ئىچكىرىدىكى سەرسان تۇيغۇلار
مەكتىپىمىزدە 80 نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار. ئەلۋەتتە، بۇ ئىچكىردىكى بىر ئونۋىرسىتىت ئۈچۈن خېلى كۆپ سان سانىلىدۇ. لىكىن بىزنىڭ يەتتە مىڭ نەچچە يۇز ئوقۇغۇچى بار.بۇلارنىڭ ئىچىدە 30 نەچچىمىزلا ئۇيغۇر. ئەمدى سېلىشتۇرساڭلا بىلىسىلەركى بىز يوقنىڭ ھېساۋىدا. ئەمما لىكىن ماشۇ نەچچەيلەن شىنجاڭغا ۋە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىمىز. ئاشخانىدا بولسا <<ئاق قاچا>> مۇسۇلمانلارغا،<<قىزىل قاچا>> دىنسىزلارغا ۋەكىللىك قىلدۇ. ھەم شۇ تەرەققىدە ئۆچىرەتمۇ ئىككىگە ئايرىلدۇ. ئەگەر بىر دىنسىز ئاق قاچىدا تاماق يىسە ئۇ مۇسۇلمان،بىر مۇسۇلمان قىزىل قاچىدا تاماق يىسە دىنسىز سانىلدۇ. دىمەكچىمەنكى بىر قاچىنىڭ رەڭگى ئىمانىمىزنى بەلگىلسە بۇنىڭغا قانداق چىداپ تۇرغۇلۇق؟! بۇنىڭغا بىر مەنلا ئەمەس ھەممىمىز نارازى. بۇ مەكتىپىمىزنىڭ شىنجاڭلىق مۇسۇلمان ئوقۇغۇچلارنىڭ مىللى ئۆرۈپ ئادىتى ۋە دىنىنى ھۆرمەتلەپ بەلگىلەپ بەرگەن سىياسىتى. رۇشەنكى بۇ ئىشنىمۇ بىر نەچچە قېتىم دەرىس تاشلاش ھەم تاماق تاشلاش ئارقىلىق ئاران ئەمەلگە ئاشۇردۇق. بۇنداق ئىشلارغا كەلگەندە بىز خېلى ئاكتىپ. ئۇزۇن گەپنى قىسقا قىلغاندا ، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىشىمىز بەك جىق.
مەقسەتكە كەلسەك، بۇيەردىكى نۇرغۇن يات مىللەت<<قېرىنداشلار>> ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ باقمىغان ياكى كۆرسىمۇ ئىچكىردىكى كاۋاپچى، ماتاڭچى، ئوغرى-يانچۇقچى دىگەندەكلەرنى، ياكى بولمىسا ئاندا-ساندا تىلىۋزورلاردا كۆرگەنلەر. ھېسساپتا بىزنى قىلچە چۈشەنمەيدۇ دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار بىزگە قاراپ پۈتكۈل شىنجاڭلىقلارغا ۋە جەمى ئۇيغۇر ئەھلىگە باھا بېرىشكە ھەقلىق. بىز بىلەن ئۇچۇرىشىشتىن بۇرۇنقى ئۇلارنىڭ ئىددىيسىدىكى شىنجاڭلىقلار بولسا كاۋاپ سېتىپلا جان باقىدىغان خەلق ياكى بولمىسا ئوغرى-يانچۇقچى. ئەمىلىيەتتە ئىچكىردە ئاتالمىش تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىقان سودىگەرلىرىمىزنىڭ قىلدىغان ئىشىمۇ شۇ، شىنجاڭدىن كىچىك باللارنى ئوغۇرلاپ چىقىپ ،تەربىيلەپ كاۋاپداندىن بىرنى قويۋىلىپ ئاستىرىتتىن ئوغۇرلىققا سېلىش . شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچىرىغانلرىنىڭ بىزگە ھەم شۇنداق نەزەردە قارىغىنى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس! <<يىلاندىن قورقۇپ كەتكەن ئارغامچىغىمۇ يېقىن كېلەلمەپتۇ >> دەپ،ئۇلارنىڭ بىزدىن ھەم شۇنداق ئېھتىيات قىلغىننى ئامالسىز قۇبۇل ئېتىشكە مەجبۇر بولدۇق.
بىز بىلەن تونۇشقاندىن كىيىنىكى ئۇلارنىڭ تەسىراتى ئەمدى قانداقكىن؟!ئۇلارنىڭ نەزىردىكى شىنجاڭلىقلار زادى قانداق ئورۇنغا يۆتكەلگەندۇ؟ ئەلۋەتتە خېلى زور ئۆزگۈرۈش ھاسىل بولدى. ھېچ بولمىغاندا ئۇلار بىزنىڭ پەقەت<<چوشقا گۆشىلا>> يىمەيدىغان مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزنى، ئەرقانداق مىللەت ئىچىدە ياخشى-يامان كىشىلەرنىڭ بولدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلدى. مىسالى شۇكى،بىر كۇنى تورغا شاڭخەيلىك بىر خەنزۇ مۇنداق دەپ چىقىرىپ قويۇپتۇ.<< كوچائاپتۇزدا شىنجاڭلىقلار پورتمالىمنى ئوغۇرلاپ ئالدى.مەن ئۇلاردىن نەپىرەتلىنىمەن،قولۇمغا ئابدۇمات ئېلىپ ئالدىمغا ئۇچىرىغان شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەممىسنى قىرۋەتسەم دەيمەن>>.بۇ نى كۆرۈپ ھەممىمىز غەزەپلەندۇق ۋە ئۇنىڭغا بىر تاغار ھاقارەت سۆزلىرنى قايتۇرۇپ كۆمىۋەتتۇق. شۇتەرەققىدە ياتاقتىكىلەرگىمۇ بىر نەچچە كۈن گەپ قىلغىم كەلمىدى. بىركۈنى ياتىغىمدىكى مەن بىلەن كۆپرەك سىردىشىدىغان بىرى نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپ قالدى. مەن توردىكى ھېلقى جۈملىلەرنى كۆرسىتىپ قويدۇم. ئۇ ياتاقتىكى قالغان ئككىسىگە ئېيىتتى . شۇنداقلا ئۇلارمۇ بىز بىلەن ئورتاق غەزەپكە كەلدى. ھەم ئۆز مىللىتى ئىچىدىمۇ ناچار كىشىلەرنىڭ تولۇپ ياتقانلىقىنى ئىتىراپ ئەتتى. بىز <<چوشقا گۆشىلا يىمەيدىغان ئۇيغۇر لارچۇ؟>>. ئوننەچچە كۈن بۇ مەسلىنى تەھلىل قىلدۇق. مىللىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان ناچار ئادەت، يېتەرسىزلىك، نادانلىق ھەققىدە تالاي سائەتلەپ بەس-مۇنازىرە قىلدۇق. بۇ ئىشلا ئاز-تولا جىمىقىۋىدى،قايسى قىزنى كەلتۈرۈش،پالانىنىڭ پالانى كۈنى پۇستانى بىلەن بىريەلەرگە بېرىپ ئۇنداق-مۇنداق ئىشلارنى قىلىشقىننى دىيشىپ بىردە تىللاشساق،بىردە <<ۋاي ئېسىت كاساپەت،بالدۇر بىلگەن بولسام ئۆزۈملا...>>دىيشىپ لېۋىمىزنى يالاشقانچە ھەسەت بىلەن ئۆرتەندۇق. يەنە قايسى قىزلارنىڭ قايسى كۈنى ئۇ،بۇ سورۇنلاردا ھاراق ئىچكەنلىكىنى مەسخىرە ئارلاش كۈلۈشسەكمۇ، ئۆز ئىچىمىزدە بولسا كىملەرنىدۇ قولغا كەلتۈرۇش ئاسانلىقىغا چوت سوقۇپ،دىلىمىزنى تاتلىق ئېتىپ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇق. ئىشقىلىپ قاچانلا قارىسا توپ-توپ قاقاقلاپ كۈلۈشكەنچە يابولمىسا بەس-مۇنازىرە بىلەن مەكتەپنى ئايلىنىپ يۈرگىنىمىز-يۈرگەن. باشققا مىللەتتىكىلەر بۇ ئىناقلىقىمىزغا ھەسەت ۋە ھېرىس بولىدۇ. چىرايىمىزغىلا ئىناق-ئۆملىكىمىزنى ماختايدۇ ۋە بىردەك ھەسەت،ھېرىس ھېسىياتلىرنى قېتىپ قويدۇ. ئەلۋەتتە بۇنى ئۇلاردا قالدۇرغان ئەڭ ياخشى تەسىراتىمىز دەپ قاراشقا بولىدۇ.
زادى بىز<<چوشقا گۆشىلا يىمەيدىغان>> شىنجاڭلىقلارنىڭ ئېڭىدىكى ئومۇمى سۇرىتى نىمە؟!
ئۇلارغا چۈشەدۈرۈپ بىزنىڭ چوشقا گۆشىلا ئەمەس ،بەلكى يەنە ،ھاراق-تاماكىدىن،دىنسىز ئەتكەن تاماقلاردىن، دىنسىزلا بوغۇزلىغان كالا-قوي گۆشىدىن ، يەنە شۇنىڭدەك مۇسۇلمانچە بەلگىسى بولمىغان يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتىدىغانلىقىمىزنى، ھەركۈنلىگى بەش نامازنى ئادا قىلدىغانلىقىمىزنى، ھەتتا نىكاھ جەھەتتە دىنسىزلا بىلەن مۇناسىۋەت قىلساق بولمايدىغانلى قاتارلىق بىر دۆۋە ساۋاتلارنى بەردىم. ھېسساپتا ئۇلار چۈشەنگەندەكمۇ بولدىيۇ قايتۇرۇپلا سۇئاللارغا كۆمۈۋەتتى.
_ ئۇنداقتا مەن سېنىڭ ھاراق ئچكىنىڭنى كۆردىمغۇ؟
_ بۇ بۇ ...بىز ئوقۇغانلار كىشلىك مۇناسىۋەتتە مۇھتاج بولۇپ قالىمىز. ئۇنىڭ ئۇستىگە بىز ئادەتلىنىپ قالدۇق.
_ دىمەك ئىسلام دىنى ئادەتكە يول قويدۇ شۇنداقمۇ؟
_ ياق! ھاراق ئىچىش قەتتى ھارام!
_ ئەمسە نىمىشقا ئىچىسىلەر؟!
_ بۇ ...بۇ ...
_ دىمەك سىلەر چوشقا گۆشى يىسەڭلار ئادەتكە ئايلاندۇرالايسىلەر شۇنداقمۇ؟
_ قۇسقۇم كېپكەتتى، بولدى ئۇنى سۆزلىمە!
_ ياتاققا كىرگەن دوسلىرىڭنىڭ كۆپىنچىسى تاماكا چېكىدۇ. بۇمۇ سىلەردىكى ئومۇملىشىپ كەتكەن دىننىي ئادەتمۇ؟
_ ياق! بۇمۇ ئىسلامدا ئېغىر گۇناھ...
_ ئاللاھتىن قانچىلىك قورقىسەن؟
...
ئككىلنىپ تۇرۇپ قالدىم. نىمە دىيىشنى راستىنلا مۆلچەرلەشكە ئامالسىز قالدىم. <<مەن زادى ئاللاھتىن قانچىلىك قورقىمەن؟>> ئۆزۈمدىن سورىدىممەن پىچىرلاپ. ئاللاھنى تىلغا ئېلىش، ئاللاھنى زىكرى قىلىش تۇرمىشىمىزدىكى سالام-سائەت سۆزلىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، ئۆزنى باشقىلارغا ئەدەپلىك كۆرسىتىدىغان ئەخلاق ياكى كىشىنى چىرايلىق قىلىپ كۆرسىتىدىغان كىيىم سۈپىتىدە خىزمەت قىلدۇرۋاتقىنىمىزنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدىم ۋە بۇ ھېسلىرىمدىن ئۆزۈم قورقۇپ كەتتىم. مىسالى كۆپكى بۇنىڭ، بىر يىگىت بىر قىزغا ۋەدە بېرىپ<<ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم سېنى ئالىمەن>>. <<خۇدايىم كۆرۈپ تۇرۇپتىكى سەندىن باشقا بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ باقمىدىم>>...دەپ ئالدىغىنىچە زىنادىن پاھىشە كوچىسىغا سۆرەپ كىرىدۇ ۋە <<ئاللاھ رىسقىمىزنى پۇتمەپتۇ>>دىگىنىچە تاشلايدۇ. سودىگەرلەر بولسا<<خۇدا كۆرۈپ تۇرۇپتىكى مەن ياماقچىلىك ھارامغا يېقىن كەلگەن بەندە ئەمەس>><<خۇدا ھەققى بۇمالدىن بەش كويدىن ئارتۇق پايدا ئالمىدىم>>...دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ شىرىك تاپىدىيۇ ياكى ماللىرىنى ساتىدۇ. ئەمسە بىزلەرچۇ؟ بىزدىمۇ كۆپ . كارائوكىخانىنى كېچىچە بولاپ،قانغىچە ئىچىپ،قىزلا بىلەن ئۇسۇل -تانسا دىگەننى ئويناپ قېتتىغىنى سورىۋىتىمىز. مەسچىلىكتە خۇدىمىزنى بىلمەي يۈرسەكمۇ ئاللاھنى زىكىرى قىپ ئامانلىق تىلەشنى ئۇنۇتمايمىز. بۇ چاغدىكى<<خۇدا>> ئۇقۇمى ھەرگىزمۇ بىزنى ياراتقۇچى بارچە مەۋجۇداتنىڭ ئىگىسىنىڭ سۇپەت ئىسمى ئەمەس، خوشلىشىش ئەخلاق ئىبارىسى ئىدى. ئۇخلاپ ئەس-ھوشىمىز جايىغا كەلگەندە بولسا،ئاخشامقى ئولتۇراشتا قايسىلىرىمىز قايسىللىرنىڭ تاڭسا ئوينىغاچ كۆكسىگە كۆكرىكىنى چاپلىۋالغانلىقىنى،يەنە كىمنىڭدۇر كاسىسىنى سىلىۋلغانلىقىنى، شۇتەرەققىدە كىملەر بىلەن قانداق پاراڭ سېلىشقانلىرىمىزغىچە بەس-بەستە سايرىشىپ كېتىمىز.يەنە ۋەھاكازھلار...
دىمەك مەن راستىننلا ئاللاھتىن قوقىمامدىغاندىمەن؟!
_ ياق ياق ...مەن ئاللاھتىن قورقىمەن. راستىنى دىسەم مۇشۇتاپتا شۇنچىلىك قورقىۋاتىمەن. ئاللاھتىن قېچىپ ياكى ئۆلۈپ قۇتۇلۇش مومكىن بولسىدى مەن ھېچبىر ئىكلەنمەيلا تاللىغان بولارئىدىم.
_ ئەمسە سەن سىنپىمىزدىكى ھېلقى خەنزۇ قىزنى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى بولاۋاتىسەن؟
_ نى...نى...نىمىنى؟ ئۇنىڭ بىلەن ھېچ ئىش قىلغىنىم يوق.ئېغزىمدىلا دەپ قويدۇم،ئەمىليەتتە مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن.
ئىچىمدە بۇ رەززىل نىيتىمنىڭ بىتچىت بولغۇندىن ئۆرتەنگەندەكمۇ بولدۇم. خەنزۇ قىزلا ئىددىيسى ئوچۇق كېلىدۇ. ئۇلارغا تەلەپ قويۇپ قوشۇلغاندىن كىيىن ئېچىقىپ ياتاق ئېچىپ ئاشنا ئويناش باش قاتۇردىغان مەسلە ئەمەس. ئۇندىن سىرىت بۇلار باي كېلىدۇ. كەلتۇرۋالغاندىن كىيىن ساڭا پۇل خەجلەتمەيدۇ. ھەم بىز قاڭشارلىق،قاش كۆۆزلۈك ،كېلىشكەن بولغاچقا كەلتۈرۈشمۇ تەس توختىمايدۇ. شۇڭا ئىچ پۇشقۇمنى چىقىرىشقا سىنىپتىكى ئەڭ گۈزەل بىرسىنى مەن تاللىۋالغان ئىدىم. لىكىن ئەتراپىمدىكى ئۇيغۇرلاردىن نۇمۇس قىلىپ، پاسىپلىقتىن ھالقىمىغان ئىدىم.
_ راستىنى دىسەم بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ داۋاملىق قىزلا ياتىقىنىڭ ئالدىدا خەنزۇ قىز بىلەن قۇچاقلىشىپ تۇرغىننى كۆرىمەن. سەن ئۇنى تونامسەن؟ ئۇنداقتا ئۇ ئاشۇ قىز بىلەن توي قىلسا بولامدۇ؟
_ ئۇ قىز ئىسلام دىنىغا كىرسە بولىدۇ.
_ دىمەك سەنمۇ شۇنداق قىلساڭ بولىدىكەنغۇ؟
_ ئىسلام دىندا توي قىلمىغان قىز-يىگىتلەرنىڭ بىرسى-بىرسى ئۇنداق قىلىشقىنى زىنا، ھارام بولۇپ ھېسساپلىنىدۇ. ھەتتا قول تۇتۇشىشقىمۇ يول قويىلمايدۇ.
_ ئەمسە نىمىشقا سىلەر ئۇنى توسمايسىلەر؟
ئەمدى بۇنىڭغا نىمەدىگۈلۈك؟ غورۇر ئېغىر كېلىپ بېشىم ئىگىلدى. دېمىم سىقىلىپ ھەتتا دۇدۇقلاشقا ماغدۇرۇم يەتمىدى.ئۆزۈممۇ ئاشۇ شەيتاننىڭ پۇرسىتىنى كۈتۈپ ياتقان ئازغۇنمەن! تۆت ئەركەك بىريەرگە كەلسەك بۇ ھەقتى قىلغان-ئەتكەنلىرىم ۋە قىلماقچى بولغان شەھۋانە ئارمانلىرىم يادلىۋالغان رىۋايەتتەك تۆكىلىدۇ. باشقىلارغا سۆزلەشتىن نۆۋەت كەمدىن -كەم تېگىدۇ. بۇنداق سۆزلەرنى سۆزلەپ ئۇزۇراپ كەتكەن تىللىرىم ئەلۋەتتە ئۇنى توسۇشقا سۆزلەشكە تولىمۇ كالتىلىق قىلاتتى.ئۇنىڭ بۇ سۇئالىنى جاۋاپسىز قالدۇردۇم ۋە ياتاقتىن چىقىپ كەتتىم...
مەكتەپ چىملىقىدا سۇنايلىنىپ كەڭرى ئاسمانغا قارىغانچە ئۇچىنى تېپىپ بولماس خياللارغا تۇنۇقتۇم. ئىچىمدە گاھ ئۇنىڭغا نەپىرەت ئۈندۇرسەم،گاھ ئۇنى قۇرتۇپ ئورنىغا رەھمەت كۆچىتى تىكەتتىم. ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىش سەۋەبىم بولسا،ئۆزۈمچە ئۇ <<كاپىرنىڭ>> ئالدىدا مىللى غورۇرۇم سۇنغاندەك بولدۇم.بۇ ئەلۋەتتە سىلەرمۇ تىللاشقا تېگىشىلىك بولغان ئىللەت. لىكىن ئاشۇ دىنسىز<<كاپىر>> مېنى مەن چىقىپ كەتكەن دىنىمغا كىرىشكە ئويغۇتىش بەردى. مېنى ئۆزۈم ۋە مىللىتىم ئۇستىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر ئەتتى.
_ مەن كىم؟ مىلىتىم نىمە؟ دىنىمچۇ؟
_ چوشقا گۆشى يىمەيدىغان ، ئاق قاچىدا تاماق يەيدىغان شىنجاڭلىق!
مانا ئۇلارنىڭ بىزنى بىلگەندىكى بىزگە بولغان ئاڭ ئۇقىمى.ئەلۋەتتە ئۇلاردىمۇ ئەخلاقسىز ئىللەتلەر سانجاق-سانجاق تۇرۇپتۇ.لىكىن ئۇلاردا دىن بولمىغان بىلەن مۇتلەق كۆپسانلىقى باشقىلارنىڭ خېلى قىممەت باھالىق نەرسىللىرنىمۇ ئېلۋىلىش مومكىن بولسىمۇ ئۇ خىل ئاڭدىن مۇستەسنا. بىزدە ئومۇمىيۇزلىك بىر كېسەل باركى ئۇلارنى كەمسىتىدىغان. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى دۆتلىككە چىقىرمىز.ئېىتىراپ قىلمەنكى بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ئەستايىدىل. ۋاقىت قارشى كۈچلۈك، مەسئۇلىيەت ئېڭى راسچىل ۋە مۇلايىم.بىز بۇنى قورقانچاقلىق بىلەن تونلاپ يوقتىمىز. ئۆزىمىزنىڭ ھۇرۇن، ئويۇنچىلىقىمىزنى چېچەن، شوخلۇققا، دەرىسلەرگە چىقماي،تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەنلىرمىزنى بولسا قارام ، ياۋايىلىققا چىقىرمىز. ئىشلىرمىز سۈزۈك بۇلاقكى، ئاتا-ئانىمىز ئەۋەتكەن پۇلنى ۋىجدانىمىز خورلانماي خەجلىگىدەك سەۋەپ تاپالايمىز.
ئەرىك ئوغلان
مەنبە: قەلىمىم
2011-يىلى03-ئاينىڭ26-كۈنى سەھەر
داۋامىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ:
./read.php?tid=1501[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-03-27 19:11قايتا تەھرىرلىدى ]