كۈز كۈنلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى. مەن ئوماق قىزىم دىلرابانى ئەگەشتۈرۈپ،دوستۇم ئامىنەنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدىم،يول بويىدىكى دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى ئالتۇندەك سارغىيپ،بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ،يەرگە تۆكىلىۋاتاتتى.قۇشلارنىڭ يېقىملىق ۋىچىرلاشلىرى ئادەمنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلاتتى. دوستۇم بىلەن كۆرۈشمىگىلى خېلى ئۇزاق بولغان بولسىمۇ،لېكىن دائىم تېلفۇندائەھۋاللىشىپ تۇرۋاتاتتۇق. ئۇنىڭ بۇيىل 25ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان چىرايىدا ئىلگىركى شوخلۇقتىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. ئۇ نىمە دەرت-ھەسرەتلىرى بولساماڭا تۆكەتتى، بىز بىر-بىرىمىزدىن گەپ يوشۇرمايتتۇق. تۇلۇق ئوتتۇردائوقۇيدىغان چاغدا،ئۇ بىز بىلەن پاراللىل ئوقۇيدىغان ئېلى ئىسىملىك بىر بالا بىلەن يۈرگەن ئىدى. ئېلىنىڭ بوي-تۇرقى ناھاييتى كېلىشكەن،چاقچاقچى بالا بولغاچقا نۇرغۇن قىزلار ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولاتتى.بىزتۇلۇق ئوتتۇرا ئوقۇش ھاياتىنى تاماملىدۇق.ھەر-ئىككىمىزنىڭ ئائىلە شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا ،ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي قالدۇق. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ ئېلى بىلەن توي قىلدى،ئۇ توي قىلىپ خېلى ئۇزۇندىن كېيىن مەنمۇ ئۆز بەختىمنى تاپتىم. مەن ئۆزۈمنى خېلى بەختىلىك ھېساپلايتتىم،ئەلۋەتتە دوستۇمنىڭ بەختلىك بولىشىنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم،لېكىن ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈللىكى بىر قىمارۋازغا ئالدانغان ئىدى. ئۇلار توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي،ئېلى نەشىگە ئۆگىنىۋالغان ئىكەن. دوستۇم بۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولۇپ،ھىچنىمىنى بىلمەيدىكەن. بىر كۈنى دوستۇم تاماق ئېتىۋاتسا،ئېلى مەست ھالدا قايتىپ كەپتۇ،نىمىشقا تامىقىڭ پىشمايدۇ دەپ،سەي قورىۋاتقان قازانغا بىرچىنە سوغاق سۇ قۇيىۋېتىپتۇ. كېيىن تۇتامغا چىقمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن دوستۇمنى ئۇرىدىغان،قىمار ئوينايدىغان بولىۋاپتۇ. تاياققا چىدىمىغان دوستۇم قېيىن ئانىسىغا :- ئانا،ئاللاھ يولىدا ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ قويسىلا، ئۇ يامان يولغا كىرىپ قىلمىسۇن!-،دەپ يالۋۇرسىمۇ،قېيىن ئانىسى:- بىزنىڭ ئېلىجان ياخشى بالا،خەقنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ،ئېرىڭىزگە تۆھمەت قىلماڭ!-،دەپتۇ. دوستۇممۇ ئامالسىز قاپتۇ. ئۆيگە يامانلاپ كېتەي دېسە،ئاتا-ئانىسىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېخىمۇناچارلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپتۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە قورساقتىكى بالىسى كۈندىن-كۈنگە يوغىناپتۇ."ئۇ كىيىن ئوڭشىلىپ كېتەر"دەپ،ئۇنىڭغا ئىنساپ تىلەپتۇ.كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالا دۇنياغا كۆز ئېچىپتۇ.لىكىن ھەممىسى كېچىكىپتۇ،چۈنكى بالا مېڭىش يېشىغا يېتىپمۇ ماڭالماپتۇ.بۇ نىمە سەۋەپتىن؟ سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟بۇ زادى نىمە سەۋەپتىن؟ چۈنكى ئېلىنىڭ نەشە چېكىشى بۇ بالىنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ قېتىشماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپتۇ.بىراق بۇنى دوستۇم بەكلا كېچىكىپ ھېس قىپتۇ.زار-زار يىغلاپتۇ .دوختۇرلار ئابدۇللانى (دوستۇمنىڭ بالىسىنىڭ ئىسمى) باسقۇشلۇق داۋالاشقا كىرىشىپتۇ.لېكىن ئۈنۈمى تازا ياخشى بولماپتۇ.ئېلى توۋا قىلىشتا يوق،يەنە ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسەپ ئويناپ يۈرۈپتۇ،بالىنىڭ داۋالىتىش ئىشلىرىغا ئازراقمۇ كۆڭۈل بۆلمەپتۇ.دوستۇمنىڭ ئۆيدىكىلىرى قىزىنىڭ يەنە ئۇنىڭ تاياق يېيىشىگە چىدىماي،ئۇنى ئاجراشتۇرۋاپتۇ.بالىنى دوستۇم ئاپتۇ. دوستۇمنىڭ ئانىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچ،دائىم دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىدىكەن.ئۇنىڭغا بالىنى داۋالىتىش تەس كەپتۇ. ئۇ بالىنىڭ ئوماقلىقىنى دېمەيسىلەر،بەك ئەقىللىق،قىزىممۇ ئۇ بالىنى چۈچۈك تىللىرى بىلەن"ئاپپاق ئۇكام"دىسە،ئابدۇللامۇ"ئاچاش،ئاچاش"دەپ،ئادەمنى بەكلا خوشال قىلاتتى.بىر كۈنى ئۆيدە ئولتۇرسام دوستۇمدىن تېلفۇن كەلدى. -ئاداش،قانداق،ياخشى تۇردۇڭمۇ؟
-ھە،ياخشى،ئۆزۈڭچۈ؟ئابدۇللاچۇ؟
-ياخشى،ساڭا بىر مەسلىھەتىم بار ئىدى.
-قېنى،دېگىنە؟
-ئېلى مىنى ئىزدەپ مەھەللىگە كەپتىكەن،يالۋۇرۇپ تۇرۋالدى،ئەمدى توۋا قىلىمەن،قايتىدىن ئادەم بولىمەن دەپ،كەتكىلى پەقەتلا ئۇنىمىدى،قانداق قىلسام بولار؟
-نىمە؟ئۇ راستلا شۇنداق دېدىما؟
-ئۇ يېنىشىپ قالساق،بالىمىزنى تەڭ باقايلى دەيدۇ،سەن بىر مەسلىھەت كۆرسىتە،ئاداش!
-مەنمۇ قانداق دېيىشنى بىلمەيۋاتىمەن،ئاداش!سىنىڭ يېنىشقىڭ بارمۇ؟يۈرۈكىڭنى تۇتۇپ ياخشى ئويلان!ئۇ راسلا ئۆزگەرگەن بولسا..............ئۆزۈڭ قاراپ بىر ئىش قىلارسەن...
ئۇ ئۈندىمىدى،بەلكىم يېنىشقىسى باردۇ؟ نىمىلا دىگەنبىلەن ئۇ ئېلىنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ ئەمەسمۇ،خۇدايىم ئېلىنىڭ دىلىغا ئىنساپ ئاتا قىلغايسەن! بىر-نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ئۇلار توينى ئاددىي-ساددا قىلىپ يېنىشتى.لېكىن ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى. دوستۇم يەنە تاياق يېدى،ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرى تارتىۋېلىنىپ قىمارغا تىكىلدى.دوستۇمنىڭ ھەممىلا يېرى تاياق دەستىدىن كۆپكۆك كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى... بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئېلى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى،ئۇلار يەنە ئاجراشتى. دوستۇمنىڭ پۈتۈن خىيالى بالىنى داۋالاپ ساقايتىش ئىدى.ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ئەشۇ قىپقىزىل پۇللار بولمىسا بولمىدى.ئۇ بالىسىنى ئاچىسىغا ھاۋالە قىلىپ قويۇپ،ئۆزى ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئىشلىدى،بىر-نەچچە ئۇغۇل بالا ئۇنىڭغا قالايمىقان چاقچاقلارنى قىپتۇ.دوستۇم بۇ جايدا داۋاملىق ئىشلەشنى خالىماي چىقىپ كېتىپتۇ.مەن ئۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولاردەپ بېرىپ تۇرغان پۇللىرىم ئۇنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدۇردى.يىغىپ قويغان ۋە قەرز ئالغان پۇللىرىغا بالىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا باردى.دەسلەپكى باسقۇشتا بالا ئولتۇرالايدىغان بولدى.دوختۇرلار بالاسەككىز ياشقا كىرگەندە ئاندىن يەنە بىر قېتىم ئوپراتسىيە قىلدىغانلىقىنى دەپتۇ. بالا ھازىرئالتە ياشتا ،تولىمۇ ئەقىللىق چوڭ بولدى.ئاپىسىنى پەقەتلا جاپا سالمايدۇ...لېكىن بەزى كىچىك بالىلارنىزە...دېمەيلا قويايلى! بىر كۈنى دوستۇم بىلەن يولدا پاراڭلىشىپ ماڭدۇق.ئۇ ئېغىر ئۇھسىنغان ھالدا:-ئايگۈل،قېنى دېگىنە تەڭرى نىمىشقا مىنى شۇنداق بىتەلەي يارىتىپ قويغاندۇ؟ مىنىڭ پېشانەم شۇنداق تەتۈرمۇ؟-،دەپ سورىۋېدى،مەن نىمە دېيىشىمنى بىلەلمەي،بىر ئاز ئويلىۋالغاندىن كېيىن:-بولدى كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما،ئۆزۈڭنى ئازادە تۇت ،ھېلىمۇ قەيسەر ياشاپ كەلدىڭ،سىنىڭ مەڭگۈ مۇشۇنداق قەيسەر بولىشىڭنى ئۈمۈت قىلىمەن! بىز چوقۇم بەخىتلىك ياشىيالايمىز،دوستۇم!-،دەپ ئۇنىڭ قوللىرىنى مەھكەم سىقتىم.تۇيۇقسىزئۇنىڭ تېلفۇنى جىرىڭلاپ كەتتى. بىراق ئۇ نۇمۇرنى كۆرۈپلا ئەرۋايى ئۇچتى بولغاي،تېلفۇننى بېسىۋەتتى.مەن نىمە ئىشلىقىنى سورىسام،ئۇ ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئىشلەۋاتقاندا بىر توي قىلمىغان ئۇغۇل بالىنىڭ ئۇنىڭغا تەكلىپ قويغانلىقىنى،دوستۇمنىڭ بىر قېتىم توي قىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ،يەنە بالىسى بارلىقىنى ئېيتسىمۇ،ئۇ"سىزنى ئالىمەن"دەپ چىڭ تۇرۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. لېكىن باشقىلار دوستۇمغا ماز چاقچاقلارنى قىلغاندا،ئۇ بىچارە بايقۇش مەيدانغا چىقىپ،بىرەر ئېغىزمۇ "بۇنداق دېمەڭلار"دېيەلمەپتۇ.تېلفۇن يەنە جىرىڭلىدى.ئۇ تېلفۇننى ئالدى،ئاۋازى يۇقىرى بولغاچقا قارشى تەرەپنىڭ گېپى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
-ۋەي!ياخشىمۇسىز؟ئامىنە ئاچا...
-ھە،مەن ياخشى،،ئەمدى ماڭا تېلفۇن قىلما! يەنە تېلفۇن قىلىدىغان بولساڭ تىللاپ يۈز-كۆزۈڭنى يارا قىلىۋېتىمەن!
-بۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلىچۇ؟ -مەن توي قلىپ بولدۇم،ئۈچىنچى بالامغا قورساق كۆتۈردۈم!
ئۇ زەردە بىلەن شۇنداق دېدى،-دە،تېلفۇننى قويۋېتىپ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىردى.مەن دوستۇمنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق دېگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندىم.....
ئەي،ئۇيغۇر مۇسۇلمان يىگىتلىرى،سىلەر ھەرگىزمۇ يۇقارقى ئىنساندەك بولۇپ قالمىغايسىلەر! ئۇلۇغ ئاللاھ سىلەرگە ئاسايىشلىق بەرسۇن!ھەرگىز شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزۈڭلارنى خار قىلماڭلار!ئاللاھ سىلەرگە ئىنساپ ئاتا قىلغاي،ھارامدىن يىراق بولغايسىلەر! ئۇيغۇر قىزلىرىغا دەيدىغىنىم شۇكى،مۇھەببەت باشقا،نىكاھ باشقا گەپ !
(ئىزاھات:ئېلى دېگەن بۇ ئىسىم ئېھتىياج ئۈچۈن ئېلىندى،توغرا كەپ قالغانلارنىڭ خاتا چۈشەنچىدە بولماسلىقىنى سورايمەن)
مەنبەسى:ئۆز قەلىمىم نازۇك 731
باغداش مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە سۇنۇلدى! [ بۇ يازمىنىnazuk731دە2011-05-19 20:40قايتا تەھرىرل ]