مەن باغداشنى بۇرۇنمۇ تۇنۇيتتىم لېكىن ئەزا بۇلۇپ باقمىغان،مۇنبەرنى كۆرۈپلا قايتىپ كىتەتتىم.بۇ مۇنبەر ئېچىلغاندىن كىيىن باشقا مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپمۇ باقمىدىم،ھازىر راستىنلا باغداشتا ئادەم ئاز،لېكىن مەن بۇنىڭدىن ئۈكۈنمەيمەن.
مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭمۇ پىكىر قىلىش،مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش سەۋىيىسى (بۇلۇپمۇ قايتۇرغان ئىنكاسى) بۇ مۇنبەرگە يىغىلغانلارنىڭ مۇئەييەن مەدەنىيەت ساپاسى بار كىشىلەر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ.
مىنڭچە:باغداش مۇنبىرى ھازىر<<ياخشى يېزىپسىز>><<تېخىمۇتىرىشىڭ>><<رەھمەت>>دىگەندەك قۇرۇق ئىنكاستىن ۋە ھېچقانداق قىممىتى بولمىغان ئەخلەت تىمىدىن خالىي دەپ ئويلايمەن.باغداش ئەزالىرى كوللىكتىۋىزىملىق ئىدىيىنى جارى قىلدۇرۇپ ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلغاندىلا مەنىۋىيتىمىزنى بېيىتالايدىغان ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى باغچىمىزنى قۇرۇپ چىقالايمىز.