باغداش تورى خەۋىرى : 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچقۇرۇن شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسى 4-107 قانىلى <شادلىق مىنۇتلىرى > پىروگراممىسى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان نەۋرۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاۋات كوچىلىرىنىڭ بىرى بولغان جەنۇبى قوۋۇقتىكى زىبا رېستۇرانىدا "شادلىق مىنۇتلىرى ئاڭلىغۇچىلار بىلەن جەم بولۇش شادلىقى " پائالىيتى ئۆتكۈزدى ۋە پائالىيەتنى رادىئودا نەق مەيداندا ئاڭلاتتى .
پائالىيەتكە رەھبەرلەر ، ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە مېھمانلاردىن بولۇپ 500 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى .پائالىيەت دەل پىروگرامما ئەسلى ئاڭلىتىش ۋاقتى بويىچە 5:30 دا پىروگرامما رىياسەتچىسى مەۋلۇت ئىبراھىم بىلەن زۆھرە كېرەمنىڭ قىزغىن سالاملىرى بىلەن باشلاندى ، ئارقىدىن رادىئو ئىستانسسى ئۇيغۇرچە بۆلىمىنىڭ مۇدىرى ، باش نازارەتچىسى ھەجەرگۈل قاسىم سۆز قىلدى.
رىياسەتچى مەۋلۇت ئىبراھىم ۋە زۆھرە كېرەم ئەسلى پىروگرامما شەكلى بويىچە قىززىق يۇمۇرلارنى سۆزلىدى . ئارقىدىن رادىئو ئىستانسىنىڭ ئاۋاز ئارتىسى غەيرەت ئوسمان زۇركى ئۇيغۇرچە غەرپكە ساياھەت ۋە ئايخېنىم سۈزۈك چىراي قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنلاپ پائالىيەتنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈردى .ئارقىدىن نەق مەيداندا تېپىشماق تېپىش ئويۇنى ئوينالدى ،
ئارلىقتا يەنە داڭلىق ناخشىچىلاردىن ئەكبەر قەھرىمان ، مەۋلان مەمتىمىن،ئەلى كىرورەن ، نەجىمە قاتارلىق ناخشىچىلار ئېسىل نومۇرلىرىنى مېھمانلارنىڭ ھۇزىرىغا سۇندى. يەنە ئاتاقلىق ئاكتىيورلاردىن ئابدۇرىھىم راخمان ، شۆھرەت ۋە تاققا -تۇققا يۇمۇرلىرى بىلەن تونۇلغان ئەبەي قاتارلىقلار نومۇر كۆرسەتتى .
پائالىيەت باشتىن ئاخىرى - يوقىرى كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى . ئاخىرىدا مېھمانلارغا زىياپەت بېرىلدى ۋە خاتىرە بويۇم تارقىتىلدى . مەزكور پائالىيەت توغرىسىدىكى فىلىم پات ئارىدا باغداش تورى ئارقىلىق تورداشلار بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ.
شاتلىق مىنۇتلىرى پىراگرامما رىياسەتچىسى مەۋلۇت ئىبراھىم
شاتلىق مىنۇتلىرى پىراگرامما رىياسەتچىسى زۆھرە كېرەم
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمنىڭ مۇدىرى،سەنئەت قانىلىنىڭ باش نازارەتچىسى
ھەجەرگۈل قاسىم
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئاۋاز ئارتىسى غەيرەت ئوسمان زۇركى ئايخېنىم سۈزۈك چىراي ناملىق ناخشىنى ئورۇنلىماقتا .
تونۇلغان ناخشى ئەكبەر قەھرىمان نومۇر ئورۇنلىماقتا.
ياش ناخشىچى مەۋلان مەمتىمىن نومۇر ئورۇنلىماقتا
ئابدۇرىھىم راخمان ، شۆھرەت ،ئەبەي قاتارلىقلار نومۇر كۆرسەتمەكتە.
مېھمانلار قىزغىن چاۋاك چالماقتا.
پىروگرامما خىزمەتچىلىرى پائالىيەتنى نەق مەيداندىن ئۇلاپ ئاڭلاتماقتا.
مېھمانلار رىياسەتچى مەۋلۇت ئىبىراھىم ۋە زۆھرە كېرەملەرگە كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى تەغدىم قىلدى
سۈرەتلەرنى "جۈپ قول "كەسپى فوتو -سۈرەتخانىسى تارتقان.
باغداش تورى خەۋىرى : 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى .