turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 1229 قېتىم كۆرۈلدى
ahgul914
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 75
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 89
شۆھرەت: 585 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 585 سوم
تۆھپە: 323 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 323 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 56(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كىلىۋاتقان كىرزىسلار

ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كىلىۋاتقان كىرزىسلار


ھەممە ھەۋەس قىلىۋاتقان كورىيەنىڭ ئايال چولپانلىرى –ھەممە نالەت ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پاھشەلىرىنىڭ قولىغا ھىچقايسى جەھەتتىن سۇ قويۇپ بىرەلمەيدۇ.پەقەت ئۇلارنى قانداق قىلىپ تەربىيلەش ۋە زىننەتلەش بىزنىڭ ئىششىمىز!

___ئسلامجان شىرىپ بەشكىرەمى

ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەڭ ئۇلۇغ ئاياللاردۇر.ئۇلار قاتمۇ-قات جاپالار،تۇرلۇك ئىزىتقۇلار،ھەرخىل تەنىقىت-ئەيىپلەشلەر،ناتوغرا سىقىپ چىقىرىلىشلار، ئۆز ئىقتىدارىدىن يۇقىرى تەلەپ ۋە رىقابەتلەر ئىچىدە تۇرۇپمۇ بىر خىل قەيسەر روھىنى قۇچاقلاپ كەلدى.ئەسلىدىن ئاجىز تۇرۇپمۇ ئۇلارغا تەشنا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ باغرىنى ئاۋۇندۇرۇپ مىھرى بىرىپ كەلدى.يۇكسەك ۋە شىرىن ئارزۇلارنى يادلاپ كەلدى.كەلگۇسىگە ئۇمىت بىلەن قاراپ كەلدى.ئۇلار قەدىرلەشكە،ھۆرمەتلەشكە سازاۋەر.ئۇلار باشقا ھەرقانداق مىللەت ئاياللىرىدەك خۇشال ۋە بەخىتلىك ھالدا ياراملىق جەمىئيەت ئەزالىرىنى تەربىيلەش ،تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىش ،تىللاردا يادلىنىشقا ئەرزىيدۇ!!! 
_____ تاھىر ئىمىن

2009-يىلى 8-مارت ئۇيغۇر ئاياللىرى بايرىمى ئۈچۈن

بىز مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان چاغدا بىر يىرىم مىلىيوندىن كۆپ ئۇيغۇر خانىم –قىز ئشسىز لىق،تۆۋەن كىرىملىك ئىغىر ئەمگەك جاپاسنى تارتىۋاتىدۇ.2يىرىم مىلىيوندىن كۆپ ئۇيغۇر ئانا سەھرالاردا ئەرلەر بىلەن ئوخشاش جاپالىق تىرىشپمۇ، قەرزگە ئشلەۋاتىدۇ.3 مىلىيوندىن كۆپ خانىم-قىزلار ئىغىر سالامەتلىك مەسلىسگە دۇچ كىلىۋاتىدۇ.يىرىمدىن كۆپ ئۇيغۇر قىزلىرى ئالىي مائارىپتىن بەھرىمەن بولالمايۋاتىدۇ،300مىڭدىن كۆپرەك ئۇيغۇر قىزلىرى ئىچكىرىدە، شەھەرلەردە كەچلىك بەزمىخانا ،قانۇنسز ۋە رەھىمسز ئشرەت سودىسنىڭ قۇربانى بولماقتا،.....!!!


ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئازابى چوڭقۇر

ئۇيغۇر ئاياللىرىنڭ دەردى كۆپ، ئازابى چوڭقۇر ،يۇكسەك ۋە شىرىن ئارزۇلىرى نۇرغۇن .ئەمما ئۇنى كۆپلىگەن كىشلەر بىلمەيدۇ.نىمە ئۇچۇن ؟قانداق شەرت ئاستىدا بىلىگىلى بولىدۇ؟
ئۇلارنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى ھەقىقى قوغدىلىشى ،ئۆزىنىڭ ئازابى ۋە ئارزۇسىنى تەلتۆكۇس ئىپادىلەش پۇرسىتى بىرىش كىرەك.
ئۇلارنىڭ ساپ ۋە ئەسلى مايىللىقى غەرەزلىك خاھىشلار تەرەپكە بۇرالماسلىقى،ئازدۇرۇلماسلىقى كىرەك.
دۆلەت ۋە جەمىئەت ئاياللارنىڭ توغرا ياشاش ئۇسۇلىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كىرەك.
قۇرۇق تەنقىت،تىل-ھاقارەت ،ئەيىپلەش ،مەسخىرە قىلىش،قوشۇمچە ئورۇنغا چۇشۇرۇپ قويۇلماسلىقى كىرەك.
بۇ يەردە يازغانلىرىم مەن بىلىدىغان،ئاڭلىغان ئاياللار ئازاپلىرىنىڭ ئنتايىن ئاز بىر قىسمى.ئاياللىرىمىز –ھەممىدىن ئاۋۋال ئەرلىرىنىڭ ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۇشىگە مۇھتاج.
مىھرىسز جەمىئەت –قالاق جەمىئەت !
تەرەققىيات بولسىمۇ، مىھرى-شەپقەتتىن ئايرىلغان جەمىئەت ئنتايىن پاسسىپ،قالاق جەمىئەتتىن ئىبارەت.چۇنكى ئۇنىڭدا ئاياللارنىڭ قەدرى يوق.ھازىر مەملىكەت مىقياسىدا، ئىللىق جەمىئەت قۇرۇش كۇچلۇك تەشەببۇس قىلىىنىۋاتقان بولسىمۇ ،لىكىن ئاياللار ئوخشاشلا رەھمىسز ،قوپال مۇئامىلىگە دۇچ كەلمەكتە.
بۇ ئەلۋەتتە ئىپادە بىلدۇرۇشكە تىگىشلىك،سۆزلەشكە تىگىشلىك مەسلە.بەزى كىشلەر ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ھەققىدە گەپ بولسا ،خۇددى ئاياللار مۇشۇنداق جاپا چىكىشى ھەقلىقتەك،ئەرلەرگە ئوخشاش جاپا چىكىشى توغرا دەك ئۇندىمەيدۇ.بەزىلەر بولسا مۇقەددەس دىنىمىز ئاياللارغا بەرگەن چەكسىز ئەتىۋارلىنىش ھوقۇقىنى ئازراقمۇ چۇشەنمەيدۇ.لىكىن ئنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئىيتقاندا،ئاياللار مەيلى قانداق جەمىئيەتتە بولسۇن،ئۇلارنىڭ تەبئىيتى ،فىزئىولوگىيسى.ياراتقان تۆھپىسىدىن ئالغاندا،ئۇلارنىڭ ئورنى ھەرگىزمۇ بىزنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆرىۋاتقان كۇنىگە ئوخشاش ئازاپلىق بولماسلىقى كىرەك......!ئەگەر سىز بۇنداق قارىمىسىڭىز سىز تىخى رىئاللىققا چۆكمىگەن كىشى بولىسىز!
بىزنى بىقىپ چوڭ قىلغان ئانىلارنىڭ ئورنى يۇقىرى كۆتۇرۇلسە ،ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولغان بىزنىڭ ئورنىمىزمۇ يۇقىرى كۆتۇرۇلىدۇ.ئەمما بىز بۇنى بۇ يەردە يىزىپ،سۆزلەپ ھەل قىلىپ بولالمايمىز.بۇنداق مەسللەرنى غەرپ دۆلەتلىرى ۋە نۇرغۇن ئسلام ئەللىرى قانۇن چىقىرىش تەدبىرلىرىنى قوللۇنۇپ ،ئەمەلى ئىجرا قىلىپ يولغا قويدى.بىزگە ئىگە بولۇۋاتقان ج ك پ بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقى كىرەك.نوپۇس ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ،ئەمما ئنسان ئۆز قەدرى بىلەن مۇئامىلە قىلىنشى بولۇشى كىرەك.شىنجاڭدىكى ھۆكۇمەت ئاياللار خىزمىتىنى ئشلەشكە پەقەت فۇنكسىيەلىك رولى ئنتايىن ئاجىز بولغان،شەھەرگە مەركەزلەشكەن،ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىدىن يىراق بولغان ‹‹ئاياللار بىرلەشمىسى››ئورنىنى قۇرغان .ئەمما ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئشلىرى قۇرۇق تەشىۋىقات،مىڭبىر جاپا چىكىپ ئۇتۇق قازانغان ئاياللارنى ‹‹يارايسىز››دەپ تەقدىرلەپ قويۇش بىلەن چەكلىنىپ قالدى.ھۆكۇمەت بۇ ئورۇنغا تىخىمۇ چوڭ ھوقۇق بىرىشى ،بۇلۇڭ-پۇشقاقلارغا قەدەر چوڭقۇر چۆكۇشى كىرەك.


ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسى ئىنتايىن ئىغىر!

مەن ئۆتكەن بىر يىلدىن ھازىرغا قەدەر ئاپتونۇم رايونلۇق 2-دوختۇرخانا ،تىببى ئۇنىۋرسستتى دوختۇرخانىسى،جوڭگۇ تىبابىتى دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانىلارغا كىسەل يوقلاپ ئون قىتىمدىن كۆپرەك باردىم.بۇنىڭ ئىچىدە تاغامنىڭ يۇرەك كىسلى ئوپىراتىسيەسىدىن باشقا ھەممىسى ئۇرۇق-تۇققانلىرىم ۋە يىقىن ئۆتىدىغان دوسىتلىرىمىنڭ تۇققانلىرى بولۇپ،يوقلاپ بارغىنىم ئاياللار ئىدى.مەن دەسلەپتە ھىس قىلماپتىمەن.ئەمما ئاخىرقى قىتىم كىسەل كۆرگىلى بارغاندا نەۋرە سىڭلىم :‹‹،بۇ دوختۇرخانىلاردا ئۇيغۇر بىمارلار بەك كۆپ ئىكەن.بولۇپمۇ ئاياللار كۆپكەن.بىزنىڭ تۇققانلار ئىچىدىمۇ ئاياللار بەك ئاغرىپ قالامدۇ-نىمە؟ كىسەل سەۋەبىدىن تۇگەپ كەتكەنلەرمۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتتى ››دىۋىدى،شۇئان 20يىل ئىلگىرى كىسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۇنۇم بەرمەي ئۆلۇپ كەتكەن مەرھۇم ئانام (ئۆپكە تۇبىر كۇليۇزى،28ياش ئىدى) ،داۋلاش ئۇنۇم بەرمەي ئۆلۇپ كەتكەن چوڭ ئانام،ياش تۇرۇپ قازا قىلغان ئىككى ھاممام، ئاكامنىڭ قىينئانىسى قاتارلىقلار بىردىن-بىردىن كىچىشكە باشلىدى..................................
جەنۇبى شىنجاڭدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ناھايتى كەسكىن ئىجرا قىلىنىدۇ.پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بالا نىكاھسز تۇغۇلغان بالىدىنمۇ بەك قوپال ۋە ئىغىر مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ.تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا بولسا ئانىنڭ سالامەتلىكى بىلەن ھىسابلاشماستىن ئەڭ ئىپتىدائى ئۇسۇل بىلەن چۇشۇرۇپ تاشلىنىدۇ. ھامىلە بولسا تاكى تۇغۇلمىغۇچە ئۆلتۇرۇپ تاشلىنىدۇ .مەركەزنىڭ چىرايلىق سىياستى ئۇ يەردە ناھايتى قورقۇنچلۇق ھەم ۋەھشى ئىجرا قىلىنىدۇ..ئاندىن جەرىمانە ئىلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىچارە ئاياللار كىسەللىك،ئىغىر ئەمگەك ،نامراتلىق،بالىغا قاراش ،جانىۋارلارنى بىقىش،ئۆي ئىشى قاتارلىق تۇگىمەس ئشلار بىچارە ئانىلارنى چىرماپ قاماق ئاستىغا ئالىدۇ.داۋالاشتا ئىتىبار سىياسەت قوللىنىش –ئنتايىن تولا رەسمىيەتلەرنى بىجىرگەندىن كىين بولىدىغان بولغاچقا ،نۇرغۇن ئاياللار نەق پۇل تاپشۇرالمىغانلىقى ئۇچۇن ئادەتتىكى كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغىنى بولغان.كىچىك كىسەللىرى ئىغىرلاشقىنى ئىغىرلاشقان.
شىنجاڭدا تاشقى بۆلۇم ئوپىراتسىيەگە مەسئۇل ئۇيغۇر دوختۇرلىرىنىڭ سەۋىيسى باشقا مىللەت دوختۇرلىرىدىن ئىلغار بولغاندەك .داۋالىنىۋاتقان ئۇيغۇر بىمارلىرنىڭ كىسەللىرىمۇ باشقىلارنىڭكىدىن خىلىلا ئىغىر.
ئاپتونۇم رايونلۇق ئۆسمە كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلىمىنڭ مۇدىرى گۇلسارە خانىم مۇنداق دىگەن:ئۇيغۇر ئاياللىرىدا بالىياتقۇ بوينى راكى تۇخۇمدان راكى،سىرتقى جىنسى يول راكى قاتارلىق ئىغىر كىسەللەر خەنزۇلارغا قارىغاندا 6% كۆپ بولۇپ،ئۆلۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى.
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىسەللىك مەنبەلىرى يەنە:ئىچىملىك سۇيىنىڭ پاك بولماسلىقى،ئوزۇقلۇق سۇپىتىنڭ ياخشى بولماسلىقى،ياخشى كونتىرول قىلىنمىغان زەھەرلىك چىكىملىك،قالايمىقان جىنسى ئالاقىدىن كىلىپ چىققان تاناسىل كىسەللىكلەر،ئارام ئىلىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى،
،ئۆلۇش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن.بۇنىڭ سەۋەبلىرى ،تۇرمۇش ئادەتلىرى،روھى بىسىم،ئىقتىسادى ئامىللار،
مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى-ھامىلدارلار ئاياللار ئۇچۇن ئنتايىن زىيانلىق .شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىت ئاسراش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ،مۇھىتنىڭ سۇپىتى ئۆلچەمدىن تۆۋەن.نوپۇسنىڭ قانۇنىيەتسىز جايلىششى ،سانائەتتىكى كىرەكسىز گاز قاتارلىق ئامىللار ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سالامەتلىكى ئۇچۇن يەنە چوڭ بىر كىرزىس.

ئشسىزلىققا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر قىزلىرى ئامالسز قالماقتا

ئۇرۇمچىدىكى ئاشخانا،رىستۇران، كىچىك دۇكان ،مىھمانساراي، قاتارلىق نۇرغۇن ئىش ئورۇنلىرىدا ئون مىڭلىغان قىزلىرىمىز300-800يۇەنگىچە تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن تۇرمۇش كەچۇرىدۇ.تىخى نۇرغۇن قىزلار ئىش ئورۇنلىرىدا تۇرلۇك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن جازالىنىدۇ.ئىش ھەققى تۇتۇپ قىلىنىدۇ.
ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇغان ئەمما ئىزچىل ئىش ئىزلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى ھىلىھەم تەمتىرەپ يۇرىدۇ.ئاسپىرانىتلىققا قەدەر داۋاملاشتۇرۇش ئوقۇش مۇشكۇل ئىش تۇرۇپ،يەنە پۇرسەتنىڭ تار بولۇشى –قىستاپ يار لىۋىگە ئەكىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
سىقىپ چىقىرىلۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ بىقىشقا تىگىشلىك:
1-خەنزۇ ئاياللىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، تەپەككۇر ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ.شۇڭا ئۇلارنىڭ كۇتىدىغان مۇئامىلىسمۇ ئوخشىمايدۇ.ئاياللىرىمىز ھۇرمەتكە ،ئوچۇق-يورۇقلۇققا مۇھتاج.نسبەتەن قىزغىن بولغان خىزمەت مۇھىتىغا مۇھتاج.مىللى ئەنئەنە ئىجرا قىلىنىش شارائىتى بولغان خىزمەت ئورنىغا مۇھتاج.
2-باراۋەرلىك ئشقا ئاشمىدى.چەتكە قىقىلىش ھىلىھەم مەۋجۇت.ئاياللىرىمىزنىڭ ئوخشاش ئىقتىدار ھازىرلاش پۇرسىتى كەمچىل.ئوخشاش ئىقتىدارى بولغاندا .ئوخشاش ئشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە ئوخشاش تەمىنات بىلەن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس.
3-ئۇيغۇر قىزلىرى –پەقەت تاشقى زىننەت بويۇمى،قوشۇمچە مۇلازىمەتلەرگىلا ئورۇنلاشتۇرۇلماسلىقى كىرەك.
4-نوپۇسنىڭ كۆپلەپ يۆتكەپ كىلىنىشى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئشقا ئورۇنلىشش ،نورمال ۋە باراۋەر پۇرسەتتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى تار دائىرىگە چەكلەپ قويماقتا.
ئاياللاردىن خىزمەت ئورنىدا پەقەت جىنسى ئالاھىدىلىكى ئۇچۇن ،جىنسى تەرەپتىن پايدىلىشنىش ئۇچۇن خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىش ئىغىر.ئەزەلدىن ھۇرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن،پەرشىتە سۇپەت ئاياللار،تارىختىن بۇيان ئائىلىنىڭ خوجىسى،شاھى ،بالىلارنىڭ كۆيۇمچىسى دەپ قارالغان ئانىلار بىراقلا ھىچكىم-ھىچكىمگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان،ئاياللارغا ئەرلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان بىر جەمىئەتكە تاشلاپ قويۇلدى.ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ۋە ئىلگىركى جەمىئەتتە قەدىرلىنىپ كەلگەن ئاياللار بىز مەزگىل ئۆزىنڭ ئورنىنى دەڭسەش باسقۇچىدا تۇرىدۇ.

زادى قانداق قىزلارغا ئىش بار؟

ياغلىق ئارتقان، ناماز ئوقۇيدىغان قىزلارغا ئىش يوق.
ئالى مەكتەپ تەربىيسى كۆرمىگەن قىزلارغا ئىش ئورنى يوق
خەنزۇ تىلىنى راۋان بىلمەيدىغان قىزلارغا ئىش ئورنى يوق
كومپىيۇتىر بىلمەيدىغان قىزلارغا ئىش ئورنى يوق.
تەققى –تۇرقى كىلىشمىگەن ،سەت قىزلارغا ئىش ئورنى يوق
ئالاقىگە ماھىر بولمىغان قىزلارغا ئىش ئورنى يوق.
جىسمانى ئەمگەكتە قىزلارغا ئىش ئورنى يوق.
ياتاقتا ياتالمايدىغانلارغا ئىش ئورنى يوق
توي قىلمىغان بولۇشى كىرەك.
مىنكاۋخەن بولۇشى كىرەك.
...............................
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئشقا ئورۇنلىششقا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان بۇنداق شەرتلەر ناھايتى كۆپ.ھەممىسى بىر ئورۇنغا قويۇلمىسمۇ ،ئەمما نۇرغۇن قىزلار مۇشۇنداق سىقىپ چىقىرىلماقتا.چەتتە قالماقتا.ئوقۇپ تۇرۇپمۇ جسمانى ئەمگەككە،بەدەن ۋە چىرايغا تاينىپ جان باقىدىغان قوشۇمچە ئەمگەككە سىلىنماقتا.
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئشسىزلىق دەرىجىسى ئىنىق تەكشۇرۇلۇشى كىرەك.ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئشسىزلىق سەۋەبى تەكشۇرۇلۇپ ھەل قىلىنىشى كىرەك.ئشلەشنى خالاپ تۇرۇپمۇ ئش تاپالماسلىق-جەمئەتنىڭ تىخى قالاق،چۇشكۇن ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى.‹‹ئىقتىساد ھەممىنى بەلگىلەيدۇ››دىگەننى نىشان قىلغان جەمىئەتنى ھامان ئىقتىساد ئۆزى ۋەيران قىلىدۇ.چۇنكى ئۇنىڭدا بەلگىلەنگەن تۇزۇملەرنى ئاچكۆزلۇك ۋە رەھىمسزلىك،شەخسىيەتچىلىك پاچاقلاپ تاشلايدۇ.بۇ دەل بىر كۆرىۋاتقان رىئاللىق.

قىزلار ئىدىيدىسى ئوچۇق بولۇشى كىرەك.(ئويۇن-تاماششادا ئاكتىپ بولۇشى كىرەك دىگەنلىك)
كۆپلىگەن ئۇيغۇر قىزلىرى چىرايى سەۋەبلىك خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ،خەنزۇ شىركەتلىرى ئۇلارنىڭ بەدەن تۇرقى ،چىراي گۇزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، قوشۇمچە ئشلارغا ،جۇملىدىن مال سىتىش ،مىھمان كۇتۇش،ئوبراز خادىمى بولۇشقا ئوخشاش ئشلارغا سالىدۇ.ھەتتا پەقەت نامراتلىق سەۋەبلىك بىشىغا كۇن چۇشكەن ئاياللىرىمىزنى ئاستا-ئاستا دۇرۇس بولمىغان قانۇنسىز ،نومۇسىز تىجارەتلەرگە باشلايدۇ.............
تولۇق كۇرس ئوقۇپمۇ ئشقا ئورۇنلىشالمايۋاتقان قىزلارنىڭ مەسلىسىنى ،سەۋەبىنى ئويلىشش كىرەك.
خەنزۇ تىلىغا راۋان تۇرۇپمۇ ئشقا ئورۇنلىشالمىغان قىزلارنىڭ مەسلىسنى ،سەۋەبىنى ئويلىشش كىرەك.

نىكاھ ۋە مۇھەببەت
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ توي قىلىش مەسىلىسگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.ئىقتىسادى بىسىم تۇپەيلى ،ئۆي ئىلىش ،توي چىقىمى قاتارلىق سەۋەبلەر توي قىلىش يىشىنى كىچىكتۇرۇشكە،كۆڭۈلدىكىدەك ياشتا پەرزەنىتلىك بولۇشقا ،ئىللىق ئائىلە تۇرمۇشنى بۇرۇنراق باشلاشقا توسالغۇ بولماقتا.
نىكاھلىق تۇرمۇشتا –يىزا ئاياللىرىنىڭ دۇچ كىلىۋاتقان مەسللىرى تىخىمۇ كۆپ.ئەرلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىش،ئۆي ئشنى قىلىش،بالا بىقىش،ئىتىزلىق ئشلىرى،........
مۇھەببەت مەسىلىسى-توي قىلىش يىشىدىكى شوخ،ھىسياتچان ئۇيغۇر قىزلىرى ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن نەرسىلەرگە مۇھتاج.ئۆزىنى ساپ ياخشى كۆرىدىغان راستچىل ئوغۇللارنىڭ مۇھەببىتىگە،دوسىتلىرى ئارسىدا قەدىرلىنىشكە،چىرايلىق ۋە رەتلىك ياسىنىپ يۇرۇشكە،ئىجتىمائى سورۇنلاردا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە،زاماننىڭ يىڭىلىقرىدىن بەھرلىنىشكە مۇھتاج.ئەمما ئوغۇللارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە ئىقتىدارسىزلىقى ئۇلارنى ھەممىدىن مەھرۇم قويىدىغان ئاساسى سەۋەبلەردىن بولۇپقالغان.ئۇرۇمچىدە ئۇزۇن مەزگىل تەكشۇرۇش ئىلىپ بارغان قاھىرە ئۇنىرىۋىتستىدا ئسلام-ئەرەب تارىخ تەتقىقاتچىسى ھۇسەيىن ئبنى ئابدۇللا ماڭا مۇنداق بىر سۆزنى قىلغان ئىدى:ئاراڭلاردا ئاياللار ناھايتى ھەرىكەتچان ،جانلىق ئىكەن.ئەرلەر بولسا ئاجىز ھەم مەسئۇلىيەتسىز ئىكەن.ئسلام ئىتىقات يولى بويىچە ئىيتقاندا،بىر جەمىئەتنىڭ دىنى ئەقىدىدىن دىنسىزلىششكە قاراپ يۇزلنىشى مەسئۇلىيتى ئاياللاردا ئەمەس،ئەرلەردە بولىدۇ.چۇنكى خۇدا ئەرلەرنى بىر مەرتىۋە ئۇستۇن ھوقۇق،بىر مەرتىۋە كۇچلۇك ،بىر مەرتىۋە يۇقىرى ئەقىل بىلەن ياراتقان…بۇ يەردە ئەرلەر ئۇنى تارتقۇزۇپ قويۇپتۇ….›››
كۆپلىگەن ئەركەك ئۇيغۇر ئىزلەنگۇچىلەر شۇنداق ئورتاق قاراشقا كەلدىكى،ئاياللارنى ئەيىپلەش ئاقمايدۇ.پەقەت ئۆزىمىز- ئەرلەر- كۇچلۇك بولۇپ،ئۇلارغا مەسئۇل بولساق ئاندىن بىز ئۇمىت قىلغاندەك بولىدۇ…
ئىتىقات
ئۇيغۇر ئاياللىرىدا ئىتىقات مەسىلىسى ئنتايىن زىدىديەتلىك بىر دەۋىرنى باشتىن كەچۇرۇپ تۇرۇپتۇ.ئىقىمغا ئەگىشش،مودا قوغلىشش بىلەن ئىتىقاتنى ھىمايە قىلىش ،ئەسلىنى ئۇنۇتماسلىق..مىللى مەدەنىيەت بىلەن خەنزۇ مەدەنىيتى ئوتتۇرسىدا تەۋرىنىش ،...
رايونىمىزدا يولغا قويۇلىۋاتقىنى‹<<شنجاڭچە ئالاھىدىلىككە سوتسىيالستىك تۇزۇم>>›› بولۇپ،بۇنىڭدا پەقەت يىشى چوڭ خىزمەت قىلمايدىغان ئاياللارلا دىنى ئىبادەت قىلىشقا يولغا قويۇلغان.ئشلەۋاتقان خىزمەتچىلەر،پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تۇققانلىرى،ئوقۇغۇچىلار،ئۆسمۇرلەر....بىردەك ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ.دىنى كىتابلار ئنتايىن ئاز بولۇپ ،دىنى بىلىم ئىلىش بوشلۇقى يوق.رادىئو ياكى تىلىۋىزىيە ‹‹دىن ۋە تۇرمۇش ››دىگەندەك بىرەر سەھىپىمۇ ئاچمىغان.تىلىۋىزيە رىياسەتچىلىرى ياغلىقمۇ ئارتالمايدۇ.ھەتتا مەشرەپتەك مىللى سورۇنلارغىمۇ ياغلىق ئارتىپ كىرگەن ئاياللار قارشى ئىلىنمىغان.قوغلاپ چىقىرىلغان.مەكتەپلەردە ھىچكىم ياغلىقمۇ ئارتالمىغان.تىلىۋىزۇرلاردا كۆرسىتىلىۋاتقىنى پەقەت يات مەدەنىيەت نۇمۇرلىرى بولۇپ،ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا مايىللىق ،دىنسىزلىق،ئۆزىنى ئۇنتۇشقا يىتەكلەش خاراكتىرىدىكى پىروگىراممىلار كۆپلەپ قىستۇرۇلغان.دىنى كىيم كەيگەنلەر جازالانغان.ياغلىق ئارتىپ خىزمەت ئىزلىگۇچىلەر رەت قىلىنغان.بۇنى يەرلىك بىر قىسم ھوقۇق تۇتقۇچىلار خاتا چۇشەنگەن بولۇپ،مىللى تىرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا خىلاپ كىلىدۇ.دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنىغا خىلاپ كىلىدۇ.ئاياللارنىڭ ئىبادەت قىلىش،دىنى كىتاب ۋە ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىش ،دىنى كىيىم-كىچەكلەرنى كىيىش ھوقۇقى –ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىللى ئۆرپ-ئادەت،دىنى –ئىتىقاتى ھوقۇقىنى قوغداش ،كاپەلەتكە ئىگە قىلىش پىرىسنپىغا خىلاپ كىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە دىنى ئىتىقاتنىڭ جەمىئەتنىڭ مۇقىملىقى،ئىناقلىقى،پاراۋانلىقى ئۇچۇن ئنتايىن مۇھىم ئەھمىيتى بولۇپ،بۇنى توغرا چۇشىنىشكە سەۋىر تاقەت كىتىدۇ،ئىلمى ئىزلىنىش كىتىدۇ،كۆزىتىش كىتىدۇ.شىنجاڭدا ئىللىق جەمىئەت قۇرۇشتا ئسلام دىننىڭ رولى ئنتايىن مۇھىم.چۇنكى ئۇ ئەخلاقنىڭ ،قانۇن كۇچلىرى ھەل قىلالمايدىغان چىن ئەخلاقنىڭ سەمىمي قوغدىغۇچىسى.
شۇڭا ئىتىقاتسىزلىق ئەۋج ئالغان ۋە ئىتىقاتسىزلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان تۇرلۇك ئىجتىمائى مەسىللەر ،جۇملىدىن ئاشنا ئويناش،ئاجىرىشش،ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالماسلىق،بەتخەجلىق،ھەددىدىن زىيادە مودا قوغلىشش ،ھاراقكەشلىك،زەھەرلىك چىكىملىك....قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ئسلام ئىتىقاتى ئنتايىن مۇھىم.بۇنى خەلق قۇرۇلىتىيى ۋەكىللىرى ئاكتىپ تەرەپتىن مۇلاھىزە قىلىشى كىرەك.

بىلىم

ئاياللارنىڭ بىلىم ئىلىش،ئۆگىنىش،ئشلىتىش،تەپەككۇر قىلىش،يىڭىلىق يارىتىش،ئىجات قىلىش ھوقۇقى بار.ئەمما پۇرسەت بارغانسىرى باراۋەر بولۇش ئايرىم گەپ.
جەمىئەتنىڭ ئۇنىۋىرسال ساپاسىنى بىلشتە ئاياللارنىڭ ساپاسى مۇھىم كۆرسەتكۇچ.
ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىدا كۇنسايىن ئىلگىرلەش،ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىش كۆرۈلۈپ كەلگەن بولسىمۇ ،ئەمما بۇ پۇتۇن مىللەت خانىم-قىزلىرىنىڭ يىرىمىغا يەتمەيدۇ.
بۇ توغرىلىق يىتەرلىك مەلۇمات ھازىرلىنىپ،مەسىلىنىڭ سەۋەبى تەكشۇرۇلۇشى ،ھەل قىلىنىشى كىرەك.
كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەسلىدە باشقا ئاياللاردەك تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىشى،بەختلىك ھەم ئىللىق ئائىلىنىڭ پەيزىنى سۇرۇشى كىرەك ئىدى.
.
ئۇيغۇر
ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ نۇرغۇن ھوقۇقى بار.ئاللاغا شۇكرىكى،ئۇلار يەنىلا بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى ھەممىدىن ئەتىۋار ئەڭگۇشتەر.
ئۇيغۇرئەرلىرىدىكى كۇنسىرى ئويغىنىۋاتقان مەسئۇلىيەت ئىڭى –ئۇلارنىڭ ئائىلە ۋە جەمىئەتتىكى رولىنى كۇچەيتىپ ،مەدەنى ،ئىناق ۋە گۇللەنگەن جەمىئەت بەرپا قىلشىقا تۆھپە قوشقۇسى
.
مەنبە: سەلكىن تورىدا ئېلان قىلىنغان.

تېما تەستىقلىغۇچى : alqondi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-15, 19:34
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-15 16:36 |
turan
تەپەككۇردىن ئايرىلغان كۇنۇم ھاياتىمنىڭ ئاخىرلا ..
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 477
شۆھرەت: 2657 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2666 سوم
تۆھپە: 1550 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1557 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 378(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆزنى ئەر چاغلايدىغان ھەر قانداق بىر ئەرنىڭ زىمىسىدىكى مەسئوليەت شۇكى ،ئائىلە ،مىللەت ،ئالدىدا ئۆز بۇرچىنى ھەققى ئادا قىلشتۇر،ئەۋلاتلار ۋە تارىخ كەلگۇسىدە بىزگە  لەنەتلەر ئېتمىسۇن!ھەر بىرلرىمىز ئائىلمىزگە،خۇتۇن باللىرىمىزغا ئىگە بۇلايلى،ئۇلارغا كۇينەيلى ئۇلارنىڭ چېھرىدە مىسكىنلىك،چۇشكۇنلۇك ئەمەس،خاتىرجەملىك،شاتلىق نۇرلىرى مەڭگۇ جىلۋىلەنسۇن!
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-15 21:01 |
getlir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 647
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 67
شۆھرەت: 345 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 345 سوم
تۆھپە: 207 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 207 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 80(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    كۆز ئالدىمىزدا بوۋاتقان ھەقىقى ئىشلار دە بۇلار .
    بىز ئاللاھنى ئۇنۇتتۇق ، شۇڭا ئاللاھمۇ بىزنى ئۇنتۇيدۇ ......
مەن يۇرتۇمنى سۆيىمەن .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-16 00:48 |
uyghur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 618
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 168
شۆھرەت: 1003 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1019 سوم
تۆھپە: 588 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 599 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 287(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇنداقلا دەپ كەتمەيلى،  ئەمدى بىزدىمۇ لۇشۈنلەر كۆپەيگىلى تۇردى............
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-16 09:50 |
zohal
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 89
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 160
شۆھرەت: 852 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 852 سوم
تۆھپە: 500 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 503 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 680(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قارىسام خىزمىتى يوق قىزلارنىڭ توي قىلمىقى تەسكەن ...  خىزمىتى بولسىمۇ ئوغۇللارنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن سورايدىغىنى «مەمۇرمىكەن ياكى كەسپىي شىتاتمىكەن » بولىدىكەن ... بۇ ھازىر ھېچكىمگە غەلىتە تۇيۇلمايدىكەن ...«ئوغۇللارغىمۇ ئامال يوق ، مال باھاسى ئۆسۈپ كېتىپ بارسا ،بىرەيلەننىڭ مائاشى بىلەن ئۆينى باققىلى بولمايدۇ »دەيدىكەن ھەممىسى... ئۆيلەنمەكچى بولغان قىزنىڭ ئائىلە تەربىيىسى  قانداقراق بۇنىڭ بىلەن كارى يوق ،ئوغۇللارنىڭ ئۆيلەنمەكچى بولغىنى شەرم -ھايالىق ، ياخشى قىزمۇ ياكى قىزلارنىڭ مائاشىمۇ بۇنى بىلمىدىم ...
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-16 21:16 |
umudyultizi923
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 859
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 195 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 195 سوم
تۆھپە: 112 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 112 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ  تىما  ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىچىشتۇردىكەن ،ئادەمنى  تولىمۇ  ئويغا  سالىدىكەن.
ياغلىق چەگسە تولا  يەردە ئىشتىن بوشۇتىدىكەن،ھەتتاكى شەخسى ئورۇنلارمۇ  شۇنداق ئىكەن.
ئەجەبا ياغلىق مەدىنيەتسىزلىكنىڭ قوپاللىقنىڭ  ،بوشاڭلىقنىڭ سىمۋولىمىدۇ.؟
خەنزۇچە  بۈلمىسەك تىخى ،سەت  بولسا  تىخى .ھەي  بولدىلا جىق سۆزلىمەي.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-16 22:28 |
zohal
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 89
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 160
شۆھرەت: 852 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 852 سوم
تۆھپە: 500 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 503 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 680(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياغلىق چىگىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسولى ئوخشىمىغان ئىدارىلەرنىڭ ئوخشاش بولمايدىغان ئوخشايدۇ، ئىدارىدىكى بىر يولداش مەندىن سەن نىمىشقا ياغلىق چىگىسەن دەپ سورىۋىدى ، مەن گەپ قىپ بولغىچىلىك ئۇ «چەگكىڭ كەلسە چىگىسەن ، بولمىسا چەگمەيسەن ، شۇنداقمۇ....»دەيدۇ،مەنمۇ «ھە» لا دىدىم ، ئۇ ماڭا «سىلەر ئۇيغۇرلار ياغلىق چەگسەڭلار بەك چىرايلىق بوپ كىتىدىكەنسىلەر»دەپ كەتتى...كۈلۈپ قويدۇم ، بەلكىم بەزىلىرىمىزگە سەت كۆرەنگەن ياغلىق ئۇلارغا چىرايلىق كۆرۈنسە كېرەك....
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-16 22:36 |
bagdaxkizi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 572
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 36
شۆھرەت: 205 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 205 سوم
تۆھپە: 118 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 118 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كۆرۈپ بولۇپ بەكمۇ ئويغا چۆكتۈم.نىمە ئۈچۈن باشقا مىللەتنىڭ ئەرلىرى قىلالىغاننى بىزنىڭ ئەرلىرىمىز قىلالمايدۇ؟؟؟ئەجىبا ئۇلار راستىنلا شۇنچە مەسئۇلىىيەتسىز ،غورۇرسىزمۇ؟  مەمۇرلىققا بەرگەن ساننىڭ كۆپى ئوغۇللار بىلەن چەكلەنگەن.قىزرلارغا بەرگەن سان بەك ئاز.جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن خىزمەت ئورۇنلىرى قىزلارنى ئاۋارچىلىق كۆرۈپ ئاسان ئىش ئورنىغا ئالمايدۇ.......مانا مۇشۇنىڭغا قارىماي يەنە ئوغوللار ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىپ خىزمەت شەرتى قويىۋالىدۇ.ھەتتا نەچچە يىلدىن بۇيان كۆيۈپ يۈرگەن قىز دوستىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ خىزمىتى مۇقىم ئەمەسكەن دىگەن بىر ئېغىز گېپى بىلەن تاشلىۋېتىدۇ.قىلچە جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇپ ئالغا ئىنتىلىشنى،يېڭىلىق يارىتىشنى،جەمئىيەتكە ئازراق بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلىشنى خالىمايدۇ.جاپا تارتىشتىن قورقىدۇ. ئادەم ياشايمەن دەيدىكەن،چوققۇم ئۇ ھاياتنىڭ لەززەتلىك پۇرىقى ۋە تەمى بولۇشى كېرەك!بولمىسا ياشىماسلىقى كېرەك!
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-18 14:01 |
nur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 846
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 206
شۆھرەت: 1168 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1174 سوم
تۆھپە: 685 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 686 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 128(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەربىر ئەر ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاياللارغا مەسئول بولالىسا، ھەربىر ئايال ئەتراپىدىكى ئەرلەرگەھەم مەسئول بولالىسا ئۇيغۇر جەمىيىتى  ئىزىغا چۈشىدۇ. ئەر ئايالدىن يامانلاپ، ئايال ئەردىن يامانلاپ ، ياكى ھەر ئىككى جىنىس جەمىيەتتىن يامانلاپ ئۆزىنى بۇزۇش  مۇرتەدلىك ۋە نانكورلۇقتۇر.
   تارىخىمىزدا بىر قىزنىڭ ئار-نومۇسى ئۈچۈن مىڭلارچە يىگىتلەرنىڭ قېنى تۆكۈلگەن ۋەقەلەر ئۇچۇراپ تۇرۇدۇ. بۇ ئەنئەنە ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ھەم ئاياللىرىنىڭ ئىسىدىن چىقماسلىغى كىرەك.
  
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-18 15:00 |
nur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 846
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 206
شۆھرەت: 1168 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1174 سوم
تۆھپە: 685 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 686 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 128(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى bagdaxkiziدە2011-05-18 14:01يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كۆرۈپ بولۇپ بەكمۇ ئويغا چۆكتۈم.نىمە ئۈچۈن باشقا مىللەتنىڭ ئەرلىرى قىلالىغاننى بىزنىڭ ئەرلىرىمىز قىلالمايدۇ؟؟؟ئەجىبا ئۇلار راستىنلا شۇنچە مەسئۇلىىيەتسىز ،غورۇرسىزمۇ؟  مەمۇرلىققا بەرگەن ساننىڭ كۆپى ئوغۇللار بىلەن چەكلەنگەن.قىزرلارغا بەرگەن سان بەك ئاز.جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن خىزمەت ئورۇنلىرى قىزلارنى ئاۋارچىلىق كۆرۈپ ئاسان ئىش ئورنىغا ئالمايدۇ.......مانا مۇشۇنىڭغا قارىماي يەنە ئوغوللار ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىپ خىزمەت شەرتى قويىۋالىدۇ.ھەتتا نەچچە يىلدىن بۇيان كۆيۈپ يۈرگەن قىز دوستىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ خىزمىتى مۇقىم ئەمەسكەن دىگەن بىر ئېغىز گېپى بىلەن تاشلىۋېتىدۇ.قىلچە جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇپ ئالغا ئىنتىلىشنى،يېڭىلىق يارىتىشنى،جەمئىيەتكە ئازراق بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلىشنى خالىمايدۇ.جاپا تارتىشتىن قورقىدۇ. ئادەم ياشايمەن دەيدىكەن،چوققۇم ئۇ ھاياتنىڭ لەززەتلىك پۇرىقى ۋە تەمى بولۇشى كېرەك!بولمىسا ياشىماسلىقى كېرەك!

   ھۈرمەتلىك باغداش قىزى_ قىزلارغا ساننى ئاز بىرىۋاتقىنى، خىزمەتكە ئالمايۋاتقىنى ھەرگىزمۇ بۇ مىللەتنىڭ ئەرلىرى ئەمەس . ئەگەر سىزگە خىزمەت شەرتى قويۇپ، سىز بىلەن توي قىلىشتىن ۋازكەچكەن نائەھلى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن بولسىڭىز . <<خۇدا بىر ساقلاپتۇ>> دەپ بىلىڭ، چۈنكى ئۇنداق  نائەھلى  بىر كۈنى ئاشۇ<<خىزمەت>> ئۈچۈن سىزنى سېتىشتىن يانمايدۇ.
 <<باشقا مىللەتنىڭ ئەرلىرى قىلالىغاننى بىزنىڭ ئەرلىرىمىز قىلالمايدۇ؟؟؟>> ئەگەر بۇ سۇئالىڭىز ئۆزىڭىز ئوتترغا قويغان مەسىلە ئۈچۈنلا بولسا، جاۋاپ شۇكى بۇنداق نائەھلىلىكنى ئۇيغۇرلار سىز ئېيتقان باشقا مىللەتلەردىن قوبۇل قىلغان<< زامانىۋى>> ئاڭ پورمىسى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بىزدە خىزمەت ئۇقۇمى پەيدا بولغىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-18 15:20 |
hacker
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1771
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 73
شۆھرەت: 521 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 523 سوم
تۆھپە: 312 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 314 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 213(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

جـﻪمئىيـﻪت كـﻪلكۈن كـﻪبى ھـﻪر بىرىمىزنى خالىغان جايغا ئېقىتىپ ئۇدۇل كـﻪلگـﻪن جايغا سوقتۇرۇۋېتبارغان مۇشۇ پـﻪيتتـﻪ ئۆزىمىز ھـﻪم ئايال ـ قىزلىرىمىزنى قولىمىزدىن كېلىشىچـﻪ ئاسراش ـ ھـﻪر بىر ئويغانغان ئۇيغۇر قىلىپ كېلىۋاتقان ﻣﻪجبۇرىيـﻪتتۇر! قىزلارغا نـﻪسىھىتىم شۇكى : جـﻪمئىيىتىمىزدىكى قىزلارنى ئويۇنچۇق دەپ قارايدىغان بىر قىسىم ئېشـﻪك سۈپـﻪتلـﻪردىن ئاگاھ بولغايسىلـﻪر !سىلـﻪرگـﻪ بارچـﻪ يامانلىق شۇلاردىن كېلىدۇ ، ئۇنداقلار قىزلارغا تۇيدۇرماستىن ئاجايىپ ھاياسىز نـﻪزەر سالىدۇ...
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-18 22:23 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » خانىم -قىزلار سەمىگە