ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ يۇمشاق دېتال <<شاھدىيارسوفت سۈزۈك تېكىست كىرگۈزگۈچ>>، <<شاھدىيارسوفت سۈزۈك دەپتەر 2.0>> ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى Windows ئۆزى تەمىنلىگەن 记事本 يەنى خاتىرە دەپتەر پروگراممىسىدا بار ئىقتىدارلار ئاساسەن تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە بىر نەچچە ئالاھىدە ئىقتىدارلار تەمىنلەنگەن.
بۇ يۇمشاق دېتالدا تەمىنلەنگەن بىردىن بىر ئالاھىدە ئىقتىدارى يۇمشاق دېتال كۆرۈنۈشىنى نىسبەت بويىچە سۈزۈك قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. سۈزۈكلەشتۈرۈش دەرىجىسىنى %0 دىن %100 گىچە تاللاپ بەلگىلەپ بېرىشكە بولىدۇ.
يەنە بىر ئالاھىدە ئىقتىدارى، ئۇيغۇرچە ۋە لاتىنچە يېزىق ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز بىۋاستە Ctrl+K نى بېسىپلا يېزىق ئالماشتۇرالايسىز.
بۇ يۇمشاق دېتالدا تەمىنلەنگەن ئىقتىدارلار تۆۋەندە تىزىملىكلىرى بويىچە تونۇشتۇرۇلدى:
ھۆججەت تىزىملىكى
..... يېڭىدىن ھۆججەت قۇرۇش (يېڭىدىن بەت ئېچىپ بېرىدۇ)
..... ھۆججەت ئېچىش
(ساقلاپ قويغان txt شەكىلدىكى ھەر قانداق ھۆججەتنى ئاچالايدۇ)
..... ساقلاش
(بىر قېتىم ساقلاپ بولغان ئەمما ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن txt ھۆججەتنى ئەسلى ھۆججەتكە ساقلاپ بېرىدۇ)
..... باشقىچە ساقلاش
(تېخى ساقلىمىغان ھۆججەتنى ساقلاشقا ۋە بىر قېتىم ساقلاپ بولغان ھۆججەتنى باشقىچە ساقلاشقا بولىدۇ)
..... چېكىنىش
(دېتالدىن چېكىنىدۇ)
تەھرىرلەش
..... يېنىۋېلىش
(قىلغان مەشغۇلاتتىن يېنىۋېلىشقا بولىدۇ)
..... كېسىۋېلىش
(تاللىغان مەزمۇننى كېسىۋېلىشقا بولىدۇ)
..... نۇسخىلاش
(تاللىغان مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىشقا بولىدۇ)
..... چاپلاش
(كېسىۋېلىنغان ۋە كۆچۈرۈۋېلىنغان مەزمۇننى چاپلاشقا بولىدۇ، باشقا يەردىن كېسىۋېلىنغان ۋە كۆچۈرۈۋېلىنغان مەزمۇننىمۇ چاپلاشقا بولىدۇ)
..... ئۆچۈرۈش
(تاللىغان مەزمۇننى ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ)
..... خەت ئايلاندۇرۇش
(بىردىن ۋە توپ ھالەتتە مەزمۇن ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ)
..... ھەممىنى تاللاش
(بارلىق مەزمۇننى تاللاشقا بولىدۇ)
..... چىسلا قىستۇرۇش
(شۇ كۈندىكى چىسلانى قىستۇرۇشقا بولىدۇ)
فورمات
..... خەت نۇسخىسى
(خەت نۇسخىسى ۋە خەت رەڭگىنى تاللاشقا بولىدۇ)
..... خەت رەڭگى
(خەت رەڭگىنى تاللاشقا بولىدۇ)
..... تەگلىك رەڭگى
(تەگلىك رەڭگىنى تاللاشقا بولىدۇ)
..... دەپتەرنى سۈزۈكلەشتۈرۈش
(دەپتەرنى سۈزۈك قىلىشقا بولىدۇ)
ياردەم
..... شاھدىيارسوفت ھەققىدە
(شاھدىيار تورىغا كىرىدۇ)
..... دەپتەر ھەققىدە
(دەپتەر توغرىسىدا قىسقىچە تونۇشتۇرىدۇ)
بۇ يۇمشاق دېتالغا UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىش ئۈچۈن كومپيۇتېرىڭىزغا ھېچقانداق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى بولسىلا بىۋاستە ئۇيغۇرچە يۇنىكودلۇق يېزىق بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
مەزكۇر سىستېمىدا تەمىنلەنگەن UKIJTuT.ttf دېگەن UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ھۆججىتىنى C:\Windows\Fonts قا كۆچۈرۈپ قويۇپ ئاندىن مەزكۇر دېتالنى ئىجرا قىلسىڭىز ئۇيغۇرچە يېزىقنى بىۋاستە بىر تەرەپ قىلالايسىز.
بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىلگىرىكى نۇسخىلىرىنىڭ ئادېرىسلىرى تۆۋەندە بېرىلدى:
شاھدىيارسوفت سۈزۈك تېكىست كىرگۈزگۈچ
http://www.shahdiyar.com/bilim/viewthread.php?tid=943شاھدىيارسوفت سۈزۈك دەپتەر 2.0
http://www.shahdiyar.com/bilim/viewthread.php?tid=1195بۇ قېتىمقىسىنىڭ نامى: <<شاھدىيارسوفت سۈزۈك دەپتەر 3.0>> دەپ بېرىلدى.
[ئەسكەرتىش] مەزكۇر يۇمشاق دېتال پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. پەقەت بىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپ تور بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ چۈشۈرۈۋالسىڭىزلا سىز بۇ دېتالنىڭ مەڭگۈلۈك ئىشلەتكۈچىسى بولالايسىز.
تور بېكىتىمىزگە داۋاملىق كىرىپ داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ سەرخىل مەزمۇنلار ۋە يۇمشاق دېتاللاردىن بەھرىمان بولالايسىز.
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ھەر قانداق ئىنكاسلارنى قالدۇرۇشقا بولمايدۇ.
قوللىغىنىڭىزلارغا رەھمەت!
تور بېكىتىمىزدىن ھەقسىز چۈشۈرۈۋېلىڭ