karamat sarkar xj 50
بۇ تېما 677 قېتىم كۆرۈلدى
sargardan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2358
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 130 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 130 سوم
تۆھپە: 66 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 66 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 يىڭىچە غەربكە ساياھەت ( نومچىلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى )

يىڭىچە غەربكە ساياھەت ( نومچىلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى )


ئەلقىسسە غەربكە ساياھاتكە ماڭغان سولتەك راھىپلار يول بويى بىچارە ئالۋاستىلارنى بوزەك قىلىپ ئاخىرى گۈھەرنىشىن ئىبادەتخانىسىغا يىتىپ كەلدى ، بۇلارنىڭ كەلگىنىنى ئاڭلىغان تاتاگاتو ياماموتو بۇتساتۋا بىشىغا يالغان ئاق چىچىنى كىيىپ بۇلارنى سوراق قىلىش ئۈچۈن مەيدان ھازىرلىدى .
تاتاگاتو : -سوراق باشلاندى ... ھەر قايسى زاستاتىل جاناپلار ، ئالدىمىزدا جىنايەت پاتقىقىغا چوڭقۇر پىتىپ پۇتنى ئاران سۆرەپ كەلگەن تۆت پاخشەك تاز تۇرۇپتۇ، بۇلارنىڭ قۇماندانى سىتارشى لىيتنات تاڭ ھەزرەت ، 2-دەرىجىلىك ئەسكەر ۋۇكۇڭ، موزدوز شاسىڭ ، پوپاڭچى باجى ۋاھاكازالار .
زاستاتىللار :-سوت باشلاندى.

تاتاگاتۇ :- قىنى تاڭسىڭ ، ئالدىغا چىق ،پۇتۇڭنى يىغ .سىنىڭمۇ گۇناھىڭ جىق ، سەن ئۆز ۋاقتىدا نۇرغۇن قىز جىنلارنى كەلتۈرۋىلىپ ئاندىن تاشلىۋەتتىڭ ، ئۇلارنىڭ بەزىسى مىنىڭ ئالدىمغا كىلىپ دەردىنى تۆكتى، سىنى سۆكتى ، بەخىتكە يارىشا ئۇ قىزلارنى ۋاقتىدا خوتۇن قىلۋالمىغان بولسام ئۆمۈرلۈك بەختى نابۇت بولاتتى.

تاڭسىڭ : -جاناپلىرى ، مەن ئۇ قىزلارنى كەلتۈرۋالمىدىم ، ئەكسىچە مىنى مۇئاشى،خىزمىتى بار دەپ كەلتۈرۈرمەكچى بولدى ، مەن خىزمەتنىلا ئويلاپ ئۇ قىزلارغا قاراپمۇ قويمىدىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قىزلارنىڭ بىرىنىڭمۇ خىزمىتى يوقكەن ، خىيالىدا ماڭا تىگىۋىلىپ مېنى باقتۇرماقچى بوپتۇ ، شۇڭا ياراتمىدۇققۇ ھى ھى ھى
ئاۋالۇكسۇۋارا سەتەڭ :- مەن قارشى ، تاڭسىڭ قەستەن بىز خىنىم قىزلارنى كەمسىتىۋاتىدۇ ، دۇنيادا غۇرۇلۇق قىزلار تىخى تۈگەپ كەتكىنى يوق .
تاتاگاتو :- قارشىلىق كۈچكە ئىگە ، قىنى سۆزلەڭ گۈزىلىم.
ئاۋالۇكسۇۋارا سەتەڭ :- ئەينى ۋاقىتتا تاڭسىڭنى مەن تاللىغان ، راستىنى دىسەم مىنىڭ ئۇنىڭغا كۆزۈم چۈشتى، ئۇ چاغدا تىخى تاڭسىڭنىڭ خىزمىتى يوق ئىدى .
تاتاگاتو : -ئالە شارەڭنى ، سىزنى مەن ئالايمىكىن دەپ يۈرسەم تىخى .....
ئاۋالۇكسۇۋارا :- لىكىن ئۇ يول بويى ئۇچرىغانلا قىزنى ياراتمىدى ، مەقسىتى خىزمىتى بار قىزنى ئالماقچىكەن ، مىنىمۇ ياراتمايدۇ تىخى، پوچتالىيون دەپ .
تاتاگاتو : -ئۇنداق بولسا تاڭسىڭغا كۆمۈرنى يۇيۇپ ئاقارتىش جازاسى بىرىلسۇن .
زاستاتىللار :- ھۆكۈم كۈچكە ئىگە.
تاتاگاتو :- قىنى پور كۆتەك چىقە ئالدىغا-
باجى : -مانا مەن .
تاتاگاتو :- سىنىڭمۇ گۇناھىڭ چەكسىز ، سەن يول بۇيى نەچچە خۇتۇن ئەپ بولدۇڭ ، يەنە تىخى يەپ تويمايسەن ، دىئابىت كىسىلى بوپ قىلىشتىن قورقمامسەن ؟
باجى : -مەن تىخى ياش تۇرسام يەۋالمىسام ، كىيۋالمىسام ، قىزلار بىلەن كۆڭۈل ئىچىۋالمىسام قانداق بولىدۇ ؟ قىرىغاندا ئارماندا كىتىدىغان گەپ.
تاتاگاتو -: سىنىڭ كۈنۈڭ نىمە دىگەن يىرگىنىچلىك ؟ !! يەۋالمىساڭ تۈگەپ كىتەمدىكەن ؟ كىيۋالمىساڭمۇ سەت تۇرساڭ سەن ؟ تىخى قىزلار بىلەن كۆڭۈل ئاچامسەن ؟ بىرلا قىزغا كۆڭۈل بەرسەڭ نىمە بولاتتى ئۇكام !!! سەن گۇينىمۇ جازالايمەن ، ماكانىڭ بولغان ئېغىلغا مەڭگۈلۈك پالاندىڭ.
باجى :- ئۇ يەردىمۇ يەيمەن ئىشقىىپ .
تاتاگاتو : -ئۇ يەردە ساڭا گالنى ئىتىشتۇرۇپ ئاشقازاننى قالايماقان قىلىدىغان سسىق سامان بار .
تاتاگاتو : -قېنى ماۋۇ پاخشەك مايمۇن .
ۋۇكۇڭ :- مانا مەن .
تاتاگاتو : -سەن يول بۇيى ئۇچرىغانلا ئادەم بىلەن تىللاشتىڭ، تىل ھاقارەتتە يىڭەلمىسەڭ چىدىماسلىق قىلىپ ئۇردۇڭ ، تاياق يىسەڭ ئاغىينىلىرىڭنى باشلاپ كىلىپ ئاجىز جىنلارنى بوزەك قىلدىڭ ، قىسقىسى خەق ساڭا چىقىلمىسىمۇ چىقىلدىڭ ، گۇناھىڭ ئىغىر.
ۋۇكۇڭ :- ئۇستازىمنىڭ كۆڭلىنى دەپ بويىمدا قاپتۇ، قوشكىزەك تازا .... ھى ھى ھى
تاتاگاتو :.- دىمەك، رەزگى مايمۇندىن ئىككىنى تەۋەللۇت قىلماقچىكەنسەن-دە !!! ھارامدىن تاپقان مايمۇنلىرىڭنى نىرى ئاپار، گۇناھلىرىڭ تۇپەيلىدىن ساڭا ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى قەپەزدىن ئورۇن بىرىلدى.
ۋۇكۇڭ : -ماقۇل.
تاتاگاتو : -قىنى ماۋۇ سۆرۈن تەلەت پوق ساقال.
شاسىڭ : -مانا مەن .
تاتاگاتو :- سەن ئۆمرۈڭدە بىرەر ئادەمگە ئىللىق چىراي بوپ باقمىدىڭ ،نۇرغۇن كىشلەر سىنىڭ ئۈستىڭدىن بىزگە شىكايەت قىلىپ كەلدى .
شاسىڭ : -ئىششىڭنى قىلە رىزىنگە باش بۇد
تاتاگاتو : -مىنى تىللاۋاتامسەن !!!!
شاسىڭ : -سىنىڭدەك يۇندىخورنى تىللىماي كىمنى تىللايمەن ، سىنىڭمۇ گۇناھىڭ كۆپ ، بىز رىيازەت چىكىپ ئالدىڭغا كەلسەك بىزنى بىرەر رىستۇرانغا باشلىماقتا يوق ، سوراق قىلۋاتىسىنا ؟!
تاتاگاتو :- قارشىلىق ئىناۋەتسىز.
شاسىڭ :- ئاناڭنىڭ يىنىدا ئىناۋەتسىزمۇ خۇمسى .
تاتاگاتو :- بۇنداق ئاغزى يامان ئادەمنى ئاچىقىپ ئاغزىغا مىق قىقىڭلار، ئادەم تىللىغانغا تويسۇن.
شاسىڭ:- ئاغزىمىز يامان بولغان بىلەن ۋىجدانىمىز بار جۇمۇ ، جازالىرىڭغا پەرۋا قىلمايمەن .
شاسىڭ سۆرەپ ئىلىپ چىقىپ كىتىلدى ، ئەمدى گەپ قالغانلاردا قالدى.
تاتاگاتو : ئەمدى كىمىكى بۇ قىتىملىق سوت توغرىسىدا غەيۋەت تارقىتىدىكەن شۇنى يىراق جايلارغا پالايمەن سوراق تامام .


ئەسكەرتىش: داۋامى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ يوللىنىدۇ....ئىنكاسىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر....
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-27, 21:30
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-06-27 20:56 |
tabassum
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2376
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

جاپا چىكىپسىز ئەسىرىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ، قەلىمىڭىز تېخىمۇ كۈچلۈك بولسۇن ، ئەسر توغرۇلۇق بىر ئورتاقلاشساق مەن بىلەن بىر ئالاقىلاشقان بولسىڭىز . تېلىفۇن نۇمۇرۇم : 13579215495 (ئۈرۈمچى) 
西部医院
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-28 00:30 |
tohotur
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 692
شۆھرەت: 3767 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3768 سوم
تۆھپە: 2222 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2225 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1537(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى چىقىۋاتىدۇ ،   يازغاندا نوقۇل كۇلۇشنى قوغلاشماي ،كۇلۇپ تۇرۇپ ئويلاشنى ، ئويلاپ تۇرۇپ كۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يەنىمۇ كۇچەپ باقسىڭىز ،
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-28 01:34 |
kaptar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 12
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 107
شۆھرەت: 545 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 545 سوم
تۆھپە: 325 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 325 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سۇنۇۋكۇڭ ئەرشتىن ئادۇۋكۇت تەكلىپ قىلىمەن دەپ يۈرۈپتۇ دەپ ئاڭلىدىم .
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-28 01:44 |
arzuyum
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 111
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 234
شۆھرەت: 1315 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1315 سوم
تۆھپە: 761 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 761 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 272(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى چىقىپتۇ ، داۋامىنى يازغايسىز.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-07 17:36 |
qinturk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2217
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 76
شۆھرەت: 380 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 380 سوم
تۆھپە: 228 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 228 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ فلىيەتونىڭىز  ياخشى يېزلىپتۇ...ھەم ساتىرىك ھەم ئىجتىمائىيلىققا ئىگە ئىكەن .
ئاپرىن-سىزگە،داۋامىنى تىزرەك يوللارسىز-ھە؟
西部医院
مەن دوستانە،سەمىمي كىشلەرگە ئامراق.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-07-07 21:24 |
jikson
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2911
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 17 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 17 سوم
تۆھپە: 8 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 11 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

با جىغا  ئۇۋال بوپتۇ.   ساماننىڭ باھاسى ئۆسكەن تۇر سا ...............................
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-18 00:13 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » يۇمۇر چاقچاقلار