ۋاز كېچىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ سۆيگۈ - مۇھەببەت ھەرقانداق لەززەتلىك ۋە كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنى ۋاقتى - ۋاقتىدا پەرۋىش قىلىپ تۇرمىغاندا ۋە ئىككىلا تەرەپ تەڭ ئەھمىيەت بەرمىگەندە ، ئارىدىكى ھېسىيات سۇسلىشىپ ياكى باشقا ياققا بۇرۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن . ياكى مۇھەببىتىڭىز سىزگە تۇيۇقسىزلا بىۋاپالىق قىلىپ ، باشقا بىرىنى تېپىۋېلىشى مۇمكىن . بۇنداق چاغدا ، سىز بىر ئادەم ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن تەقدىردىمۇ ، مۇھەببەتنى قۇتقۇزۇپ قالالىشىڭىز ناتايىن . شۇڭا ، بۇنداق چاغدا ئەڭ ياخشىسى مۇھەببەتتىن دادىللىق بىلەن ۋاز كېچىڭ . بەزى چاغلاردا سىزنىڭ ياكى ئوبىكتىڭىزنىڭ سەۋەنلىكلى تۈپەيلىدىن ، سۆيگۈ - مۇھەببەت سىزدىن بەكلا يىراقلىشىپ كېتىشى مۇمكىن . بۇنداق چاغدا ، سىز ئۇنى ھەرقانچە قوغلاشقان بىلەنمۇ يېتەلمەي ئارماندا قېلىشىڭىز مۈمكىن . شۇڭا ، ئەڭ ياخشىسى بۇنداق مۇھەببەتتىن ۋاز كېچىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ . ئەگەر ۋاقتىدا ۋاز كەچمىسىڭىز ، سىزگە ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ قويىشىمۇ مۇمكىن . مەلۇم بىر تېخنىكوم مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىز - يىگىت قىزىقىشىنىڭ ئوخشاشلىقى ، بىر - بىرىگە كۆيۈنىدىغانلىقى بىلەن بىر - بىرىگە كۆڭۈل بېرىشتى . ئۇلار مەكتەپنى شېئىردەك گۈزەل مەنىلەرگە تولدۇرۇپ ئۈچ يىلنى توشقۇزدى . مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن قىز بىلەن يىگىت ئايرىم - ئايرىم مەكتەپلەرگە تەقسىم قىلىندى . شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن ئىدى . ئۇلار كەلگۈسى بىر ئىككى يىل ئىچىدە توي قىلىشقا پۈتۈشتى . شۇ ئەسنادا قىز بىلىم ئاشۇرۇشقا بارىدىغان بولۇپ قالدى . ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ ، بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى قەدىرلەشنى ، توينى قىز ئوقۇش پۈتكۈزۈپ كەلگەندىن كېيىن قىلىشنى پۈتۈشتى ، شۇنداق قىلىپ قىز ئوقۇشقا كەتتى . بىر مەۋسۈمگىچە سۆيگۈگە تولغان خەتلەر ئارىدا ئۈزۈلمىدى . ئەمما بىر مەۋسۈمدىن كېيىن قىزدىن خەت - خەۋەرمۇ بولمىدى . يىگىت ئۇنى ئىزدەپ چىققان بولسىمۇ ، قىزنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن بەك ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى ، غەيرى كىشىلەر بىلەن قويۇق ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلىپ قالدى ۋە ھەسرەتلەنگەن ھالدا قايتىپ كەلدى . شۇنىڭدىن كېيىن يىگىت كۈنلىرىنى ھاراق ئىچىش ، قايغۇلۇق ناخشىلارنى ئېيتىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالدى . بىر نەچچە يىل ئۆتكەندە ، يىگىت نېرۋىسىدىن ئادىشىدىغان بولۇپ قالدى . ئۇ بالىلارغا ياخشى دەرس بېرەلمىگەچكە ، مەكتەپتىنمۇ توختۇتۇپ قويۇلدى . ئەمدى ئۇ بىر كېرەكسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانىدى ......... يۇقىرىدىكى ۋەقەلىكتە ، يىگىت قىز بىلەن بولغان مۇھەببىتىنىڭ ئەمدى داۋاملاشمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭدىن ۋاقتىدا ۋاز كېچەلمىگەن ، ھەسىرەت چەككەن ، دەردىنى ھاراقتىن ئالماقچى بولغان ، ئەمما ئاخىرىدا ئۆزىنى تۈگەشتۈرىۋالغان . شۇڭا ، بۇ قىسقىغىنە ھاياتلىقتا ، قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقماڭ ، ئۆزىڭىزگە پۇختا بولۇشنى ئۇنتۇماڭ ، بولۇپمۇ مۇھەببەت ئەيۋەشكە كەلمىگۈدەك ھالغا كېلىپ قالغاندا ، ئۇنىڭدىن دادىللىق بىلەن ۋاز كېچىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ . مەنبە : ئازاپ دېڭىزىدىن قۇتۇلۇڭ دىگەن كىتاپتىن .[ بۇ يازمىنىoguzhanدە2011-06-25 23:40قايتا تەھرىرلى ]