇر قاتماي قوبۇللاڭلار!
قېرىنداشلارنى قاقشاتتۇق،
قىمارۋازلىقنى قوغلاشتۇق،
قۇربانلىق قىلىشتىن قاچتۇق،
قىلىقسىزلىقنى قىلماڭلار!
قىسمەن قىزلار قېلىنلاشتى،
قاسماقلىقنى قوبۇللاشتى،
قەلبى قاتتىق قارىداشتى،
قىلىقسىزغا قېتىلماڭلار!
قىممىتىنى قايرىپ قويدى،
قاباھەتنىڭ قۇشى قوندى،
قىزلىقىنى قۇربان قىلدى،
قىممىتىڭلارنى قوغداڭلار!
قۇرئانىمىز قارىلاندى،
قىممەت قاراش قۇسۇرلاندى،
قەلىبلەرمۇ قېتىپ قالدى،
قىيامەتتىنمۇ قورقۇڭلار!
قەدىرلىك قەۋم- قېرىنداشلار،
قوشاقچىلار، قەلەمداشلار،
قىيامەتلىك قەسەمداشلار،
قۇرئانىڭلارغا قايتىڭلار!
قوشاقنى «ق»قوشۇمچىسىدىن قوراشتۇرغانتىم، قەلبىمدىكىدەك قاملاشمىدى. قېرىنداشلار، قوبۇل قىلارسىلەرمۇ؟
ئاخىرقىسى:
ئەزىزلىگىن ئاتا-ئاناڭنى
(« ئ » ئىبارىسى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئادەم ئاتا ئەۋلادى،
ئوڭۇشلۇقمۇ ئىشلىرىڭ، ئەۋلادىڭنىڭ ئىقبالى؟
ئاتا –ئاناڭ، ئۆيۈڭنىڭ ئوبدانمىدۇ ئەھۋالى؟
ئوغلىدىدۇر ئاناڭنىڭ ئۇخلىسىمۇ ئەسيادى،
ئاتا-ئاناڭ ئۇلۇغدۇر، ئەزىزلىگىن ئۇلارنى.
ئاللاھ ئېيتتى ئايەتتە، ئۇنى ئوبدان ئاڭلىغىن:
ئاتا-ئاناڭ ئالدىدا «ئوھوي»نىمۇ ئېيتمىغىن،
ئۇخلىماستىن ئاخشىمى ئەمدۈرگەننى ئەسلىگىن،
ئەمدى ئاتا- ئاناڭنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىغىن،
ئاتا-ئاناڭ ئۇلۇغدۇر، ئەزىزلىگىن ئۇلارنى.
ئويلىساڭچۇ ئەي ئىنسان، ئاتاڭغا ئەمەس ئاسان،
ئۆزۈڭ ئۇندا ئوينايسەن، ئاپاڭ ئالمايدۇ ئارام،
ئۆلگىنىدە ئېيتىسەن: ئانام، ئانام، ئاي ئانام،
ئۇندىن ئاۋۋال ئويلايتتىڭ، ئۆزۈڭ ئامان ـ ئۆي ئامان.
ئاتا-ئاناڭ ئۇلۇغدۇر، ئەزىزلىگىن ئۇلارنى.
ئابروي- ئاتاق، ئامەتكە ئېرىشىشنى ئويلىماس،
ئازراققىنە ئاغرىساڭ، ئىچى ئاغرىپ ئۇخلىماس،
ئەزىيەتكە، ئازاپقا ئۇلارغۇ ئاز ئۇچرىماس،
ئەمما ئۇنتۇپ ئۆزىنى، ئەۋلادىنى ئۇنتۇماس،
ئاتا-ئاناڭ ئۇلۇغدۇر، ئەزىزلىگىن ئۇلارنى.
ئۆتتى ئۆمرى ئاتاڭنىڭ ئەۋلاد ئىشقى ئۈچۈنلا،
ئۈمىدلىنەر ئوغلىدىن: ئېرىشسىكەن ئۇتۇققا،
ئايلانسىكەن ئالەمنى، ئاقكەپتەردەك ئۇچۇپلا،
ئەمما ئازغۇن ئوغۇللار ئۆلۈۋالدى ئۈسسۈپلا،
ئاتا-ئاناڭ ئۇلۇغدۇر، ئەزىزلىگىن ئۇلارنى.
ئاتا- ئانا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان ئىدى، ئەسلىغۇ،
ئويلىغاننى ئېيتىسام ئاياغلاشماس ئەتىمۇ،
ئەدەب-ئەخلاق ئۈستىدە ئويلانغانسەن ئەمدىغۇ؟
ئانىلارنى ئىززەتلەش ئاللاھنىڭكى ئەمرىغۇ؟!
ئاتا-ئاناڭ ئۇلۇغدۇر، ئەزىزلىگىن ئۇلارنى.
ئەسلىدە ئىجادلاشنى ئويلىغانلىرىم ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئىدى. ئۇيغۇرچىدىكى ئوتتۇز ئىككى ئىبارىگە ئايرىم- ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلاشقانىدىم. ئەمما، ئىمتاھاننى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئىجادىيەتكە ئاتلانغىچە ئالتىنچى ئايمۇ ئاخىرلاشتى. ئۇشبۇ ئورۇندىكى «ئىنئاملىق ئەسەرلەر ئىمتاھانى»نىڭ ئالتىنچى ئاينىڭ ئوتتۇزى ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇم. ئەسەرنى ئەمدى ئاخىرلاشتۇرمىسام ئەۋەتىشكە ئۈلگۈرەلمىگۈدەكمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆز ئويلىغانلىرىنى ئەسەر ئاستىغا ئەۋەتىشىدىن ئۈمىدتىمەن. ئىنكاسلىرىڭلار ئارقىلىق ئاداشقان ئورۇنلىرىمنى ئېنىقلىۋالسام، ئەمدىكى ئىجادىيەتلىرىمدە ئوبدانراق ئاگاھلىنىپ، ئۆز ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇشقا ئىنتىلىمەن.
ئەسەر ئەمدى ئاخىرلاشتى، ئىگەم ئۇتۇققا ئېرىشتۈرگەي. ئاللاھقا ئامانەت!
ئەسەر ئىگىسى: ئۆزۈم (ئويچان)
ئالتىنچى ئاينىڭ ئاخىرى ئىجادلاندى.
[ بۇ يازمىنىoychanدە2011-07-01 18:32قايتا تەھرىرلىد ]