ئوباما بىنلادىن ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن پۈتكۈل تېلىۋىزىيە ۋە تورلاردا بۇ توغۇرلۇق خەۋەرلەر بېرىلدى. تورداشلار خىلمۇ- خىل قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى .دەل مۇشۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن گۇگېلدا بولسا، «ئوساما. بىن لادېن» دېگەن سۆز ئەڭ كۆپ ئىزدەلگەن، بازارلىق سۆزگە ئايلانغان.گۇگېلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ئۆلچەملىك ۋاقتى سائەت 7:30 ئارىلىقىدا «ئوساما. بىن لادېن» دېگەن سۆزنىڭ شىددەت بىلەن ئىزدەلگەنلىكىنى بايقىغان. گۇگېلنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، مەزكۇر سۆزنىڭ ئىزدىلىش نىسبىتى ئادەتتىكى چاغدىكىدىن 1 مىليون پىرسەنت پوئىنتى يۇقىرى بولغان.
ئەمما ئۇنىڭغا قارىمۇقارشى ھالدا شاھزادە ۋىليامنىڭ توي مۇراسىمى توغرىسىدىكى ئىزدەشلەرنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەر بىنلادىننىڭ ئۆلىمىگە قىزغىن پوزىتسىيەدە بولدى .
پۈتكۈل دۇنيادىكى تور ئابونتلىرى بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى .
1-بىنلادىننىڭ ئۆلگەن سۈرىتىدىن بىر قىسىم تورداشلار گۇماللاندى . ئاستىدىكى رەسىمدىكى ئىككى سۈرەتتىكى بىنلادىننىڭ ساقىلى ۋە ئاغزىنىڭ شەكلى ئوپمۇئوخشاش ، دىققەت بىلەن كۆزىتىپ بېقىڭ :
ئەجابا ئامىرىكا 10 يىلدىن بۇيان زور قوشۇن چىقىرىپ ئىزدەۋەتقان بىنلادىننى ئۆلتۈرگەندە پەقەت بىرلا پارچە رەسىم تارتىۋېلىشى مۇمكىنمۇ ؟
تورداشلار بۇ بىنلادىن ئەمەس ، بەلكى باشقا ئادەمنىڭ جەسىتى بۇ سۈرەت يوقىرىقى سۈرەتكە ئاساسەن كىرىشتۈرۈلگەن دىگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى ، بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى قانچىلىك ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ بەك تەس ئەمەس :يەنە بىر مەسىلە : ئەمدى تۆۋەنكى رەسىمگە قاراڭ :
بۇ رەسىمنى ئۈستىدكى رەسىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆزەتسەك ھەقىقەتەن جەسەت سۈرىتىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز : ئۇنداقتا ھازىرقى لاھىيەلەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ يەنە كىملەرنى مۇشۇنداق قىۋەتكىلى بولىدۇ ، تۆۋەنكى رەسىمگە قاراڭ :
بۇ رەسىمگە قاراڭ : ئوق تىگىپ ئۆلگىنى بىنلادىن ئەمەس ئەكسىچە ئوبامانىڭ ئۆزى تۇرمامدۇ ؟ چاقچاقتىن تېمىغا قايتىپ كەلسەك سۈرەتنىڭ ساختىلىقى بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قارىشى :
2-خىل كۆز قاراش : بىنلادىن 3 نەپەر قوغدىغۇچىسى بىلەن ئامىرىكا ئارمىيسى بىلەن 40 مىنۇت قارشىلاشقان: ئاخىرىئېتىۋېتىلگەن ، ئامىرىكا ئارمىيسى ئەسكەرلىرىنىڭ قانچىلىك تەجرىبىلىك ۋە كۈچلۈك ئىكەنلىكى پۈتكۈل كىشىگە ئايان .ئۇنداقتا شۇنچىۋالا زور كۈچكە ئىگە بىر ئەترەت بىلەن بىنلادىن 40 مىنۇتقىچە قارشىلشىپ تۇرالامدۇ. يەنە خەۋەرلەردە بىنلادىننىڭ مىلتىق كۆتۈرۈپ ئامىرىكا ئەسكەرلىرىگە ئېتىلىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ،بىنلادىننىڭ خاراكتىرىدىن ئۇ ھەرگىزمۇ جەڭگە قاتناشمايدۇ ، ئۇ ئەزەلدىن پەردە ئارقىسىدا ھەركەت قىلىشقا ئامراق .
40 مىنۇت ۋاقىت بىنلادىننىڭ يوشۇرنىشىغا تامامەن يېتەتتى ، لېكىن بىنلادىن نىمىشقا مۆكىۋالمىدى . زادى مۆكىۋالمىغىدەك ئورۇن بولمىغان ھالەتتىمۇ ئامىرىكا ئارمىيسىدا تەربىيلەنگەن ، ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىسى بار بىنلادىن نىمىشقا ئىككىنجى قەۋەتتىن يۈگۈرۈپ چۈشۈپ ئامىرىكا ئەسكەرلىرىگە قارىتىپ ئوق چىقىرىدۇ ، ئۇ بۇ 40 مىنۇت ئىچىدە ياخشى قارشىلىشى ئورنى تېپىپ قارشىلىشىشى تامامەن مۇمكىن ئىدىغۇ؟ بىنلادىن ئاشۇنداق ئەخمەق بولسا ئامىرىكىدەك قۇدىرەتلىك دۆلەت بىلەن ھەرگىزمۇ ئويناشمىغان بولار ئىدى.يەنە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 2005-يىلى بىنلادىن ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان ، مۇشۇنداق ئوڭ-تەتۈر بايانلار تورداشلارنىڭ بىنلادىن ئۆلىمىگە گۇمان قوزغىغان .
3-خىل كۆز قاراش ؛ ئامىرىكا ئارمىيسى ئەينى يىلى سادامنى قولغان چۈشەرگەن كۈنى ئەڭ تېزلىكتە بۇ خەۋەرنى جاكارلىغان .لېكىن بىنلادىنغا كەلگەندە ئامىرىكا ھۆكۈمىتى نىمىشقا دەل ۋاقتىدا بۇ خەۋەرنى ئاشكارلىمىدى ؟ ئەكسىچە بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئاشكارلايدۇ.يەنە كېلىپ ئارانلا بىر پارچە سۈرەت ئاشكارلىنىدۇ : ئامىرىكا كىنولىرىدىن ئامىرىكا فىدراتسىيە ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ قانداق سۈرەتكە تارتىدىغانلىقى بىزگە ئايان :
4-خىل كۆز قاراش بىنلادىن دۇنيادىكى تىرورچىلارنىڭ كاتتىبشى ، ئامىرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ جەسىتى نىمە ئۈچۈن ئاددىغىنە تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ ناھايىتى تېزلا دېڭىزغا دەپنە قىلىۋېتىلىدۇ .يەنە كېلىپ ئامىرىكا ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىنىغا ئاساسلانغاندا مۇسۇلمانلار جەسەتنى يىگىرمە تۆت سائەتتىن ئارتۇق ساقلىمايدۇ ،بىز ئىسلام دىنىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تېز دەپنە قىلدۇق دەپ ئېلان قىلدى ، قىززىق ، ھەجابا ئامىرىكا ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىغا ھۆرمەت قىلغان بولسا بىنلادىننى يەرلىككە كۆممەي دېڭىزغا دەپنە قىلىشى توغرىما ؟
5-خىل كۆز قاراش بىنلادىن ئەزالدىن تاغلىق رايوندا ياشاپ كەلگەن ،قانداق بولۇپ پاكىستاندىكى بىر مەھەلىدە پانالىنىشنى تاللاپ قالىدۇ ،يەنە كىلىپ 1 يىلدىن ئارتۇق ئۇ يەردا تۇرالايدۇ . كىچىك قارا جەمئىيەتلەرنىڭ چېغىدا 10-20دىن ئەتراپىدا ئادەملىرى بار ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىرورچى ئاتالغان يەنە كېلىپ نۇرغۇن بايلىقى بولغان بىنلادىننىڭ يېنىدا ئارانلا ئۈچ نەپەر قوغدىغۇچىسى بولىدۇ ؛
كېيىنكى ئەھۋاللار قانداق بولۇش ئېھتىماللىقلىرى بار :
ئامىرىكا ئارمىيسى ئافغانىستاندا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتى ، خەلقئارادىكى ئامما ئەسكەر چىكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ ،ھەرقانچە دۇنيا ساقچىسى بولغان ھالەتتىمۇ باشقىلارنىڭ زېمىنىدا ئۇزۇن تۇرۇشنىڭ ئورنى يوقتە ؟ يەنە كېلىپ ئامىرىكا نېفىت ئۈچۈن يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەرگە تاكتىكا قوللىنىش خىيالىدا بولسىمۇ پۇرسەت تاپالمىدى ، مانا دەل مۇشۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە ئۇلار بىنلادىننى ئۆلدى دەپ جاكارلىدى . ئۇنداقتا ئۇزۇن ئۆتمەي بىنلادىن قايتا پەيدا بولىشى مۇمكىن ،بەلكىم سىن فىلىمنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن ،بۇنداق بولغاندا ئامىرىكا ھۆكۈمىتى < بىز ئۆلتۈرۋەتكىنى ھەقىقىي بىنلادىن ئەمەسلىكى ئىسپاتلاندى ، ھەقىقىي بىنلادىن تېخى ھاياتكەن ،بىز تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىپ ھەقىقى بىنلادىننى قولغا چۈشىرىمىز دېگەننى ئېلان قىلىشى مۇمكىن ، بۇنداق بولغاندا ئۇلار ئوتتۇرا شەرقتە يەنە بىر مەزگىل تەپتاتماي تۇرالايدۇ ، ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە بىنلادىن چوقۇم ئۆلۈپ بولدى ، بۇ پەقەت ئامىرىكىنىڭ ئويۇنى خالاس :
مەزكور يازمىنى باغداش تور بېكىتىدىكى خىزمەتچىلەر ھەرقايسى توردىكى مۇنازىرە ۋە ئەھۋاللارغا ئاساسەن تەرجىمى قىلدى ۋە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بىرلەشتۈرۈپ تەييارلىدى ، بۇ يازمىنى كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ ،ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىڭ !
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-05-05 05:39قايتا تەھرىرلىدى ]